باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1231 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قۇربان ھېيتى بىزدىن زادى قانداق روھنى تەلەپ قىلىدۇ؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8228
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
ئۆسۈش: 280 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-20
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 11:58

قۇربان ھېيتى بىزدىن زادى قانداق روھنى تەلەپ قىلىدۇ؟

ئالدى بىلەن بىز ھەممىمىزنى ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈنلا مۇنبەرگە جەم بولۇشقا ۋە قۇربان ھىيتنى تەبرىكلەشتەك مۇشۇ مۇبارەك سائەتلەرنى بىرگە ئۆتكۈزىشكە مۇيەسسەر قىلغان ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ھەددى - ھېسابسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن ھەمدە ھەق ئۈچۈن قۇربان بېرىشنىڭ زادى نېمىلىكىنى ئۆز ئەمەلىي سۈننەتلىرى بىلەن بىزگە ئۆگەتكەن پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تۇمەنمىڭلاپ دۇرۇد - سالاملار بولسۇن، ئاندىن ھەممىڭلارنىڭ كىلىۋاتقان ئۇلۇغ ئايەم كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ مەنىۋىي ماھىيىتى بولىدۇ. ماھىيىتى چۈشىنىلمەي ئورۇندالغان ئىش ماھىيەتتە ئۇرۇندالمىغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ. شۇڭا بىز بۈگۈن قۇربان ھېيتنى مۇبارەكلەشنى كۇتۇۋاتقان ئىكەنمىز، چوقۇم ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەنىۋىي ماھىيىتىنى ياخشى چۈشىنىۋېلىشىمىز لازىم.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئىسلام دىنىمىزدا روزا ھىيت ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت ئىككىلا بايرام مەۋجۇت بولۇپ، بۇلار قانداقتۇر باشقا دىنلارنىڭ قۇتلۇق كۈنلىرىگە ئوخشاش، بىرەر تارىخىي ۋەقەگە ياكى بىرەر تارىخىي شەخسنىڭ تۇغۇلغان، ۋاپات بولغان كۈنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولمايدۇ. بەلكى پەقەتلا ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا باغلىنىشلىق بولىدۇ. روزا ھېيتنى نېمە ئۈچۈن مۇبارەكلەيدىغانلىقىمىزنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز، ئەمما قۇربان ھېيتنىچۇ؟! بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ياشىنىپ قالغان تۇرۇقلۇقمۇ، قولىغا، قول پۇتىغا پۇت بولىدىغان جاندىنمۇ ئەزىز ئارزۇلۇق بىرلا ئوغلىنى، جۈملىدىن دۇنيادىكى بىردىن - بىر تايانچىنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بېجا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا قۇربانلىق قىلماقچى بولغان ئەشۇ پىداكارانە روھىغا قارىشىمىز لازىم. ئاندىن ياراملىق ئوغلىنىڭمۇ ”ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن“ دەپ قىلچە ئىككىلەنمەستىن، جاۋاپ بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت مانا بۇ ئىمان، ساداقەتنىڭ ھەممىنى لەرزىگە سالغۇچ تەسىرلىك مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىشىمىز لازىم. ئەنە شۇ چاغدىلا شۇنى بىلىپ يېتەلەيمىزكى، قۇربان ھېيتنى مۇبارەكلەش ماھىيەتتە ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن مۆئمىننىڭ قەلبىدە دائىم جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان جاننى قۇربان قىلىش ئىشتىياقىنىڭ قوبۇللۇق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغانلىقىنى قۇتلۇقلىغانلىق بولىدۇ شۇنداقلا ئەشۇ ئوتلۇق ئىشتىياققا تەسكىن بولسۇن ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پادىنى قۇربان قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى قۇتلىغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە قۇربانلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ئوقۇش ئۈچۈن ئۇگەتكەن تۆۋەندىكى دۇئامۇ بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ روشەن تەپسىرلەپ بېرىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بارلىق مۇسۇلمانلار قۇربانلىققا پىچاق سۈرۈشتىن ئىلگىرى:“مەن پۈتۈن ئىخلاس بىلەن ھەممە تەرەپتىن بۇرۇلۇپ، زېمىن ئاسمانلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىمغا يۈزلەندىم. مەن ھەرگىزمۇ شىرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەسمەن. شەكسىزكى، مىنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ھەممىسى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۈر. ئۇنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر، مەن ئىتائەتمەن مۇسۇلمان (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە تۇلۇق بويسۇنغۇچى) بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. ئى ئاللاھ! مانا بۇمۇ سەن ئۈچۈن ھازىردۇر ۋە سېنىڭ ئاتا قىلغىنىڭدۇر“ دېگەن دۇئانى ئوقۇيدۇ. ئاندىن ئاجايىپ بىر ئىخلاسمەنلىك كەيپىياتىغا چۆمۈلگەن ھالدا ئىتتىك پىچاق بىلەن مالنى بوغۇزلاشتىن ئىلگىرى: ”بسم اﷲ اﷲ أكبر، ”ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىدىن كاتتا، ئىي ئاللاھىم! بۇ قۇربانلىقىمنى خۇددى دوستۇڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەبىبىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلغىن“ دەپ دۇئا قىلىدۇ.
بۇ دۇئانى قىلىش بىلەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ماھىيەتتە ”ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى! مانا بىز سېنىڭ مۇسۇلمانلىرىڭ (يەنى مۇكەممەل ئىتائەت قىلغۇچىلىرىڭ)، ساڭا بارلىقىمىز بىلەن بوي سۇنۇش بىزنىڭ تۇتقان يولىمىز، بىز ساڭا ساداقەتمەنلىكىمىزنى جاكارلىماقتىمىز، سىنىڭ رىزالىقىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ پىشىۋايىمىز ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بوينىمىزنى تىغقا تۇتۇپ بېرەلەيمىز. ئى مېھرىبان پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۈزۇڭ بۇ سۈننەتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدىڭ، شۇڭا بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭكىنى ئەمەس، پادىلىرىمىزنىڭ قېنىنى ئېقىتىش ئارقىلىق جېنىمىزنى رىزالىقىڭ ئۈچۈن قۇربان قىلىش ئىشتىياقىمىزغا تەسكىنلىك بەرمەكتىمىز. ھالبۇكى، بىزنىڭ بارلىقىمىز سىنىڭ ئۈچۈندۇر، ئەگەر بىرلا ئىما قىلىدىغان بولساڭ، دىنىڭنىڭ يولىدا ھەر زامان بوينىمىزنى كەستۈرىشكە تەييارمىز، مانا بىزمۇ ھەم بارلىقىمىزمۇ سىنىڭ ئۈچۈندۇر. بىز ھەقىقەتەنمۇ ۋاپادار، جانپىدا بەندىلىرىڭ بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمىز، پۈتۈن ۋجۇدىمىز بىلەن ئۇلارغا چىن ئەقىدە قىلىمىز“ دەپ ئەھدە قىلىدۇ. جۈملىدىن ئاللاھقا بولغان پىداكارلىقىنى ئەنە شۇنداق ئىزھار قىلىدۇ.
دەرھەقىقەت، قۇربان ھېيتنىڭ روھى ھەم بىردىن بىر مەقسىتى مانا مۇشىنىڭدىنلا ئىبارەتتۇر. ناۋادا بۇنداق ھېس، بۇنداق غايە بۇنداق ئىرادىمىز بولمىسا، پەقەتلا پادىلارنىڭ قېنىنى ئېقىتىپ قويۇش ياكى گۆش يېيىش ۋە تەقسىملەش بىلەن ھەرگىزمۇ ھەقىقىي قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىيەلىگەن بولۇپ ھېسابلانمايمىز. بەلكى ئەكسىچە ھەر يىلى بىر قېتىم گۆش بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، ”بىز قۇربان ھېيتنى قۇتلۇقلىدۇق“ دېگەن ساختا داۋايىمىز بىلەن ئېغىزىمىزنى تاتلىق ئېتىپ يۈرگەن بولىمىز. كەرەملىك ئاللاھ تائالادىن بۇ ئۇلۇغ قۇربان ھېيت كۈنلىرىنى ئۇنىڭ تەلىپىگە لايىق قۇربان بېرىش روھىغا چۆمۈلگەن ھالدا ئۆتكۈزىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز. ۋە شۇنداقلا جانابى ئاللاھ تائالادىن، قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ چىرايىدا داۋاملىق تەبەسسۇم كۇلكىسىنىڭ جەۋلان قىلىشىنى سورايمىز.
 
مەنبەسى : دارۇل ئىسلام تورى

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9320
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2011-11-04

ئاللاھ رھمەت قلسۇن
دوستلىشىش
مەرىپەت
ئىنساننىڭ تۈپ ئاساسىي ھۇقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمە ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7488
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 125
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە125دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1250 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2012-03-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 16:10

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
ھېيتنىڭ يېقىنلاشقىنىدا بەك ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ
ئاللاھ ئەجرىنى بەرسۇن
ئاللا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتى
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1546
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1546دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16128 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-26
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 18:19

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم.
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9426
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 31
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە31دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2011-10-28
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 22:06

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 611
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە611دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6913 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-25
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-29 01:34

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم سىزنىڭمۇ ئۇللۇغ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ،ياخىشى تىمىڭىزگە ئۇللۇغ ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن،
دوستلىشىش
مەرفۇئە
ئاللاھ   ھەممىمىزنى   ھىدايەت   قى ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9302
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 84
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 805 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2012-02-09
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-30 00:15

      ئاللاھ   ئەجرىڭىزنى  بەرسۇن    قىرىندىشىم
مەرفۇئە  دىن  پۇتۇن  قىرىنداشلارغا   ئاللاھ نىڭ  سالامى  بۇلسۇن!