باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 549 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى پەزىلىتى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 890
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە890دانە
ئۆسۈش: 3600 %
مۇنبەر پۇلى: 11447 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-11-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-26 17:15

زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى پەزىلىتى

                                         بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
 
 
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
 
 
شەكسىزكى بەزى ۋاقىتلارنىڭ باشقا ۋاقىتلاردىن، بەزى جايلارنىڭ باشقا جايلاردىن، شۇنداقلا بەزى شەخسلەرنىڭ باشقا شەخسلەردىن ئەۋزەل بولىشى ئاللاھ تائالانىڭ نېمىتى ۋە رەھمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى بىز بەزى ئاي - كۈنلەرنىڭ پەزىلىتى سەۋەبىدىن يىل بويى تىرىشىپ ئىبادەت قىلىپمۇ ئېرىشەلمەيدىغان كاتتا ساۋاپلارغا ئېرىشىمىز. مەسىلەن رامىزان ئېيى، قەدىر كېچىسى، جۈمە كۈنى، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى، تەشريق كۈنلىرى، زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ۋە سەھەر ۋاقتى دېگەندەك.
 
زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلانغان بولۇپ جانابى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: (سۈبھى بىلەن، ئون كېچە بىلەن قەسەمكى،) (فەجر سۈرىسى 1-2-ئايەتلەر)
 
ھەزرىتى ئىبنى ئابباس، ئىبنى زۇبەير، مۇجاھىد ۋە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كۆپلىگەن مۇپەسسىرلەر بۇ كېچىلەرنى زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كېچىسى دەپ تەپسىر قىلغان، ئىمام ئىبنى كەسىير: مۇشۇنداق تەپسىير قىلىش توغرىدۇر دېگەن.(تەپسىرى ئىبنى كەسىير 4/506)
 
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئون كۈننىڭ كېچىسى بىلەن قەسەم قىلىشى بۇ كۈنلەرنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزلىنىڭ كاتتىلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
 
سەئىيد ئىبنى جۇبەير ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «باشقا كۈنلەردە قىلىنغان ھەرقانداق ئىبادەت مۇشۇ (زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى) ئونىدا قىلىنغان ئىبادەتتىن ئەۋزەل ئەمەستۇر» دېگەندە. ساھابىلەر: جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەمدۇ؟ دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: «جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدۇ، پەقەت خەۋپ-خەتەرگە قارىماي، جېنى بىلەن، مېلى بىلەن جىھادقا ئاتلىنىپ چىقىپ، ھېچ نېمىسى ساق قايتىپ كەلمىگەن ئادەمنىڭ ئەمىلىلا بۇنىڭدىن ئەۋزەل بولىدۇ» دېدى.(سەھىھۇل بۇخارى 969-ھەدىس)
 
 
بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەللەر ئارقىلىق مۇجاھىدلارنىڭ ساۋابىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا مۇجاھىدلارغا بېرىلىدىغان ساۋاب قانچىلىكتۇ؟ بۇنى بىلسەك بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى بىلگىلى بولىدۇ .
 
زەكۋان رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: ماڭا جىھادقا باراۋەر كېلىدىغان بىر ئەمەلنى كۆرسىتىپ قويسىلا، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق ئەمەلنى تاپالمايمەن» دەپ ئاندىن يەنە: «مۇھاجىد جىھادقا ئاتلانسا (قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) سەن مەسجىدىڭگە كىرىپ بوشاشماي نامازدا تۇرۇپ، ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتالامسەن؟» دېۋىدى. ھېلىقى ئادەم: بۇنى كىممۇ قىلالسۇن؟ دېدى.(سەھىھۇل بۇخارى 969-ھەدىس)
 
 
دېمەك بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن.
 
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىلىنغان ئەمەللەرنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدىغانلىقى جەھەتتىن ئېيتقاندا زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنىدەك كۈن يوق، شۇڭا ئۇ كۈنلەردە تەسبىھ، ھەمدۇ-سانا، لا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋە ۋە تەكبىرنى كۆپ ئېيتىڭلار» (ئىمام تابارانىي رىۋايەت قىلغان. ئىسنادى ھەسەن )    
 
يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە مۇبارەك ئەرافات كۈنى بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ كۈندە ئاللاھ تائالا ئۆز دىنىنى تاماملاپ مۇكەممەللەشتۈرگەن، بۇ كۈندە تۇتقان روزا ئىككى يىلنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ .
 
بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھدىن ئەرافات كۈنىدە تۇتقان روزا ئۆتكەن بىر يىل بىلەن كېلەر بىر يىلنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتەر دەپ ئۈمىد قىلىمەن» (سەھىھى مۇسلىم: 1162-ھەدىس)
 
 
يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە قۇربانلىق قىلىش كۈنى (زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈنى) بولۇپ، بۇ كۈندە مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئاتىغان قۇربانلىقلىرىنى تەقدىم قىلىشىدۇ، تەكبىير ئېيتىشىدۇ، دېمەك بۇ كۈندە يىل بويى ھېچبىر كۈندە قىلىنىپ باقمىغان تائەت -ئىبادەتلەر قىلىنىدۇ.
 
يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە ھاجىلار تاۋاپ، سەئيى، تەلبىيە ئېيتىش، ئېھرام باغلاش، مىنادا تۇرۇش، مىنادىن ئەرافاتقا، ئەرافاتتىن مۇزدەلىفەگە ۋە مۇزدەلىفەدىن مىناغا يۈرۈش قىلىش قاتارلىق ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىدۇ.
 
بۇ ئۇلۇغ كۈنلەر ھەسسىلەپ ساۋاب ۋە ئەجىرگە ئېرىشىش پۇرسىتىدۇر، چۈنكى بۇ كۈنلەردىكى بىر رەكئەتكە نۇرغۇن رەكئەت ساۋابى، بىر سەدىقىگە نۇرغۇن سەدىقە ساۋابى، بىر تەسبىھقا نۇرغۇن تەسبىھ ساۋابى، بىر ياخشىلىققا نۇرغۇن ياخشىلىق ساۋابى بېرىلىدۇ. بۇ كۈنلەرنىڭ يۈكسەك پەزلىنى ئوبدان بىلگەن سالىھلىرىمىز بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ قولدىن بەرمەيتتى، بۇرۇنقى كاتتىلىرىمىزدىن ھەزرىتى سەئىيد ئىبنى جۇبەير زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنى ھەققىدىكى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ زۇل ھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە ھەتتا ئۆزى چىدىيالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق تىرىشىپ ئىبادەت قىلاتتى، ئۇ بۇ كۈنلەردە ئىبادەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ: "بۇ ئون كۈننىڭ كېچىلىرىدە چىرىغىڭلارنى ئۆچۈرمەڭلار" دەيتتى.. (تەرغىيب ۋە تەرھىيب)
 
بۈگۈنكى كۈنلەردە بىزلەر ئىبادەت قىلىشتا ھورۇنلۇق قىلىمىز، بەزىدە تىرىشقۇمىز كېلىدىيۇ لېكىن ئىرادىمىز ئاجىزلىق قىلىدۇ، شۇڭا بۇ كۈنلەر بىزدەك غەپلەتتە قالغانلار ئۈچۈن ئالتۇندىن قىممەت پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ، بۇ كۈنلەردە قاتتىق تىرىشساق ئېرىشىدىغان ساۋابنى سۈپەتلەپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا بۇ كۈنلەردە قىلغان تىرىشچانلىق يىل بويى تائەت-ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ.
 
 
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى باشقا پۈتۈن يىل ئىچىدىكى بارلىق كۈنلەردىن ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئەۋزەل ھېسابلىنىدۇ، لېكىن مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدىر كېچىسى ئارىسىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدىن ئەۋزەلرەك بولىدۇ.
 
بۇ ئون كۈندە قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا مۇسۇلمان كىشى بۇ كۈنلەردە باشقا كۈنلەردىكىدىن بەكراق ھىممەت قىلىپ نەپلە ناماز، روزا، قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش، ھەمدۇ-سانا، زىكىر-ئىستىغپار، نەپلە ناماز، موھتاجلارغا ياردەم بېرىش، تاماق يېگۈزۈش، سىلە-رەھىم قىلىش، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە بارلىق ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك، چۈنكى بۇ كۈنلەردىكى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى باشقا كۈنلەردىكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ۋە كاتتا بولىدۇ.
 
بۇ كۈنلەردە قىلىنىدىغان ئەمەللەر:
 
1. روزا تۇتۇش: ھەدىستە كېلىشىچە: «پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى توققۇز كۈنىدە، ئاشۇرا(مۇھەررەم ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى) دا ۋە ھەر ئايدىن ئۈچ كۈندە روزا تۇتاتتى» ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانىي رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھى سەھىھ دېگەن.
 
روزا ئالدىنقى 9 كۈنىدە تۇتۇلىدۇ، ئونىنچى كۈنى قۇربان ھېيت بولغاچقا قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇلمايدۇ.
 
2. تەكبىير(ئاللاھۇ ئەكبەر)، تەھلىيل(لا ئىلاھە ئىللەللاھ)، ھەمدۇ-سانا(ئەلھەمدۇلىلاھ)، ۋە تەسبىيھ(سۈبھەنەللاھ) ئېيتىش. بۇلار ئون كۈننىڭ ھەممىسىدە ئۆيلەردە، كوچىلاردا ۋە بارلىق زىكىر قىلىش جائىز بولغان جايلاردا ئۈنلۈك ھالدا ئېيتىلىدۇ. بۇ ھەقتە بىز يۇقىرىدا ھەدىس بايان قىلدۇق. ئۈنلۈك ئېيتىشتىن مەقسەت: ئىسلام پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ئىزھار قىلىش، شۇنداقلا غاپىللارنى ئويغىنىشتۇر. بۇلارنى ئەرلەر ئۈنلۈك ئېيتىدۇ، ئاياللار ئىچىدە ئېيتىدۇ.
 
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋىلىدىكى ئون كۈندە بازارغا چىقىپ تەكبىر ئېيتاتتى. كىشىلەرمۇ ئۇلار بىلەن قېتىلىپ تەكبىر ئېيتاتتى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد نەپلە نامازلارنىڭ كەينىدىمۇ تەكبىر ئېيتقان.(سەھىھۇل بۇخارى تەشرىيق (قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى) كۈنلىرى قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا دېگەن باب)
 
بۇ پائالىيەت ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە تاشلىنىپ قالغان سۈننەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ بۇنى ئىمكان قەدەر ياشارتىشقا تېرىشىش كېرەك. جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: (مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن) ھەج سۈرىسى 28-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
 
ئايەتتىكى (مەلۇم كۈنلەر) كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەندەك زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر.
 
3. ھەج ۋە ئۆمرە ئادا قىلىش. شەكسىزكى بۇ كۈنلەردە ئادا قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرى ھەج قىلىشتۇر، ئاللاھ تائالا ھەج قىلىشقا نېسىپ قىلغان كىشى ھەممە شەرتلىرى بىلەن ھەج ئادا قىلسا ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك: « گۇناھ ئارىلاشمىغان ھەجگە جەننەتتىن باشقا مۇكاپات يوقتۇر».(سەھىھەين: بۇخارى1773-ھەدىس. مۇسلىم: 1349-ھەدىس)
 
4. بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش. ھەجگە مۇيەسسەر بولالمىغانلارمۇ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا سىلە-رەھىم قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش، سەدىقە-ئېھسان قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، دۇئا قىلىش، زىكىر قىلىش ۋە بارلىق تائەت -ئىبادەتلەر بىلەن بۇ ئون كۈننى ياخشى ئۆتكۈزىشى كېرەك.
 
5. قۇربانلىق قىلىش. بۇ كۈنلەردە قۇربانلىقنى بوداپ سەمرىتىپ ياكى پۇل خەجلەپ قۇربانلىق ئېلىپ ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش ياخشى ئەمەللەردىندۇر.
 
6. قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى ھەج پائالىيىتىدە بولۇپ ئېھرام باغلىغانلارغا ئوخشىۋېلىش جەھەتتىن بۇ ئون كۈن ئىچىدە چاچ-ساقال ۋە تىرناقلىرىنى ئېلىشنى كۆپچىلىك ئالىملار: ئالسا بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ، دەپ قارىغان. بەزى ئالىملار: ئېلىش ھارام، ئالسا گۇناھكار بولىدۇ، دەپ قارىغان.
 
7. راستچىللىق بىلەن تەۋبە قىلىش. بۇ كۈنلەردە تەۋبە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، راستچىل تەۋبە دېگىنىمىز: گۇناھ ئىشلارنى دەرھال تاشلاپ، ئۇنى قەلبىدىن يامان كۆرۈپ، ئىككىنچى قىلماسلىققا بەل باغلاش، باشقىلارنىڭ ھەققى بولسا ئىگىسىگە قايتۇرۇش، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان رۇس يولدا مېڭىشتۇر، تەۋبە قىلىش باشقا كۈنلەردە زۆرۈر بولغىنىدەك بۇ كۈنلەردە تېخىمۇ زۆرۈر ۋە ئۈنۈملۈك، چۈنكى بۇ كۈنلەر باشقا چاغلاردا قىلىنمايدىغان نۇرغۇنلىغان ياخشى ئەمەللەر قىلىنىدىغان چاغ بولغاچقا تەۋبە، ياخشى ئەمەللەر، ۋە پەزىلەتلىك كۈنلەر بىرلەشسە بۇ نەجاتلىقنىڭ ئالامىتى بولىدۇ.
 
(تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر) (ئەلقاساس سۈرىسى 67-ئايەت)
 
شۇڭا ھەر بىر ئاقىل مۇسۇلمان بۇ پەزىلەتلىك كۈنلەردە كۆپلەپ ساۋاب قازىنىشقا ھېرىسمەن بولۇش كېرەك.
 
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
   
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.


مەنبە:http://sajiye.net/viewsj.php?id=615
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1092
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1092دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 11135 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2011-10-30

ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم   ،  مەنپەئەتلىك  تېمىڭىزغا  ئۇلۇغ  اللاھنىڭ  رەمىتى  بولغاي  !
  ئىنشائاللاھ  ،     شۇ كىلۋاتقان  پەزىلەتلىك  كۈنلەرنى  ھەقىقى  ئەھمىيتى   بىلەن  ئۆتكۈزۈش
ھەر  بىرلىرىمىزگە  نىسىپ  بولغۇسىي !
اللا
دوستلىشىش
كۈرەش
‹بارلىق ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ...›ھەدىس شە& ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4954
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 323
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە323دانە
ئۆسۈش: 1600 %
مۇنبەر پۇلى: 4505 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2011-11-01
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-26 21:53

اللە رەھمەت قىلسۇن
‹ئىنسان پەقەت ئۆزقىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ›سۈرەنەجمە-39ئايەت
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 89
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە89دانە
ئۆسۈش: 530 %
مۇنبەر پۇلى: 1277 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-11-01
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-27 00:02

ئەسسا لامۇ  ئەلەيكۇم  !
قاچان تۇرىمىز  روزىغا؟
ئەتە  زۇلھەججىنىڭ 1- سىمۇ؟
تىزراق جاۋاب بەرگەيسلەر؟
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 890
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە890دانە
ئۆسۈش: 3600 %
مۇنبەر پۇلى: 11447 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-11-02
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-27 00:30

شەنبە بولىشى مۇمكىن...........
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 89
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە89دانە
ئۆسۈش: 530 %
مۇنبەر پۇلى: 1277 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-11-01
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-27 00:46

ئەتە 27  بولسا  ،28-29-30-31-01-02-03-04-05-06 ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئۇنداقتا  ھېيت  قاچاندۇ؟
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
mp3
دوستلىشىش
nazli0998
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 507
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە507دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 5255 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2011-11-01
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-27 00:56

شۇ پەزىلەتلەرنى قىلىشىمىزغا  ئۇلۇغ ئاللاھ  نىسىپ  قىلغاي  !
دوستلىشىش
بەگزات
يولۋاس ئىزىدىن قايتماس ، يىگىت سۆزىدىن يانماس !!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8912
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-10
ئاخىرقى: 2011-11-01
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-27 00:59

 ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم !  
بەگزات
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 890
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە890دانە
ئۆسۈش: 3600 %
مۇنبەر پۇلى: 11447 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-11-02
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 01:21

ھېيت 7-چىسلا دەۋاتقان.