ۋاقىت پەرقى دېگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى ساختا.
11- ئاينىڭ 6- كۈنى قۇربان ھېيت كىرىدىغانلىقى ئىنتايىن ئېنىق.
مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۇزۇندىن بېرى تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن.
خەنزۇلارنىڭ دېھقانلار كالىندارى بىزنىڭ ھجىرىيە كالىندارىمىزغا ئوخشاش ئاي كالىندارى بولۇپ،
ئۇلارنىڭ كالىندارىدا 11- ئاينىڭ 6- كۈنى قەمەرىيە ئېيىنىڭ 11- كۈنى بولىدىكەن. ئىشەنمىسەڭلار تېلىفۇنۇڭلاردىكى دېھقانلار كالىندارىغا قاراپ بېقىڭلار. بۇ بىزنىڭ ھىجىرىيە كالىندارىمىزدىكى قەمەرىيە ئېيىنىڭ 10- كۈنىگە تەڭداش كېلىدۇ.
نىمىشقا تەڭداش كېلىدۇ، دەمسىلەر؟
چۈنكى، ئۇلارنىڭ كالىندارىدا بۈگۈن كەچتە بىر كۈنلۈك ئاي چىقماقچى بولسا بۈگۈننى ئاينىڭ 1- كۈنى دەپ ھېسابلايدۇ، بىزنىڭ كالىندارىمىزدا بۈگۈن كەچتە بىر كۈنلۈك ئاي چىقسا ئەتىكى كۈننى ئاينىڭ 1- كۈنى دەپ ھېسابلايمىز. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنىڭ كالىندارىدا ئاينىڭ 11- كۈنى بولغاندا بىزنىڭ كالىندارىمىزدا ئاينىڭ 10- كۈنى بولىدۇ.
مەن رامىزان، روزا ھېيت، قۇربان ھېيتلارنى بۇلارنىڭ كالىندارىغا سېلىشتۇرىۋاتقىلى بىر نەچچە يىل بولدى. يۇقىرىدىكى بويىچە ھېسابلىغاندا ھەر قېتىم سەئۇدىي ئەرەبىستانى ئۇقتۇرۇش قىلغان كۈن بىلەن بۇلارنىڭ كالىندارى ئوخشاش چىقىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەمما، نىمىشقىكىن، ئۇلار بىزنىڭ ھېيت بايراملىرىمىزنى بىكىتىشتە قۇياش كالىندارىنى ئاساس قىلىۋېلىپ كۆپ قىسىم ۋاقىتتا بىر كۈن كەينىدە قىلغۇزىۋاتىدۇ.