باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 946 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاتۇشتىكى «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى»
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3083
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 104
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە104دانە
ئۆسۈش: 700 %
مۇنبەر پۇلى: 1113 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2012-04-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 00:02

ئاتۇشتىكى «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى»

ئاتۇشتىكى «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى»ھەققىدە تەتقىقات
(ئاپتۇرى كىن)
قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ۋە ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت ئورۇنلىرى «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى»غا مۇنداق ئىزاھات بەرگەن: «باچاڭ  تاغ  تىزمىسىنىڭ  شەرقىي  باغرىغا  جايلاشقان  بۇ  قەدىمىي  مەدەنىيەت  يادىكارلىقى  پۈتۈن  ئاتۇش ، ھەتتاكى ، پۈتۈن  ئوبلاست بويىچە  ھازىرغا  قەدەر  ساقلىنىپ كەلگەن  بىردىنبىر  خەن    دەۋرىگە  ئائىت ، سودا  كارۋانلىرىنى  قوغدايدىغان  لەشكىرىي  قاراۋۇلخانا.  ئۇ   ھەم     ئۇچۇر   يەتكۈزۈدىغان  مۇھىم  ئۆتەڭلىك  رولىنىمۇ  ئۆتەپ  كەلگەن. ھازىر  ساقلىنىپ قالغان  بۇ  بىر  يۈرۈش  قۇرۇلۇشنىڭ  بىر  قىسمى  لاي  بىلەن  قوپۇرۇلغان  بولۇپ،  قاراۋۇلخانا  ئېللىپىسسىمان  شەكىلدە،  كۆلىمى 10  كۇۋادرات  مېتر،  ئېگىزلىكى  8~9  مېتر.  ئىلگىرى بۇ  ئەتراپتىن    خەن ، تاڭ  دەۋرىگە  ئائىت  تەڭگىلەر،  ساپال  پارچىلىرى  ۋە  تۆمۈر ، مىس  بۇيۇملار  تېپىلغان. قەدىمقى  يىپەك  يولىدىكى  بۇ  قاراۋۇلخانا شەھەر  دەرىجىلىك  قوغدىلىدىغان  ئورۇن  ھېسابلىنىدۇ.»
ئەمەلىيەتتە، مەزكۇر ئورۇننى باچاڭدىكى يەرلىك خەلق ئەجدادىدىن ئەۋلادىغىچە «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى» دېمەستىن «دۇلدۇرۇقۇم» (دۇلدۇل ئوقۇرى) نامىدا ئاتاپ كەلگەن. بۇ ئورۇننىڭ «دۇلدۇرۇقۇم» دەپ ئاتىلىشىدا مۇنداق بىر تارىخىي رىۋايەتنى باشباچاڭ كەنتى بىرىنچى مەھەللىدىن بورتالا موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستىغا كۆچۈپ چىقىپ، تاڭنۇر كەنتىگە ئورۇنلىشىپ قالغان، خەلق رىۋايەتلىرىنى سۆزلەشكە ماھىر سەمەت ياسىننىڭ 2008-يىلى مۇنداق سۆزلەپ بەرگەنلىكى ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە:
«زاماننىڭ زامانىسىدا سۇغۇنچوڭ دىگەن بىر ئەجدادىمىز ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ئانا ئېمىپ، كالا ئېمىپ چوڭ بولغاچقا، بېلىگە بەلۋاغ يەتمەي، پۇتىغا ئۆتۈك پاتماي، تۆت ياشلىق بۇقىدەك يېتىلىپتۇ.  باتۇرلۇقىغا ھېچ نېمە توغرا كەلمەيدىكەنكى، ھەتتا ئېيىقنىمۇ بوي سۇندۇرالايدىكەن. سۇغۇنچوڭنىڭ بۇنداق دېۋىدەك بەستىدىن زوقلانغان ئانىسى ئۇنى ئۆز قەۋمىنىڭ پاسىبانى بولۇشقا ئۈندەپتۇ. ئانىسىنىڭ رايىنى قايتۇرالمىغان ئوغۇل ئۆز قەۋمىنىڭ پاسىبانىنى تاللاشتا مۇنداق تۆت شەرت قويۇپتۇ: كىم ياۋا ئات تۇتۇپ ،ئۈچ كۈن ئىچىدە مىنەلىسە؛ ئۈچ ئاي ئىچىدە ياۋا تۆگىنى كۆندۈرەلىسە؛ بىريىلدا ياۋا بۆرىنى كۆندۈرۈپ، ئۇنى ئوۋغا سالالىسا؛ بىر ئاش پىشىمدا بىر كۈنلۈك يولغا خەۋەر يەتكۈزەلىسە ،شۇ كىشى قەۋىمگە پاسىبان بولسۇن دەپتۇ. قەۋمى ئىچىدە سۇغۇنچوڭ بىلەن كۈچ ۋە پەم-پاراسەتتە بەسلىشەلىگۈدەك 1000 پالۋان يىگىت يۇقۇرىقى تۆت شەرتنى ئورۇنداپ باسىبان بولۇش سىنىقىغا ئاتلىنىپتۇ. بىرىنچى شەرتنى ئورۇنداش ئۈچۈن پالۋانلار ئورمان ۋە يايلاق تامان كېزىپ يۈرۈپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە 300 ئايغىر تۇتۇپ كېلىپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئات مىنىش باشلانغاندا، بىرىنچى كۈنى ئات تۇتۇپ كېلەلىگەن 99 ئەزىمەت ئاتنى ئىككى كۈن ئىچىدە كۆندۈرىۋالغاچقا ،بىمالال مىنىپ كېتەلەپتۇ. قالغان 201 ئەزىمەت ئاتلىرىنى كۆندۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەچكە، ئاتتىن موللاق ئېتىپتۇ. ياۋا تۆگىنى كۆندۈرۈش قىيىن بولسىمۇ، ئىككىنچى شەرتتىنمۇ 72 ئەزىمەت ئوڭۈشلۇق ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئۈچىنچى شەرتتىكى بۆرىنى كۆندۈرۈش ئىنتايىن قىيىن بولغاچقا، 30 ئەزىمەت بۆرە بالىسىنى پەپىلەپ بېقىپ، ئاران كۆندۈرۈپتۇ. ئوۋ ئوۋلىتىشقا كەلگەندە ھەممە بۆرە ئوۋ ئوۋلاپتۇ-يۇ، لېكىن ئىككىنچىلەپ ئېگىسى يېنىغا قايتىپ كەلمەپتۇ. پەقەت سۇغۇنچوڭنىڭ بۆرىسىلا ئوۋنى كۆتۈرۈپ ،ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەپتۇ. ئەسلىدە سۇغۇنچوڭ بۆرە بالىسىنى ئۆزىگە سادىق قىلىپ كۆندۈرۈشتە بۆرە كۈچىكىنىڭ ئانىسىنى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى ئۆزىگە يېپىنچا قىلىپ، بىر يىل بېقىپتۇ، ئانىسىنىڭ ھىدى سۇغۇنچوڭنىڭ بەدىنىدىن كەتمىگەچكە، بۆرە بالىسى ئۇنى ئانا بۆرە دەپ چاغلاپ، ئەتراپىدا ئايلىنىپلا يۈرىدىكەن. تۆتىنچى شەرتنى سۇغۇنچوڭ ئۆزى يالغۇز ئورۇنلاشقا توغرا كەپتۇ. ھەممە كىشى ھەتتا ئانىسىمۇ بىر كۈنلۈك يولغا بىر ئاش پىشىمدا خەۋەر بېرىشكە دەرگۇماندا بولۇپ تۇرغان پەيتتە، سۇغۇنچوڭ ئېگىز بىر دوڭگە چىقىپ ئوت يېقىپ، ھايۋان تېزىكىنى تۈتۈنلەتكەن ئىكەن، شۇئانلا قارشى تەرەپتىن ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن بەلگە بېرىپتۇ. كۆرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ ھەيران بولۇپ، سەۋەبىنى سورىغان ئىكەن، سۇغۇنچوڭ « قەۋمىمىز ياۋلارنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىغاندا ئەتراپقا ۋە قېرىنداش قەۋىملەرگە خەۋەر قىلىپ ھەمكارلىشىپ قوغدىنىشنىڭ ئەپلىك ئۇسۇلى مۇشۇ، بەلگە بېرىلگەن ھامان ھەممىمىز ئورنىمىزدىن دەس ‹تۇر›ىشىمىز كېرەك. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ‹تۇر› دەپ ئاتىدىم، دەپتۇ. كۈچ بىلەن ئەقىل-پاراسەت بىرلەشكەن بۇنداق ئىنسانغا كىممۇ قايىل بولماي تۇرالىسۇن... ئاخىرى ئۇ راستتىنلا ئۆز قەۋمىنىڭ ھەقىقىي پاسىبانىغا ئايلىنىپتۇ... شۇ كۈندىن باشلاپ سۇغۇنچوڭ ئاتنى، تۆگىنى ۋە بۆرىنى ئايرىلماس دوست تۇتقان ئىكەن، باشقا كىشىلەرمۇ، ھەتتا خوشنا قەۋىم كىشىلىرىمۇ بۇ ئۈچ ھايۋاننى دوست تۇتۇشقا باشلاپتۇ... شۇنىڭدىن بېرى تۆگە يىغىلسا كارۋان، بۆرە يىغىلسا ئوۋ، ئات يىغىلسا يېڭىلمەس قوشۇن پەيدا بولۇپتۇ...»
«سۇغۇنچوڭ دەسلەپكى كۆندۈرگەن ئايغىرنى ئوۋغا، سەپەرگە ۋە جەڭگە چىققاندا مىنىپ ،ئۇنى گەپ ئاڭلايدىغان دۇلدۇلغا ئايلاندۇرۇپتۇ. ھەرقانداق جىددىي پەيتتە دۇمباق چېلىنسىلا، دۇلدۇل ئۇنىڭ ئالدىدا دەل ۋاقتىدا پەيدا بولىدىكەن... پەلەكنىڭ چاقى ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈپ شۇنداق بىر زامانلار كەپتۇكى، قۇمالتاغدىكى ‹تۇر›نىڭ تۈتۈن بەلگىسى كۆرۈنگەن ھامان ياۋ قوشۇنىنىڭ دەھشەتلىك چاڭ-توزاڭ كۆلەڭگىسى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانمىش... سۇغۇنچوڭ جىددىي جەڭگە كىرىش ئۈچۈن، بىر قېتىم دۇمباق چالدۇرۇپتۇ، ئىككى قېتىم دۇمباق چالدۇرۇپتۇ. دۇلدۇل تېخىچە قايتىپ كەلمىگۈدەك، ئوت-چۆپ قوغلىشىپ، يىراقلاپ كەتكەن دۇلدۇل ئۈچىنچى قېتىملىق دۇمباق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاران جەڭگە ئۈلگۈرۈپ قايتىپ كەپتۇ... بۇ ئىشقا قاتتىق ئاچچىقلانغان سۇغۇنچوڭ ‹دۇلدۇلنى تويغۇزالمىغان بۇ يايلاق قۇرۇپ كەتسۇن، ئىلاھىم› دەپ، بۇ زىمىنغا لەنەت ئوقۇغان ئىكەن... ئۇ شۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا نۇسرەت قازانغان بولسىمۇ، جەڭگە كېچىكىپ كىرگەچكە ،ئۆز قەۋمىدىن نۇرغۇنلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ. ئۇ بۇ ئىبرەتنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارماسلىق ئۈچۈن، قۇربان بولغانلارنى كۈن چىقىش تەرەپتىكى جىلغا ئەتراپىغا دەپنە قىلىپ، جىلغىنىڭ نامىنى ‹ھاڭراي جىلغىسى› دەپ ئاتاپ،‹ھاڭراي›غا ئازاپ-ئوقۇبەت، يىغا-زارە، ئاھ ئۇرۇش مەناسىنى بىشارەت قىلىپتۇ. كۈن پېتىش تەرەپتىن كەلگەن ياۋ جەڭدە يېڭىلىپ، بۇ جايغا ئىككىنچىلەپ قەدەم باسماسلىق ئۈچۈن، كۈن پېتىش تەرەپتىكى جىلغىنى ‹تاراقلىما جىلغىسى› دەپ ئاتاپ،‹تاراقلىما›غا ئاگاھ بولۇش، ئېھتىيات قىلىش، ئاۋاز چىقارماي ۋە شەپە چىقارماي مېڭىش مەناسىنى بىشارەت قىلىپتۇ.  ئۇرۇشتىن كېيىن سۇغۇنچوڭ يەنە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان جەڭگە كېچىكىپ قالماسلىق، دۇلدۇلىنىڭ تېخىمۇ يىراقلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، قەلئە يېنىغىلا بىر ئوقۇر سالدۇرۇپ، ئۇنى ‹دۇلدۇرۇقۇم› (دۇلدۇل ئوقۇرى) دەپ ئاتاپتۇ...»
يۇقۇرقى «دۇلدۇرۇقۇم» رىۋايىتىنى باشباچاڭ كەنت بىرىنچى مەھەللىدىكى ئالتە كىشى ئېنىق بىلىدىغان بولۇپ، سەمەت ياسىن بىلەن ئۇنىڭ ئاتىسى ياسىن رېھىم رىۋايەتتىكى باش قەھرىماننى «سۇغۇنچوڭ» دەپ سۆزلەيدىكەن. ئابدىراخمان روزىنىڭ دادىسى روزى، 90 ياشلىق ھوشۇخان ئېزىز، ئابدۇرېھىم ئەيسا ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يايلاق ئىدارىسىدىكى ئۈسەن ھوشۇر قاتارلىق تۆت كىشى رىۋايەتتىكى باش قەھرىماننى«ھەزرىتى ئەلى»، «دۇلدۇل»نى ھەزرىتى ئەلىنىڭ دۇلدۇلى دەپ سۆزلەيدىكەن. ئەرەپ مىللىتىنىڭ تارىخىي قەھرىمانى مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھىۋەسسەللەمنىڭ تۆت چارىيالىرىنىڭ بىرى، خەلىپە ھەزرىتى ئەلىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق تارىخىي ئۇچۇر بولمىغاچقا، رېۋايەتتىكى قەھرىماننى «ھەزرىتى ئەلى» دەپ ئېلىشنىڭ مەنتىقىسىزلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، بىرىنچى تەرىزدە سۆزلىنىدىغان رېۋايەتنى خاتىرىگە ئالدۇق. قانداقلا بولمىسۇن ھەر ئىككى خىل تەرىزدە سۆزلىنىدىغان بۇ رېۋايەتتە ‹دۇلدۇرۇقۇم› مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىزاھات بەرگىنىگە ئوخشاش «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى» («دۇلدۇرۇقۇم») تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىدا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەرقايسى سولالىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان ھاكىمىيەت جەھەتتىكى باشقۇرىشى ئەمەلگە ئاشقان ۋاقىتلاردا، تېخىمۇ كونكىرېت ئېيتقاندا، يۇەن، مىڭ، چىڭ دەۋرلىرىدە ھەمدە ئازاتلىقتىن ئىلگىرى گومىنداڭنىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللىرىدە قاراۋۇلخانا بولغانلىقى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. بىراق بۇ جايدىن تېپىلىۋاتقان ئالتۇن يالىتىلغان ھەيكەل پارچىسى، بۇددا ھەيكەللىرى، بۇددا قاپارتما ھەيكەل، تۇخرىچە يېزىق، پۈرمە يىپەك ئىشتان، ئۇن ۋە يېمەكلىك قاچىلايدىغان سېغىز لايدىن ياسالغان كۈپ، ساپال مۇنچاق قاتارلىق تېپىندىلارغا قاراپ «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى» («دۇلدۇرۇقۇم»)غا تارىخىي چىنلىق بىلەن قايتىدىن نەزەر سېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
«باچاڭ قاراۋۇخانا» («دۇلدۇرۇقۇم») دېڭىز يۈزىدىن 1282 مېتىر ئېگىزلىككە، شىمالىي كەڭلىك 39 گىرادۇس ،47 مىنۇت، 58.36 سېكونت، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 76 گىرادۇس ،23 مىنۇت، 30.95 سېكونتقا جايلاشقان بولۇپ، باچاڭ جىلغىسىنىڭ ئوڭ تەرەپ يانباغرىغا توغرا كېلىدۇ.
1-رەسىم 1) «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى»، 2) مۇنارلىق ئۆي، 3) كىرىچلىك ياسىمان ئۆي، 4) چوڭ قوۋۇق، 5) كىچىك تۇرالغۇ ئۆيلەر، 6) قەلئە.


«باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى» («دۇلدۇرۇقۇم»)نىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى يەتتە قىسىمدىن تۈزۈلگەن: بىرىنچى گەۋدە، ئېللىپسىمان قاراۋۇلخانا. ئۇ يىراقتىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋا باقمىچىلىقىدىكى ئەنئەنىۋى قوتان قۇرۇلىشىنىڭ ئوقۇر شەكلىگە ئوخشىغاچقا، «دۇلدۇرۇقۇم» (دۇلدۇل ئوقۇر) دەپ ئاتالغان بولىشى مۇمكىن. بۇ ئېللىپىسسىمان قۇرۇلۇش 17 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغنىڭ شەرقىي يېنىغا يۆلەپ سېلىنغان بولۇپ، تامنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن توققۇز مېتىر، ئۇل قېلىنلىقى ئۈچ مېتىر بولۇپ، ھېچقانداق دېرىزە ۋە بىۋاستە كىرىدىغان ئىشىك ئورۇنلاشتۇرۇلماي، ئىنتايىن پۇختا ياسالغان.  باچاڭدىكى پىشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشىچە، «قاراۋۇلخانا» («دۇلدۇرۇقۇم»)نىڭ ئىچىدە ھەيكەل قويۇلىدىغان بۇددا تەكچىلىرى ۋە ھەيكەل ئورنىتىلغان ئىزنالار بار بولۇپ، ھازىرمۇ تەكچىلەرنىڭ غۇۋا ئىزنالىرىنى پەرق ئېتىش ئانچە تەس ئەمەس. «قاراۋۇلخانا» («دۇلدۇرۇقۇم»)نىڭ ئىچىدە ھېلىھەم ھەيكەلنىڭ گەج ھالەتتىكى پارچىلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى 2-، 3- رەسىمدىكى ئالتۇن يالىتىلغان ھەيكەل پارچىسى «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى» («دۇلدۇرۇقۇم») ئىچىدىن 1994-يىلى تېپىلغان. ھەيكەل پارچىلىرىدىن قارىغاندا، بۇددا ھەيكىلى ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكىدىن تەخمىنەن ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولۇپ، ئۈچ يېرىم مېتىر ياكى تۆت مېتىر ئېگىزلىكتە ياسالغان بولىشى مۇمكىن.
2-رەسىم ئالتۇن يالىتىلغان ھەيكەل پارچىسى

3- رەسىم ھەيكەل پارچىلىرى

ئىككىنچى گەۋدە، مۇنارلىق ئۆي. مۇنار «قاراۋۇلخانا» («دۇلدۇرۇقۇم»)غا تۇتاش تاغنىڭ 10 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇپا قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 1292 مېتىر ئېگىزلىككە، شىمالىي كەڭلىك 39 گىرادۇس، 47 مىنۇت، 58.78 سېكونت، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 76 گىرادۇس، 23 مىنۇت ،29.34 سىكونتقا توغرا كېلىدۇ. 40 كۇۋادىرات سانتىمېتىر شەكلىدىكى خام كېسەكتىن قوپۇرۇلغان. مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى  (باچاڭ كەنتى 1-مەھەللىدىكى ۋايىت ياسىننىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە) يەتتە مېتىر ئەتراپىدا.  مۇنارنىڭ غەرپ تەرىپىگە تۇتاش سېلىنغان بىر ئېغىز ئۆينىڭ ئىزناسى بار بولۇپ، ئۇل قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4 مېتىر، كەڭلىكى 5 مېتىر ئەتراپىدا. مەن (ئاپتۇر) 1997-يىلى كەچ كۈزدە بۇ جايغا كېلىپ،مۇنارغا تۇتاشتۇرۇپ سېلىنغان بۇ ئۆي تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا چوقۇم شىمال ۋە جەنۇپ تەرەپتىكى جىلغا ئىچىگە غۇلاپ چۈشىدۇ، دېگەن پەرەز بىلەن جىلغا يۈزىدىن 17 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ قىيانىڭ ئاستىدىكى جەنۇبىي نوقتىنى قولۇم بىلەن 20 نەچچە سانتىمېتىر كولىشىمغا، قۇمۇش ۋە يېكەن چىقتى. قۇمۇش ۋە يېكەن مۇنار يېنىدىكى ئۆينى ياپقاندا ئىشلەتكەن شاخ-شۇمبا بولىشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ، شاخ-شۇمبىنى يەنىمۇ چۇڭقۇرلاپ ئېلىشىمغا ،تۆۋەندىكى «ياغاچ قاپارتما ھەيكەل» ۋە «تۇخرىچە پۈتۈك» بايقالدى. مۇنار ۋە مۇنار يېنىدىكى ئۆينىڭ ئىزناسى تېخىمۇ قىزىقىشىمنى قوزغاپ، «قاراۋۇلخانا» («دۇلدۇرۇقۇم»)نىڭ ئىچى ئارقىلىق مۇنار جايلاشقان تاغ چوققىسىغا ياماشتىم... چوققىغا چىقىپ، مۇنارنىڭ ئەتراپىنى بىرەر سائەت ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزۈتۈپ، تېخىمۇ ھەيران قالدىم... «قاراۋۇلخانا» («دۇلدۇرۇقۇم»)غا بىۋاستە كىرىدىغان ئىشىك ئورنىتىلمىغانلىقىنىڭ سىرى ئاشكارا بولىۋاتاتتى... مۇناردىن «قاراۋۇلخانا» («دۇلدۇرۇقۇم»)غا قاراپ تۆۋەنلەپ كەتكەن پەشتاقسىمان غۇۋا ئىزنانى كۆرىۋاتاتتىم... « ئۇنداقتا، ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىككە سېلىنغان مۇنار ۋە مۇنارغا تۇتاشتۇرۇپ سېلىنغان ئۆيگە قايسى تەرەپتىن چىقىدىغاندۇ ؟ » دېگەن سۇئال كاللامنى چىرمىۋالدى... مۇنارنىڭ شىمالىدىكى جىلغىدا 40 كۇۋادىرات سانتىمېتىر خام كېسەكتىن قوپۇرۇلغان ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇنارغا چىقىدىغان يەنە بىر پەشتاق تۇراتتى...
4- رەسىم، «ياغاچ قاپارتما ھەيكەل»

5-رەسىم، «ياغاچ قاپارتما ھەيكەل»نىڭ تۆۋەنكى قىسمى

6- رەسىم، «ياغاچ قاپارتما ھەيكەل»نىڭ يۇقۇرىقى قىسمى

7-رەسىم، «تۇخرىچە پۈتۈك»

ئۈچىنچى گەۋدە، كىرىچلىك ياسىمان ئۆي (مۇنارنىڭ شىمالىدىكى جىلغا قاپتىلىغا سېلىنغان ئازادە ئۆي). بۇ ئۆينىڭ شەرقىي تېمى شىمالدىن جەنۇپقا سوزۇلغان 20 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا، بىر مېتىر قېلىنلىقتىكى تام بولۇپ، غەربىي قىسمى جىلغىنىڭ قاپتىلىغا ماسلاشقان ھالدا يايىسىمان لايىھەلەنگەن. ئۆينىڭ ئۇل قىسمىنىڭ ئومۇمىي شەكلى خۇددى «كىرىچلىك يا»غا ئوخشايدۇ. ئۆي ئىچىنىڭ يۈزى يەر يۈزىدىن سەككىز مېتىر ئەتراپىدا ئېگىز بولۇپ، بۇ قىسمىغىمۇ پەشتاق ئورنىتىلغانلىقى ئېنىق. مۇنار بىلەن ئۆينىڭ ئېگىزلىك پەرقى ئىككى مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، مۇنارغا چىقىدىغان پەشتاق ئوينىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
 9-، 10-رەسىمدىكى «كىرىچلىك ياسىمان ئۆي»دىن تېپىلغان تېپىندىلار.
9-رەسىم، ساپال مۇنچاق

10-رەسىم، مانىي تاش ئاسقۇ ۋە مارجان

تۆتىنچى گەۋدە، «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى» («دۇلدۇرۇقۇم») چوڭ قوۋۇقى (چوڭ دەرۋازىسى) «دۇلدۇرۇقۇم» چوڭ جىلغىسى ئاغزىنىڭ سول دوقىنى باشلىنىش نوقتىسى قىلىپ، جىلغىنى توسقان ئاساستا شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ 300 مېتىر ئەتراپىدا سوزۇلغان، تۆت مېتىر قېلىنلىقتا سېپىل ئىزناسى بولۇپ، سېپىل ئاخىرلاشقان نوقتا بىلەن  تاغنىڭ ئاخىرلاشقان ئېگىزلىكىنى چوڭ قوۋۇق (چوڭ دەرۋازا) ئارقىلىق تۇتاشتۇرغان.
بەشىنچى گەۋدە، «دۇلدۇرۇقۇم» چوڭ جىلغا ئىچىدىكى كىچىك جىلغىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىچىك تۇرالغۇ ئۆيلەر. «دۇلدۇرۇقۇم» چوڭ جىلغىسىنىڭ ئاغزى شەرق تەرەپكە قارايدىغان بولۇپ، جىلغىنىڭ سول تەرىپىدىكى بىر كىچىك جىلغىنىڭ ئىچىدە تاغنىڭ لەمپە قىسمىنى ئويۇپ، سامان ئارىلاشتۇرۇلغان كاكىل لاي بىلەن سۇۋاپ ياسالغان ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئېغىز ئۆي بولۇپ، ئىككى – ئۈچ ئادەم يېتىپ قوپۇشقا مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ لايىھەلەنگەن. كىچىك جىلغا ئاغزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىمۇ كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان غۇۋا ئىزنالارنى ئاران-ئاران پەرق قىلغىلى بولىدۇ.
ئالتىنچى گەۋدە، «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى» («دۇلدۇرۇقۇم») تاغ ئۈستى كاتتا قەلئەسى. بۇ قەلئە «قاراۋۇلخانا» («دۇلدۇرۇقۇم»)غا تۇتاش تاغ ئۈستىدە، ئەڭ ئېگىز نوقتىسى دېڭىز يۈزىدىن 1325 مېتىر، قەلئەنىڭ ئوتتۇرىسى شىمالىي كەڭلىك 39 گىرادۇس ،47 مىنۇت، 57.86 سېكونت، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 76 گىرادۇس ،23 مىنۇت، 25.77 سېكونتقا توغرا كېلىدۇ. غەرپ تەرىپى ئېگىز، شەرق تەرىپى پەس يانتۇ ھالەتتە بولۇپ، ئىككى مېتىر قېلىنلىقتىكى سېپىل تام شەكلىدە قورغانغا ئېلىنغان. قەلئەنىڭ شىمالىدىكى غەرپتىن شەرققە سوزۇلغان سېپىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 200 مېتىر، جەنۇپ تەرەپتىكى پاراللېل سېپىلنىڭ ئۇزۇنلىقى 150 مېتىر، غەرپ تەرەپتىكى سېپىل تەخمىنەن 100 مېتىر، شەرقتىكى پاراللېل سېپىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 70 مېتىر بولۇپ، قەلئە ئومۇمىي كۆلىمى 13125 كۇۋادىرات مېتىر، تەخمىنەن 20 مو ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇ ئورۇندا ساپال پارچىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مارجان، قەدىمقى تەڭگىلەر ھازىرمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. 1961-يىللىرى باچاڭ كەنتى بىرىنچى مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئوسمان (باچاڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن پېنسىيىگە چىققان، سابىق مەكتەپ مودىرى ئۆمەر ئوسماننىڭ دادىسى) بۇ قەلئەدىن مۇكەممەل ھالەتتىكى ئىككى ھەيكەل تېپىۋالغان بولۇپ، ئۇنى تىلەمچىگە 30 نانغا تېگىشىۋەتكەن. تۆۋەندىكىسى بۇ قەلئەدىن تېپىلغان كوزا تۇتقۇچىدىكى ئادەم بېشى قاپارتمىسى، ياغۇنچاق پارچىسى، سۆڭەكلەر ۋە شاپتۇل ئۈچكىلىرى:
11-رەسىم، كوزا تۇتقۇچىدىكى ئادەم (ئەر) بېشى قاپارتمىسى ۋە چېچىلىپ ياتقان ساپال پارچىلىرى

 

 

 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 

12-رەسىم، كوزا تۇتقۇچىدىكى ئادەم (ئايال) بېشى قاپارتمىسى
 

 
13-رەسىم، ياغۇنچاق پارچىلىرى

14-رەسىم، ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرى

15-رەسىم، شاپتۇل ئۈچكىلىرى

يەتتىنچى گەۋدە، يەتتە ئاچال يول تۈگۈنى. «باچاڭ قاراۋۇل خارابىسى» («دۇلدۇرۇقۇم») تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكى ۋە تاڭرىتاغنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى، ئاتۇش شەھرىنىڭ 18 كىلومېتىر شەرقىدىكى، كاتتايلاقنىڭ چۈشۈرگە كەنتىگە توققۇز كىلومېتىر كېلىدىغان، كاتتايلاق زىمىنىغا تەۋە قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا غول تۈگۈنى. ئۇنى غول تۈگۈن دېشىمىزدىكى سەۋەپ، تارىختىكى يىپەك يولىنىڭ يەتتە تارماق يولىنى، يەنى ئاتۇشتىن «قاراۋۇلخانا»غىچە، قۇمسېغىردىن «قاراۋۇلخانا»غىچە، «خان سۇپا»دىن «قاراۋۇلخانا»غىچە، پەيزىۋاتتىن «قاراۋۇلخانا»غىچە، قارايانتاقتىن «قاراۋۇلخانا»غىچە، ئارغۇدىن «قاراۋۇلخانا»غىچە ۋە قۇرۇتقىدىن «قاراۋۇلخانا»غىچە بولغان يەتتە ئاچا يولنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتتە ئۇنى تارىختىكى ئەڭ داڭلىق ئۆتەڭ دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.
«باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى» («دۇلدۇرۇقۇم»)دىكى «ئېللىپىسسىمان قاراۋۇلخانا»، «مۇنار» ۋە مۇنارلىق ئۆي، «مۇنارنىڭ شىمالىدىكى جىلغا قاپتىلىغا سېلىنغان ئازادە ئۆي»، «چوڭ قوۋۇق (چوڭ دەرۋازا)»، «چوڭ جىلغا ئىچىدىكى كىچىك جىلغىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىچىك تۇرالغۇ ئويلەر»، «تاغ ئۈستى كاتتا قەلئەسى» ۋە «يەتتە ئاچايول تۈگۈنى» قاتارلىق گەۋدىلەرنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل ئاستىغا ئېلىپ باقايلى:
ئېللىپىسسىمان «قاراۋۇلخانا» («دۇلدۇرۇقۇم»)غا بىۋاستە كىرىدىغان ئىشىك ئورۇنلاشتۇرۇلماي، بىرىنچى قەدەمدە سەككىز مېتىر ئېگىزلىكتىكى پەشتاقتىن چىقىپ، مۇنارنىڭ شىمالىدىكى جىلغا قاپتىلىغا سېلىنغان «كىرىچلىك ياسىمان ئۆي»گە كىرىپ، ئىككىنچى قەدەمدە ئۆي ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى مېتىرلىق پەشتاقتىن مۇنارغا تۇتاشتۇرۇپ سېلىنغان ئۆيگە چىقىپ، ئۈچىنچى قەدەمدە مۇنارلىق ئۆيدىن پەشتاق ئارقىلىق يەنە ئون مېتىر تۆۋەنلەپ «قاراۋۇلخانا» («دۇلدۇرۇقۇم») ئىچىگە كىرىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.
«قاراۋۇلخانا»غا ئىككى موھىم ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كىرىشنىڭ قانداق زۆرۈرىيىتى بار ؟ ئۇنىڭ ئىچىگە ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئالتۇن يالىتىلغان ھەيكەلنى ئورۇنلاشتۇرۇش شۇنچىلىك موھىممۇ ؟
بۇ ئېللىپىسسىمان قۇرۇلۇشنى «قاراۋۇلخانا» ئۈچۈن سالغان بولسا، ئۇل قىسمىنىڭ قېلىنلىقىنى ئۈچ مېتىر، ئېگىزلىكىنى توققۇز مېتىر قىلىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. ھەتتا، ئىككى موھىم ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە قاراپ،«قاراۋۇلخانادىكى قاراۋۇللار كارۋانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدامدۇ ياكى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدامدۇ ؟ » دىگەن سۇئال شەكىللىنىدۇ- دە، «قاراۋۇلخانا»دىكى ئۈچ مېتىرلىق ھەيكەلنىڭ مەۋجۇتلىقىنى خىيال قىلغان كىشى بۇ مەنتىقىسىزلىككە زىيادە مەسخىرە بىلەن قاقاقلاپ كۈلمەي قالمايدۇ...
تاغ ئۈستىدىكى قەلئە ۋە «قاراۋۇلخانا»غا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بەزى جايلىرى ئىككى مېتىر، بەزى جايلىرى تۆت مېتىر قېلىنلىقتىكى سېپىل بىلەن قورشالغاندىن سىرت، نېمە ئۈچۈن چوڭ قوۋۇق (دەرۋازا) ئارقىلىق تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرىلىدۇ ؟ ناھايىتى ئېنىقكى، تاغ ئۈستىدىكى بۇ كاتتا قەلئە شاھ ئوردىسىدۇر. كاتتا قەلئەگە تۇتاشتۇرۇپ سېلىنغان «دۇلدۇرۇقۇم»نى ھازىرقى يەرلىك كىشىلەر بۇددىزىم ئەقىدىلىرىدىكى ئەنئەنىۋىلىكنى ئۇنتىيالمىغان ئاساستا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن «دۇلدۇل ئوقۇرۇم» دەپ ئاتىشىغا قارىغاندا، ئۇ چوقۇمكى ئوردىنىڭ  بۇددا ئىبادەتخانىسىدۇر. يۇقۇردىكى «دۇلدۇرۇقۇم» رىۋايىتىدىكى باش قەھرىماننىڭ ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئىسىمدا يەنى «سۇغۇنچوڭ» ۋە «ھەزرىتى ئەلى» تەرىزدە سۆزلىنىشى، يەنە كېلىپ، شىنجاڭغا قەدەم باسمىغان «ھەزرىتى ئەلى» نامى بىلەن قوشۇپ سۆزلىگۈچىلەر سانىنىڭ كۆپرەك بولىشى، بۇ كاتتا قەلئەنىڭ بۇددىزىم ئالامىتىنى ئىسلامىي ئالاھىدىلىككە ئۆزگەرتىشىدىكى تىرىشچانلىقى بولسا كېرەك. ئەمىلىيەتتە، «قاراۋۇلخانا» («دۇلدۇرۇقۇم») ئىچىدىن تېپىلغان ئالتۇن يالىتىلغان ھەيكەل ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى «مۇنارلىق ئۆي»دىن تېپىلغان «ياغاچ قاپارتما ھەيكەل» ۋە «تۇخرىچە پۈتۈك» ئىسلامغا يات مەدەنىيەت ئالامىتى بولغاندىن سىرت، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەن سۇلالىسى مەدەنىيىتىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتمىگەندەك قىلىدۇ. «ياغاچ قاپارتما ھەيكەل»گە ئىنچىكىلىك بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭدا ئاۋالكسۇۋارا ئايال ئىلاھەنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرغان قىياپىتى بېرىلگەندىن سىرت، قاپارتما نەقىشلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى ئەنئەنىۋى خاس ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلغان. «ياغاچ قاپارتما ھەيكەل»دىكى بېزەك نەقىشلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئۆي قۇرۇلىشىدىكى گەج سۇۋاقتىن كېيىن تام-تورۇسلارغا قاپارتما ھالەتتە چىقىرىلىدىغان گەج نەقىشلەردە، تۇۋرۈك، دەرىزە، ئىشىك ۋە مەرەپ-تەكچە گىرۋەكلىرىگە چىقىرىلىدىغان نەقىشلەردە، ھەتتا، گىلەم، پەردە، ساندۇق، ئىشكاپ، چىنە- چەينەك، كىيىم-كېچەكتىن تارتىپ چالغۇ-ئەسۋابلارغىچە بولغان ھەممە نەرسىدە دائىم دىگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ بۇددىزىم ئېتىقادىدىكى ئورتاقلىق مەدەنىيەت جەھەتتىكى خاسلىقنى چەتكە قاقمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىر تەرەپتىن «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى»دىن تېپىلغان «ياغاچ قاپارتما ھەيكەل»دىكى ئايال ئىلاھەنىڭ ئالاھىدە گەۋدىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەلقلەر بىلەن غەربىي يۇرتتىكى خەلقلەرنىڭ ئېتىقادىدىكى تارىخىي ئورتاقلىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولسا، يەنەبىر تەرەپتىن، ئۇنىڭدىكى بېزەك نەقىشلەر مەدەنىيەتنىڭ روشەن مىللىي خاسلىقىنى نامايەن قىلغان. مۇنارلىق ئۆيدىن تېپىلغان «تۇخرىچە پۈتۈك»كە قاراپمۇ «قاراۋۇلخانا» («دۇلدۇرۇقۇم» ئىبادەتخانىسى)غا كىرىشتىكى ئىككىنچى ئۆتكەلدىكى بۇ مۇنارلىق ئۆينى ھەشەمەتلىك ۋە سۈرلۈك بۇددىزىم تۈسىگە  كىملەرنىڭ ئىگە قىلغانلىقىنى ئىلغا قىلغىلى بولىدۇ.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا» دېگەن كىتابىدا تۇخارلار توغرىسىدا مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ:  «سىماچيەن بىلەن بەن گۇنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇخارلار بىلەن ئۇيسۇنلار جەنگۇ دەۋرىدە تىلەن تېغى بىلەن دۇنخۇاڭ ئارىسىدا ياشىغان قەدىمقى ئاق دىلار، ئاق غۇزلار، غەربىي رۇڭلارنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن ئىبارەت ساكلاردىن ئىدى (401-بەت) ... قەدىمقى رىم تارىخچىسى سىترابۇن بىلەن رومپى تروگى ئۇلارنى گرېك- باكتىرىيە دۆلىتىگە باستۇرۇپ كىرگەن ئاسسىلار ئىدى، ئاسسى خانلىقىدىكى تۇخارلارنى باكتىرىيىنى گرېكلار قولىدىن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 135-يىلى) تارتىۋالغان خەلق، دەپ كۆرسىتىدۇ (402-بەت) ...( مىلادىدىن ئىلگىرىكى 161-، 162- يىللىرى تۇخارلار ئىلىدا ھونلار بىلەن ئۇيسۇنلارنىڭ بىرلەشمە ھوجۇمىدا ئېغىر دەرىجىدە مەغلۇپ بولدى)... تۇخارلار شۇنىڭدىن كېيىن فەرغانە ئارقىلىق سوغدى رايونىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. بۇ جەرياندا بىر قىسىم تۇخارلار پلىنينىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەر- فەرغانە ئاھالىسىگە ئارىلاشقانلىقى مەلۇم (406- بەت)... تۇخارلار قۇرغان كۇشان خانلىقىنىڭ كوجۇلا كادپىز، ۋىما كادپىزدىن كېيىنكى ئۈچىنچى ئەۋلاد شاھى كانىشكا بۇددىزىمنى پائال قوللىدى... ئۇ بۇددىزىمنى پۈتۈن ئىمپېرىيىنىڭ دۆلەت دىنى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ قالماستىن، ئۇنى كەڭ تەشۋىق قىلدۇردى (479- بەت)... بۇددىزىمنى ھېندىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا، تارىم ۋادىسىغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا، شەرقىي ئاسىياغا تارقاتتى ياكى ئۇنىڭ ئاساسىنى قۇردى (480- بەت)...».
تۇخارلارنىڭ كۈشان خانلىقى دەۋرىدىكى بۇددىزىمنى تارىم ۋادىسىدىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئۇچۇرى بېرىلگەن يۇقۇرىقى بايانلاردىن، بولۇپمۇ ،مىلادىيىدىن سەل ئىلگىرىكى كانىشكانىڭ بۇددىزمنى تارىم ۋادىسىغىچە كېڭەيتكەنلىكىگە قاراپ «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى» («دۇلدۇرۇقۇم») بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مۇنارلىق ئۆي  (بۇددا مۇنارى بولىشى ئېھتىمال)نى كانىشكانىڭ سۇلى رايونىدىكى بۇددىزم ھەشەمىتى دېيىش مۇمكىن. بىز بۇنىڭلىق بىلەنلا «دۇلدۇرۇقۇم» ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كاتتا قەلئە (ئوردا)نى كانىشكا دەۋرىدە سېلىنغان دېيەلمەيمىز. قەلئە (ئوردا) ئىچىدىن تېپىلغان 11-، 12-، 13-، 14- ۋە 15- رەسىملەردىكى تېپىندىلارغا قاراپ، بولۇپمۇ 11- ۋە 12-رەسىملەردىكى ئادەم باش قاپارتمىسىنى مىلادىيىدىن 3000 يىللار ئىگىرىكى قورچاق ۋە بالبال ئىپتىدائىي سەنئەت تىپىدىكى مەدەنىيەت بۇيۇمى دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. ئەگەر بۇ تېپىندىلار تولۇق دەلىل كۈچىگە ئېگە بولالمىسا، باش باچاڭ بىرىنچى مەھەللىدىكى ئوقۇتقۇچى زىبىر ھەسەن شۇ مەھەللىدىن تېپىۋالغان، تاشتىن سىلىقلاپ ئىشلەنگەن تاش زەكەر، ئىككىنچى مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق قەيسەر (تەپسىلاتىنى ئېنىق بىلىدۇ) ئۇچراتقان، تاشتىن ياسالغان قۇش شەكىللىك قورچاق قاتارلىقلار تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئېگە. ئەپسۇسلىنارلىقى، زىبىر ھەسەن ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدىكى شەرم- ھايا ۋە ئەخلاق كۈچى بىلەن تاش زەكەرنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكەن. تاش قورچاقمۇ ئېرەنسىز ھالدا ئىرغىتىۋېتىلگەن. مەن (ئاپتۇر) ھەر ئىككى نەرسىنى بىرنەچچە كۈن ئىزدەپمۇ تاپالماي، بۇ بىباھا تېپىندىلارنىڭ ئىزدېرەكسىز يوقالغانلىقىغا تولىمۇ ئۆكۈندۇم...
ئۇنداقتا، «باچاڭ قاراۋۇلخانا» («دۇلدۇرۇقۇم»)نى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى تاغ ئۈستىدىكى كاتتا قەلئە (ئوردا)نى قاچان، كىملەر بىنا قىلغان بولغىيدى؟
بۇ مەسىلىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ،ئەڭ مۇھىمى، باچاڭدىكى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزنالىرىنى نەزەرگە ئېلىش بىلەن، «دۇلدۇرۇقۇم» رىۋايىتى ۋە باچاڭ توپىنومىيىسىنى كاتتايلاق نامى بىلەن تېرىتورىيە پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ، تارىخىي ماتىرىيالىزملىق نوقتىئىينەزەر بىلەن ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
كاتتايلاق يېزىسىنىڭ باچاڭ جىلغا ئاغزىدا ئپتىدائىي ئىنسان ئىزنالىرى، «دەپشە ئۆستەڭ خارابىسى» ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 5000 دىن ئارتۇق قەدىمىي قەۋرىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا قاراپ، بۇ تۇتىيا زىمىندا ئەجدادىمىزنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن تارتىپ ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ئۈزۈلمەي تاكى بۈگۈنگىچە ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە بۇ جايدىكى تارىخىي خاراكتىرلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىۋاستە ئىختىراچىلىرى ۋە ئىشتىراكچىلىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىز كېرەك. مەيلى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تارىختا تۈركلەرگە بەش شەھەر سېلىپ بەرگەن بولسۇن، مەيلى كۇشان خانلىقى شىنجاڭدا «دۇلدۇرۇقۇم»دەك بۇددىزم دەبدەبىسىنى پەيدا قىلغان بولسۇن، مەيلى ھونلار ئوقياچى خەلقلەرنى ھەمنەپەس قىلغان بولسۇن، مەيلى خەن سۇلالىسى شىنجاڭدا قورۇقچى بەگ مەھكىمىلىرىنى قۇرغان بولسۇن، مەيلى قاراقىتانلار ۋە موڭغۇللار شىنجاڭدا كاتتا ئوردا-قەسىرلەرنى بىنا قىلغان بولسۇن، ھەممىسى شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقلەردىن مۇستەسنا ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ئەمەس. جۈملىدىن، كاتتايلاق زىمىنىدىكى «دۇلدۇرۇقۇم» ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كاتتا قەلئە (ئوردا) ئەشۇ ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزنالىرى ئەجدادىمىزنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىدا ياراتقان ئابىدە خاراكتىرلىك كاتتا مۆجىزىسىدۇر. بۇنداق كەسمە ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويالىشىمىزنىڭ سەۋەبى، ھازىرقى كاتتايلاق زېمىنى تەۋەسىدىكى «كاتتايلاق»، «سۇلى» (سۇلمى)، «ئارادۆڭ»، «ھېسارتام»(«ھاسائاتام»)، «خانسۇپا»، «تىم قورغان»، «بارخان»، «باچاڭ» ۋە «بالاساغۇن» قاتارلىق ناملارنىڭ (مەيلى قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ياكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بولسۇن) ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئاتالغانلىقى بولۇپلا قالماي، مەزكۇر جايدىن بايقىلىۋاتقان تارىخىي تېپىندىلارنىڭ قويۇق مىللىي خاسلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىدە.
«كاتتايلاق نامىنىڭ تىل يىلتىزى ھەققىدە» دىگەن تەرمىچىمدە «كاتتايلاق» نامىنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلغان ئىدىم. ئەمدىكى مەسىلە، «كاتتايلاق» زېمىنى ئىچىدىكى بىر قاتار تارىخىي يەر-جاي نامى ۋە ئاتالغۇلارنىڭ قەدىمقى تىل يىلتىزىنى قېزىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا ئىزاھات بېرىش مەسىلىسى بولۇپ قالدى. بايان قىلىشقا ۋە چۈشىنىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ھەر بىر ئاتالغۇ ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى تېمىلاردا ئايرىم- ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمىز. بۇ يەردە پەقەت «باچاڭ» نامىغا ئىزاھات بېرىش بىلەنلا كۇپايىلىنىمىز.
«باچاڭ»دا ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزنالىرى بولغان ئىكەن، مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ تىل يىلتىزى ھەققىدە ئىزدىنىش زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە قىممەتكە ئېگە تەخىرسىز مەسىلە.
«كاتتايلاق» توپىنومىيىسىگە تەۋە ھازىرقى «باچاڭ» يەر-جاي نامى تارىختا «بالاساغۇن»، «بارخان»، «بارچوڭ» ۋە «باچاڭ» قاتارلىق تۆت خىل نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بۇ ئاتالغۇلار جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچىدىكى «باچاڭ»نىڭ تارىخىي ۋەقەلىرىنى ۋە تارىخىي قىياپىتىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش كۈچىگە ئېگە.
«بارخان- تۆۋەنكى چىننىڭ نامى. قەشقەرگە يېقىن بىر تاغنىڭ ئۇستىدىكى قورغان. بۇ تاغنىڭ ئاستىدا ئالتۇن كان بار.» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1- قىسىم، 567-بەت). «دىۋان»دىكى «قەشقەرگە يېقىن بىر تاغنىڭ ئۇستىدىكى قورغان.» دىگەن «تاغ ئۈستىدىكى قورغان» شەرتىگە ئۇيغۇن ئىككى تارىخىي ئورۇن بار: بىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتۇنۇم ناھىيىسىدىكى «تاش قورغان». يەنە بىرى، باچاڭ جىلغىسى ئاغزىدىكى «دۇلدۇرقۇم»غا تۇتاش تاغ ئۈستىدىكى قەلئە (قورغان). «تاش قورغان»نىڭ ھازىرقى قەشقەر شەھرى بىلەن بولغان ئارلىقى 250 كىلومېتىر ئەتراپىدا.  «دۇلدۇرۇقۇم» تاغ ئۈستى قەلئەسىنىڭ قەشقەر شەھرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 كىلومېتىر ئەتراپىدا. قەدىمكى كارۋان يۈرۈشلىرىدە بىرى بەش كۈنلۈك مۇساپىدە، يەنە بىرى بىر كۈنلۈك مۇساپىدە. بۇلارنىڭ ئىچىدە «قەشقەرگە يېقىن» دىگەن شەرتكە چۈشىدىغىنى پەقەت باچاڭدىكى «دۇلدۇرۇقۇم» تاغ ئۈستى قورغىنى. «تاشقورغان»غا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئۇچۇرلاردا «بارخان» ئاتالغۇسى ئۇچرىمايدۇ. ئەكسىچە «سەركۈي»، «تاغدۇمباش»، «ئىناي بەگلىكى»، «پۇلى بەگلىكى»، «ساكىنا بەگلىكى»، «داربەگلىكى»، «مەنلى بەگلىكى» ۋە «قىرپانە بەگلىكى» دېگەن ناملار تىلغان ئېلىنغان. ئىنچىكە كۈزەتكەندە «تۈركى تىللار دىۋانى»دا «... تاغنىڭ ئۈستىدىكى قورغان...» دىيىلگەن، ھەرگىز تاغنىڭ ئۈستىدىكى تاش قورغان دىيىلمىگەن. «بارخان»- «بار» ۋە «خان»دىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «بار- بىر نەرسىنىڭ بىر يەردە بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆز... « يوق »سۆزىنىڭ تەتۈرى.» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 202-بەت). «خان- تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پادىشاھى. ئەفراسىياپنىڭ ئوغۇللىرىمۇخان دېيىلىدۇ. ئەفراسىياپنىڭ ئۆزى « خاقان» دېيىلىدۇ. بۇ نامنىڭ بېرىلىشى توغرىسىدا ئۇزۇن بىر ھېكايە بار.» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 215-بەت). «بار» ۋە «خان»نى بىرلەشتۈرگەندە «بارخان»- پادىشاھ بار ئورۇن، تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭى بار ئورۇن دېگەنلىك. «دۇلدۇرۇقۇم رىۋايىتى»نى سۆزلىگۈچى ئىككى كىشىنىڭ باش قەھرىماننى «سۇغۇنچوڭ» تەرىزدە سۆزلەپ، «سۇغۇنچوڭ»دىكى ئۈچىنچى بوغۇم «چوڭ»نى ئالاھىدە ئالامەتلەندۈرگىنىگە قارىغاندا، تارىختا «خان» بىلەن «چوڭ»نى پەرقسىز ھالدا، گاھىدا «بارخان»، گاھىدا «بارچوڭ» دەپ ئاتاپ،  ئورتاق بىر مەنىدە قوللانغان بولسا كېرەك. بۇنداق بولغاندا «سۇغۇنچوڭ»دىكى  «چوڭ» بىلەن «ئاتاساغۇن»دىكى  «ئاتا»نى  «بارخان»دىكى «خان»غا سىمۋوللاشتۇرغانلىقى چوقۇم. «ئاتاساغۇن- تىۋىپ.» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1- قىسىم، 117- بەت). «...ئوغۇزلار تىۋىپلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدۇ. مەيلى قەيەردە ئۇچرىشىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەپ ئىھتىرام بىلدۈرىدۇ. بۇ تىۋىپلارمۇ ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە مۈلكىنى كونتۇرول قىلىپ تۇرىدۇ.» («ھۇدۇدۇلئالەم»، 130- بەت). «ھودۇدۇلئالەم»دىكى چۈشەندۈرۈشتىن مەلۇمكى، قەدىمكى جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى كونتۇرول قىلغۇچى دىندارلار بىلەن پادىشاھلار. «دىۋان»دا «ئاتاساغۇن» بىرلا شەخس بولغان ئىكەن، ئۇ چوقۇم ھەم دىندار ھەم پادىشاھ سالاھىيىتىدىكى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ شاھ ئاتىسىدۇر. «دىۋان»دىكى «خان- تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پادىشاھى. ئەفراسىياپنىڭ ئوغۇللىرىمۇخان دىيىلىدۇ. ئەفراسىياپنىڭ ئۆزى خاقان دىيىلىدۇ.» دېگەن سۆزدىن مەلۇمكى، تۈركىي مىللەتلىرىدىن بىرىنچى بولۇپ «خان» سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان كىشى «ئوغۇزنامە»دىكى «ئوغۇرخان»دۇر. «ئوغۇزنامە»دە تەسۋىرلەنگەن «ئوڭ تەرەپتىكى ئالتۇن خاقان» (ساكلار) بىلەن «سول تەرەپتىكى ئۇرۇم خاقان» (ھونلار)نى تۇنجى قېتىم بىرلەشتۈرگۈچى دەل «ئوغۇزخان». «ئوغۇزخان» تۈركلەر تارىخىدا  «ئاتاساغۇن»دىن ئىبارەت بۇ تارىخىي شەخسكە ئەڭ مۇۋاپىق نامزات بولالىشىدا ئىختىلاپ بولمىسا كېرەك. «ئاتاساغۇن»دىكى «ساغۇن» ساكلار بىلەن ھونلار نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، «ئاتاساغۇن»- ساكلار بىلەن ھونلارنىڭ ئاتىسى دېگەنلىك. ئوقۇرمەنلەر بۇ ئاددىي يەشمىگە قاراپ: «ئاتاساغۇنساكلار بىلەن ھونلارنىڭ ئاتىسى ئىكەن. ئۇنداقتا، بالاساغۇن-ساكلار بىلەن ھونلارنىڭ پەرزەنتى دېگەنلىكقۇ ؟»دەپ سورىشى تەبىئىي. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! «ئاتاساغۇن» بىلەن «بالاساغۇن»دىن ئىبارەت ھەر ئىككى ئاتالغۇدىكى «ساغۇن» يەنىلا ساكلار بىلەن ھونلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما «بالاساغۇن»دىكى «بالا»نى مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىز مۇنداق ئىزاھلىغان: «بىرلە- بىللە، بىلەن... بەزىدە سۆزنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ر ھەرپى تاشلىنىپ، بىلا، بىلە دېيىلىدۇ» («تۈركىي تىللاردىۋانى»، 1-قىسىم، 561- بەت). بۇنىڭدىن قارىغاندا، «بالا»نىڭ ئەسلىي تىل يىلتىزى «بىلەن، بىللە، بىلە، بىلا» بولۇپ، بىللە تۇرغۇچى دېگەن مەناغا ئېگە. شۇنداق بولغاندا «بالاساغۇن» ساك بىلەن ھون بىللە، ساك بىلەن ھونلارنىڭ بۈيۈك بىرلىكسېپى دېگەنلىك. تارىختا ھونلار بىلەن ساكلارنى بىرلەشتۈرگىچى «ئاتاساغۇن» نامى پەقەت بىرلا تارىخىي شەخس («ئوغۇزخان»)نى كۆرسەتسە، «بالاساغۇن» ھونلار بىلەن ساكلارنىڭ بىرلىكسەپ تۈزگەن جاي نامىنى كۆرسىتىدۇ. ھونلار بىلەن ساكلارنى تۇنجى قېتىم قېرىنداشلارچە قۇچاقلاشتۇرۇپ، ئوغۇز قەۋملىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالىغان «ئاتاساغۇن» («ئوغۇزخان») چەكسىز ئىپتىخارلىق ئىلھاملىرىدا «بالاساغۇن» ئاتالغۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولىشى مۇمكىن. بۇ مەنتىقە «قەدىمكى بالاساغۇن شەھرى»نى بۈگۈنكى باچاڭ توپىنومىيىسىدە دېيىشكە زورلايدۇ. «ھودۇدۇلئالەم»دىكى چۈشەنچە بويىچە ئېيتقاندا، «ئاتاساغۇن» ساكلار بىلەن ھونلارنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىنى كونتۇرول قىلغۇچى بىردىنبىر شاھىنشاھ، خەنزۇ تىلىدا مۈلۈكدار ھەم ھوقۇقدار كىشىنى «富贵» (fu gui) دەپ ئاتايدۇ. بۇيەردىكى «بارخان» («بارچوڭ»)، «ئاتاساغۇن» ۋە «富贵» (fu gui) قاتارلىق ئاتالغۇلار تامامەن ئوخشاش ۋە تەڭداش ئۇقۇمدا بولۇپ، «تاڭنامە. غەربىي يۇرت جۇغراپىيىلىك تەزكىرىسى»دە قەشقەر (سۇلى)گە بېرىشتا富贵دىن ئۆتىدۇ» دېيىلگەن («يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، 213- بەت). بۇ ماھىيەتتە، قەدىمكى «سۇلى» دۆلىتىگە بېرىشتا  «قەدىمكى بالاساغۇن»نىڭ كېيىنكى نامى «بارخان»دىن يەنى تۆۋەن چىننىڭ ئوردىسىدىن ئۆتىدۇ، دىگەنلىك.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا تۆۋەن چىننىڭ نامى «بارخان» دەپ ئاتالغان ئىكەن، تۆۋەن چىننىڭ مەركىزى ھەم تەختىگاھ- ئوردىسىنىڭ مۇبارەك نامىمۇ، ئەلۋەتتە، «بارخان» بولىشى تەبىئىي. بۇ جەھەتتە «بارخان» نامى بىلەن «چىن» نامىنىڭ تارىخىي مۇناسىۋىتى ئوردا نامى بىلەن خانلىق نامىنىڭ ياكى مەرگەز نامى بىلەن دۆلەت نامىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەققاستۇر. «بارخان» ئوردا ۋە مەرگەز نامىنى كۆرسەتسە، «چىن» خانلىق ۋە دۆلەت نامىنى كۆرسىتىدۇ. تېخىمۇ كونكىرېت ئېيتقاندا، «دىۋان»دىكى «تۆۋەن چىن» خانىدانلىق، سولالە ۋە دۆلەت نامىنى كۆرسەتسە، «بارخان» نامى «تۆۋەن چىن» خانىدانلىقىنىڭ مەركىزىي ئوردىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىز يۇقۇرىدا «بارخان»غا ئۇنىڭ تىل يىلتىزى بويىچە يېشىم بەرگەن ئىدۇق. ئەمدى ئوردا نامى «بارخان»دىن ھالقىپ، خاندانلىق نامى «تۆۋەن چىن»دىكى «چىن» ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى» تەتقىقاتىدا «چىن»نىڭ توپىنومېيېلىك دائىرىسىنى تارىخىي ماتىرىياللار ئاساسىدا «يۇقۇرى چىن»، «ئوتتۇراچىن» ۋە «تۆۋەن چىن» دەپ ئۈچ قىسىمغا ئايرىغان. «چىن» بىلەن «قور» (خور) ئاساسەن ئوخشاش ئۇقۇم بولۇپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «قور- كۆنەلگە. بۇ قاچىنىڭ تېگىدە قالدۇرۇلغان ئازراق قېتىق ياكى قىمىز كۆنەلگىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈستىگە سۈت قۇيۇپ، قېتىق ئۇيۇتىلىدۇ ياكى قىمىز ئېچىتىلىدۇ.» (3-قىسىم، 168-بەت) دېگەن ئىزاھات بېرىلگەن. «قور» (كۆنەلگە)نىڭ سۈتنى ئۇيۇتتۇرغۇچى بۇ ئالاھىدىلىكىنى «ئوغۇزنامە»دە «ئوغۇزخان»نىڭ ئۆزى بىۋاستە ئېيتقان «...مەن ئۇيغۇرنىڭ قاغانىمەن...»دېگەن سۆزىدىكى «ئۇيغۇر»نىڭ «غۇر» (قور) بوغۇمىدا سىمۋوللاشتۇرۇلغانلىقى ئېنىق. بىر مىللەتنىڭ بۈيۈك نامى، كۆپىنچە ھاللاردا، مەزكۇر مىللەتنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار چاغلىرىدا قويىلىدۇ. ئىسكەندەر ئىستىلاسىدا مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرغان ئۇيغۇرلارغا «خۇزخور» نامىنى ئىسكەندەر تىلىدىن بېرىپ، «خۇزخور»نىڭ ئۇيغۇر نامىغا ئۆزگىرىش جەريانىنى تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش «دىۋان»نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىزنىڭ زايا كەتكەن ئەمگىكى بولسا كېرەك. بۇ بەلكىم، ئىسكەندەرنىڭ ئالدىنى توسۇشقا ماڭغان 4000 قەھرىمان چەۋەندازنىڭ ھەممىسى قۇربان بولۇپ، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان بىرەر ئەزىمەتنىڭ ئىسكەندەرنىڭ ئالدىدا قەھرى ۋىجدانى بىلەن «ئىناند خۇزخۇراند!!!»دەپ توۋلىغان غەزەپلىك شۇئارى بولىشى مۇمكىن. بۇ مۇبارەك نامنى ئىسكەندەر ھەدىيە قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ چوقۇم گىرىك تىلىدا بولغان بولاتتى. ئەمىلىيەتتە «ئىناند خۇزخۇراند» ساپ تۈركىي (ئۇيغۇر) تىلىدىكى سۆز بولۇپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا ئاساسلانغاندا، «ئىناند خۇزخوراند- ئوغۇز قەۋملىرىنىڭ ئىتتىپاقى ئۈچۈن قەسەم قىلغان ئىشەنچلىكلەر» دېگەن مەنىدە. «ئىناند خۇزخۇراند»نىڭ جەۋھىرى «خۇزخور» مۇئەمماسى «خۇز» ۋە «خور»دىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «خۇز» ئوغۇز نامىنىڭ قىسقارتىلمىسىنى، «خور» (قور) كۆنەلگە مەناسىنى ئىپادىلەيدۇ. «خۇزخور»نىڭ سۆزمۇ-سۆز بىۋاستە مەناسى ئوغۇز كۆنەلگىسى بولۇپ، ۋاستىلىق ۋە سىمۋوللۇق مەنىسى ئىتتىپاقلاشقان ئوغۇزلار، ئوغۇزلارنىڭ بىرلىكسېپى دېگەنلىك. ھەرقانداق بىر تارىخىي ۋەقەنىڭ ئېنىق مەخسەت ۋە نىشانى بولىدۇ. ئوغۇز قەۋملىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇلۇغ يۈرىشىگە تۇنجى قېتىم ئاتلانغان «ئوغۇزخان» مەخسەت ۋە نىشاننى ئىپادىلىمەسلىكى مۇمكىنمۇ ؟ ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس!  مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار، كاتتا ۋە جەڭگىۋار يۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسىدە «ئوغۇزخان»نىڭ «خۇزخور» شۇئارىنى تۇنجى قېتىم توۋلىمىقى بەرھەق. تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش كېرەككى، بۇ ئۇلۇغۋار يۈرۈشنىڭ كاتتا لەۋھەسى «خۇزخور»دىكى «خور» (قور) نامىدۇر. «ئۇرخۇن ئابىدىلىرى»دىكى «كۆلتىگىن ئابىدىسى»نىڭ شەرقىي يۈزى تۆتىنچى قۇرىدا ۋە «بىلگە خاقان ئابىدىسى»نىڭ شەرقىي يۈزى بەشىنچى قۇرىدا «ئۈچ قورىقان» ئىككى قېتىم تىلغا ئېلىنغان. بۇ يەردىكى چىن ئېلىنىڭ «يۇقۇرى چىن»، «ئوتتۇرا چىن»، «تۆۋەن چىن»دەپ ئۈچكە ئايرىلىشى بىلەن ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىكى «ئۈچ قورىقان» چوقۇم زۆرۈر تارىخىي باغلىنىشقا ئىگە. «قور» كۆنەلگە بولۇپ، «ئۇيغۇر» نامىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا «قور» ئاق رەڭنى ئىپادىلەپ، ئورۇن-تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن شەرق ۋە جەنۇبنى كۆرسىتىدۇ. «قور»نىڭ قارشى مەنىسى قارا ۋە سۈت.  «چىن» ئاق رەڭنى ئىپادىلەپ، تۈرك (ئۇيغۇر)نىڭ ئېرقىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرغان دۆلەت نامىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «چىن»نىڭ قارشى مەنىسى قاراتەنلىك ۋە سېرىق تەنلىك. بۇنىڭدىن قارىغاندا، تارىختىكى دۆلەت نامى«چىن» ھېندىستان ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئوخشىمايدىغان ئېرقىي خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولسا كېرەك. بىز مانا ئەمدى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «بارخان- تۆۋەنكى چىننىڭ نامى.» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىشكە مۇيەسسەر بولىۋاتىمىز. «ئوتتۇرا چىن»نىڭ تارىختىكى نامى «ئارچىن»دۇر. «ئارچىن» ھازىرقى قارا شەھەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئارچىن» يۇقۇرى چىن بىلەن «تۆۋەن چىن»نىڭ ئوتتۇرىسىغا (ئارىسىغا) توغرا كەلگەچكە، «ئارچىن»دىكى «ئار» بوغۇمى «چىن»نىڭ ئالدىغا قوشۇلغان بولىشى مۇمكىن. «تۆۋەن چىن»نىڭ تارىختىكى ھەقىقىي نامى «ماچىن» بولۇپ، ئۇنىڭ تىل يىلتىزى «مۇرچىن». «دىۋان»دا «مۇرچ- قارامۇچ» (1-قىسىم، 447-بەت) دەپ ئىزاھات بېرىلگىنىگە قارىغاندا، «مۇر» قارا رەڭنى كۆرسىتىدۇ. قارا رەڭ غەرپنى كۆرسەتكەچكە، «ماچىن»-«غەربىي چىن» («تۆۋەن چىن») دېگەنلىك. شۇڭا «تۆۋەن چىن»دىن چىققان ھەرقانداق پادىشاھنىڭ تەگ ئاساسى «قاراخان» دەپ ئاتىلىشى سەۋەپسىز ئەمەس. ھەتتا، سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخانمۇ ئۆزىنىڭ ئەجدادىنى ئەفراسىياپقا باغلايدۇ. ئەفراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) ئىرانلار بىلەن تۇرانلار ئۇرىشىدىكى قەھرىمان پادىشاھ. «ماچىن» (غەربىي چىن، «تۆۋەن چىن») قەدىمكى ئىران زىمىنى بىلەن بىۋاستە چىگىرداش بولغاچقا، ئەفراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا)نىڭ بارلىق ئاساسىي پائالىيىتى «تۆۋەن چىن»دا داۋاملاشقان. «بارخان- تۆۋەنكى چىننىڭ نامى. قەشقەرگە يېقىن بىر تاغنىڭ ئۇستىدىكى قورغان.» دېگەن بۇ ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئەفراسىياپ «بارخان» تاغ ئۈستى قەلئەسىنى «تۆۋەن چىن»نىڭ ئوردىسى قىلغانلىقى ۋە شۇ ئوردىدا تۇرغانلىقى ئېنىق. ئەفراسىياپ گەرچە «تۆۋەن چىن»نىڭ پادىشاھى بولۇپ، «بارخان» تاغ ئۈستى ئوردىسىدا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، «دۇلدۇرۇقۇم رىۋايىتى»دىكى سۇغۇنچوڭ ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «ئاتاساغۇن» سالايىھىتىگە ئېگە ئەمەس. بۇ سالايىھىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، تارىختىكى بارلىق ئوغۇز قەۋملىرىنى بولۇپمۇ «ئوغۇزنامە»دە كۆرسىتىلگەن ئوڭ تەرەپتىكى «ئالتۇن خاقان» بىلەن سول تەرەپتىكى «ئۇرۇم خاقان»غا ۋەكىللىك قىلغۇچى ساكلار بىلەن ھونلارنى ئويۇشتۇرالىغان بولىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغاندىلا «ئەفراسىياپ» سۇغۇنچوڭ بىلەن «ئاتاساغۇن»دىكى ئاتا ۋە ئەلنىڭ چوڭىبولالايتتى. «دۇلدۇرۇقۇم رىۋايىتى»دىكى ئات (دۇلدۇل)نىڭ جەڭگە كېچىكىش ئەھۋالى بىلەن «ئوغۇزنامە»دىكى «ئوغۇزخان»نىڭ چىپار ئايغىر ئېتىنىڭ قېچىش ئەھۋالى ئاساسەن بىردەك بولغاننىڭ ئۈستىگە، «ئوغۇزخان» بارلىق ئوغۇز قەۋملىرىنى ئويۇشتۇرۇشقا مۇيەسسەر بولالىدى. بۇ مۇناسىۋەتتە «ئوغۇزخان»نى «ئاتاساغۇن»دىكى «ئاتا» ۋە سۇغۇنچوڭدىكى چوڭ سالايىھىتىگە تامامەن لايىق بىرىنچى ئاتا ئەجدات دېيىشكە بولىدۇ.
يۇقۇرىقى دەلىللەرگە قارىغاندا، باچاڭدىكى «بارخان» قەلئەسىنى قەدىمكى «سۇلى» رايۇنىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان غەربىي خەن سولالىسىنىڭ سانغۇنى بەنچاۋنىڭ سېلىش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك. مىلادىيىدىن تەخمىنەن 500 يىللار ئىلگىرىكى «تۆۋەن چىن» («ماچىن») شاھى ئەفراسىياپنىڭ بىنا قىلغانلىقىمۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ. كۇشان خانلىقىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلات شاھى كانىشكانىڭ ئەھيا قىلغانلىقى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. باچاڭ زېمىنىدىن تېپىلغان «تاش زەكەر» ۋە «تاش قورچاق»، «بارخان» قەلئەسىدىن تېپىلغان 11-رەسىمدىكى كوزا تۇتقۇچىدىكى ئادەم (ئەر) بېشى قاپارتمىسى ۋە 12-رەسىمدىكى كوزا تۇتقۇچىدىكى ئادەم (ئايال) بېشى قاپارتمىسى قاتارلىق تېپىندىلار ئانا ئۇرۇقى جامائەسىنىڭ ئاتا ئۇرۇقى جامائەسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى جەمئىيەتكە ئۆتۈش مەزگىلىرىدىكى بالبال ۋە قورچاقلار تىپىدىكى قىممەتلىك تارىخىي بويۇملار بولۇپ، مىلادىيىدىن ئۈچ، تۆت مىڭ يىللار ئىلگىرىكى «ئوغۇزخان» دەۋرى (ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «ئوغۇزخان پەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن». «بۇلاق» ژۇرنىلى، 1999-يىل، 3-سان، 116بەت) گە توغرا كېلىدۇ. دېمەك، كاتتايلاق زېمىنىدىكى «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى» («دۇلدۇرۇقۇم») ۋە ئۇنىڭغا تۇتاش تاغ ئۈستىدىكى «بارخان» قەلئەسى «ئوغۇزخان» دەۋرىدە سېلىنغان بولۇپ، باچاڭدىكى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزنالىرى ۋە تېپىلىۋاتقان تارىخىي بويۇملارنىڭ قەدىمىيلىكى بۇ ھۆكۈمنى قۇۋۋەتلەيدىغان ماددىي پاكىتلاردۇر.
قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ تۆتىنچى ئەۋلات شاھى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان پەيتلەردىكى بۇددىزم روھىيىتىنى ئىسلام روھىيىتىگە ئۆزگەرتىشتىكى كەسكىن سىياسىتى ئاۋۋال، بارلىق بۇددا ئىمارەتلىرى ۋە بۇددا ھەيكەللىرىنى چېقىش، كۆيدۈرۈش ئەمىر- پەرمانى ئارقىلىق ئىپادىلەندى. بۇ ئەمىر- پەرماننىڭ تۇنجى زەربە ئوبيېكتى، قەشقەر ۋە ئاتۇش تەۋەسىدىكى نامى ئەڭ ئۇلۇغ، «تۆۋەن چىن»نىڭ مەرگىزى بولغان «بارخان» قەلئەسىدىكى «دۇلدۇرۇقۇم» بۇددا ئىبادەتخانىسى ئىدى. ئەشۇ غەزەپلىك «پەرمان»نىڭ ھەيۋىتىدە، قەدىم تارىخ ۋە يىراق ئۆتمۈشنىڭ نىشانى بولغان بۈيۈك جاي «بارخان» قەلئەسى ھەم «دۇلدۇرۇقۇم» بۇددا ئىبادەتخانىسى بىرنەچچە كۈندىلا ئۇرۇپ-چېقىش ۋە كۆيدۈرۈش بىلەن تۈزلىۋېتىلدى. ھەتتا بۇ جايدىكى ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلۈپ، قايتا ئولتۇراقلىشىش پۈتۈنلەي چەكلەندى. قاباھەتلىك بۇ رىئاللىق «بالاساغۇن»نى « قەدىمكى بالاساغۇن» (بۇددىزم قىياپىتىدىكى «بالاساغۇن») بىلەن «ئىسلامىي بالاساغۇن»غا بۆلىۋەتتى. ئەبۇناسىر سامانىي بىلەن سۇلتان ساتۇق شېھىدلىك ماقامىدا ياتقان ھازىرقى ئاتۇش «ئىسلامىي بالاساغۇن»دۇر. ھازىرقى كاتتايلاق زېمىنىغا تەۋە باچاڭ «دۇلدۇرۇقۇم» تاغ ئۈستى قەلئەسى «قەدىمكى بالاساغۇن» شەھرىدۇر. «قەدىمكى بالاساغۇن»نىڭ كاتتايلاق زېمىنىدا ئىكەنلىكىنى باچاڭدىكى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزنالىرى، 5000 دىن ئارتۇق قەدىمىي قەبرە، قەدىمىي قەلئە خارابىلىرى ۋە ھەرخىل تېپىندىلار ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا: «ئارغۇ- ئىككى تاغنىڭ ئارىسى. تراز (تالاس) بىلەن بالاساغۇن ئارىسىدىكى شەھەرلەر ئارغۇ دېيىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ يەرلەر ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا.» (1-قىسىم، 172- بەت) دېگەن ئىزاھات ئارقىلىق «ئارغۇ»نىڭ ئىككى تاغ ئارىسىدا بولىدىغانلىقى، «ئارغۇ شەھەرلىرى»نىڭ «تالاس بىلەن بالاساغۇن ئارىسى»دىكى كەڭلىك دائىرىسى تولىمۇ ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. تەكشىلىكتىكى نوقتا بەلگىلەش ماتېماتېكىلىق ئۇسۇلى بويىچە «تالاس بىلەن بالاساغۇن ئارىسىدىكى شەھەرلەر»گە تازا ئەستايىدىل قارايدىغان بولساق، «دىۋان»نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد بوۋىمىز غەربىي شىمالدىن بىر نوقتا (ترازنى) ۋە شەرقىي جەنۇپتىن يەنەبىر نوقتا (بالاساغۇننى) تاللاپ، ئىككى نوقتىنى بىر تۈز سىزىق ئارقىلىق تۇتاشتۇرغان. بۇ تۈز سىزىقنىڭ ئارىلىقى ئارغۇ شەھەرلىرىنىڭ كەڭلىك دائىرىسىنى بىلدۈرسە، تۈز سىزىقنىڭ ئەڭ غەربىي شىمال نوقتىسى «تراز» (تالاس)، ئەڭ شەرقىي جەنۇب نوقتىسى «بالاساغۇن» (ئاتۇش يېنىدىكى ئارغۇ)نى كۆرسەتكەن. مانا بۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «قەدىمكى بالاساغۇن» بىلەن «ئىسلامىي بالاساغۇن»نىڭ ئورنىنى ئېنىق كۆرسىتىشتىكى پولاتتەك پاكىت.  گەرچە، «قەدىمكى بالاساغۇن» بىلەن «ئىسلامىي بالاساغۇن» ئۆز ئارا ئايرىلىپ، «قەدىمكى بالاساغۇن»نىڭ ئورنى پۈتۈنلەي خارابىلىككە ئايلانغان بولسىمۇ، خەلق ئۇنى يەنىلا «ئوغۇزخان»غا مۇناسىۋەتلىك «ئاتاساغۇن» ۋە «سۇغۇنچوڭ»نىڭ نىشانى سۈپىتىدە «باچوڭ» (ئەجداتلىرىمىزنىڭ چوڭلىرى تۇرغان جاي)  دەپ ئاتىۋېلىشتى. ھەتتا، سۇلتان ساتۇق بۇغراخانمۇ بۇددا دىنى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ كەسكىن پەرقىدە  ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى بۇددىست ئاتىسى «بازىر» نامىدا بازىر بۇغرا دەپ ئاتىماي، جەڭگىۋار ئەجدات سالاھىيىتى ۋە ئەجدات ھۆرمىتى بويىچە «سۇلتان ساتۇق ئابدۇلكەرەم بۇغرا قاراخان» پەخرىي نامنى قوللاندى. دېمىسىمۇ «ساتۇق» (ساكلار بىلەن تۇخرىلار)دىن ئىبارەت ئىككى بۈيۈك ئەجدات نامىنى، «قاراخان» يىراق تارىختىكى «تۆۋەن چىن»نىڭ «ماچىن» (قاراچىنغەربىي چىن) نامى بىلەن ئەفراسىياپ خانلىق سەلتەنەتىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى بىشارەت قىلاتتى.
ئومۇمەن، ئاتۇش بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان «باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى» ۋە ئۇنىڭغا تۇتاش تاغ ئۈستىدىكى كاتتا قەلئە، ئەڭ قەدىمكى زاماندىكى «ئوغۇزخان» دەۋرىدە «بالاساغۇن» ۋە قوشۇمچە ھالدا «باچوڭ» دەپ ئاتالغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى «تۆۋەن چىن» («ماچىن») دەۋرىدە «بارخان» ۋە قوشۇمچە ھالدا «باچوڭ» دەپ ئاتىلىپ، خەنزۇچە مەنبەلەردە «富贵» دەپ ئاتالغان. قاراخانىيلارنىڭ ئۈچ ئەۋلات بۇددىست پادىشاھى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە يەنىلا ئەسلىدىكى «بالاساغۇن» نامى بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «باچوڭ» دەپ ئاتىلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە  «باچوڭ» ئېتمولوگىيىسى بويىچە «باچاڭ» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
 
   مەنبە: كىن
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-05-08

سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇۋاتىمەن. ياخشى يازمىلارنى يوللاۋاتىسىز.  بولسا ئاتۇشتىكى <<خان سۇپا>> ھەققىدە ئازراق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسىڭىز .   رەھمەت!
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن