باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 519 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەرھۇم ئەرافاتنىڭ خوتۇنى سۇھە قايتا ياتلىق بولمايمەن، دېدى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 277
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 121 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-13
ئاخىرقى: 2011-10-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-27 23:34

مەرھۇم ئەرافاتنىڭ خوتۇنى سۇھە قايتا ياتلىق بولمايمەن، دېدى

ئەرافات ۋاپات بولۇپ 6يىل يىل بولغاندا، ئۇنىڭ تۇل قالغان خوتۇنى سۇھە  مۇخبىرلارنىڭ  زىيارىتىنى تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلىپ، كىشىلەرگە ناتونۇش   ھازىرقى  تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئاشكارلىدى.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «يەكشەنبىلىك تايمىس» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 47 ياشلىق سۇھە ھازىر 12 ياشلىق قىزى زەھۋە بىلەن مالتادا تۇرۇۋېتىپتۇ. سۇھە : ئەرافات  قىزىم بىلەن ئىككىمىزگە بىرەر ۋەسىيەت  شۇنداقلا   مال دۇنيا قالدۇرمىدى دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پەلەستىن مەسئۇل دائىرلىرى ھازىر ئايدا ماڭا 5000 فوندسترلېڭ تۇرمۇش پۇلى بېرىۋاتىدۇ. بۇ پۇل نۇرغۇن پەلەستىنلىك ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن كۆپ پۇل، لېكىن  بىز توغرىسىدا   تارقىلىپ  يۈرگەن  ناھايىتى كۆپ  سانلاردىن خېلىلا ئاز. سۇھە بۇ  ھەقتە  مۇنداق دېدى: ئەرافاتنىڭ خوتۇنىغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئەرافاتنىڭ ئابرويىغا زىيان يەتكۈزىدۇ،    ئەشۇ ئاساسسىز ئېغۋالارنى تارقىتىپ يۈرگەنلەر  مۇشۇ مەقسەتتە شۇنداق قىلغان. بەزىلەر ھەتتا قىزىمنىڭ سالامەتلىكى توغرىسىدىمۇ  ئىغۋا توقۇپ،  قىزىمنى  ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ، دېيىشمەكتە.
پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدا بەزىلەر سۇھەنى ئەيىپلەپ، ئەرافات ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن غەربىي قىرغاقتىكى رامئاللاھ شەھرىگە قاماپ قويۇلغاندا،ئۇ  پارىژدا تۇرۇپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈردى، دەپ تەنقىدلىدى. يەنە بەزى ئىغۋالاردا ئۇنىڭ فرانسىيە پايتەختىنىڭ ئىككى جايىدا ئۆيى بار، ھەمىشە ماراكەش پادىشاھىنىڭ سىڭلىسى، قۇرال-ياراغ سودىگىرى، سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق مىليادىر كاسۇجىنىڭ خوتۇنى بىلەن بىرلىكتە  بازار ئايلىنىپلا يۈرىدۇ، دېيىلدى.
سۇھە بۇ ئىغۋالارنى ئىنكار قىلىپ  مۇنداق دېدى:«مەن كاسۇجىنىڭ خانىمىنى   پەقەت بىرقېتىملا ئۇچراتقان، ئۇنىڭ بىلەن  بىرەر قېتىممۇ بازار ئايلانغان ئەمەسمەن .   ئۆي- زىمىنىممۇ  يوق، پارىژدا كونا،ئاددى ئۆينى ئىجارىگە  ئېلىپ ئولتۇرىۋاتىمەن
بۇنىڭدىن ئىلگىرى سۇھە تۇنىستا ئۈچ يىلغا يېقىن تۇرغان، لېكىن بۇ كېيىن ئۇ تۇنىس پۇقراسى سالاھىيىتىدىن  ئۇچتۇمتۇت مەھرۇم قىلىندى . بەزى ئىغۋالاردا  سۇھە  زۇڭتۇڭ خانىمنىڭ ئىنىسىغا ياتلىق بولۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان  دېيىلدى. سۇھە كۈلۈپ تۇتۇپ: «بۇ پۈتۈنلەي يالغان»، دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى ئاشكارلىدى: ئېرىمنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەخسىي بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى تۇنىستا مۇسادىرە قىلىندى، بۇلارنىڭ ئۇزاققا قالماي قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


مەنبە:http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=2864
دوستلىشىش
muslima32
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 419
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە419دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 4800 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-11-01

بۇنداق پىتنە -ئىغۋالار نەگىلا بارساباركەنغۇ ئەي ئۇللۇغ ئاللاھىم بىزلەرنى ھەر ئىككىلا ئالەمنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىغايلا،
دوستلىشىش
مەرفۇئە
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9302
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 525 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2011-11-01
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-30 10:40

          پىتنىدىن   پاناھ   تىلەيمەن