كازافىينىڭ ئۆلۈمى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ ياكى باشلىنىشىدىنمۇ؟ |
[كازافىي ھەقىقەتەن قازا قىلدى! يەتتە ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان لىۋىيە ئۇرۇشى ئاخىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ ھوقۇقنى تارتىۋېلىشى ۋە كازافىينىڭ خانىۋەيران بولۇشىدەك ئاقىۋەت بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ لىۋىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي كۈرىشى شۇنداقلا لىۋىيە خەلقىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى. ھالبۇكى، ناھايىتى تېزلىكتە كەلگەن بۇ ئۇرۇش باشلانغان تۇنجى كۈنىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئاخىرلاشقانغىچە، بۇ كۈچلەر تەشكىل بولمىغان ئۇرۇش بولدى. ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمىغان، دۆلەت ئىچىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپ، ئاڭ فورماتسىيەسىدە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىققان دۆلەت ئەسلىدە بىر مەيدان ئۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىش، سىياسىيدە مەدەنىي بولۇشتەك نىشانغا يېتىپ ، سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىش ياسىماقچى بولغان ئىدى، ئۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئۇرۇش كەينىدىكى بۈيۈك دۆلەت مەنپەئەتىنى تالىشىش ھەمدە ئوخشىمىغان ئاڭ فورماتسىيەسى ئاستىكىدىكى زوراۋانلىق ئامىلىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن
ئېنىقسىز ئامىللار پەيدا بولدى. شۇڭا، لىۋىيەنىڭ كەلگۈسىدە كىمنىڭ چاڭگىلىغا ئۆتۈشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئازابقا بەرداشلىق بېرىش ياكى بېرەلمەسلىكىگە بىر نېمە دېمەك تەس
غەرب دۆلەتلىرىنىڭ لىۋىيە ئۇرۇشىغا ئارقا ئارقىدىن قول تىقىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرى پۈتۈنلەي ئوچۇق ئاشكارا بولدى. گەرچە بۇندىن بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1973-نومۇرلۇق قارارى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلىشىش باھانىسى بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت قىلىشى ئاستىدا فىرانسىيە باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر دوپپىسىنى سورىسا بېشىنى ئەكىلىپ، ئۆپكىنى گۆش كۆرسىتىپ، بىر مەيدان سىرت ئارىلاشقان ئۇرۇشىنى لىۋىيەلىكلەرگە تاڭدى. مەيلى لىىيەلىكلەر نېمىنى تاللىسۇن جاۋابى ئاللاقاچان بېكىتىلىپ بولغان، بۇ پەقەت ۋاقىتنىڭ بالدۇر كىيىنلىك مەسىلىسى خالاس.
ئەگەر 19-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئۇرۇشلاردا «سۈيقەست»
يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان بولسا، 21-ئەسىردىكى ئۇرۇشلاردا سۈيقەست تېخىمۇ ئوچۇق ئاشكارا بولدى. بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمۇ ياكى قايغۇ ئەلىمىمۇ؟ ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىچە چۈشەندۈرۈلۈشى بار، بۇ ئەجەبلەنگۈدەك ئىش ئەمەس.
يېرىم يىلدىن كۆپىرەك داۋاملاشقان لىۋىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىنى ئەسلەيدىغان بولساق، دۇنيا خەلقى بۇ تارىخقا گۇۋاھ بولالايدۇ. داۋام قىلىۋاتقان بۇ تارىخ بەزى سىياسىيونلارغا شەرەپ ئاتا قىلسا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا قاتناشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئاپئاشكارا مەنپەئەت تالىشىشىنى ئېچىپ بەردى. گەرچە غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئۇرۇش قىلىش مەقسىتىنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ساركوزى، كامېرون، ھىلارى قاتارلىق غەرب سىياسىيونلىرى لىۋىيە ئۇرۇشىغا ئارلاشقاندا ئۇرۇشقا قاتناشقان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ لىۋىيەدىكى
مەنپەئەت ئارزۇسىنى كىشىلەر بىلىپ يەتكەندە كۈلۈپلا قويىدۇ خالاس. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە خېيىم-خەتىرى، ياۋروپانىڭ قەرز كىرزىسى، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشى بىلەن بىر قاتار
كىرىزىس كېلىپ چىقتى.نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك سەۋەبلىك نارازىلىق كەيپىياتى كۆرۈلدى. ئىقتىسادى مەنپەئەتنىڭ چۈشەپ قويۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى يەنىلا سىياسىيونلارنىڭ باھانىسى بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، كۈچلۈك دۆلەتلەر مۇشۇ ئەۋزەللىكى بىلەن دۇنيانىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالىدىغان لىۋىيە ئۇرۇشىنى قوزغىدى. قارىماققا ھەممىسى شۇنداق توغرا كېلىپ قالغاندەك ، ھەممىسى ھازىرقى مەنتىقىگە ئۇيغۇندەك كۆرۈنىدۇ. لىۋىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىدا دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىياسىي ئويۇنغا بىر ئاجىز دۆلەت خەلقنىڭ قان تەرى بەدەل قىلىنغان. ئۇنداقتا بۇ ئۇرۇش لىۋىيە خەلقىگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟
ھېچكىممۇ لىۋىيەنىڭ ئاتالمىش زامانىۋى مەدەنىيلىككە مېڭىشىغا، لىۋىيەنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتالايدىغانلىقىغا كاپالەت بېرەلمەيدۇ. بۇ نۇقتىنى ئافغانىستان بىلەن ئىراقتىن كۆرۈۋالالايمىز. غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھە دېسىلا نەچچە مىليارد ، ھەتتا نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، يەنە كېلىپ تېخىمۇ كۆپ قورالنى مۇشۇ دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا ئىشلىتىشى ھەرگىزمۇ ئۇلار دەۋاتقان «مەدەنىيلىك ئۈچۈن» ئەمەس.
ئۇرۇش ئىنسانلار ئارىسىدا ئەزەلدىن توختاپ قالغان ئەمەس، ھەم مەڭگۈ تۈگۈمەيدۇ. ئاتالمىش تىنچلىق- مەڭگۈ نىسپىي ئۇقۇم. ھەر قانداق بىر دۆلەت ۋە رايون خەلقى ئۇرۇش بولۇشنى خالىمايدۇ. ھالبۇكى ھازىر ئۇرۇش قوزغىغۇچىلار قان ئاققۇزۇش، قۇربان بېرىشتىن ئايانمايدۇ. قانداق قارشىلىق كۆرسەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇرۇش يەنىلا يۈز بېرىۋېرىدۇ. مەسىلە بىزنىڭ ئۇرۇش يۈز بېرىش بولۇپمۇ ئۇرۇشنى قانداق ئازايتىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشىمىزدا. ھىچ كىممۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىقى، زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىكى، ئاڭ فورماتسىيەسى پەرقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. لېكىن، ئىنسانلار ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن بىز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ
نەتىجىلىرىنى زادى قانداق قەدىرلەش، ئىنسانلارنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن قانداق كۆرەش قىلىش كېرەكلىكى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشىمىز كېرەك.
بۇ تارىخى نۇقتىدىن كازافىينىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپ. ئۇ بىر مەيدان ئۇرۇشنىڭ ئاياغلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ ياكى يېڭى ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ بىز بۇنىڭغا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيمىز. لېكىن ھازىرقى ۋەزىيەتتە زىددىيەت يەنىلا ھەر قايسى دۆلەت ئارىسىدا پەيدا بولماقتا، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىسى كۆپ ئەمەس. ھەر قايسى دۆلەتلەر تىنچلىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغاندىلا ئاندىن ئىنسانلارغا
قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلەيدۇ.
مەنبە : نۇر تورى[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-10-26 22:36قايتا تەھرىرلى ]