«ئۆلكە ئاتلاپ قوغلاپ تۇتۇش»نى يەنە كۆردۇق

جياڭسۇنىڭ سۇينىڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە كېلىپ ئىشلەۋاتقان گاۋ گولوڭ يېقىندا «ئۆلكە ئاتلاپ قوغلاپ تۇتۇش»قا ئۇچراپ قاپتۇ. قوغلاپ تۇتۇشنىڭ سەۋەبى گاۋ ئەپەندى توردا يازما يوللاپ، سۇينىڭ ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا خىزمىتىنى تەنقىت قىلغانلىقى بوپتۇ. ئىككى سودىيە باشچىلىقىدىكى بىر ئەترەت گاۋ ئەپەندىنى شاڭخەيدە تۇتۇپ، سۇينىڭ ناھىيەسىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. سۇينىڭ ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى گاۋ ئەپەندىگە باشقىلارغا تۆھمەت قىلدىڭ دېگەن ئاساس بىلەن، 15 كۈن قاماپ قويۇش، 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىپتۇ. سۇينىڭ ناھىيەلىك پارتكومدىكى بىر ئەربابنىڭ دېيىشىچە، سۇينىڭ ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى توردا مۇھاكىمە قىلىشقا كەڭ يول ئېچىپ، ئەمەلدارلارنىڭ ئىستىلىنى تۈزەپتۇ. يەنە تېخى ئەل-ئاۋام ئىچىدىكى كەيپىياتنى يىتەكلەشكە بەك دىققەت قىلىپتۇ. گاۋ ئەپەندىنى قاماپ قويۇشمۇ ئەل-ئاۋامنى راست گەپ قىلىشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. («جەنۇب شەھەر گېزىتى»نىڭ 2011-يىلى 25-ئاۋغۇست سانى)
سۇينىڭ ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن شۇنى سورىغۇمىز كېلىۋاتىدۇ: سىلەر دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئەل-ئاۋامنىڭ تەنقىت ۋە نازارەت قىلىشىنى چەكلىسەڭلار، ئاۋام قانداقمۇ راست گەپ قىلالىسۇن؟ بۇ قىلغىنىڭلار ئاۋامنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قەسىدە-مەدھىيە ئوقۇ دېگەنلىك بولمامدۇ؟
قۇلاققا ياقىدىغان گەپنى قىلىڭلار، قۇلاققا ياقمايدىغان گەپنى قىلماڭلار دېگەنلىكقۇ بۇ. سۇينىڭ ناھىيەسىنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ ئىستىلىنى تۈزەپ ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىدىن قارىغاندا، ئەل-ئاۋامنى راست گەپ قىلىشقا يېتەكلەشتىكى مەقسەت-مۇددىئاسى ئەل-ئاۋامنىڭ ئۇلار ئۈچۈن مەدھىيە-قەسىدە ئوقۇپ، رەھمەت-تەشەككۈر سادالىرىنى ياغدۇرىۋېتىشىنى كۆزلىگەندەك تۇرىدۇ.
سۇينىڭ ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ھوقۇق بېرىپ، «ئۆلكە ئاتلاپ قوغلاپ تۇتۇشى» ئادەمنى مۇنداق ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن: بۇ- جامائەت تەرتىپىنى قوغداش ئەمەس، بەلكى ھوقۇقىنى سۈيئىستىمال قىلىپ شەخسىي ئۆچىنى ئېلىۋېلىشتۇر. گاۋ ئەپەندى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا خىزمىتىنى تەنقىت قىلىۋىدى، ئۇلارنىڭ يۈزى تۆكۈلۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، سوت مەھكىمىسى ئەدلىيەدىن ئىبارەت بۆرە تېرىسىنى كېيىۋېلىپ، نازارەت قىلغۇچىنىڭ ئەدىبىنى بەردى. ئەمەل-ھوقۇق ۋە ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىدىغان ئەل-ئاۋام «ئۆلكە ئاتلاپ قوغلاپ تۇتۇش» ئۇچراپ قېلىشتىن، ۋەھىمىدىن خالى بولمىقى دەركاردۇر. تۆھمەت قىلىش جىنايىتىنى ئەرز قىلمىسا سۈرۈشتۈرمەسلىك كېرەك. ھوقۇقلۇق ئورگانلار ھە دېگەندىلا تۆھمەت قىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ، تەنقىت قىلغۇچىنى تىلى تۇتۇلۇش ئاقىۋىتىگە دۇچار قىلماسلىقى كېرەك.
ئۇنداق بولمايدىكەن، «ئۆلكە ئاتلاپ قوغلاپ تۇتۇش» سەۋەبىدىن، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكمۇ ئاقماس ئىش بولۇپ قالىدۇ.
بۇ يازما «جەنۇب يېزىلىرى گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 30-ئاۋغۇست سانىغا بېسىلغان.
توردىكى مەنبە: جەنۇب گېزىتچىلىك تورى.
نوشىرۋان تەرجىمە قىلدى.
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=403