باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2003 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۇرۇنقى مەندىن ھازىرقى مەنگە نەزەر
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15213 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-25 20:11

بۇرۇنقى مەندىن ھازىرقى مەنگە نەزەر

بۇرۇن مەكتەپتىن كەلسەملا ئۆيدىكىلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ دەيدىغىنى ناماز ئوقىۋال ياكى ناماز ئوقۇپ بولدۇڭمۇ،ھازىر بۇيەردە ئۇنى قىلىۋال بۇنى قىلىۋال دەيدىغان ئادەم يوق.شۇڭا بەزىدە ئىماننىڭ تەمىنى مۇشۇ يەردە تېتىدىم دەپ ئويلىساممۇ،بىراق يەنە بەزىدە ئىمانىمنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالىمەن.


بۇرۇن ھېچبولمىسا ئاكا-ھەدىلىرىمنىڭ دىنىمىز توغرىسىدا قىلغان سۆھبەتلىرىنى،ئۆيدىكىلەرنىڭ مۇنازىرىلىرىنى ئاڭلايتتىم،ئاغىنىلىرىم بىلەن،بەزى مەزمۇنلاردا مۇنازىرىلىشىپ كىرىشىپلا كېتەتتۇق.بىراق ھازىر بۇ كۈنلەر ئەسلىمىگە ئايلانغىلى خېلى ۋاقىت بولۇپ كەتتى.
 

بۇرۇن دىنىڭ قايسى دېسە قوقماي ئىسلام دىيەلەيتتىم،بىراق ھازىر پارتىيىگە كىرىمەن ،كېيىن پايدىسى كۆپ دەپ،دىنىي ئېتىقاد دىگەن يەر ئاق قالىدىغان بولدى.


بۇرۇن نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرەتتىم،نامازنىڭ ۋاقتى قەيەردە كىرسە شۇ يەردىلا خالىي جاينى تېپىپ،نامازنى ئوقىۋالاتتىم،بىراق ھازىر خەقنىڭ بىر نەرسە دىيىشلىرىدىن قورقىدىغان،قاراشلىرىدىن ئەيمىنىدىغان بولۇپ،نامازغا سۇسلىق قىلىدىغان بولدۇم.


بۇرۇن ھاراق سورۇنىغا بارمايدىغان،ئۇنداق سورۇننى خىيالمۇ قىلمايتتىم،بىراق مۇھىت شۇنداق ئىكەن،بۇ يەردە ھەممىسى ئىچىدىكەن دەپ ئىچمىسەممۇ بارىدىغان بولدۇم،ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم دىگەن بىر جۈملە سۆز مېنى بويسۇندۇردى.


بۇرۇن شەھەرگە كىرسەممۇ تۈزۈك تاماق يىمەيتتىم.ھېچبولمىسا ئۆزۈم ئىشەنچ قىلغان يەرگە كىرەتتىم،بىراق ھازىر بۇ يەردە شارائىت يوق دەپلا ئانچە-مۇنچە خېتىگە قاراپلا يەيدىغان ئەھۋاللار كۆپەيدى.مۇسۇلمانچە دەپ خېتى بولسىلا يەيدىغان بولدۇم.


بۇرۇن يېزىلىق قىزلار شۇنداق ئېسىل بىلىنەتتى.پەقەت قىزلارنىڭ ئېسىلى يېزىدىن چىقىدۇ دەپلا بىلەتتىم،بىراق ھازىر ئۇلار مەتو،تومپاي بىلىنىدىغان بولدى.


بۇرۇن ياغلىق ئارتمايدىغان قىزلار كۆزۈمگە جىندەكلا كۆرىنەتتى،بىراق ھازىر چاچلىرىنى بوياپ،ئۆزلىرىنى ياساپ يۈرمىگەن قىزلارسىز سورۇن سورۇن بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.


مەندە ھازىر مەسجىدكە بارغاندا ئانچە-مۇنچە دىللىرىمنى خاتىرجەم قىلىدىغان،بىراق باشقا يەردە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدىغان كىچىككىنە ئىماندىن،مۇنبەرلەردە ئاھ مىللىتىم دەپ تېما-ئىنكاس يازغاندا قوزغىلىپ قالىدىغان،سورۇنلاردا ئولتۇرغاندا نەلەرگىدۇ كېتىدىغان غۇرۇردىن،قىزلار،مىللەتنىڭ ئانىلىرى توغرۇلۇق گەپ بولغاندا قايناپ-تاشىدىغان،بىزگە ئۇنداق قىزلار كېرەك،بىز مۇنداق قوغدىشىمىز كېرەك دىگۈزەلەيدىغان،بىراق رەڭلىك سورۇن دىسە ئاللىقاياقلارغىدۇ يوقاپ كېتىدىغان مەسئۇلىيەتتىن باشقا ھېچنىمە قالماپتۇ.
ئۆزۈمنىڭ غەپلەتتە ياشاۋاتقىنىمنى ئېنىق بىلىپ تۇرساممۇ،كۆز ئالدىمدىكى يالتىراپ تۇرغان رەڭگارەڭ دۇنيا،قىزىپ كەتكەن ئويۇن-تاماشىلار،ئەتراپىمدىكى ئۆزىنى مەنمۇ مۇسۇلمان دەپ جار سېلىۋاتقان،بىراق مۇسۇلمانغا ئوخشىمىغان كىشلەرنىڭ ئويناپ كۈلۈپ ياشاشلىرى مېنى غەپلەتتە ياشاشقا ئۈندىمەكتە،مېنىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا پىلىلداپ تۇرغان ئاشۇ كىچىككىنە ئىمانىمنى يوقىتىشقا  ھەدەپ ئۇرۇنماقتا.مېنىڭ مۇشۇ كىچىككىنە ئىمانىم ئۆزۈمنى بۇ غەپلەتتىن تاتىپ چىقىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلماقتا.


مەنبە:xxx
2011.10.25







سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1340
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1340دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15240 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-03-30
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-27 16:43

مىنىڭ بىر بۇرادىرىم مۇشۇ تېمىدا دىگەندەك بوپ قالدى دىسە ،،،
  بىزدىن قاچىدۇ ، بىزدىن قاچسا مەيلىتى ، بىزدىن قېچىپ بىزدىن تەقۋا راق كىشىلەرنى بۇرادەر تۇتقىنىدا ، بىز رەنجىمەيتۇق ،، ھە بۇ بۇرادەرنىڭ كوڭلىدىكىدەك ياشاپ بولالماپتۇق ، تىرىشساق بولغۇدەك دەيتۇق ،،، ئەپسۇس ، ئۇنداق ئەمەس ،، گەپ قىلساق ، ماقۇلغا جاۋاپ يوق ،، ئالتۇنغا تىگۇشكۇسىز  ياخشى ئىشلار ئوتۇپ كەتتى ،، بىزمۇ زىرىكمەي تەكلىپ قىلدۇق ، ئۇمۇ زىرىكمەي خىجىل بولماي رەت قىلىۋەردى ،،،  ئون دۇنيانىڭ سورىنى ئوتتىكى ، بىر رەت ياخشى سورۇنلارغا قاتناشمىدى ،،، دىندا زورلاش يوق ،، ئەمما ئۇنىڭغا بەكلا ئىسىركىدۇق ،، كىچىلىرى نامازدا يۇرىيدىغان بالا ، ئاللاھ دىسە كوزلىرىدە ياش ئوينايدىغان بالا ،
دىن ئۇچۇن كوپ ئىشلاردىن ۋاز كىچەلىگەن بالا ئىدى ،،  ئۇ بىز ئۇچۇن كوپ ئىبرەت بولدى ، مۇسۇلمان ئۇچۇن نىمىنىڭ ئەڭ قاتتىق مۇسىبەت ئىكەنلىكىنى ھەقىقى مەنىسىدە چۇشىنىشكە باشلىدۇق ،،،
ئۇ ئەسكى بوپ كەتمىدى ، ئىچەرمەن بوپ كەتمىدى ، ناماز تاشلىۋەتكىنى يوق ،، ئەمما ئۇنىڭدىكى ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت سۇسلاپ قالغان ئىدى ،، چۇنكى گۇناھ زالالەت بار سورۇنلار ، ھاراق بار سۇرۇنلار ئۇنىڭغا ئۇنچە قورقۇنۇچلۇق بىلىنمەس بوپ قالدى ،،  نامەھرەمدىن قاچىدىغان كوزلىرى ، خالىيدا ئەمەس ، بىز تۇرساق ھەم بىخارامان سوزلىشىدىغان بوپ قالدى ،،،

ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ چوڭ مۇسىبەت ھەق يولدا كىتىۋىتىپ مۇدىرەپ قىلىش ، تېيىلىپ كىتىش ئىكەن ،،،  بۇ تىما شۇ بۇرادىرىمنى ئىسىمگە سالدى ،،  ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەق يولدا مۇستەھكەم قىلسۇن ئامىن