باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 387 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانمىلار
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 890
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە890دانە
ئۆسۈش: 3600 %
مۇنبەر پۇلى: 11447 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-11-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-26 19:33

تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانمىلار

 تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانمىلار
2011-05-24
ئاللاھتائالا  ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئىلىم ھىكىمەت،روھى لەززەتنى ئاتا قىلغان بولۇپ،ھېكىمەت ئىلىمى دۇنيادا زۇر تەسىر كۇرسىتىدۇ ، ئەمىسە تۇۋەندىكى ھېكىمەتلەرنى كۇرىپ بىقىڭ !
 ئاللاھ غەزىپى ساڭا چۇشمەسلىكى ئۇچۇن ئىبادەت ،ئىستىقامەتتە چىڭ تۇر .
. تولا داۋالاشما ،غەزەپكە يولۇقۇپ قالىسەن.
. ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ ئازلىغى ،خارلىقنى ئېلىپ كىلىدۇ .
. دۇنيا ئەھۋالىنى ياخشى بىلسەڭ ،ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەيسەن .
. زىياپەتتە ياخشى تائام ئالدىڭغا قۇيۇلسا ،ئالدىراپ كەتمە،سۇنى تېز ئېچكەن ئادەم تېز ئۇسسايدۇ،ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن.
. ئەگەر،سەن ئىلىم-ھېكىمەتكە ئەمەل قىلالىساڭ ،دۇنيا-ئاخىرەتتە ئىسىل پەزىلەتكە لايىق بۇلىسەن.
.كىشىلەرنىڭ ئولۇغىنى تۇنۇشمۇبىر نېئىمەتتۇر.
. رەببىڭ سەندىن ئىنتىقام ئالمىسۇن دېسەڭ ،كىشىلەرنى قورقۇتما.
. زولۇم قلىپ باي بولساڭ،كېيىن زولۇمغا ئۇچراپ پېقىر بۇلىسەن .
. ئاللاھ خالىغاننىنى ئەزىز ،باي ،خالىغاننىنى پىقىر ،خار قىلىدۇ،بۇ ئىرادىگەئىتراز ،چاقچاق قىلغۇلى بۇلمايدۇ .
. سىنى ئاللاھ سىنايدۇ ،سەن ئاللاھنى سىنىمايسەن،ئۇ خالىغىنىنى قىلىپ سوراققا تارتىلمايدۇ ،سوراق قىلىدۇ،نىمە قىلدىڭ دىمەيدۇ ،بۇنى نىمە ئۇچۇن قىلدىڭ ؟ دەيدۇ .
. ئاقىل بولساڭ،بالاڭنى ياخشى تەربىيەلە،ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۇگىتىپ،يامان كىشىلەردىن يىراق قىل ،چۇنكى ،ئۇ ئاق دەپتەر شۇنداق قىلالىساڭ ،دۇنيا ئاخىرەتتە ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلىسەن .
. شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى،پۇتكۇل مەخلۇقلارنى ياخشى كۇرىپ ،كۇيۇنۇپ يارتىپ،تۇردىغان ئاللاھنىڭ قولىدا ،تەقدىر بار ۋە تەدبىرلەر بار .
.بىلگىنكى پىقىرلىقتىن كېيىن دۇلەتكە ،خارلىقدىن كېيىن ،ئىززەتكە ئېرىشسەڭ ،بالدۇرقى كۇنۇڭنى ئۇنۇتماي شۇكرى قىل ،مال-مۇلكىنى ساقلاپ بېخىللىق قىلىپ ،ھەقنى توسىما،چۇنكى ،ئۇ ساڭا ئامانەت ،ياخشى ئادا قىل ،ئۇمۇ سەندىن يۇتكىلىپ كىتىدۇ ،ساڭا پەقەت ئاخىرىدا ياخشى يامان ھۇكۇم چىقرلىش قالىدۇ خالاس.
. ھەق يولغا ،ھىدايەت تاپقان كىشىدىنمۇ ئۇلۇغ كىشىنى تاپالامسەن؟
. كىمكى ،قانۇن-تۇزۇم شەرىئەتكە خىلاپلىق قىلسا ،يامان جازالىنىدۇ.
.كۇفرىدىن چۇڭ گۇناھ يۇق.دوۋزاخ ئوتىدىن چۇڭ جازا يۇق .
.ھەقىقى ئادالەت بەلگىلىمىسى ،ئۇزگەرتىشنى قۇبۇل قىلمايدۇ.
. بەزى چاغلاردا سۇئال سۇرىمىسا گەپ قىلما .
 چۇڭلار ئىشقا بۇيرىسا ،خاتا بولمىسىلا ،ئىجرا قىل ،بولمىسا خەتەرلىك .
. ئىلىم ھىكىمەتتە ،بىرەرسىنىڭ ئولۇغلۇغىنى ھىس قىلساڭ ،ئۇنىڭغا چۇڭچىلىق قىلما ،چۇنكى سەن ئىلىم ھىكىمەتتىن چۇڭ بۇلالمايسەن .
. ئالىملار مەجلىسىدە ئالدىراپ سۇز قىلما،چۇنكى ،سەندىن ئالىمراقى باردۇر .
. نۇرغۇن جايلاردا بىر خل سۇز قىلىش نادانلىق،ھەرخىل جايلاردا ،لايىقىدا سۇز قىلىش دانالىق .
. بىرەرسىنى ياخشى ئەمەلدىن توختىتىپ قۇيما ،بۇلمىسا سەن ياخشىلىقنىڭ دۇشمىنى بۇلىسەن .
. ئامانەتكە خىيانەت قىلمساڭ ،ئىززىتىڭ ،ئىشەنچىلىكلىكىڭ ئاشىدۇ .
. ھەقىقى ئالىم .ئۇستاز ياكى ئىمام باشلىق بىلەن بەسلەشكەن كىشى ،ھەقىقى ئەخمەق بولىدۇ .
. بىرەر ئۇيگە كىرسەڭ ،شۇ .ئۇيدىكى گۇزەل ئاياللاردىن قاتتىق ھەزەر قىل ،كۇز-قىرىڭنى سالما ،مايىل بولما،ئەنە شۇنداق قىسقا لەززەت ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۇمرىنى نابۇت قىلدى،زىنا ئويى ،خارابلىق جايى ،زىنانى مەخسەت قىلغان قەلىب ،خاراب ،زىناخور بۇلسا ،تۇغرا يولنى تاپالمايدۇ ،غەزەبكە يۇلۇقىدۇ .
. ئاقىل بولساڭ ،ئۇز ئۇيۇڭنىڭ تەدبىرىنى ياخشى قىل ،ياخشى ئىگە بول ،دەيۇز بولما ،يولىدا كۇنلە ،ئىككى ئالەمدە شېركىڭ بولغان ئايالىڭغا ياخشىلق قىل ،يۇمشاق دىللىق ،سوغا-سالاملىق بولۇپ ،قەلبىنى ئۇت .
. ئىلمىڭدىن ئەجەبلەنمە ،چۇنكى ،ئىلىم دېگەن قىرغىقى يوق ھەكسىز دېڭىز ،سەن بىر گۇھەرگە ئېرىشسەڭ ،باشقىلار مىڭغا ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن ،ئىلىم-ھېكمەت بولسا ،ۋۇجۇدى كام مەنىۋى ئۇلۇغ نەرسە .
 باش بولساڭ ،كەينىڭدىكىلەرگە ياخشى ئۇلگە بولغۇدەك بول ،قازى بۇلساڭ ،ياخشى ئاڭلاپ ،غەزەبلەنمەي تۇغرا ھۇكۇم قىل .
. سېنىڭ بۇيرۇقۇڭ ياكى چەكلىشنىڭ ،ئىرادە قىلشىڭ ياخشىلىققا ئېرشىش ئۇچۇن ئەمەس ،بەلكى ،ئىرادىنى ياخشىلاش ئۇچۇن بولسۇن ،ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ .
 ئازماسلىقىڭ ئۇچۇن ،پىكىر ،تەپەككۇر،كۇز قاراشتا مۇستەبىدلىك قىلما،ھەم سېنىڭ دوسىتلىرىڭ ئالدىدا شەخسىيەتچىلىك قىلما .
 قاتتىق بولما ،سونۇپ كىتىسەن. يۇمشاق بۇلما سىقىلىپ كىتىسەن .
 ئىقتىساددا بېخىللىق ياكى ئىسراپچىلىق قىلماي ئوتتۇراھال بول .
ساڭا باشقىلار ئىتائەت قىلغاندا ،قادىر بولالايدىغانغا تەكلىپ قىل .
ئىككى تەرەپكە ئۇتتۇرىدا تۇۇرپ ئادىل ھۇكۇم قىل ،بىر يانغا يان باسما .
ساڭا يامانلىق قىلغان كىشىنى ئەپۇ قىلغان بولساڭ ئىككىنچى شۇ ئىشنى تىلغا ئالما .
كىم تېرىشسا ئىخلاس قىلسا ،ئاللاھ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى چېقرىپ بېرىدۇ .
 بۇگۇنكى پۇرسەتنى ئەتىگە قويما ،تېرىشقان تاپىدۇ .
 ھاياتىڭدا ئىنتىزامچانلىق بىلەن ئۇزۇڭنى كونتىرۇل قىلالىساڭ ،زور غەلبە قىلغان بولىسەن ،شەھۋەتكە بويسۇنغان خار ،مەغلۇپتۇر .
 چۇڭلار ئالدىدا ھەقنى دىسەڭمۇ ،تاكاللاشقان بولىسەن ،ئۇزۇڭنى كەمتەر تۇت ،سۇزى تۇختىغاندا پۇرسەت تىپىپ سۇزلە .
مۇنازىرلەشكەندە ،كۇلۇپ تۇرۇپ ،ئەخلاقلىق بىلەن مۇنازىرلەش .
 قېرىندىشىڭ ساڭا يامان گەپ قىلسا ،سەن ياخشى گەپ قىل .
 باشقىلار گەپ قىلۋاتسا ،گىپىنى بۇلمەي ،بېرىلىپ ئاڭلا،سۇكۇت ،گۇھەردىن قىممەتلىك ،سۇزلىسەڭ قىممەتلىك سۇزلە .
 پېقىرنى ۋە ئۇنىڭ كۇز قارشىنى ھاقارەتلىمە .بۇ ئالىيجاناب ئىش ئەمەس .
 كىشىلەر ئارىسىدا ھەقىيقەتنى بۇرمىلىما ،بولمىسا زور ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ .
 ساڭا باشقىلار ئاشكارلىغان سىرنى سەن باشقىلارغا ئاشكارلىما .
ھاياتى تەرجىمىھالى ياخشى بولمىغان كىشى ئازغۇن ،سەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئازما ،ئىبىرەت ئال .
 تارىخ دىگەن كەلگۇسىگە تۇتۇلغان ئەينەكتۇر ،ياخشى كۇرىپ باق .
 ھەر قانداق قەۋم بىلەن ياشىساڭ ،ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۇتىۋال .
 سۇزلىرىڭ دائىم قىسقا توغرا ،پايدىلىق بولسۇن .
توغرا يۇل تاپاي دېسەڭ ،ياماندىن يىراق بول ،مەخلۇققا بولغان تامادىنمۇ يىراق بول ،ئۇ داۋاسى يوق كېسەل ،پېقىر قىلېتىدۇ .
ئۇزىنىمۇ بارچە غىمىنىمۇ ۋاختىنىمۇ دۇنياغىلا قا راتقان كىشى قىلچە لەززەت ئالالماي كېتىدۇ ،كىشىلەردىن قورۇققان كىشى ،غەمدە ئولۇپ كىتىدۇ ،لەززەتنى ،باتۇرلار تېتىيالايدۇ .
 كۇندۇزدىكى ئەمەل ۋاختىنىمۇ شەھۋەتكە بەرگەن كىشىنىڭ ئائىلىسى ۋەيران ،خاراپ بولغاندەك،بۇ دۇنيادىكى بارلىق ۋاقتىنى شەھۋەكە بەرگەن كىشى ئاخىرەتتە ۋەيران ،خارابتۇر .
دوستڭنىڭ تەبئىتىنى ،مىجەز-خاراكتىرىنى ئۇقماقچى بولساڭ ،ئۇتمۇشىنى سورا .
 ھاياتلا بولساڭ ،خۇشخۇي ،ئەخلاقلىق بول .
كىشىلەر ئارسىغا ئاداۋەت سالغان كىشى ئۇزى يالغۇز قالىدۇ،ھەمراھ تاپالمايدۇ .
 تېشىڭدا ياخشى بولغاندەك ئىچىڭدىمۇ ياخشى بول .
 ئىنسان قېرىسا كېچىكلىككە قايتىدۇ ،كۇزى،سۇزى،قۇلىقى،ئەقلى،ئەستە تۇتۇش ،كۇچ-قۇۋۋىتى ھەممىسى شۇ .
 شۇڭا ئاتا-ئاناڭغا كۇيۇن ياخشىلىق قىل .
 ئەمەللىرىڭدە ئاللاھقا ئىخلاس قىل ،بۇ قۇلچۇلۇقنىڭ سەمىيمىيتى .
 رەببىڭ ياقتۇرمايدىغان ئىشلار بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق ئىزدىمە ،تەقدىردىكى سىرنى كوچىلىما ،بۇ ئەقلى ئىدراكدىن ئىشتۇر .
 بىرەرسى مەسلىھەت سورىسا ،ساماۋى كىتاب قۇرئاندىن مەسلىھەت بەر ،مۇسۇلمان بولۇپ ،كارامەت بېرىلگەن بىر زاھىد مۇنداق دېگەن ؛
مەن ئىسلام دىنىنى نەپسىمگە دەڭلىسەم ،ئۇ ياقتۇرمىدى ،شۇنىڭ بىلەن مەن ئىسلام دىنى توغرا ئىكەن دەپ موسۇلمان بولغان .
 ئاياللارغا مەسلىھەت سېلىپ ،قارشىسىنى قىلساڭ ،غەلىبە قىلىسەن .
زولۇمغا ئۇچرىغان كىشى ،ئاللاھقىلا ئەرز قىلسۇن،چۇنكى ،ئۇ ھەقنى ئاشكارلاپ باتىلنى يوقاتۇقۇچىدۇر .
 ياخشى باشلىنىشقا ئېرش ،ئاخىرى تىخخمۇ ياخشى بولىدۇ .
تىلىڭنى ئوبدان ساقلا،چۇنكى،ئۇ ھەممە يامانلىقنىڭ سەۋەبچىسى ،قىيامەت كۇنى ھەر بىر لەۋزىدىنمۇ ھېساپ برىسەن،ھالاللىرىغا ھېساب ،ھاراملىرىغا ئازاب دىگەن شۇ .
 يېشىڭ كىچىك چاغدا يېشى كىچىك قىزنى ئال ،بەخىتلىك بولىسەن ،پات يېقىندا بالاڭ قولۇڭنى بىكارلايدۇ ،زاھىد بۇلىسەن .
 ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلساڭ ،سەنمۇ شۇ ياخشىلىققا ئېرشىپ ،يەنە جەننەت بېرىلىدۇ .
 قېرىندىشىڭنىڭ ھەققىنى قېرىنداشلىق ھەققىگە تايىنىپ ئېلىۋالما .
 ئىرادەم كۇچلۇك بۇلسۇن دىسەڭ ،ئايال كىشىنى قەلبىڭگە غالىب قىلما .
 ئايال كىشىگە مايىل بولۇپ،ئازساڭ ،دىنىڭ ،شەرىئىتىڭ بىلەن ئويناشقان بولىسەن ،ئايال كىشى دىگەن قارارى يوق ،ئاققان سۇغا ئۇخشايدۇ ،سىرىڭنى بەرمە ،ئۇ شرىن دۇشمەن ،شەھۋەت نەپسى ھالاكەتتۇر .
ھاراق ئىچكۇچى ،خارلىق ،خاراپ ئىچكۇچىدۇر .
قورقۇنچاقلىق ھاياتىنى ئۇزارتالمىغاندەك ،باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ .
 ئىبادەت بىلەن ئويۇڭنى لازىم تۇت ،ياخشىلىققا بۇيرۇغۇچى ئالىمنى  زىيارەت قىلساڭ ،يېقىن دۇستۇڭنى كېسەلدىن يوقلىساق مەيلى .
 بىر پۇرسەت قولدىن كەتسە ،ئۇمىد ئۇزمەيئىككىنچىنى چىڭ تۇت .
 ھەيىبىنىڭ يۇقالماسلىقى ئۇچۇن كىچىك بالىلار بىلەن ئوينىما .
 يامانلىقنى سۇزلىسەڭ ،ئاقىۋىتى ئۇزۇڭگە قايتىپ كىلىدۇ .
 نەپسىنى باشقۇرۇش دېگەن ھاۋايى-ھەۋەسدىن توسۇشتۇر .
 سەن ھەرگىز تىكەندىن ئۇزۇم ئۇزەلمەيسەن .
ھەربىر ئىنسان باشقىلار بىلەن ئەمەس ،ئۇزى بىلەن مەشغۇل بولسۇن .
ھەقىقى بەخىت ،مال-دۇنيا بىلەن بولمايدۇ ،بەلكى، ئەقىل نۇرى ،پەزىلەت،ئېسل ئەخلاق ،قانائەت ،رازىلىق بىلەن بولىدۇ ،خۇددى ،بايلىق پۇل بىلەن ئەمەس نەپسىنىڭ بىھاجەتلىكى بىلەن بولغاندەك .
ئۇستازىڭنىڭ ئاچچىقى بېسىققۇچە نېرى تۇر .
 قانچە قاتتىق كۇنگە قالساڭ ،شۇنچە ئۇمىد ئۇزمە ،چۇنكى ،بىر مۇشكۇللۇك ،قېيىن ئىش بىلەن ئاسان بىللە .
 ۋەكىل تۇتماقچى بۇلساڭ ،ئىشەنچىلىك ئاقىلنى تۇت.
 كىشىلەرنىڭ تاشقى كۇرنىشىگە قاراپ ئىشىنىپ قالما ،ھالاك بولىسەن .
 كىشىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى دوستىدىنمۇ ،دۇشمىنىدىنمۇ سورىما .
قىلۋاتقان خىزمەتتە ھورۇنلۇق قىلساڭ ،ئاقىۋىتى زور زىيان .
 توشقان ئالىم بولغاندا ،قەلىب سەھىپىلىرىڭنى تەكشۇرۇپ باق،يا قوشۇلىدۇ ،يا ئېلىنىدۇ ،ھېچبۇلمىغاندا تەكرار بولىدۇ .
ئالىم دىگەن دۇنيالىقتا پېقىر بۇلسىمۇ ،ئۇستۇن مەنزىلگە ئىگىدۇر ،ئىلىمنى ھۇرمەتلە ،ئوبدان ھىمايە قىل ، سېنىمۇ ھىمايە قىلىدۇ .
. نەرسە يېسەڭ بىللە تۇرغانلارغىمۇ بېرىپ يە .
 ئىنسان يېيىش ئۇچۇنلا يارىتىلمىغان ،بەلكى، ئۇ پاك ،ئېسىل ھايات كەچۇرۇش ئۇچۇنلا ،يەپ قۇيىدۇ ،بۇ ھاياتنى ئەبەدىي ھاياتقا  ئۇلايدۇ .
 ھەرقانداق زامان ،ماكانغا يۇلۇققان ھادىسە ئۇزگۇرىدۇ ،ۋە ئاخىرىدا يۇقايدۇ ،شۇڭا ،ئاخىرەت دۇنياسىدا كېچە-كۇندۇز ،زامان يوق .
مۇھەببەت كور ۋە گاس قىلېۋىتىدۇ،مەھبۇبنىڭ قەبىھلىكىنىمۇ گۇزەل كۇرسىتىدۇ .
 ئوغرىلىق قىلما ،بولىمسا جاھانغا ئىبىرەت بولۇپ قالىسەن .
 باي ،پېقىرنى خارلىسا ،ئۇنى ئاللاھ  خارلايدۇ ،يا دۇنيادا يا ئۇ دۇنيادا .
 ئاللاھقا ئىتائەت قىل ،شەيتانغا ئاسىي بول ،نىجات تاپىسەن .
 شېرىكىڭگە ھېسابنى غەلىيتە قىلما ، خىيانەت قىلغان بولىسەن .
 كىشىلەرگە ئىچىڭدىكىدىن ئەكسى بويىچە مۇئامىلە قىلساڭ ،ئۇلارنى ئالدىغان بولىسەن .
ھالالدىن تاپقان بىر يۇئەن ،ھارامدىن تاپقان 1000 يۇەندىن ياخشى .
 تويۇقسىز ئۇلۇم بولغاچقا ،كۇنلىرىڭنى بىكار قىلۋەتمە .
ئۇز ئۇيۇڭدە ئەركىن ھالدا يىگەن بىر پارچە نان ،مەھبۇس بولۇپ ياكى خارلىق ،ئاھانەت ئاستىدا يېگەن گۇش پولۇدىن ياخشى .
 قەلبىڭگە مال-دۇنيانى ياخشى كۇرسەتمە،مال-دۇنيا يېغىشقىمۇ ھېرىسمەن بولما ،چۇنكى، ئۇ تەقسىم قىلىنىپ بولغان .
 مال-دۇنيا ،پۇل-پۇچەككە خۇشال بولغىنىڭ دۇنيانى دوسىت تۇتقىنىڭ شۇ .
دائىم ئىشلاردا چۇشۇڭگە تايىنۋالما ،ئۇڭۇڭغىمۇ قاراپ باق .
 ياخشى ئەمەلدە يوغان تاش ئىزىدا چىڭ تۇرغاندەك چىڭ تۇر .
 يالغانچىنىڭ سۇزىنى تەستىقلىما  رەددىيە بەر بولمىسا باشقىلار سەن سەۋەبلىك راسىتكەن دەپ قالىدۇ -دە ،سەنمۇ بىر كاززاپ ھېساپلىنىسەن .
 كۇن چىققۇچە يىتىپ قالماي ،سەھەر تۇر ،بۇ بەك پايدىلىق .
 ئاقىلدا تەدبىر بولغاچقا،كۇچ-قۇۋۋەتمۇ بۇلىدۇ .
 سەن بىر كىشىنى ئالداپ قويساڭ ،سېنى ھەممە كىشى ئالداپ قۇيىدۇ .
 پاسىق، يامان كىشىلەرگە سۇز قىلما ،مۇئامىلە قىلما ،شېرىك بولۇپ قالىسەن .
 ئىشەنچىلىك كىشىنى ئامانەت قويغاندا بىلىسەن،ئادىلنى ئۇ مەنسەپكە ئولتۇرغاندا  بىلىسەن ،دوستىنى قاتتىق كۇنگە قالغاندابىلىسەن ، باللىرىڭنىڭ ياخشىسىنى سەن مۇھتاج بولغاندا بىلىسەن ،ئاتا-ئاناڭغا ياخشىلىق قىلىشنى سەنمۇ قېرىغاندا بىلىسەن ،مۇشۇقنىڭ ئىشقىنى ئايرىلغاندا بىلىسەن ،ياشلىق ،ساقلىق بايلىق ،ھاياتلىقنىڭ قەدرىنى  شۇلارنىڭ ئەكسىدە بىلىسەن .
 ياخشى ئىنسان ،دائىم ئاللاھنى ئاخىرەتنى  ئەسلەيدۇ .
 جەننەت ،قۇربان بېرىشكە تەييار كىشىگە تەييارلانغان .
ئىنسان بەختى ،جىسمانى ئوزۇققا ئەمەس ،روھىي ئوزۇققا  ،ئازابمۇ شۇدۇر .
 ياشلىق گۇزەل،ئەمما ئۇ جاپالىق چېنىقىشقا تولغان .
 ھەرگىز غەيۋەت قىلما .
 سەندىن پايدىلىنىشنى غەرەز قىلمىغان ئاقىل كىشىنىڭ سۇزنىنى تاشلاپ قويما .
ئويۇڭدىمۇ قالايماقان سۇز،ھەرىكەت قىلما،چۇنكى ئۇلار ساڭا ئىقتىدا قىلىدۇ .
 دائىم قەلبىڭنى  ئايال كىشىگە ئالاقىدار قىلىپ قويما ھاياتىڭ نابۇت بولىدۇ .
 ئەخلاقلىق،گۇزەل ئايال ،مۇنكەر ئىشىنى قىلمىسىلا ئاقىل ھېساپلىنىدۇ .
 ئاقىل كىشى دىگەن ئاخىرەت تەييارلىقىنىلا قىلىدۇ .
 سېنى شەيتان ئازدۇرالايدىغان ھەرقانداق يولدىن يىراق بول .
 سەن ئەڭ ئونتۇشقا تېگىشلىك ئىش ،بەك ئېسىڭدە قالغان بولىدۇ ،شۇڭا،،ئونتۇشنى بىل،پەقەت ئونىتالمىساڭ ،ئۇنى ئەسلىمەسلىككى تېرىشقىن .
ھەق يولغا بېخىللىق قىلما ،يا سەندىن مال-دۇنيا كېتىپ قالىدۇ يا سەن كېتىپ قالىسەن .
 يېقىنلىرىغا ياخشىلىق قىلمىغان كىشى باشقا  قۇشنىڭ تۇخۇمىنى باسقان قۇشقا ئوخشاش ،ئىزى ئۇچۇپ كىتىدۇ .
 ئەدەپ-ئەخلاق يامان كىشىگە كىشىلەر ئالدىدا قوپاللىق قىلما .
 ھارام ئىشلارنى قىلىش،ئاخىرەتتىكى نىسىۋەڭنى قىرىپ تۇگىتىدۇ .
 بۇ ئىلىم -ھىكىمەتنى ئوقۇغان ئاقىل كىشى ،ئەمەل قىلىپ ،ئاخىرەت ئۇچۇن ئوزۇق تەييارلايدۇ،بۇ تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارىغاننى يادغا ئېلىپ ،باشقىلارغا سۇزلەپ بېرىدۇ..............

مەنبە؛http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=4649
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 1914
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1914دانە
ئۆسۈش: 4550 %
مۇنبەر پۇلى: 23008 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-11-01

ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
كۆكئاي
باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 632
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە632دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 7178 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2011-11-02
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-26 22:27

ئاللاھتىن قانداق مۇئامىلە ئىستىسەڭ قۇللېرىغا شۇنداق مۇئامىلە قىل.
dinimizislam.blogbus.com
دوستلىشىش
nazli0998
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 507
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە507دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 5255 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2011-11-01
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-27 00:24

رەھمەت سىزگە قىرىندىشىم .
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 185
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە185دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1870 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2011-11-01
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-27 15:42

رەھمەت  سىزگە
ئۆزۇمنىڭ مۇسىلمان بولغانلىغىمدىن پەخىرلىنىمەن!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8365
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 27
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-29
ئاخىرقى: 2011-11-01
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 17:39

بەكياخشى كىتاپ ئىدى بۇ ،مىنىڭ خەت ئۇرۇشۇم بەك ئاستا ،بولمىسا يوللاپ قۇيار ئىدىم ، قېرىنداشلاردا بولسا يوللاپ قويساڭلا
ھەممە تورداشلا  كورگەن بولسا  بەك ياخشى بۇلاتتى ،
ئۆز خاتالىغىنى  تۇنىغان  كىشى ،ئەڭ ياخشى كىشىدۇر..!
mp3
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1069
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 2796 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-20
ئاخىرقى: 2011-10-31
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 18:16

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى