<<سىز كىم>>گە جاۋاب _ مەن پىكىر قىلغۇچى
مەن <<جۇڭگو مىللەتلىرى>> ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سانىنى قولۇمغا ئېلىپ، بىرىنچى بەتكە بېرىلگەن <<سىز كىم >>ناملىق يازمىنى ئوقۇپ، بىر خىل ئالدانغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. مەندىكى بۇ تۇيغۇ ئىككى جەھەتتىن بولۇۋاتاتتى؛ بىرى، <<سىز كىم>> ناملىق يازمىدا تەنقىدكە ئۇچرىغان شېئىرى پارچىنىڭ ئاپتورى تەرىپىدىن بولغاندەك قىلاتتى. يەنە بىرى بولسا <<سىز كىم >>ناملىق يازمىنىڭ ئاپتورى تەرىپىدىن بولغاندەك قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ، بۇ يازمىنى بىرنەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقىپ، مېنى <<سىز كىم>>ناملىق يازمىنىڭ ئاپتورى ئالدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ھەم ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى <<سىز كىم>>ناملىق يازمىنىڭ ئاپتورى تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندى بىلەن ۋە باشقا ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى قارار قىلدىم.
ئاۋۋال بىز <<سىز كىم>> ناملىق يازمىدا تەنقىدكە ئۇچرىغان شېئىرى پارچىنى كۆرۈپ باقايلى:
تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،
تەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا،
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تەڭ بولىمىز ئاخىر قەبرە ئالدىدا.
مانا بۇ شېئىرى پارچە <<سىز كىم>>ناملىق يازمىنىڭ ئاپتورى تەرىپىدىن ئىنتايىن تۈزلا << تۇغۇلغاندا تەڭرى ئالدىدا تەڭ ئىدۇق، دەۋر ئالدىدا تەڭ بولالمىدۇق؛ ئامەتلىرىڭدىن كۆرەڭلەپ كەتمە، قەبرە ئالدىغا بارغاندا تەڭ بولىمىز>> دەپلا چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ خۇددى ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ماقال-تەمسىل تەرجىمە قىلغان ئىشىدەكلا بولۇپ قالغان. يەنە كېلىپ، تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ <<تەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا>> دېگەن مىسرانى <<دەۋر ئالدىدا تەڭ بولالمىدۇق>> دەپ چۈشىنىشى پۈتۈنلەي خاتا. چۈنكى <<تەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا>> دېگەنى مىسرادىن بىرخىل كەسكىن مەنە چىقىدۇ، يەنى،<<دەۋر ئالدىدىكى ئورنىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز، تىرىشساق ، جاپا چەكسەك، خەلق ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن جان پىدا قىلساق دەۋر ئالدىدىكى ئورنىمىز يۇقىرىلايدۇ، ئەكسىچە بولغاندا تۆۋەندە قالىمىز...>> دېگەندەك. لېكىن، <<دەۋر ئالدىدا تەڭ بولالمىدۇق>> دېگەن جۈملىدىن <<ئەسلى دەۋر ئالدىدىمۇ تەڭ بولساق بولاتتى، ئەمما تەڭ بولالمىدۇق؛ ئەسلى دەۋر ئالدىدىمۇ ئادەملەر يۇقىرى-تۆۋەن بولسا بولمايتتى>> دېگەندەك چۈشكۈن مەنە چىقىدۇ.
يەنە تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندى << تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا>> دېگەن مىسرانى تەنقىد قىلىپ، ئادەملەر تۇغۇلغاندىمۇ تەڭ ئەمەس، چۈنكى بەزىمىز ساغلام تۇغۇلساق، بەزىمىز كەمتۈك تۇغۇلىمىز؛ بەزىمىز ئاسان تۇغۇلساق، بەزىمىز ئوپىراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلىمىز..>> دېگەندەك قاراشلارنى كۆتۈرۈپ چىققان. مېنىڭچە، ئادەمنى بۇنداق جىسمانىي جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ يۇقىرى -تۆۋەنلىكنى ئۆلچەش ئاقىلانىلىك بولماس. ئادەم تۇغۇلغاندا مەيلى قانداق يول بىلەن قانداق شەكىلدە تۇغۇلىشىدىن قەتئىنەزەر، ساغلام ياكى كەمتۈك، ئۇرۇق ياكى سېمىز، چوڭ ياكى كىچىك تۇغۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئوخشاش، تەڭ. چۈنكى ئادەم يېڭى تۇغۇلغاندا ئۇنىڭدىكى روھ، ئۇنىڭدىكى بىلىم، ئۇنىڭدىكى ئاڭ، ئۇنىڭدىكى ئىجتىمائىي ئورۇن ئوخشاش بولىدۇ. بىز بىزنى ياراتقان تەڭرى ئالدىدا گۇناھسىز، پاك، بىغۇبار ھالەتتە بولىمىز. شۇڭا ئادەملەرنى جىسمانىي جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ ئادەملەر تۇغۇلغاندىمۇ ئوخشاش ئەمەس دېگەن بۇ قاراش تازا ئادىللىق بىلەن چىقىرىلغان يەكۈن بولمىسا كېرەك.
ئەمدى بىز تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ <<كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن>> دېگەن مىسرا ھەققىدە توختالغان << <كۆرەڭلەپ كەتمە ئامەتلىرىڭدىن> دېگەن گەپتىن قېيىداش، كۆرەلمەسلىك، ئاجىزلىق خاھىشىنى ھېس قىلىمىز>> دېگەن پىكرىگە قارايلى، ئەجابا، ئۆتكۈر ئەپەندى يازغان ئۇ مىسرادىن تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندى ئېيىتقاندەك مەنە چىقامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق مەنە چىقسا، بىزگە ئازراقلا نەتىجە قازىنىپ مەغرۇرلانماسلىق، تەكەببۇرلۇقتىن ساقلىنىش، چوڭچىلىق قىلماسلىق....توغرىسىدا ئېسىل ھېكمەتلەرنى، ماقال- تەمسىللەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئەجدادلىرىمىز نېمىدىگەن بىچارە، نېمىدىگەن ئاجىز-ھە؟!
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بۇ شېئىرى پارچىسىنىڭ بىرتەرەپلىمە، ھاياتلىق پەلسەپىسىگە زىت ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلغان تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ << <ئۆلگەندە ھەممىمىز تەڭ بولىمىز> دېگۈچىلەر ئۆزگىلەرنىڭ ياشىشىغا قاراپ تۇرغۇچىلار، مەغلۇبىيەتچىلەردۇر>> دېگەن پىكىرلىرىدە بىر تەرەپلىمىلىك، ھاياتلىق پەلسەپىسىگە زىتلىق يوقمىدۇ؟ بۇ سۇئالغا ئەقلى ئويغاق ھەربىر ئادەم جاۋاب بېرەلەيدۇ. چۈنكى بۇ گەپنى بىزگە دېگەن ئەجدادلارمۇ مەغلۇب بولغۇچىلار ئەمەس ئىدى ھەم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمۇ مەغلۇبىيەتچى ئەمەس، <<ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش>>دېگۈچى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ جېنىنى ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن قامدىغان، مىللىتىمىز ئۈچۈن بەزىبىر كۆرەلمەسلەر بىر ئۆمۈر جاپا چەكسىمۇ قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ،<<ئىز>>، <<ئويغانغان زېمىن>> قاتارلىق ئېسىل ئەسەرلەرنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن غالىبىيەتچى! دېمەك، تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىسىغا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتىنىڭ ئۆزىلا رەددىيە بېرەلەيدۇ.
تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى، تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندى ئادەملەرنىڭ قەبرە ئالدىدىمۇ تەڭ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ مېيىت نامىزىغا كەلگەن ئادەمنىڭ ئاز- كۆپلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مېيىت نامىزىغا ئادەم كۆپ قاتناشقان ئادەمنى بۇ ئالەمدىكىئورنى ئۈستۈن، ئابروي-ئىناۋەتلىك، ئۇلۇغ، ئالىيجاناپلارغا چىقارغان؛ مېيىت نامىزىغا ساناقلىقلا ئادەم كەلگەن كىشىنى بۇ دۇنيادىكى ئورنى تۆۋەن، ئابروي- ئىناۋەتسىز، ئاددى، چۈپرەندە رەزىللەرگە چىقىرىۋەتكەن. مەن شۇنداق دەيمەنكى، ئادەمنىڭ ئابروي-ئىناۋىتىنى ، ئۇلۇغلۇق- چۈپرەندىلىكىنى ... مېيىت نامىزىغا قاتناشقان ئادەمنىڭ ئاز-كۆپلىكى بىلەن ئۆلچەش نادانلىق!
چۈنكى، بىزنىڭ دەۋرىمىزدە شەھەرلىرىمىزدە ۋە بىر قىسىم شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ئومۇملىشىپ قېلىۋاتقان مېيىت نامىزىغا ئۆلگۈچىنىڭ ئىناۋىتىگە قاراپ قاتنىشىش بىزدىكى ئىتىقادنىڭ سۇسلىشىشىدىنلا ئىبارەت، خالاس! چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام<< ئادەمنىڭ ئادەمدە ئالتا خىل قەرزى بولىدۇ؛ ئۇلار: سالام قىلسا ئىلىك ئېلىش؛ چاقىرسا بېرىش؛ نەسىھەت قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلسا نەسىھەت قىلىپ قويۇش؛ چۈشكۈرۈپ ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيىتسا، ئۇ كىشىگە سالامەتلىك تىلەش؛ كېسەل بولسا يوقلاش؛ ئۆلۈپ كەتسە، مېيىت نامىزىغا بېرىش>> دەپ ئېيىتقان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆلگۈچى مەيلى باشلىق بولسۇن، مەيلى دېھقان بولسۇن، مەيلى ئۇلۇغ بولسۇن، مەيلى ئاددى بولسۇن، ئەگەر ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىساقلا مېيىت نامىزىغا قاتنىشىش بىزنىڭ قەرزىمىز. قارىغاندا تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندى چەت يېزىلارغا بېرىپ مېيىت نامىزىغا قاتنىشىپ باقمىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە يۈرگۈزگەن پىكىرلىرى بىر تەرەپلىمىمۇ ئەمەس، بەلكى خاتا بولغان. مېنىڭ نەزەرىمدە <<ئۆلگەندىمۇ تەڭ بولمايمىز>> دېگۈچىلەر بۇ دۇنيادىكى پۇل- مالغا، ھوقۇق- مەنسەپكە، ئابروي- ئىناۋەتكە بېرىلگۈچىلەردۈر. ئۆز نۆۋىتىدە مەن تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ۋاپات بولۇش ئالدىدا نېمە دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغانلىقىنى بىر قېتىم ئەسلەپ قويۇشىنى ئۈمد قىلىمەن.
ئاخىرىدا، تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ << بۇ پارچىنى شېئىرى تۈسكە كىرگۈزمەكچى بولغان تەڭرى، دەۋر، قەبرە دېگەن سۆزلەرنى قاپىيە دېگىلى بولمايدۇ... دېمەك، بۇ شېئىرمۇ ئەمەس>> دېگەن پىكرىگە قارىتا ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي:
مېنىڭچە، بۇ سۆزلەرنى قاپىيە ئەمەس دەپ بىراقلا ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلىرىمىزدا بۇنداق قاپىيىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. يەنى يېزىلىشى قاپىيە كەلمىسىمۇ، لېكىن تەلەپپۇزدا قاپىيىگە چۈشىدىغان سۆزلەرنى ئاچ قاپىيە قىلىپ ئىشلىتىش بەزى شېئىرلىرىمىزدا مەۋجۇت. مەسىلەن: ئاخىرى <<ئا>> ھەرپى بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەر بىلەن ئاخىرى<<ئار>>دېگەن قوشۇمچە بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرنى قاپىيە قىلىپ ئىشلىتىش خېلى ئومۇملىشىپ قالغان. چۈنكى <<ئار>>قوشۇمچىسى بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلغاندا ئاخىرىدىكى <<ر>> چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاپىيەدىن چاتاق چىقمىغاندەكلا بىلىنىدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن چىقىش قىلىپ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قاپىيە كەلتۈرگەن سۆزلىرىگە قارىساق، <<دەۋر>>دېگەن سۆزنى تەلەپپۇز قىلغاندا، بۇ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى <<ر>>ھەرپىگە بىر <<ى>>قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. <<قەبرە>>سۆزىنى تەلەپپۇز قىلغاندا بۇ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى <<ئە>> ھەرپى يىنىك <<ى>>تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. شۇڭا بۇ سۆزلەرنىمۇ قاپىيە ئەمەس دەپ كەتكىلى بولماس.
ئەگەر تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ گېپى بويىچە ھازىرقى شېئىرىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ خېلى كۆپ قىسىم بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلىرىمىز ۋە خېلى كۆپ قىسىم ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلىرىمىز شېئىرىيەت ساھەسىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ. بۇ ئۆچۈرۈلىدىغان شېئىرلارنىڭ ئىچىدە تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. مەسىلەن: تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ <<جانان كېلىدۇ>>ناملىق تەخمىسلەر توپلىمىدىكى <<يۈرەك تەشناسى>>(تۇنىياز مەتنىياز غەزىلىگە تەخمىس)(173-بەت)ناملىق تەخمىسىنىڭ 2-مىسراسىدا <<نەق، تەق، خەلق، بەرھەق>>دېگەن سۆزلەر قاپىيە كەلتۈرۈلگەن. بۇ يەردىكى <<خەلق >> سۆزى قالغان ئۈچ سۆز بىلەن قاپىيە ئەمەس.
يەنە <<بىزار بولدۇم>>(ئابدۇرېھىم زۇنۇن غەزىلىگە تەخمىس)(201-بەت)دېگەن تەخمىسىنىڭ 8-كوپلىتىدا <<ھاڭۋاقتىڭ، گۈل تاقتىڭ، كۆز باقتىڭ، ئوت ياقتىڭ>> دېگەن سۆزلەر قاپىيە كەلگەن. بۇيەردە قاپىيىدە مەسىلە بولغاندىن سىرت،يەنە <<گۈل تاقتىڭ>>دېگەن سۆزدىمۇ مەسىلە بار. <<گۈل تاقىدىڭ>>دېمەكچى بولغان ئاپتور بىرى،بىر بوغۇم ئارتىپ كېتىپ شېئىرغا نوقسان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەنە بىرى، بۇ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى <<تىڭ>>قوشۇمچىسىنى قاپىيە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرتىلىغا ۋە ئۇيغۇر يېزىقىغا <<چاقچاق قىلغان>>. <<جانان كېلىدۇ>>دېگەن بۇ تەخمىسلەر توپلىمىدا بۇنداق چاتاقلار ئېشىپ- تېشىپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى ، نوقسانلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، يۇقىرىقى يازمىنى يېزىپ، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۇ شېئىرى پارچىسىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن كەڭ ئوقۇرمەنلەردىن كەچۈرۈم سورىشىنى ئۈمد قىلىمەن.
ئاپتور: تاش
2011-يىلى 10-ئاينىڭ20-كۈنىدىن26-كۈنىگىچە يېزىلدى.
ئالدىراپ يازدىم ، ئىملادا مەسىلە بولسا كەڭ مۇنبەرداشلىرىمنىڭ كۆرسىتىپ قويۇشىنى ئۈمد قىلىمەن.