باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 684 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامېرىكا ئىرانلىقلار ئۈچۈن ،،،،،،،،،
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1264
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1264دانە
ئۆسۈش: 5880 %
مۇنبەر پۇلى: 16819 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-11-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-27 22:25

ئامېرىكا ئىرانلىقلار ئۈچۈن ،،،،،،،،،


ۋاندا مەيدانغا كەلگەن 7.2 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسىنىڭ ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، كىشىلەرنىڭ ئۈمىدلىرى خوراشقا، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانچە ئېغىرلىشىشقا باشلىدى.
ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 523 كە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 1650 كە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
7.2 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسى ۋاننىڭ ئەرجىش ناھىيەسىنى خارابە شەھەرگە ئايلاندۇرىۋەتتى. يەر تەۋرەشنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان ئەرجىشتە 396 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ۋان شەھەر مەركىزى ۋە ئەتراپتىكى يېزىلاردا 127 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئەرجىش ۋە ۋان شەھەر مەركىزىدىكى ئىزدەش –قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ياردەم توپلاش سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىمۇ توختاۋسىز داۋام قىلماقتا.
تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى، يەر تەۋرەش ئاپىتى قالدۇرۇپ كەتكەن جاراھەتلەرگە مەلھەم بولۇش ئۈچۈن ئاپەت رايونىدىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
رايونغا يەتكۈزۈلگەن چېدىر سانى 20 مىڭغا يەتتى. قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ئىسسىق تاماق بىلەن تەمىنلەش ۋە چېدىر تىكىش خىزمەتلىرىمۇ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ.
رايونغا 720 دانە مەۋلانا ئۆيى يەتكۈزۈلدى، چېدىر سانىنىڭمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 30 مىڭغا يېتىشى كۈتۈلمەكتە.
ئاپەت رايونىدا ئاساسلىقى چېدىر، يىمەك –ئىچمەك، دورا ۋە تېببىي لازىمەتلىكلەر، پاكىزە سۇ، سۈت پاراشۇگى ۋە يۆگەك، ئىسسىتىش ئەسلىھەلىرى دېگەندەك نەرسىلەرگە ئېھتىياج ھېس قىلىنماقتا.
ئەرجىش شىكەر زاۋوتى، ئارقا سەپ تەمىنات مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلدى.
ياردەملەر بۇ يەرگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، كىرىزىس مەركەزلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن تارقىتىلماقتا.
يەنە بىر تەرەپتە، ئاپەت جەريانىدا كۆرۈلگەن زىيانلارنى بېكىتىپ چىقىش خىزمەتلىرىمۇ داۋام قىلماقتا.
200 كىشىلىك تېخنىك خادىم، دۆلەت بىنالىرىدا كۆرۈلگەن زىيانلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
تەكشۈرۈش خادىملىرى، ۋان شەھەر مەركىزى، ئەرجىش ناھىيەسى ۋە يېزىلاردىكى ھەر خىل زىيانلارنى ئېنىقلاپ چىقىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.



ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئىرانلىقلار ئۈچۈن ئىنتېرنت مەركەزلىك ئەلچىخانا ئېچىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون، ۋاشىنگتوننىڭ، تېھران ھۆكۈمىتى بىلەن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرى بار بولسىمۇ، ئىران خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
كلىنتون، بۇ خىل تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئىران خەلقى ئۈچۈن ئىنتېرنت مەركەزلىك ئەلچىخانا ئاچىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
ھىلارى كلىنتون، مەزكۇر ئىنتېرنت ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئوقۇش ياكى ساياھەت قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بېرىشنى خالايدىغان ئىرانلىقلارغا ۋىزىغا ئوخشاش مەسىلىلەردە ھەمدەم بولۇشنى ئويلاشقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
كلىنتون يەنە، ئىراندىكى ھاكىمىيەتكە قارشى ئۆكتچىلەرنىڭ بېسىمغا ئۇچرىماسلىقلىرى ۋە نازارەت قىلىنىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
ئىراننىڭ بارغانچە ئۆز رايونى ۋە باشقىلارغا خەۋپ تەشكىل قىلىدىغان «ھەربىي دېكتاتورلۇق»قا ئايلىنىشقا باشلىغانلىقىنى قەيت قىلغان كلىنتون، تېھرانغا قارشى يېڭى بېسىم ۋە ئىمبارگولار ئۈستىدىمۇ باش قاتۇرىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختىتىپ قويغان 1979- يىلىدىن بۇيان ئىراندا ئەلچىخانىسى يوق.




ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن، «زېمىن» ۋە «بىخەتەرلىك» ساھەلىرى بويىچە ئۆز ئارا تەكلىپ سۇنۇش مەسىلىسىدە بىرلىك ھاسىل قىلدى.
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت تەرەپ دېگەن نام بىلەن تونۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە رۇسىيە قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئىسرائىلىيە –پەلەستىن تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىگە شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن، تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ ئالدىمىزدىكى ئۈچ ئاي ئىچىدە زېمىن ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە دائىر ئەتراپلىق تەكلىپلىرىنى سونۇش ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت تەرەپ نامىدىن بايانات ئېلان قىلغان ب د ت ئەمەلدارى، ئۇچرىشىشلار دائىرىسىدە تەرەپلەرگە «كېچىكمەستىن ۋە ئالدىنقى شەرت قويماستىن بىۋاسىتە ھالدا مۇزاكىرىلەرنى تەكرار باشلاش» نىڭ چاقىرىق قىلىنغانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ، ئۈچ ئايلىق جەريان ئىچىدە ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىنلىك مەسئۇللار بىلەن مۇنتىزم شەكىلدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، «ئىسرائىلىيەنىڭ ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قويماستىن بىۋاسىتە مۇزاكىرىلەرنى باشلاش ئارزۇسىنىڭ بارلىقى» بىلدۈرۈلدى.
پەلەستىن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، «پەلەستىنلىكلەرنىڭ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەھەللە قۇرۇش پىلانلىرىنى توختاتقان ۋە 1967- يىلى بەلگىلەنگەن چېگرىلارنى قوبۇل قىلغان ئەھۋالدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار بولىدىغانلىقى» ئەسكەرتىلدى.
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت تەرەپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدا ئۆتكەن يىلى توختاپ قالغان تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ 2012 –يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر نەتىجىگە ئېرىشىدىغان شەكىلدە قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلغانىدى.




ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ، پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرىسىغا جايلاشقان جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
پاكىستان يەرلىك مېديا ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي ۋەزىرىستاننىڭ تورا گولا يېزىسىدا يولدا كېتىۋاتقان بىر ماشىنا نىشان ئېلىنغان ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ماشىنىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن.
پاكىستان بىخەتەرلىك تارماقلىرى ۋەقەنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن بولسىمۇ، ماشىنىدىكى كىشىلەرنىڭ كىملىكلىرىنىڭ تېخىچە ئېنىقلاپ چىقىلمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئافغانىستان چېگرىسىدا پاناھلىنىپ تۇرىۋاتقان ئاشقۇن ملىتانلارنى سەۋەپ قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئارقىلىق پاكىستان زېمىنلىرىدا پات –پات ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارماقتا.


،،،،،،،،،،،،،،

ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1140
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1140دانە
ئۆسۈش: 1290 %
مۇنبەر پۇلى: 12455 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2011-11-02

ھەي...پاكىستانلىقلار، ئوبدان بولدى مانا، باشقىلارغا ياردەم قىلىپ ئۆز دىنداش قىرىنداشلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلارغا يول ئىچىپ بىرىڭە يەنە،،،،،
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9408
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-26
ئاخىرقى: 2011-10-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 10:20

    
دوستلىشىش
يەھيا
allah   sabri kilguqilar bilan billa
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9353
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 255 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-22
ئاخىرقى: 2011-10-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 13:49

بولسا پاكىستانلىقنىڭ كۇلىنى كۆككە سورۇۋاتسۇن    ئاللاھ چوقۇم پاكىستاننىڭ جازاسىنى بېرىدۇ
ياشىسۇن ئۇيغۇر خەلقى
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 584
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە584دانە
ئۆسۈش: 2270 %
مۇنبەر پۇلى: 7402 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2011-11-01
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 22:35

ئىسرائىلىيە يەنە ساختىلىقنى باشلاپتۇدە ؟؟؟
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...