ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى
“ ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىڭلار“ بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
“ ئاياللار ئەرلەرنىڭ يىرىمى“ ئەبۇ داۋاد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى.
“ سىلەرنىڭ ياخشىڭلار، ئائىلىسگە( ئايالىغا) ياخشىلىق قىلدىغىنىدۇر“. تىرمىزى رىۋايىتى.
“ ئىنسان قىيامەت كۈنى : ئۆمرىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟ بىلمىنى نىمىگە ئىشلەتتى؟ ، مال- دۇنيانى قايسى يول بىلەن تاپتى؟ قايسى يوللارغا سەرىپ قىلدى؟ ۋە جىسمىنى نىمە ئىشلار بىلەن چىرتىۋەتتى؟ دىگەن بەش سوئالدىن سوراققا تارتىلىدۇ“ تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
“ بىلىم ئىگلەش ئەر ۋە ئايال مۇسۇلمانلارغا پەرز“ ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
كىرىش سۆز
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بۈگۈنكى دەۋىردە ئىسلام دۈشمەنلىرى ئىسلام دىنىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا. دۈشمەنلەر بىزنىڭ ئاجىزلىق نۇقتىمىزدىن پايدىىلىنىپ ئاپىللىرىمىز، ئاچىللىرىمىز ۋە سىڭللىرىمىزنى، يىلتىزى يوق پارقىراق شۇئارلار بىلەن ئىسلامغا قارشى خىزمەتكە سالماقتا.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ نادانلىقىمىزدىن ئاياللارنىڭ ئاڭ – سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلمىگەنلىكىمىز، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا ئىلىپ باردى. ئىسلام دىنىمىزنى ياخشى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئاپىللىرىمىز، ئاياللىرىمىز ۋە ئاچا- سىڭىللىرىمىزغا ئىسلام دىنىنىڭ نۇرلۇق ۋە شانلىق ماھىيتىنى ئىزاھلاپ بىرەلمىدۇق. بىلىپ- بىلمەي ئىسلام نامى بىلەن ئاياللارغا ئاز- تولا زۇلۇم قىلىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بەردى. ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئوبرازىنى ياخشى چۈشىنەلمەي قالدۇق. ئاياللارنىڭ :“ ئەرلەرنىڭ يىرىمى“ ئىكەنلىگىنى ئۇنۇتتۇق.
مۇشۇ سەۋەبلەردىن ئاياللار غەرب ئەللىرىنىڭ پارقىراق شۇئارلىرىغا ئالدىنىپ، مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىگە يىتەلمەي ئۆزىلىرىنى ۋە مەدەنىيتىنى يوقۇتۇپ قويماقتا.
ئەسلى قەلبى ئەڭ پاك، مىھرىبان، سۆيۈمچان ئاياللار يولدىن ئىزىپ تارىختىكى رولىنى ئۇنۇتماقتا. نەتىجىدە ياراملىق ئەۋلاد تەربىيلەشتىن ئاجىز كەلمەكتە ۋە جەمىيەتكە پىتنە پاسات تىىرىماقتا.
ئاخىرى بىرىپ ئۆزى ئۇچىرغان بەزى زۇلۇملارنى ئىسلام دىنىدىن كۆرمەكتە. ئىسلام دىنى سايىسى ئاستىدا بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈردىغانلىقىنى ئۇنۇتماقتا. نادانلارنىڭ، چالا – موللىلارنىڭ قىلىقلىرى ئىسلام يۈزىگە داغ بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى خۇنۇكلەشتۈرمەكتە.
شۇ سەۋەستىن ئاز – تولا سەۋىيەگە ئىگە بولغان ياكى ئىلىم- پەن يولىدا ئىلگىرلەرۋاتقان ئاچا- سىڭىللىرىمىز ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماڭىسىڭىز ئىككىلى دۇنيادا بەخىتلىك بولىسىز دىگەن ھەقىقەت سۆزىگە- گەرچە يىىقىنقى بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى تولۇق ئەمەلىلەشمىگەن بولسىمۇ- يالتىيىش نەزىرى بىلەن قاراپ، ئىسلام دىنىغا تولۇق باغلىنىپ قالسام ئەركىنلىكىم بوغۇلىدۇ، ئىرادەم سۇنىدۇ دەپ ئويلاشماقتا.
مەن مۇشۇ ۋەجىدىن مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر قىزلىرى ئالدىنىپ كەتكەن غەرب ئەللىرىدىكى ئاياللار بىلەن ئىسلام ئاياللىرىنى سىلىشتۇرۇپ :“ ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى“ نامىلىق بۇ ماقالىنى يىزىپ چىقتىم.
گەرچە ماقالە مەقسەتنى تولۇق ۋە قانائەتلىنەرلىك ھەل قىلالمىسىمۇ، بىر ئاز بولسىمۇ غەرب ئەللىرى تاراتقان يالغان ياۋىداق تۆھمەتلەرگە رەددىيە بىرىپ، ئاياللارنىڭ ئوبرازىنى ھەقىقى يوسۇندا ئىچىشقا يول ئىچىپ، مەسىلىگە كىرىش ئىغىزى بولغۇسى.
ئوتتۇرغا قويغان ھەر بىر نۇقتا سۆزۈمنى قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىپ ۋە مۇتەپەككۇر ئالىملارنىڭ سۆزلىرى بىلەن كۈچلاندۇردۇم.
ھەقىقەتنى كۆرمەي يىراقتا تۇرۇپ، شۇئارغا ئالدىنىپ كەتكەن ئاچا- سىڭىللىرىمنىڭ بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كىيىن، ئىسلام دىنىغا ئەقىل دەرۋازىسىنى ئىچىپ، تەھلىل يۈرگۈزۈشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
ھەمدە ئۆزىنىڭ تارىختىكى ۋە ئىسلامدىكى مەجبۇرىيتىنى تونۇپ، تارىختا ئۆتكەن مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ناۋايى، فارابى، ئاماننىسىاخان، ئابدۇقادىر دامۇللام، نۇزۇگۇم ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر… غا ئوخشاش ۋەتەن سۆيەر ئۇلۇغ ئىنسانلارنى تەريىلەپ يىتشتۈرەرمۇ دىگەن ئۇمىدتە، ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى قىسقىچە بايان قىلدىم.
بەزىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئاياللار ئۆيدە ئولتۇرۇش ئۈچۈن يارتىلغان ئەمەس، ئۇلار ئەرلەرنىڭ يىرىمىدۇر. ھەدىس شەرىپتا: “ ئاياللار ئەرلەرنىڭ يىرىمى“ دىيىلگەن.
ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ ئايال، جەمىيەتنى تۈزىدىغان ۋە بۇزىدىغانمۇ ئايال. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئاياللرىنىڭ تۈزىدىغان، ئىسلاھ قىلىدىغان ۋە ياراملىق قەيسەر ئەۋلاد تەربىيلەشتە ئالدىنقى سەپتىن ئورۇن ئالىدىغان، مەدەنىيەت يارتىشتا يىڭىلىق يارتالايدىغان بولۇشىنى ئۇمىد قىلىمىز!.
يۇقىرقى ئارزۇ- ئارمانلىرىمىزنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ، مۇسۇلمان خانىملارنىڭ چۈشەنچىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. ئاياللارنىڭ ئەدەپ- ئەخلاق ئىچىدە ئىجاتكار بولۇشى ئۈچۈن ئەرلەر ھاكىم مۇتلەقلىقتىن بىر ئاز چۈشۈپ، ئاياللارغا – شەرىئەت ئاتا قىلغان دائىرە ئىچىدە- ھۆر جەمىيەت يارتىش ئۈچۈن ئەركىنلىكىنى قويۇپ بەرمەك لازىم. ھۆر جەمىيەتنى ھۆر كىشلەردىن باشقىسى تىكلىيەلمەيدۇ.
بۈگۈن بىز، ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر ئالىملارنى تۇغۇپ يىتىشتۈرگەن ئاپىلارغا قاتتىق مۇھتاج، ھەزىرتى ئائىشىگە ئوخشاش ئالىم، فەقىھ ۋە سىياسييۇن ئاپىلارغا تىخىمۇ مۇھتاج.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەن بۇ ماقالەمدە، بىرىنچى تارماقتا: “ ئىسلام دىنى ۋە غەرب نىزامى ئارسىدىكى ئاياللار“ دىگەن تىمىدا بىر ئاز توختالدىم. ئىككىنچى تىىمىدا: ”ئاياللارنىڭ ئسىلامدىكى ئورنى “ تىىمىسىدا توختالدىم.
بۇ تىما: ئاياللار ۋە ياشاش ھوقۇقى، ئاياللارنىڭ ئەركىنلىگى، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائى ھوقۇقى، ئىقتىسادى ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇقى دىگەن تارماق تىىمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1- ئىسلام دىنى ۋە غەرب نىزامى ئارسىدىكى ئاياللار
ئاياللارنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
ئىسلام شەرئىتى ئاياللارغا چىتىپ قويغان مەجبۇرىيەتلەر مەنبەسى، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىشتۇر.
ئىسناننىڭ ئاللاھغا قۇلچىلىق قىلىشى، ئسىلام دىنىنىڭ بىرىنچى دەرجىلىك ھەقىقەتلىرىنىڭ بىرىسى، بەلكى ئۇ ئاللاھغا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسىدۇر.
ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش ۋە قۇلچىلىق قىلىشتا ئەر بىلەن ئايال ئارسىدا ھىچقانداق پەرق يوق. دىمەك ئەرلەرگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئۆزى ئاياللارغا يۈكلەنگەن.
بۇ يەردىكى مەجبۇرىيەت دىگىنىمىزدىن مەقسەت ئاللاھنىڭ ھەققى- ھوقۇقىدۇر. ھەدىس شەرىپتە مۇنداق كەلگەن: “ ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىك ھەققى، ئاللاھغا ھىچ نەرسىنى شىرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشتۇر. بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى، شىرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلسا، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئازاپلىماسلىقىدۇر“
ھەدىس شەرىپتە مەجبۇرىيەتلەر بىلەن ھەققى – ھوقۇق تەڭ بايان قىلىنغان، ئەر – ئاياللار بۇ مەسىلىدە باراۋەر. بۇ مەسىلىدە ئادالەتسىزلىك كۆرۈلمەيدۇ.
ئىسلام دىنى ئەرلەرگە ئۇلارنىڭ تەبئىتىگە ماس كىلىدىغان مەجبۇرىيەتلەرنى، ئاياللارغا، ئۇلارنىڭ تەبئىتىگە مۇناسىپ كىلىدىغان مەجبۇرىيەتلەرنى بەلگىلىدى.
بەزى بىر ئەرلەر تەكلىپ قىلىنغان ئىشلارغا ئاياللارنىڭ، ئاياللار تەكلىپ قىلىنغان ئىشلارغا ئەرلەرنىڭ تەكلىپ قىلىنماسلىقى ئەر ۋە ئاياللىق پەرقىدىن پەيدا بولغان ئەمەس. بەزى مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقى ھىكمەت ياكى مەنپەئەتكە ئالاقىدار سىرىتقى ئامىللاردىن پەيدا بولغان.
ئەر ۋە ئاياللار ئارسىدىكى مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقىدا ئەرلىك ۋە ئاياللىق سۈپتىنىڭ ھىچقانداق ئالاقىسى يوق. بولۇپ قالسا سىرىتقى ئامىللاردۇر.
بۇ ئايەتنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرسىڭىز ئەر ۋە ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيەتتە ئوخشاش ئىكەنلىگىنى بايقايسز : {مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا،مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت – ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت – ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، اللھ نى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە اللھ نى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا اللھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى } سۈرە ئەھزاب 33- ئايەت.
ئاياللارنىڭ مەجبۇرىىيتى ئاللاھغا قۇلچىلىق قىلغانلىقتۇر، ھەققى- ھوقۇقى بولسا ئىنسانلىقىدۇر.
ئاياللارنىڭ غەرب جەمىيتىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ھوقۇقىلىرى:
يىراقتىن قارىماققا غەرب جەمىيتىدىكى ئاياللارنى ھۆرمەت ۋە شەرەپ ئەرشىدىن ئورۇن ئىلىپ، ئەركىنلىك دىڭىزىدا ئۈزۈپ، ھوقۇقىدىن تولۇق پايدىلىنىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمىز!
غەرب جەمىيتىگە ئىنچىكە نەزەر تاشلىساق، غەرب ئاياللىرىنىڭ غەرب نىزامىدىكى شۇئارلارغا قۇربان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز.
غەربتىكى مەجبۇرىيەتلەرنىڭ مەنبىيى ماددى مەنپەئەت ھۆكۈمرانلىقىدۇر. قىستۇرۇپ قويۇشقا تىگىشىلىك بىر نۇقتا، غەرب ئاياللىرى قىلىۋاتقان ۋەزىپىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىنسانىيەت ئۆلچىمى ۋە ئىسلام قىممەتلىرىگە ئۇيغۇن كىلىدۇ.
لىكىن غەرب ئەللىرى جەمىيەت تىكلەش ۋە خەۋەر ئىلىشتا، ماددى ئامىلدىن باشقا نەرسىگە ئۆلچەم تۇرغۇزمايدۇ. ئىسلام پىرىنسپىلىرى ۋە دىنى قىممەتلەر ماددى ئامىلنى كۆپ ئامىللارنىڭ بىرسى دەپ قارايدۇ.
غەربتىكى ئاياللار بىر ئىش قىلىشقا قادىر بولالىسىلا- كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر- ماددى تۈرۈتكە سەۋەبىدىن ئۆزىدىن ئۆزى خەۋەر ئىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ماددا غەرب جەمىيتىنىڭ ئاساسى ۋە مەجبۇرىيەتلەرنىڭ مەنبىيىدۇر.
غەرب ئەللىرى ماددى پەلسەپىسى ئارقىلىق ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. ئەر- ئاياللىق مەجبۇرىيەتلەرگە خاتىمە بەردى. ئاتا- بالىلىق ئالاقىسى ئاجىزلاشتۇردى.
غەرب ئاياللىرى ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس مەجبۇرى خىزمەت قىلىشقا ئۇچىردى. تۇرمۇش تەبئىتى مۇناسىپ كەلمەيدىغان ئشىلارنى قىلىشقا قىستىدى.
بەزى كىشلەر غەرب ئاياللىرى بەخىت- سائادەت ئىچىدە ياشىماقتا دەپ گۇمان قىلىشىدۇ، مەسىلىنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا چۆكسىڭىز بۇ نەزىريەنىڭ تامامەن خاتالىقى ئاشكارا بولىدۇ، چۈنكى ئەرلەر قىلىشقا تىگىشىلىك ناھايىتى ئىغىر ئەمگەكلەرنىمۇ ئاياللارنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىز!.
ئاياللارنىڭ تەبئىتىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان خىزمەتلەر ئاياللارنىڭ ئاياللىق تۇيغۇىسنى ئىرىتىپ تاشلىدى.
غەرب ئاياللارنى جەمىيەتگە ياراملىق ئەۋلاد يىتىۈشتۈرۈش خىزمىتىدىن مەھرۇم قويدى، چۈنكى جاپالىق خىزمەتتىن چارچاپ، ھىرىپ كەلگەن ئايال قانداقمۇ باللىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىقالىسۇن!.
ئاپىلىق دىگەن ئايالغا نىسبەتەن مۇقەددەس ۋەزىپە، پەرزەنتلەرنىڭ جىسمانى، مەنىۋى، ئەخلاقى تەرەپتىن ياخشى يىتىلىشى ئانىلارنىڭ رولىغا مۇناسىۋەتلىك. ئاتا – ئانا پەرزەنت تەربيلەش ۋەزىپىسىدىن قىچىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس.
پەرزەنت كۆرۈش مۇقەددەس قىممەت بولۇپ، ئۇ ئەرلەردىن كۆپرەك ئاياللارنىڭ بەخىت سائادىىتىدۇر. قۇرئان كەرىم پەرزەنت كۆرۈشنى خۇش- بىشارەت دەپ ئاتىغانلىىقغا قاراڭ!: { بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق} سۈرە سافات 101- ئايەت.
ئاپىلىق مۇتلەق ئىنسانى ۋە تەربىيە ۋەزىپللىرى ئىچىدىكى ئەڭ بۈيۈك ۋەزىپىدۇر. قۇرئان كەرىم ئاياللارنىڭ قورساق كۆتۈرۈش ۋە پەرزەنت كۆرۈشتىكى جاپا ۋە كۆرشىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: { ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى-ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مىنىڭ دەرگاھىمدۇر} سۈرە لوقمان 14- ئايەت.
غەرب ئەللىرى توختىماي ھەر خىل مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئىجتىمائى، ئىقتىسادى ۋە سىياسى ھوقۇقىغا ئىرشىشى، ۋە ھەممە ئىشلاردا، ھەر قانداق شارائىتتا ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولىشى لازىم دەپ جار سالىدۇ. لىكىن غەرب جەمىيتىدە بولۇۋاتقان ئىشلار شۇئارلارنىڭ ئەكسىچە. غەربنىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئەركىنلىكى جىنسى ئەركىنلكتىن ئىبارەت. چۈنكى ئايال ياش ۋاقتىدا بىر مەزگىل يايرىۋالغان بىلەن ياشىنىپ قالغاندا، ھۆرمىتىنى ساقلايدىغان ماكان تاپالماي قالىدۇ.
ئائىلە ئالاقىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاياللارغا خاس پاناھگاھلار غەرب ئەللىرىدە كۆ پ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ ماكانغا كىرىپ قالغان ئاياللار تاماق ۋە شارابتىن باشقا ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىدۇ.
يەنى ياش ۋاقتىدا بىر خىل ھايات كەچۈرسە، ياشانغاندا جەمىيەت تەرەپتىن تامامەن سەل قارىلىدىغان بىر خىل ھالەتكە دۇچار بولىدۇ. باللىرىمۇ تونىماس بولۇپ بەلكى قىچىپ تۇرۇپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
ئەمما ئىسلام جەمىيتىدە بولسا، ئاياللار ياشانغانچە قەدىر قىممىتى كۈندىن -كۈنگە كۆتۈرلۈپ، ئەرلەرنىڭ قەلبى ۋە كۆزىدىكى ئورنى ئىشىپ بارىدۇ. ياشانغان ئاياللار ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدۇ. چۈنكى ئانىنىڭ مۇقەددەسلىكى ياشانغانچە روشەنلىششىكە باشلايدۇ، نەتىجىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىدۇ.
2. ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى
ئىسلام دىنى ئاياللارغا بىكىتكەن ھۆرمەت ۋە شان- شەرەپ، بارلىق ئىنسانلارغا قارار قىلغان ھۆرمەتنىڭ پارچىلانماس بىر قىسمى. ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ مۇنداق دىگەن :{ شەك – شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۈردۇق، دىڭىزدا (كىمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شىرىن يىمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق} ئىسرا سۈرىسى 70- ئايەت.
ئىسلام دىنى بۇ ھۆرمەتنى ئەر- ئايالغا ئوخشاش باراۋەرلىك ئاساسىدا تەكىتلىدى. بىر- ىبىردىن ئارتۇق شەرەپكە ئىگە بولۇشنى تەقۋالىق ۋە ياخشى ئەمەل مىيزانى بىلەن باغلىدى.
** ئاياللار ۋە ياشاش ھوقۇقى:
ياشاش ھوقۇقى ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ھوقۇقلارنىڭ مۇقەددەسرەكى ھىساپلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ باشقا ھوقۇقلارنىڭ ئاساسى، بۇلىقى ۋە ۋۇجۇدىيەتكە كىلىشنىڭ سىرىدۇر.
ياشاش ھوقۇقىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇ ئايەت كەرىمىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ:{ كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قىلىشىغا سەۋەبچى بولسا)،ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ} مائىدە سۈرىسى 32- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
قاراڭلار، ئايەتتە ئەر- ئايال دەپ پەرقلەندۈرمەي، ئادەم دىگەن سۆزنى ئىستىمال قىلغىننى!.
“ ھۇنەين“ مەرىكىسىدە رەسۇلۇلۇللاھ بىر مۇشىرىك ئايالنىڭ ئۆلۈكىگە كىشلەرنىڭ ئولىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ: “ بۇ ئايال ئۇرۇشقان ئەسكەرلەر قاتارىدا بولمىسا نىمە دەپ ئۆلتۈرۈلدى“ دەپ بولۇپ، بىر ئادەمگە: “ سەن بىرىپ خالىدغا، رەسۇلۇللاھ : بالا- چاقىلارنى ۋە ئاياللارنى ئۆلتۈرمىسۇن“ دەيدۇ دىگىن دىگەن.
بۇھەدىسنىڭ روھىغا قارايدىغان بولساق، شىرىك ھالىتى ئۇ ئايالنىڭ – ئاياللىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن سىرىت- ھاياتىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە تەسىر يەتكۈزمىگەنلىكىنى كۆرەلەيسىز!
رەسۇلۇللاھ: “ مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرى باراۋەر“ دىگەن.
ئىسلام دىنى ئەر- ئاياللار ئىنسانلىق سۈپتىدە ئورتاق دىگەن پىرىنسىپنى قارار قىلغان چاغدا، فىرانسىيە مىيلادىيە 6- ئەسىردە ئىچىلغان قۇرۇلتىيىدا ئايال كىشىنىڭ – ئايال كىشى ئىنسان جىنسىمۇ ياكى باشقا نەرسىمۇ- ھەقىقىتىنى بىلىشكە ئۇرۈنىۋاتقان ئىدى.
قۇرئان كەرىم جاھىلىيەت قەبىلىلىرى قىزلارنى كۆمۈۋىتىشىگە ئوخشاش ناچار ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ھارام قىلىپ ئايەت چۈشۈرۋاتقان چاغدا، رىم ئىمپىرىيىسى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئاياللارنى جىنايەتسىز ئۆلگۈچە ئازاپلاش بىلەن ھوزۇرلىنىدىغان ئىدى. ئاياللارنىڭ پۇتلىرىدىن ئاتلارغا سۆرىتىپ پارچە- پارچە قىلىۋىتىدىغان، بىر تۈركۈم ئاياللارنى تۈۋرۈككە باغلاپ بىر قانچە كۈن ئاستىدىن ئاستا خاراكتىرلىك ئوت تۇتاشتۇرۇپ گوشلىرىنى چۈشۈرۋىتىدىغان ئىدى.
رىم ئىمپىرىىيىسى كىڭىيىپ گۈللىنىشكە باشلىغان چاغدا، ئىسراپخورلۇق ۋە ھاۋايى- ھەۋەس ئىڭى ئۇلارنى ئىگلەپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاياللاردىن ھىجابنى ئىلىپ تاشلاشقا باشلايدۇ، بۇئىشتا تەرەققى قىلىپ، ئاياللار ھەممە ئىشلارنى ئىگلەشكە باشلايدۇ. ئەخلاقسىزلارچە بۇ ئارلىشىشتا رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسى يۈز بىرىدۇ. نەتىجىدە ئەرلىرىنىڭ ھىممىتى بوشاپ، ئىرادىسى ئاجىزىلىشىپ، ئۆزلىرىنى يوقۇتۇشقا باشلاپ، بۇزغۇنچىلىق ئەۋجىگە چىقىدۇ. شۇئارلىقتا ئاياللارغا قارىتا كۆز قاراش يۆلىنىشى ئۆزگىرىپ، جەمىيەتتە يۈزو بەرگەن پاساتچىلىقنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ سەۋەبىدىن بولغان دەپ قاراپ، ئاياللارغا ئاداۋەت قىلىشقا باشلايدۇ. ئاخىرى ئەھۋال يۇقىردا بايان قىلغىنىمدەك ئاياللارنى ئازاپلاش بىلەن ھوزۇرلىنىدىغان ھادىسلەر يۈز بىرىدۇ.
بۈگۈنكى غەرب تىيارتىخانىسىمۇ- رىم مەدەنىيىتىنىڭ ئۆگەي بالىسى- مۇشۇ ھىكايىنىڭ ئۆزىنى تەكرارلايدۇ. بىرىنچى بۆلۈم ئاخىرلىشىپ، تىراگىدىيلىك ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ ئالامەتلىرى كۆزى ئۆتكۈر كىشلەرگە كۆرۈنمەكتە.
ئاياللارغا پەس نەزەر بىلەن قارايدىغان ئەھۋال رىم ئىمپىريىىسگە خاس ئەمەس. ھىندىستان، گىرىتسىيە ۋە بابىل مەدەنىيتى تارىخىغا نەزەر تاشلاڭ!.
بابىل مەدەنىيتى ئاياللارنى چارىپاي ھايۋانلارنىڭ بىر تۈرى دەپ قارايتتى، ئۇلارنىڭ ھىچ قانداق ھوقۇقى يوق ئىدى.
گىىرتسىيەدە بولسا ئاياللار خىلمۇ-خىل باسقۇچىلارنى بىشىدىن كەچۈرگەن، گىرىتسىيە قانۇنىدا ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ھىمايە قىلىنمايدىغان ئىدى. بەزى ئاتىلار 10 قىزى بولسا 7 قىزىنى ئۆلتۈرۋەتسە ھىچ بىر سوراققا تارتىلىدىغان ئىش يوق ئىدى!….
يىغىپ ئىيىتقاندا، ئۆتۈپ كەتكەن مەدەنىيەتلەردە ئاياللار، چوڭ مەدەنىيەتلەر ئىسراپخورلۇق ۋە پەسكەشلىك باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا بىر ئاز كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىرشەلەيتتى. سەۋەبى ئايالنىڭ ئىنسان تۈرى بولۇپ، ياشاش ھوقۇقىنىڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەرلەر ھاياتىدىكى ھوزۇرلۇنۇش تەلەپلىرى سەۋەبىدىن ئىدى. مەدەنىيەت چۈشكۈنلەنكەندە ئاياللارنى شۇم دەپ قارايتتى، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى بولمايتتى.
مانا بۇئىسلام دىنى بىلەن باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئاياللارنىڭ ئورنىغا بولغان كۆز قارىشى.
** ئاياللار ۋە سالاھىيەت ھوقۇقى
سالاھىيەتتىن مەقسەت مەدەنى ھوقۇقلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىلگىرىكى مىللەتلەر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ھىچقانداق قابىلىيەت ۋە سالاھىيەتنى ئىتىراپ قىلمايدىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئايال كىشى مەدەنى ھوقۇقلىرىدىنى بەھرامان بولالمايتتى. ئۇ مىللەتلەر، ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئىگىسى، خالىغانچە ئىش قىلايدۇ دەپ قارايتتى. نەتىجىدە ئاياللار قۇلنىڭ ئورنىدا كۆرىلەتتى.
ھىندى، چىن، گىرمانلار ئاياللارغا مىراس قالدۇرمايتتى، گىرىتسىيەلىكلەر بولسا، ئوغۇل بولمىسا ئاندىن قىزلارنى مىراسخور قىلاتتى.
ئاياللارغا بۇ خىل نەزەر بىلەن قاراش يىقىنقى زامانغىچە يىڭى مەدەنىيەتلەردە تىىپلاتتى. فىرانسىيەدەك بىر جەمىيەتتە يىقىنقى زامانغا قەدەر ئاياللار شەخسى مال- مۈلىكى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا – يولدىشىنىڭ رۇخسىتى بولمىسا- يول قويۇلمايتتى. يولدىشى يوق بولۇپ قالسا، شەخسى ئىگدارچىلىقىدىكى يەر مۈلۈككە ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىلىپ سىتىش ھوقۇقى يوق ئىدى. ئىرىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەدىيەمۇ قوبۇل قىلالمايتتى.
ئىنگىلىس پەيلاسوپى “ ھىربىرىت سىبىنسىر“، جەمىيەت ئىلمى ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: “ ئەنگىليەدە ئاياللار 11- ئەسىرگىچە سىتىلاتتى. 11- ئەسىرىدە چىركاۋ مەھكمىسى، ئەر بولغۇچى ئايالىنى باشقا بىر ئادەمگە مەلۇم مۇددەتكىچە ئارىيەتكە بىرىپ تۇرسا بولىدۇ دەپ قانۇن يولغا قويدى. ئىشنىڭ يامانراق تەرىپى، ئىسىلزادە بەگلەر بولسا دىھقاننىڭ ئايالى بىلەن 24 سائەت جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى.
1567- يىلى سىكوتلاندىيە پارلارمىنتى: ئايال كىشىگە ھىچقانداق ھوقۇق بىرىلىشى توغرا ئەمەس دەپ قارار چىقاردى. 8- پادىشاھ ھىنرىنىڭ دەۋرىدە ئەنگىلىيە پارلامىنتى، ئايال كىشلەرنىڭ مۇقەددەس كىتاپ ئوقۇشى چەكلىنىدۇ دەپ قارا چىقارغان.
ئىسلام دىنى كەلگەندە، ئاياللارنىڭ تۈرلۈك مەدەنى ھوقۇقلاردا ئەرلەردىن مۇستەقىللىقىنى تەكىتلىدى، شەخسى ئىگدارچىلىقىدىكى مۈلۈكلىرىنى – ئەقىللىق بولسا- خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ جاكارلىدى.
ئاللاھ تائالا ئەر ۋە ئاياللارنىڭ مۇستەقىل ھوقۇقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: { ئى مۆمىنلەر!اللھ سىلەردىكى بىر- بىرىڭلاردىن ئارتۇق قىلغان نەرسىلەرنى(ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن)ئارزۇ قىلماڭلار، ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ. اللھ دىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار(اللھ بىرىدۇ). اللھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر} نىسا سۈرىسى 31- ئايەت.
مەسىلەن، ئاللاھ تويلۇقنى ئاياللارغا خاس مۈلۈك قىلىپ بەلگىلىدى. ئاتا ياكى تاغا ياكى ئاكا- ئىنە ياكى باشقىلارنىڭ ئاياللارنىڭ تويلۇقىدىن بىر ئاز بولسىمۇ ئىلىۋىلىشىدىن چەكلەپ مۇنداق بايان ئىلان قىلدى: { ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوغا قىلىپ بىرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى مەززىلىك، سىڭىشلىق(يەنى پاك ھالال بىلىپ) يەڭلار} نىسا سۈرىسى 4- ئايەت.
ئاياللار – ئەرلەردىن مۇستەقىل- بەھرامان بولالايدىغان مەدەنى ھوقۇقلارنىڭ بىرىسى، ئەر تاللاشتىكى شەرىئەت ئاتا قىلغان ھوقۇقىدۇر. -قىزنىڭ ئىگلىرى گەرچە يىگىت تاپسىمۇ- قىز- بالاغەتكە يەتكەن ئەقىللىق بولسا- مۇۋاپىق كۆرمىسە قوشۇلماسلىق ھوقۇقى بار.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە:“ بىر قىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا يىغىلاپ كىلىپ، دادىىسنىڭ مەجبۇرى ئۇ قىز ياقتۇرمايدىغان بىرسى بىلەن توي قىلىپ قويغانلىقى توغرىسىدا دەردىنى تۆكتى, پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇ قىزغا ئۆي تۇتۇپ قىلىش ياكى ئاجىرشىپ كىتىش توغۇرلۇق ئىختىيارلىق بەردى“. ئەبۇداۋاد ۋە ئەھىمەد رىۋايىتى.
ھەزىرتى ئائىشە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:“ بىر قىز مىنىڭ قشىمغا كىرىپ: دادام مىنى ئاكىسىنىڭ ئوغلىىغا ياتلىق قىلدى، مەن ئۇ بالىنى ياقتۇرمايتتىم، دادامنىڭ مۇنداق قىلىشى مىنى ئۇ بالىغا بىرىپ بىر ئاز يۈز تىپىش ئىدى دىدى. ھەزىرتى ئائىشە: رەسۇلۇللاھ كەلگىچە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ! دىدى. رەسۇلۇللاھ كەلگەندە، ھەزىرتى ئائىشە ئىشنىڭ تەپسىلاتنى خەۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ قىزنىڭ دادىسغا ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپ كەلگەندىن كىيىن، قىزغا ئىختىيارلىق بەردى. ئۇ قىز: ئى رەسۇلۇللاھ، دادامنىڭ قىلغان ئىشىنى بوپتۇ قىلىۋەتتىم، لىكىن مۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەب، ئاتىلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەن قىزلىرى توغرىسىدا مەجبۇرى توي قىلىپ قويۇش ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى ئاياللارغا بىلدۈرۈپ قويماقچى ئىدىم دىدى“ نەسەئى رىۋايەت قىلغان.
مۇباھ نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىقتىسادى مۇئامىلە، مىراس ۋە ھەدىيە ئىقتىسادى مەنبەلەر ئىكەنلىگى تونۇشلۇق مەسىلە. بۇ مەسىلىدە ئەر –ئاياللار ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە. خىزمەتكە ھەق ئىلىش مەسىلىدىمۇ ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئوخشاش، ئەمەلگە قارىتا ھەق ئالىدۇ.
ئامانلىق بىرىش ياكى كىپىل بولۇشتەك ئىشلاردىمۇ ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئوخشاش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: “ ئاللاھنىڭ ئامانلىقى بىردۇر. ئۇ ئامانلىقنى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشلەرمۇ بىرەلەيدۇ. مۆمىنلەر بىر- بىرىگە ئىگە“ دىگەن. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
قۇرئاننىڭ بۇ ئايىتىگە نەزەر تاشلاڭ: { مۆمىن ئەرلەر،مۆمىن ئاياللار بىر- بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى(تولۇق)ئادا قىلىدۇ، زاكات بىرىدۇ، اللھ غا ۋە اللھ نىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا اللھ رەھىم قىلىدۇ، اللھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر } تەۋبە سۈرىسى 71- ئايەت.
مانا بۇئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارنىڭ قابىلىتى ۋە سالاھىىيتى دائىرسىدە بىكىتكەن ئىشلارنىڭ بىرسىدۇر. غەرب ئەللىرى مۇشۇ ھوقۇقلارنى ھەقىقى تەتبىقلاش ساھەسىدە – يالغانچىلىق قىلماي- ئىتىراپ قىلامدۇ؟
فىرانسىيلىك يازغۇچى “ فىرانسىس كىيرى“ خانىم مۇنداق دەيدۇ: “ غەرب ئاياللىرى خىزمەت باراۋەرلىك ھەققى- ھوقۇقى ۋە ئاياللىق ھۆرمىتى ھوقۇقىغا ئىرشەلمەيۋاتىدۇ“ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: “ ئەر- ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى مەغلۇب بولغان چاغدا، ئۆز – ئارا تىزلام بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈشتىن توختىشىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالاقىسى كونترول قىلغۇچى بىلەن كونترول ئارسىدىكى ئالاقە. ئەر بۇيرۇيدۇ، ئايال ئىتائەت قىلىدۇ…. بىز ئايالنىڭ ھوقۇقىنى كۆپرەك ھىمايە قىلىدىغان باشقىچىرەك مەدەنىيەت ئىىڭىغا مۇھتاج“.
غەرب ئاياللىرى نىمىلا بولمىسۇن، بۈگۈنكى كۈندە ياۋرۇپانىڭ ھەر تەرەپلىرىگە تاراپ كەتكەن قۇلچىلىق قاپقانلىرىنىڭ بىرسىگە چۈشىدۇ. چۈنكى قىز ياكى ئايال يۇقىرى مائاش بەدىلىگە تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشقا توختام قىلىپ ئالدىنىدۇ. ئۇلار مائاشنىڭ ھەجمىنى ئاڭلاپ، كارخانچىلارغا مۇتلەق ئىشىنىپ تەسلىم بولىشىدۇ. ئۇلار شەخسىيتىنى ئىسپاتلايدىغان ( پاسپورت، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى) نەرسىللىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندا، قۇل بازىرىدا پاھىشىغا سىتىلىدۇ. تەھدىت ۋە بىسىم ئاستىدا پاھىشە قىلىشقا مەجبۇرلۇنۇپ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ.
1991- يىلى ئىچىلغان خەلقئارالىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يىغىنىدىكى دوكلاتىدا، 3 مىليۇنغا يىقىن ئاياللار سىتىۋتىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پاھىشىە قىلىشقا مەجبۇرلارنغان. بۇ خىل تىجارەتنى قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ مەركىزى ياۋرۇپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تىپىلىدۇ. خام ماددىلارنىڭ ئاساسى شەرقى ياۋرۇپا، لاتىن ئامىرىكىسى ۋە جەنۇبى شەرقى ئاسىيادۇر.
بۇ نۇقتىنىڭ ئاخىردا شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش لازىمكى، ئەنگىلىيە قانۇنى پەقەت100 يىل ئىلگىرى، ئەر كىشى ئايالىدىن شۇملۇنۇپ قالسا، ئايالىنى سىتىۋەستە بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلاتتى. لوندۇن شەھرىنىڭ مەشھۇر بىر مەركىزىدە بوينىغا تاقاقلار سىلىنىپ، كۆرگەزمىگە سىلىنغان ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ھەيكەللىرى ھازىرمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
** ئاياللار ۋە ئەركىنلىك:
ئەركىنلىكتىن مەقسەت، سىرىتقى ئەركىنلىك كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىنسان مۇشۇ ئەركىنلىك بىلەن ئازىنى قورشاپ تۇرغان ئالەم بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ.
ئىنسان ئاللاھنىڭ قۇلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بۇ دۇنيادا يولنى كەڭرى ئىچىپ بەرگەن بىر مەخلۇق. ئىنسان ئەركىنلىك دائىرىسى ئىچىدە خالىغاننى قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.
ئاللاھ بۇئەركىنلكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: { كاپىرلار (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چىغىمىزدا) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى (يەنى كۇففارلارنى مەيلىگە) قويۇۋەت، يەپ – ئىچىپ، ئويناپ – كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ} ھىجىر سۈرىسى 2-3 – ئايەتلەر.
مۇتلەق ئەركىنلىك بار دەپ ئىتىقاد قىلىش خىيالدىن ئىبارەت. چۈنكى ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى، ئىنساننىڭ ئەقلى، دىنلار، قانۇنلار، جەمىيەت ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقى مۇتلەق بولمىغان دائىرىگە كىرگۈزۈپ قويىدۇ. ئىنسان ئورمانلىقتا ياشىغان تەقدىردىمۇ مۇتلەق ئەركىنلىكتە ياشىيالمايدۇ، چۈنكى ئۇ يەردىمۇ تەبئىەتنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، ۋەھشى ھايۋانلار ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىگە چەك- چىگرا توختىتىپ قويىدۇ.
ئىسلام دىنىدىكى ئەركىنلىكنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى. باشقىلارنىڭ ھوقۇقى ياكى رەزىل قىلمىش بولمىسا ئۇ ئەركىنلىكنى ھىچ نەرسە چەكلىيەلمەيدۇ. شۇ ۋاقتىدا ( باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا تەسىر يەتكۈزۈش ياكى رەزىل قىلمىش يۈز بەرگەندە) ئەركىنلىك مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن توختىتىلىدۇ.
ئىسلام دىنىدىكى ئەركىنلىكنىڭ يۇقىرىسى ئىمان ئىيتىش ياكى ئىمان ئىيتماسلىق ئەركىنلىكىدۇر،: { (ئى مۇھەممەد!) «(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئىيىتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دىگىن، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئىرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋىتىدىغان (ناھايتى قىزىق) سۇ بىرىلىدۇ، بۇ نىمىدىگەن يامان شاراب! جەھەننەم نىمىدىگەن يامان جاي! } كەھف سۈرىسى 29- ئايەت.
يەنە: { دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە)زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئىنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت(يەنى اللھ دىن باشقا بارچە مەبۇد)نى ئىنكار قىلىپ، اللھ غا ئىمان ئىيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس،مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ ، اللھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى)ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر،(ئىشلىرىنى)بىلىپ تۇرغۇچىدۇر } بەقەرە سۈرىسى 256- ئايەت.
ئىسلام دىنى كۇپىرلىق ئەركىنلىكىنى قارار قىلىپ، باشقا دىندىكىلەرگە دىنى ئەركىنلىك بىرىپ، بەلكى ئۇلار بىلەن بولىدىغان مۇئامىلىدە باراۋەرلىك پىرىنسىپىنى توختاتقان تۇرسا، يەنە نىمە تەلەپ قىلىنىدۇ؟.
ئىسلام دىنى ئاياللارغا يىتەرلىك ئەركىنلىك بەردى… ئاياللارنى ھەقسىز ھاكىم بولىۋالىدىغان ھەر قانداق ھوكۆمرانلاردىن ئازات قىلدى. ئاياللارغا ئىمان، دىن ۋە ئەقىدە ئەركىنلىكىنى بەردى.
ئايال كىشى ئىرىغا تەۋە بولۇپ دىنىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. مەسىلەن، بىر مۇسۇلمان ئەر مۇسۇلمان بولمىغان بىر ئايال بىلەن توي قىلغان بولسا، ئۇ ئايالنى دىنغا كىرىشكە مەجبۇرلارش ياكى ئىتىقادى سەۋەبلىك خورلاشنى ئىسلام دىنى چەكلەيدۇ.
خۇلاسىلاپ ئىيىتقاندا ئىسلام دىنى ئەرلەرگە بەرگەن ھوقۇقلارنىڭ – باشقىلارنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ مەنپئەتىگە تاقىشىدىغان بىر قانچە ئىشنى ھىساپقا ئالمىغاندا- ھەممىسىنى ئاياللارغىمۇ بەردى.
ئىنساننىڭ جىسمى شەخسى مۈلۈكى قاتارىغاكىرمەيدۇ، چۈنكى جىسىم ئاللاھ تەرپىدىن ئىنسانغا قويۇلغان ئامانەت. بەدەندىكى ھەر بىر ئەزانىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. مەسىلەن: كۆزۈم مىنىڭ ، مەن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە، لىكىن مەن كۆزۈمنى قۇيۇۋىتىشكە ھەققىم يوق. چۈنكى بۇ ھارام، زىيانلىق ۋە ئەقىلسىزلارچە ئىشتۇر. شۇنداقلا باشقىلارنىڭ خاس ئەزالارغا قاراشقىمۇ مىنىڭ ھەققىم يوق.
ئۇنداق بولغاندا ئايال كىشى بەدىنى توغرىسىدا خالىغاننى قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئەمەس، بەدىنىنى خالىغان بىرسىگە بىرىشكە تىخىمۇ ھوقۇقى يوق.
ئاياللار باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمىگەن ۋە جەمىيەتتە بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلمىغان شەرت ئاستىدا خالىغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلسا ۋە زىننەتلەنسە بولىدۇ.
ئاياللارنىڭ تار ۋە نپىز كىيىملەر بىلەن ئۆزلىرىنى يالىڭاچلاپ جىنسى ھوزۇرلۇنۇش ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قىلىشى ئاياللار ئۈچۈن ھاقارەتلىك بىر ئىش.
شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش لازىمكى، ئىسلام دىنىدا پاھىشە ۋە يولسىز پاسكىنا قىلىقلارنى قىلىش ئەركىنلىكى يوق.
ئايال كىشلەرنىڭ ئەۋرەت جايىلىرنى ئىچىپ ، ھايا- نۇمۇستىن چەتنەپ كوچىلاردا مىڭىشى جەمىيەتكە ۋە ئاياللارنىڭ ئۆزىگە يامان ئاقىۋەت كەلتۈرىدۇ. ئاياللارنىڭ بۇ خىل كۆرنىشى ئەرلەرنى ئەخلاقسىز قىلىقلارغا ئىتتىرىشكە سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى ئەرلەر ھاۋايى – ھەۋسىنى كونترول قىلىشتا ئاياللاردىن ئاجىز كىلىدۇ. ئەرلەر- ئاياللارنىڭ ئەكسىچە- ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ۋە يىرىم يالىڭاچ ئەزالىرىغا بىر قاراش بىلەن ھىس تۇيغۇللىرى قوزغىلىدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسى پىسخولوگىيە ھالىتى ئەرلەرگە بىر قاراش بىلەن قوزغالمايدۇ.
ئاياللارنىڭ ھايا ۋە ئەدەپ – ئەخلاق كىيىملىرىگە دىققەت قىلماسلىقى جەمىيەتتە پاھىشە، بۇزۇقچىلىق ۋە ئائىلىنىڭ پارچىلىنشىىغا سەۋەب بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئىيىتقاندا نۇرغۇن ئائىلىنىڭ بىر ئوبدان تۇرمۇشىنىڭ بۇزۇلىىشغا ئەخلاقىغا رىئايە قىلمايدىغان ۋە ئەخلاقسىزلىق ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان قەلبى ناپاك ئاياللار مەسئۇلدۇر.
شۇڭا بەزى نۇقتىلاردا ئەركىنلىكنى مەلۇم تۈرلەردە چەكلىگەنلىك، (يەنى دائىرىگە كىرگۈزگەنلىك) ئەركىنلىكنى بوغقانلىق بولمايدۇ، بەلكى كىشلەر ئارسىدا ئادالەتنى تارقىتىش، مەنپەئەتلىك، ھەمكارلىق جەمىيتىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئىجتىمائى ۋە مەدەنى ھوقۇققا رىئايە قىلغانلىق بولىدۇ.
ئىسلام دىنى جىنسى ئالاقىنىڭ ھەممىسىنى چەكلەيدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ!… ئىسلام دىنى جىنىسى مۇئامىلىنى ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدىكى جانلىق ئىنىرگىيە دەپ قارايدۇ، ئاللاھ بۇئىنىرگىيەنى ياراتتى، ئۇنىڭغا قارىتا كۆڭۈلدە بەدەننىڭ تاقىتىگە مۇناسىپ ھىس – تۇيغۇلارنى ئاتا قىلدى.
جىنسى رىغبەتنى قاندۇرۇش ئۈچۈن پاك ۋەزىيەتنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بىرىدىغان ئۆي ھازىرلاپ بەردى. ئىسلام دىنى ئىنساندىكى جىنسى رىغبەتنى پەقەتلا ھالال ئىش دەپ قاراپ قالماستىن ، بەلكى ئۇ ئىشنى ساۋاب ۋە كاتتا ئەجىرنىڭ يولى دەپ جاكارلىدى.
بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ : “ سىلەرنىڭ ھالال جىنسى تۇرمۇشىڭلاردىمۇ سەدىقە بار“ دىگەندە، ساھابىلەر: ئى! رەسۇلۇللاھ، بىز ئەر خەقلەر ئاياللارىمىزدىن جىنسى تەلىپىمىزنى قاندۇرساق مۇشۇ ئىشتىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟ دەپ ئەجەبلىنىپ سوراشتى.: رەسۇلۇللاھ : “ شۇنداق ساۋاب بولىدۇ، مەن سىلەردىن سوراپ باقاي!، ئەگەر بىر ئادەم جىنسى تەلىپىنى ھارام يولدىن قاندۇرسا گۇناھ بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟“ دىگەندە، ئۇلار : شۇنداق گۇناھ بولىدۇ دىيىشتى، رەسۇلۇللاھ : ئۇنداقتا جىنسى تەلىپىنى ھالال يولدىن قاندۇرسا، ساۋاب بولىدۇ“ دىگەن.( مۇسلىم رىۋايىتى).
ئىنسانلاردىكى جىنسى رىغبەت دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھالاۋەتلىرىىنىڭ قاتارىدىن، بۇ ئىش ھالال بولۇپ، ئىنسان بۇ ئىشىدا شەرىئەت كۆرسىتىپ بەرگەن قانۇنلۇق يول بىلەن ئىلىپ بارسا ساۋابقا ئىرىشىدۇ.
قۇرئان مۇنداق دەيدۇ: { ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئىلىشىڭلار ئۈچۈن)اللھ نىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا)يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا)مىھر – مۇھەببەت ئورناتقانلىقى اللھ نىڭ)كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك – شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار} رۇم سۈرىسى 21- ئايەت.
پىسخولوگىيە ۋە جىنسى خاتىرجەملىك ئەر- ئاياللىق ھاياتىدىكى بىرىنچى ئاساس. ئۇ ئىشتىياق، لەززەت ۋە مۇھەببەت تۇيغۇللىرىنىڭ ئىپادىسىدۇر. جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق قەلب ۋە ئەقىلدىكى تەبئى داۋالغۇش يوقۇلىدۇ. كۆڭۈل جىنسى تۇرمۇشسىز خاتىرجەم بولالمايدۇ. ( يەنى قانۇنلۇق جىنسى ئالاقە ئىككىنىلىش ۋە داۋالغۇشنىڭ داۋالىرىنىڭ بىرسىدۇر).
ئىسلام دىنى ئىنسان تەبئىتىنىڭ ئىتىتىرگۈچى كۈچلىرىگە قارشى ئۇرۇش ئوتى ئاچمايدۇ ياكى قەبىھ سانىمايدۇ، بەلكى ئۇ ئىشلارنى رەتكە سالىدۇ، ھەمدە ھايۋانى دەرجىدىن ، ئىنسانى دەرجىسىگە كۆتۈرىدۇ.
دىمەك ئاياللارنىڭ ئىجتىمائى ئالاقىسىدىكى ئەركىنلىكىنى – باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكى ھىمايە قىلىش ۋە قانۇنلۇق مەنپەئەتلىرىگە رىئايە قىلىشنى تەقەززا قىلىپ قالمىسا- باشقا نەرسە چەكلىيەلمەيدۇ.
غەرب ئەللىرى داۋراڭ سىلىۋاتقان ۋە تارقىتشقا ئۇرۇنىۋاتقان ئاياللار ئەركىنلىكى ئاساسەن قالايمىقان جىنسى ئەركىنلىك بولۇپ تار دائىرىدە چەكلىنىپ تۇرۇپ قالماقتا.
2003 – يىلى 11- ئاي ئىچىدە ئاياللار ئەركىنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان ۋە ئەركىنلىكنىڭ مەيدانى دەپ تونۇلغان فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ياغلىق سالغان مۇسۇلمان قىزلارنى مەكتەپتىن چىكىندۈرگەن، گىرمانىيەنىڭ بافارىيا ۋىلايىتى بولسا ھىجاب ئاتقان خانىملارنى دەرس ئۆتۈشتىن چەكلىگەن. لىكىن گىرمانىيە ئالى سوت مەھكىمىسى : خالىغان ئاياللار ھىجاب سىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ ھۆكۈم چىقارغان. فىرانسىيە زۇڭلىسى :“ ھىجاب( ياغلىق) سالغان قىزلارغا فىرانسىيە مەكتەپلىرىدە ئورۇن يوق“ دەپ بايانات ئىلان قىلدى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى جاك شىراك: “ ھىجاب فىرانسىيە جەمىيتىگە تەھدىت سىلىۋاتقان مەدەنىيەت رىقابىتى، بۇنى كەسكىنلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلماق لازىم دەپ تەكىتلىگەن“. ئاياللار ئەركىنلىك مەشئىلىنى كۆتۈرۋالغان ئامىرىكىمۇ بىر قانچە قىزلارنى ياغلىق سەۋەبىدىن مەكتەپتىن ئاجىرتىۋەتكەن، ياغلىق سالغانلىق سەۋەبىدىن مۇسۇلمان ئاياللار ھازىرغىچە ئاھانەتكە ئۇچىرماقتا.
ئاياللار چىچىنى ئوچۇق قويۇش بىلەن ھىجاب سىلىش ئارلىقىدا نىمە توسالغۇ بار؟ ئاياللار چىىچىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرسە كاللىسى بەك ئىشلەيدىغان بولۇپ كىتەرمۇ؟
ئەركىنلىك ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ئەمەسمۇ؟ ئاياللارنىڭ خالىغان ئىتىقادنى قوبۇل قىلىشى، خالىغان ئىشلارنى قىلىش ئەركىنلىكنىڭ قاتارىغا كىرمەمدۇ؟
ئاياللارنى ئازات قىلىش لازىم دەپ چاقىرىدىغانلار، سىلەر ئاياللارنى نىمىدىن ۋە قانداق ئازات قىلماقچى؟
نىمە ئۈچۈن ئەركىنلىك پىشۋالىرى بولغان غەرب ئەللىرى ئاياللارنىڭ يالىڭاچ يۈرىشى ۋە قالايمىقان قىلىقلارنى قىلىىشغا رۇخسەت قىلىدۇيۇ، نىمىشقا بىشىغا رومال سىلىپ ھىجاب ئارتىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ؟ رومال ئارقىدا قىلىشنىڭ سىموۋلىمۇ- يا؟ ئاياللارنى ياغلىق سىلىشتىن چەكلەش ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغقانلىق ۋە ئىرادىسىنى سۇندۇرغانلىق ئەمەسمۇ؟
دىمەك غەرب ئەللىرىدىكى ئاياللار ئەركىنلىكى يالىڭاچلىق ۋە كۆپ ئاشنا تۇتۇش ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت. بولمىسا غەرب ئەللىرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمان خانىملارنى ياغلىق سىلىشتىن چەكلىمىگەن بولاتتى.
خىرىستىئان ئاياللىرى ۋە يەھۇدى ئاياللىرى دىنىنىڭ بەلگىلمىسى بويىچە دىنى كىيىملىرىنى كەيسە، بۇئارقىدا قالغانلىق ھىساپلانماي ، ئىپپەت – ھاياسىنى ساقلاش، جەمىەتينىڭ پاك مەنىۋيىتىنى ھىمايە قىلىش ۋە دىنىنىڭ كۆرسەتمىسگە بويسۇنۇش ئۈچۈن بىىشغا ياغلىق سالسا، ئارقىدا قالغانلىق ۋە زۇلۇمغا ئۇچىرغانلىق ھىساپلىنىدىغان ئىككى يۈزلىمە ئۆلچەم نەدە بار؟
غەرب ئەللىرى ئاياللارنىڭ ئىرادىسىنى بوغۇپ، ئۇلارنى قۇل ئورنىغا چۈشۈرۈپ ھەر خىل تەشۋىقات ۋاستىللىرى بىلەن تىنىنى سىتىشقا مەجبۇرلايدىغان ئەھۋال زىكىر قىلىشتىن بىھاجەت.
توغرا بىز مۇسۇلمانلار – خۇسۇسەن ئۇيغۇرلار – ئاياللارنى ئازات قىلىشقا مۇھتاج، قانداق ئازات قىلىمىز؟ نىمىدىن ئازات قىلىمىز؟
ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىختىن بۇيان غەرب ئاياللىرىغا ئوخشاش چاكىنىلىشىپ كەتكەن ۋە قۇل ھالىتىكە چۈشۈپ قالغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس.
بىز ئاياللارنىڭ جىسمى ۋە ئەزالىرىنى ئىچىش ئارقىلىق ئازات قىلىشقا مۇھتاج ئەمەس. ئۇيغۇر ئاياللىرىدىكى ھايا ۋە ئىپپەت نۇمۇسسىنى قوغىدىغانلىق، ئىلگىرى ياكى يىىقىنقى زاماندا بولسۇن جەمىيەتكە ياراملىق ئوغۇللارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن. ئەگەر ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ چاكىنلىشىپ كەتسە، تارىختا يەنە بىر قىتىم مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىبلار مەيدانغا قەتئى كەلمەيدۇ.
ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەزالىرىنى ئىچىشقا ئەمەس، بەلكى ئەقلى ، ئوي- تەپەككۈرى، ئىديىسى، ھايات كۆز قارىشىنى ئىچىپ، مەدەنىيەت سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مۇھتاج.
ئاياللارنى نادانلىق، بىلىمسىزلىك، جاھىللىق، -دىننىڭ كۆرسەتمىسى بولمىغان- خۇراپات ۋە ئەپسانىلەردىن، جاپاكەشلىكتىن ۋە جاھالەت كۆز قاراشلىرىدىن ئازات قىلايلى. ئاياللارنىڭ جىسمى ئازات قىلىشقا مۇھتاج ئەمەس.
ئەخلاقى چاكىنا ئۇيغۇر قىزلىرىنى بولسا ناپاك قىلمىشلاردىن، ئەخلاقسىزلىقلاردىن ئازات قىلىپ، مەدەنىيەتلىك ۋە غۇرۇرلۇق ئاڭغا ئىگە قىلىش ئارقىلىق ئازات قىلايلى.
ناپاك قەلب ۋە قالاق ئىدىيەنى ئازات قىلماي تۇرۇپ مەۋجۇدلىقنى ساقلاش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ناھايىتى روشەن مەسىلە.
ئىسلام دىنى ئاياللارنى 14 ئەسىر بۇرۇن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرجىدە، ئاپىلىق، ئاياللىق، ئاچىلىق ۋە سىڭىللىق كارامىتى ۋە ھۆرمىتى بىلەن ئازات قىلىپ بولغان.
خۇلاسە شۇكى، ئاياللار چىچىنى ۋە ئەۋرەت ئەزالىرىنى ئىچىشقا ئەمەس، بەلكى ئەقلى ۋە ئىنسانپەرەرلىكىنى ئىچىشقا مۇھتاجدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن زىيالىرىمىز ئىڭىدا شۇبھى بولۇۋاتقان بىر قانچە نۇقتىلار ئۈستىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمەن:
1.خىزمەت ئەركىنلىگى:
ئىسلام دىنى ئەرلەرگە مۇباھ قىلغان قانۇنلۇق ئىشلارنىڭ ئۆزىنى ئاياللارغىمۇ مۇباھ قىلدى. ئەرلەرگە ھارام قلىغان قەبىھ ئىشلارنىڭ ئۆزىنى ئاياللارغىمۇ ھارام قىلدى.
ئاللاھ تائالا ئەر ۋە ئاياللارنىڭ خىزمەتلىرىنى ئورۇنلىشى ئۈچۈن ئىستىلى ۋە ئىجتىمائى ئەدەب- ئەخلاقلارنى بەلگىلىدى.
مەسىلەن، ئاللاھ تائالا ئاياللارنىڭ ئىپپەتلىك كۆرنىشىگە رىئايە قىلىشنى پەرز قىلدى ۋە يات ئەرلەر بىلەن خالى تۇرۇپ قىلىشنى ھارام قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئىپپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىش ھەرىكەت ياكى خىزمەتلەرنى قىلىشى توغرا بولمايدۇ. شۇنداقلا ئەرلەرنىڭمۇ ئىپپەتلىك يۈرمەيدىغان ئاياللار بىلەن بىر ئورۇندا خىزمەت قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ.
ئەر ۋە ئاياللارغا ئوخشاش قارىتىلغان بۇ چەكلىمە يوقالسا، ئاياللار – سانائەت، يىزائىگلىك ، تىجارەت….. كە ئوخشاش – قانۇنلۇق خىزمەتلەرنى قىلسا بولىدۇ. بىراق خىزمەتلەر ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ تەلىپىنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئۈسسۈشۈپ قالغاندا، قايسى مۇھىم ئورۇندا تۇرسا شۇنى قىلىشتىن ئىبارەت قائىدىگە رىئايە قىلماق لازىم.
بىر قانچە پەرزەنت كۆرگەن ئايال، جەمىيەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە دۈچ كىلىدۇ، بىر ۋاقىتتا ھەممىسىنى كۆتۈرۈپ كىتىشكە قادىر بولالمايدۇ. مەسىلەن: يولدىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش، بەخىت- سائادەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئىچىىش تەرەپتىن تەلەپ قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيلەشتىن تەلەپ قىلىنىدۇ، شۇنداقلا سەۋىيلىك بولۇش ھۆكمى بىلەن ئۆزىگە مۇناسىپ خىزمەت تاللاپ جەمىيەتكە ھەسسە قوشۇش تەرەپتىن تەلەپ قىلىنىدۇ.
ۋاقىت بۇ خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر ۋاقىتتا ئورۇنداشقا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن!.
شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمىنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسىگە رىئايە قىلمىقى لازىم بولىدۇ. ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربيىلەپ چىقىشىقا ھەرىكەت قىلىشى، جەمىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاھىدە ھەسسە قوشقانلىق بولىدۇ. چۈنكى ئائىلىنىڭ ياخشى بولۇشى جەمىيەتنىڭ ياخشى بولۇشىغا ئالاقىدار، ئائىلە بۇزۇلسا، قالايمىقانچىلىق بورانلىرى جەمىيەتنى ۋەيران قىلىۋىتىدۇ.
ئەملىيەت نۇقستىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا، ئاپا بولغۇچى ئائىلە خىزمىتى بىلەن مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائى خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىلىپ مىڭىشتىن ئاجىز كەلسە، مۇھىم ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش قائىدىسىگە ھىرىس بولۇپ ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلىشى زۆرۈر.
ئايال ھەر قانداق ئەھۋالدا ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە بۇزۇلۇش ئامىللىرىدىن ئائىلىنى قوغداشتىن مەسئۇل بولىدۇ. گەرچە بۇ ئىش ئورتاق مەسئۇلىيەت بولسىمۇ، ئاپىلاردىن باشقىلار ئورۇندىيالمايدىغان نازۇك ۋە سەزگۈر ۋەزىپىلەر مەۋجۇت.
تۇرمۇش ئۈچۈن جاپا چكىش، ئاپىلارنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆتەشتىن توسۇپ قويىدىغان چوڭ توسالغۇلاردىن بىرسى بولغانلىقى ئۈچۈن، شەرىئەت بۇ توسالغۇنى ئاياللارنىڭ يولىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئەرلەرگە يۈكلىدى. ئەرلەرنىڭ ئائىلىنىڭ بەخىتى ئۈچۈن ۋە مۇناسىپ تۇرمۇش سەۋىيىگە يىتىشى ئۈچۈن جان چىكىپ خىزمەت قىلىش ۋاجىبتۇر.
بۈگۈنكى غەرب جەمىيتىگە نەزەر تاشلاپ بىقىڭ، قارسىڭىز غەرب جەمىيتىنىڭ، ئائىلىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى تۈپەيلى قانچىلىك بەخىتسىز ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىز!. ئائىلە ئەزالىرى ئارسىدىكى ئالاقىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى، ئالاقىنىڭ ئۈزۈلىشىگە سەۋەب بولدى. چۈنكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىدىن ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ھەر بىرىسى ئۆزى ئۇمىد قىلغان تۇرمۇشىنى ئىزدەيدۇ. ھەر بىر ئەزالارنىڭ باشقىلاردىن ئايرىم ھالدا شەخسى تۇرمۇشى يولىدا يۈگۈرىشى ئائىلە تۇققانچىلىق رىشتىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.
بۈگۈن غەرب ئەللىرى، بىسىمى ئاستىدا ئىڭىراۋاتقان تىراگىدىيەنىڭ سۈرىتى ۋە مەزمۇنى بار. لىكىن ئىككىسىنىڭ ئارسىدا زىددىيەت بار.
ئەمما شەكلى، غەرب ئاياللىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئىقتىسادى مۇستەقىللىقتۇر… بۇ شۇئار بىلەن بۈگۈنكى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى ئالدانماقتا.
ئەمما مەزمۇنى، ئەر ئايال كىشىنى- ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن- ئۆينىڭ سىرتىدا خىزمەت قىلىىشغا- گەرچە بۇ ئىش جاپالىق ئىشلارنىڭ قاينىمىدا ئاياللىقىنى يوقتىشقا ئىلىپ بارسىمۇ- مەجبۇرلاپ بوزەك قىلىشتۇر. ئەر ئايالنى خىزمەت قىلىشقا قىستاپ ئاپىلىق ۋەزىپىسىدىن چىكىنىشكە ۋە ئائىلىىسغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن يىنىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئەگەر ئايال كىشى خىزمەت سەۋەبىدىن ئىچى سىقىلىپ، بۇ زۇلۇمغا ئىتىراز ئىلان قىلغان ۋاقتىدا، ئايال كىشى تالاق قىلىنغان ئاياللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. غەرب ئەللىرىدە مۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ.
ئەمما ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئاياللىق مەملىتىكىتىدە قوغىدىدى، ئاياللارغا بەخىتلىك ئائىلىدە ياخشى بىر ئەزا بولۇشى ئۈچۈن ئەۋزەل يوللارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئاياللىق تەبئىتىگە مۇناسىپ ئىجتىمائى خىزمەتلەر ۋە پايدىلىق ئىشلارغا قاتنىشىقا يول ئىچىپ بەردى.
گىرمانىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى “ ئىستىرفىلار“ خانىمنىڭ دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ بىقىڭ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
“ ئايال كىشىنىڭ ئەرلەرگە ئوخشاش خىزمەتكە چىقىشى، ئايال كىشىنىڭ مۇكەممەل بىر ئائىلىنى يالغۇز كۆمۈۋەتكىنىگە ئوخشايدۇ. گەرچە ئاياللارغا ھەر قايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىش يىرىم ئەسىردىن بۇيان ئوچۇق بولسىمۇ، ھازىرغىچە ، بىر ئايالىنىڭ ئۆمۈر بويى – ئائىلىسىنى تەمىنلەش يۈزسىدىن- ئۆزلىگىدىن ئىختىيار قىلىپ خىزمەت قىلغىننى ئاڭلاپ باقمىدۇق“.
دىمەك، ئاياللار تەبئىتىگە مۇناسىپ خىزمەت قىلىپ، جەمىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشى ۋاجىب. ئەمما خىزمەت قىلىش سەۋەبىدىن ئىتىقادىغا ۋە ئەخلاقىغا تەسىر يەتكۈزۈدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشى لازىم.
2. سىياسى ھوقۇقى:
باشتا، ئىنسان سىرىتقى ئەركىنلىككە ئىگە دىگەن سۆزىمىز، ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىش ئەركىنىلىكىگە مۇناسىپ كەلگىنىدەك، ئاياللارنىڭمۇ سىياسى پائالىيەتلەرگە قاتىنىششىغا مۇناسىپ كىلىدۇ.
”خەلىفىلىك“ تىن ئىبارەت دۆلەت رەئىسلىكىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئىسلام شەرىئىتىدە باشقا سىياسى خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەر ۋە ئايالغا ئوچۇق ۋە دائىرىسى كەڭرى.
( نىمە ئۈچۈن ئاياللارمۇ خەلىفە بولۇپ دۆلەتنىڭ رەئىسى بولۇشتىن مەھرۇم قالغان دىگەن مەسىلىنى ئايرىم تەپسىلى توختۇلۇپ ئۆتىمەن).
دۆلەتنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىمىزدا، باشقا سىياسى ۋەزىپىلەردە ئەرلىك ياكى ئاياللىققا كىرىش ئىغىزى يوق.
مەسىلەن؛ دۆلەتنىڭ رەئىسى، پارلامىنت ئەزالىرى، كىڭەش پالاتىسىغا ئوخشاش ئورگانلارغا سايلىنىدىغانلار – مۇستەبىدلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا- پۇخرالارنىڭ ئاۋاز بىرىشىگە ۋە قوللىشىغا مۇھتاج. ئىسلام دىنىدا قوللاش مەسىلىسى “ بەيئەت“ دەپ ئىپادىلەنگەن.
بەيئەت قىلىش سىياسى خىزمەت قاتارىغا كىرىدۇ، ئۇ دىنى مەجبۇرىيەت ئەمەس. بىراق بۇ “ بەيئەت“ قىلىشتىن ئىبارەت سىياسى خىزمەتنى دىن بۇيرۇيدۇ. بۇ خىزمەتنى ئورۇنلاشتا ئەر ۋە ئاياللار ئورتاق ئورۇن ئالىدۇ.
ئىلگىرى پارلامىنت ئەزالىرى سايلانماي، دۆلەت رەئىسى تەرەپتىن تاللىناتتى. لىكىن دۆلەت خەلققە تاللاش ھوقۇقىنى بەرسە – بۇ شەرئى تەرەپتىن تەشەببۇس قىلىنىدۇ- تاللاش خىزمىتىدە ئەر ۋە ئاياللار ئوخشاش بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا سۈپەتلىرى بىلەن بىرلىكتە- دۆلەتنىڭ رەئىسى ئىدى، بۇ رەئىسقا ئاياللارنىڭ بەيئەت بەرگەنلىكى ناھايىتى مەشھۇر، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ پارلامىنت ئەزالىرىنى تاللاشقا قاتىنىشش ھوقۇقى بار.
ئاياللارنىڭ – قانداق شەكىلدە بولسۇن- كىڭەش مەجلىسىگە قاتىنشىىشى مەسىلىسىگە كەلسەك، دۆلەت – شەرىئەتتە ھۆكۈم كەلمىگەن- ئىجتىھادى ھۆكۈم ۋە قارارلىرىنىڭ ھەممىسىدە كىڭەش قىلىشقا تايىنىش پىرىنسپى شەرئى ۋاجىب ئىش بولۇپ، دىننىڭ مۇستەھكەم ئاساسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
خەلق ئاممىسى ئەر ۋە ئايالدىن تەركىپ تاپىدۇ، كىڭەش ھەققى بولسا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن مۇقىم مەسىلە.
”ھۇدەيبيە“ سۇلھىسىدە رەسۇلۇللاھ ساھابىلارنى قۇربانلىق قىلىپ، بىشڭلارنى چۈشۈرۈپ ئىھرامدىن چىقىپ كىتىڭلار دىگەندە ، ئۇلار سۇلھىگە كۆڭلى رازى بولمغانلىقتىن جىم تۇرۋالىدۇ. ئۇممە سەلىمە خانىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا كىرىپ، يول كۆرسىتىدۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇ خانىمنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۆزى ئاۋۋال قۇربانلىق قىلىپ، ئىھرامدىن چىقىپ كىتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىدە تەجىربىلىك ۋە ھىكمەتلىك تۇرۇپ بىرئايالنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.
ھەزىرتى ئۆمەر قىيىن مەسىللەرگە دۈچ كەلكەندە ياش يىگىتلەرنى چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر ئەقلىدىن پايدىلناتتى ۋە ئاياللاردىن مەسلىھەت سورايدىغان ئىدى. ئۇ كۆپىنچە ھەزىرتى ئائىشىدىن مەسلىھەت تەلەپ قىلاتتى.
ھەزىرتى ئۆمەر، ئۇرۇشقا چىقىپ كەتكەن بىر ئەر ئايالىغا يىقىنلاشماي قانچىلىك چىدىيالايدىغىننى قىزى ھەزىرتى ھەفسىدىن سوراپ، شۇ بويىچە بۇيرۇق چىقارغان ئىدى. كاتتا ساھابىلار ئاياللاردىن كىڭەش تەلەپ قىلشاتتى. ئىسلام دىنىدا ئاياللار كىڭەش ئىشىلىرىدىن يىراق تۇرسۇن دەپ، ئاياللارنى بۇ سىياسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدىغان پەرمان يوق.
ئەمما “ ئاياللاردىن مەسلىھەت سوراپ، ئەكسىنى قىلىڭلار“ دىگەن ھەدىس ئويدۇرما گەپ بولۇپ، شەرىئەتتە ئاساسى يوق قۇرۇق گەپ.
جۇمھۇر ئالىملار ، كىڭەش پەتىۋا بىلەن بىر نۇقتىدا ئۇچىرشىدۇ دەپ قارايدۇ. يەنى كىمنىڭ شەرتلىرى تىپىلىپ پەتىۋا بىرەلىسە، مەسلىھەت كۆرسەتسە بولىدۇ. پەتىۋا بىرىش ئىشى ئەرلەرگە خاس ئىش ئەمەس.
( ماۋرىدىنىڭ : قازىنىڭ ئەدەپ- ئەخلاقى نامىلىق كىتاۋىغا قاراڭ).
كىڭەش قانداق شەكىلدە بولسۇن، پارلامنتنىڭ ئاپراتلىرى تەرەققى قىلىپ كەتسۇن، ئۇ ھەقىقەتكە يىتىشتىكى ھەمكارلىق كۆرنىشلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆرنىشىدۇر.
ئەر- ئايال مۇسۇلمانلار سىرىتقى كۆرنىشى سىياسى، مەزمۇنى تەرەپتىن كۆپىنچە دىنى، ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى بولغان بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىشتا شىرىك.
ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ سايلامچىلارنى سايلىشىنى چەكىلىمىگەن يەردە، ئاياللارنىڭ سايلامغا ئۆزىنى نامزات كۆرسىتىشىنى چەكلەمدۇ؟ خەلققە ۋەكىل بولۇش ئاساسەن ئىككى نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
بىرىنچى: قانۇن ۋە تۈزۈملەرنى يولغا قويۇش،
ئىككىنچى: كۈزتۈش: يەنى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۈزتىش.
قانۇن چىقىرىش مەسىلىسدە ، ئايال كىشى قانۇن چىقىرىش كومتىتىدا خىزمەت قىلىىشنى چەكلەيدىغان پەرمان يوق. چۈنكى قانۇن چىقىرىش جەمىيەتنىڭ ئىھتىياجىنى بىلىشكە مۇھتاج بولىدۇ. جەمىيەتنىڭ نىمىگە مۇھتاجلىقىنى بىلىشتە ئەر ۋە ئايال ئورتاق.
ئەمما ئىجرائىيە ھەيئىتىنى كۈزتۈش مەسىلىسگە كەلسەك، بۇ ئىش ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش قاتارىغا كىرىدۇ. بۇ ئىشتا ئەر- ئايال يەنە ئورتاق. ئۇنداق بولغاندا ئايال كىشى پارلامىنتقا سايلامچى ياكى نامزات بولۇپ كىرسە توغرا بولىدۇ.
*****
مىنىستىرلىككە ئوخشاش سىياسى ۋەزىپىگە قارىتا، پىرىنسىپ ۋە ئىختىساس تەرەپتىن لاياقەتلىك بولۇپ، ئىستىلى جەھەتتە شەرئى ئۆلچەمگە رىئايە قىلالايدىغان ئايال كىشى بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىسە شەرئى تەرەپتىن چەكلەيدىغان نەرسە يوق.
ئەمما :“ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا ئايال كىشىنى مەسئۇل قىلغان كىشى نەتىجە قازنالمايدۇ“ دىگەن ھەدىستىكى چەكىلمە، دۆلەتنىڭ رەئىسلىكىگە خاس مەسىلە. ئۇندىن باشقا سىياسى ۋەزىپىلەر توغرىسىدا چەكلەيدىغان ھۆكۈم كەلگەن ئەمەس. باشقا ۋەزىپىلەر لاياقەتلىك بولۇش شەرتى بىلەن مۇباھ قاتارىغا كىرىدۇ.
خۇلاسە: بۇ ۋەزىپىلەرگە سايلامغا چۈشىدىغان ئايال كىشى، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلالىغىدەك لاياقەتلىك بولۇشى لازىم.
شۇنداقلا، ئەخلاقى ۋە ئىستىلىغا تەسرى كۆرىسىتىدىغان مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالماسلىق كىرەك.
بىزنىڭ بۇ دىگىنىمىز ئىسلام مۇھىتىدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالماڭ!.
ئاياللارنىڭ ئىجتىمائى ھوقۇقى:
ئىجتىمائى ھوقۇقتىن مەقسەت، دىنى ياكى دۇنيالىق تەرەپتە جەمىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خىلمۇ- خىل پائالىيەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئاياللار شەرىئەت بۇيرۇغان ئەدەب- ئەخلاقلارغا رىئايە قىلىسا، ئىجتىمائى پائالىيەتلەردە ئەر ۋە ئايال ئارسىدا پەرق تىپىلمايدۇ.
رەسۇلۇللاھ دەۋرىگە نەزەر تاشلاپ باقايلى:
1. جەمىيەتكە دىنى ۋە دۇنيالىق تەرەپتە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىجتىمائى ياخشىلىقلارنىڭ ئوبرازلىقراقى ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە مەسجىدتە ناماز ئوقۇشقا قاتنىشىدۇر.
رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە مەسجىد ئەرلەرگە خاس قىلىنغان ئەمەس، بەلكى ئاياللارمۇ ئورتاق بولۇپ، مەسجىد ئەر ۋە ئاياللار بىلەن توشۇپ تۇراتتى.
مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىدتە جامائەت نامىزى ئوقۇپ ئۆز- ئارا ئۇچىرشىشى خىلمۇ- خىل پائالىيەتلەرگە قەدەم بىسىشىنىڭ مۇقەددىمىسدۇر.
2. رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە دىننىڭ ھۆكۈملىرى ۋە پىرىنسىپىلىرىنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ئىلىم سورۇنلىرى ۋە مەرىپەت ھالقىللىرى ئەرلەرگە خاس ئەمەس ئىدى. ئاياللار كۆپ ساندا قاتنىشاتتى.
بىلىم ئاشۇرۇش ساھەسىدە ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بەسلەشكەنلىگى، ئاياللارنىڭ تەلىم- تەربىيە ۋە دەرىس ئۈگۈتۈش سورۇنلىرىدا ئولتۇرغانلىقى كۆرۈلدى.
بىر خانىم رەسۇلۇللاھنىڭ قىىشغا كىلىپ:“ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ، ئەرلەر تەلىم- تەربىيە ساھەسىدە ئىلگىرىلەپ كەتتى، بىزگىمۇ ئايرىم بىر كۈن بەلگىلەپ بەرگەن بولىسلا ، سىلدىن بىلىم ئىگلىسەك دىدى، رەسۇلۇللاھ :“ پالانى كۈنى پالانى ۋاقىتتا يىغىلىڭلار دەپ، ئۇلارغا دىننىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۈگۈتۈپ قويغان“. بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسشۇناس زەھەبى: “ ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئاياللارنىڭ بىرەرسىنىڭمۇ يالغان سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات يوق“ دىگەن.
ئىمام شەۋكانى ئيىتقان:“ ئالىملار ئاياللار رىۋايەت قىلغان بىرەر ھەدىسنى ئايال رىۋايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قايتۇرۋەتكەن ئىش مەۋجۇت ئەمەس“.
ئىمام زەھەبى “ ئۇلۇغۇلارنىڭ تەرجىمھالى“ نامىلىق كىتاۋىدا: “ كىشلەرنىڭ ئىلىمىنىڭ ھەممىسى بىلەن ھەزىرتى ئائشىنىڭ ئىلمىنى سىلىشتۇرغاندا، ھەزىرتى ئائىشىنىڭ ئىلمى كەڭرەك“ دىگەن.
يىقىنقى بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان ئاياللارنىڭ بىلىم- ئىگلەش ئەھۋالى ناچار بولغان. بەزىلەر، ئايال كىشى بىلىم ئاشۇرۇش سورۇنلىرىغا قاتناشسا بولمايدۇ، ئاياللارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى داداىسى ۋە يولدىشى ھەل قىلىدۇ دەپ گۇمان قىلىشىدۇ. قىزنىڭ دادىسى ياكى يولدىشى ساۋاتسىز ياكى نادان بولۇپ قالسا، قىزلار بىلىم نۇرىدىن ۋە ھايات چۈشەنچىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
3. ھەر خىل مۇناسىۋەتتىكى يىغلىشلىرى، توي سورۇنلىرى…. غا قاتىنىشىش:
ئاياللار يات ئەرلەردىن نىرى تۇرۇشى كىرەك، ھىجاب پەرز دەپ ئاڭىلغان كىشلەر ، مۇسۇلمان خانىملارنى رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە ئۆيىلىرىگە سولۇنۇپ ئولتۇراتتى، ھەر خىل سورۇنلار ئەرلەرگە خاس ئىدى دەپ خىيال قىلىپ قالىدۇ.
رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە ئاياللار ئەدەپ- ئەخلاق ئىچىدە جەمىيەت ۋە ھەر خىل يىغىلىشلاردا كۆرۈنەتتى، ئادا قىلالايدىغان ئىشلارنى- پايدىلىق ئىشلار بولسىلا – بىجىرىدىغان ئىدى. خانىملار ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ، سىستىرالىق خىزمەتلىرىنى ئۆتەيتتى، ۋاقتى كىلىپ قالسا قولىغا قورال ئىلىپ جەڭ قىلاتتى.
4. ئاياللارنىڭ ھۈنەر- كەسىپ، سانائەت ۋە ھەر تۈرلۈك ماھارەتلەرگە قاتىنىشى:
ھۈنەر – كەسىپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۈرلۈك ماھارەتلەر ئىسلامنىڭ گۈللەنگەن قايسى دەۋرىدە بولسۇن ئەرلەرگە خاس قىلىنىپ، ئاياللار مەھرۇم قالغان ئىش يوق. ئىسلام گۈللەنگەن دەۋىردە مۇسۇلمان خانىملارنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ ئىدى.
خانىملار ئىلىم- سىتىم ئىشىلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئۆزى خالىغان ماھارەتلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى، قولايلىق بولغان قول- ھۈنەرۋرەنچىلىك كەسىپلىرىگە قاتنىشاتتى.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئايالى ھۈنەرۋەن ئايال ئىدى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قىشىغا كىلىپ: يولدىشىمنىڭ تۈزۈك مال – مۈلىكى يوق، مەن ئۇنىڭغا نەپىقە بەرسەم ( يەنى ئۇنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالسام) قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ : “ سەن بۇ ئىشىڭ بىلەن ساۋابقا ئىرشىسەن “ دىگەن. ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
تونۇشلۇق ساھابە “ ئۇممۇ شەرىك“ خانىم ئۆيىنى مىھمانخانا قىلغان ئىدى، مۇھاجىرلار ۋە باشقىلار بۇ ئۆيگە مۇساپىر بولۇپ قونىشاتتى.
سۆزلەپ كەلسەك مىساللار ناھايىتى كۆپ. ئۇنداقتا ئىسلام دىنى ئىجتىمائى خىزمەت دەرۋازىسىنى بىردەك ئەر ۋە ئاياللارغا ئوخشاش ئىچىۋەتكەن، ئەرلەرنى كەڭرى قويۇپ بىرىپ، ئاياللارنى سىققان ئىش مەۋجۇت ئەمەس.
ئىسلام تۈزۈمى ئاياللارنىڭ ئىھتىياجىغا كىپىل بولدى. ئۇنىڭدىن سىرىت ئىجتىمائى خىزمەتلەر ۋە پائالىيەتلەرنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىش ياكى قىلماسلىق ئىختىيارى، يولدىشىنىڭ خىزمەت قىلىشقا زورلاش ھەققى بولمايدۇ. خىزمەت قىلىپ قالسا ئۆزىگە مۇناسىپ خىزمەت تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە.
2003- 12- 30 كۈنى
ئىسلام نۇرلۇق شەھىرى.