سز ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرىدىغان جانلىقلارنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان ئالاھىدىلىكلىرى بارلىقىنى بىلەمسىز ؟
ئاللا يەرشارىنى يارتىپ بولغاندىن كېيىن ،يەر شارىدا نۇرغۇن جانلىقلارنى ياراتتى .بۇلارنىڭ بىرسى ئىنسانلار .ئەمدى ئىنسانلار قانداق يارىتىلغانلىقىنى بەلكىم سىز بىلىسىز ، ياكى مەن بۇنى تەپىسىلى توپلاپ ئاندىن مۇنبەرگە يوللايمەن .
ئەمسە ئادەمدىن باشقا جانلىقلار بارمۇ ؟
بار ئەلۋەتتە بۇلار ؛ ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر .
بۇ توغىرسىدا مەن ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى سىلەرگە سۇنىمەن .
بۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى سىز سىرىتقا ئايلانغىلى چىققاندا ياكى ئارقا ھويلىدا ئوينىغاندا كۆرۈپ تۇرىسىز. سىز بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى توغىرسىدا ئويلىنىپ باقمىغان بولغىيتتىڭىز .
1- پاشا
مەسلەن، سىز بۇ بەتتىكى ئادەمنىڭ رەسىمى ۋە پاشىنىڭ رەسىمىنى كۆردىڭىز ،پاشا بولسا ئىنساندىن نەچچە مىڭ ھەسسە كىچىك ،شۇنداق بولسىمۇ ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا پاشىدىن ئۆزىنى قوغداپ قالالمايدۇ .ئۇلار ھەر قانداق قىلسۇن ، پاشىنىڭ چېقىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ .گەرچە پاشا ئىنساندىن ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ ئۇلۇغ ئاللا پاشىغا نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرنى بەرگەن .
بۇنىڭغا قارىغاندا ئۇلۇغ ئاللا ئىنسانلارنىڭ تەپەككور قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ .ھەمدە ئاللانىڭ ئىرادىسىدىن سىرىت ئىنسانلارنىڭ ھەتتا پاشىغىمۇ قارىشى ھىچقانداق ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ .مۇشۇ يول بىلەن قارىغاندا ئىنسانلارنىڭ ئاللانىڭ ئالدىدا ھىچقانداق كۈچى يوقلۇقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .
ئەمدى ئۆزىڭىز توغىرسىدا ئويلىنىڭ ،سىز ئۇخلىغاندا قۇلاق تۈۋىڭىزدە توختاۋسىز غوڭۇلدىغان ئاۋازنى ئاڭلايسىز ،بۇ بولسا پاشىنىڭ غوڭۇلدىشى . رەسىمدىكى پاشىنىڭ ئىنتايىن كىچىك ئىكەنلىكىنى كۆردىڭىزمۇ ؟ لىكىن ئۇنىڭ ئاۋازى نىمىدىگەن يۇقۇرى . مانا بۇ ئاللا ئۇنىڭغا بەرگەن ئۆزگىچە تالانىت .
لىكىن سىز پاشىنىڭ سىزنى نىمە ئۈچۈن داۋاملىق چېقىۋالدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟
كىلىڭ ، مەن سىزگە پاشىنىڭ قىززىقارلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەي ؛
پاشىنىڭ ھەيران قالارلىق سەرگۈزەشتىلىرى ؛
پاشىلار بولسا ئىنسانلارغا ناھايىتى يېقىن جانىۋارلار ،چۈنكى ئۇلار ھەر ياز پەسلىدە بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزنى يوقلاپ تۇرىدۇ .
سىز پاشىغا يېقىن كېلىو قاراپ باقىدىغان پۇرسەتكە ئىگە بولوپ باققانمۇ ؟ ئەگەر قاراپ باقمىغان بولسىڭىز ئۇنداقتا ئۈسىتىدىكى رەسىمنى كۆرۈڭ .ھەمدە بىز بىرلىكتە تەتقىق قىلايلى .سىز بىلەمسىز نىمە ئۈچۈن بۇ پاشا قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ ، چۈنىكى ئۇ چاققان ئادەمنىڭ قېنى بىلەن قورسىقىنى توشقۇزىدۇ . نىمە ئۈچۈن پاشا قان شورايدۇ ؟ نۇرغۇن كىشىلەر پاشىنىڭ قان بىلەن جان باقىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ . ئەملىيەتتە پاشا گۈل شىرنىلىرى بىلەن جان باقىدۇ ، چىشى پاشىلار تۇخۇملاش ئۈچۈنلا قان شورايدۇ .
بۇنى بىلگەندىن كىيىن سىز پاشىغا نىسبەتەن باشقىچە كۆز بىلەن قارىغانسىز . يەنە پاشا توغۇرلۇق سىزنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردىغان ئىشلار كۆپ .
سىز پاشىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ۋە ئۇۋىدىغان جانىۋار ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانسىز ،لىكىن ئۇ سۇ ئىچىدە پىشىپ يېتلىپ چوڭ بولىدۇ . ئۇلار سۇدىن ھىچقانداق ھۆل بولمىغان ھالدا چىقىدۇ .سىز بۇنداق ئىشەنگۈسىز ھىكايىنى ئاڭلاپ باققانمۇ ؟
ئەگەر ئاڭلىمىغان بولسىڭىز داۋاملىق ئوقۇڭ ،ھەمدە چوقۇم ھەيران بولىسىز .
دەسلەپكى سەرگۈزەشتە ؛
كىچىك پاشىلارنىڭ دەسلەپكى سەرگۈزەشتىسى ؛ئانا پاشىلارنىڭ تۇخۇملارنى كۆللەرگە ،ياكى ھۆل يوپۇرماقلارغا تۇغۇشى بىلەن باشلىنىدۇ . تېخى ئۇ تۇخۇملىرىنى خالىغانچە تاشلاپ كەتمەيدۇ .
ئۇ ئۇنىڭ تۇخۇملىرىنى مۇشۇنداق شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى ؛ تۇخۇملار سۇدىن ئايرىلىپ بولغۇچە ئۇلار بەلكىم سۇغا چۆكۈپ كېتىشى مومكىن . ئەگەر تۇخۇملار مۇشۇنداق ئۇسسۇل بىلەن بىر-بىرىگە ئۇلاشتۇرۇپ قويۇلغاندا ، تۇخۇملارنىڭ چۆكۆپ كېتىش خەۋىپى بولمايدۇ . ئانا پاشا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئاق تۇخۇملار تېزلا قارا رەڭگە ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ ، ھاشارەتلەر ۋە قۇشلار ئۇلارنىڭ رەڭگى قارا بولغاچقا ئانچە دىققەت قىلمايدۇ . مۇشۇ ئۇسسۇل بىلەن تۇخۇملار قۇشلار ۋە ھاشارەتلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقىلىنىپ قالىدۇ ، ئەمدى مۇشۇنداق
كىچىك پاشا تۇخۇمى ئۆزىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىشنى نەدىن بىلسۇن ؟
رۇشەنكى بۇ كىچىك تۇخۇملار بۇنداق بىلمىگە ئىگە ئەمەس . تۇخۇملارنىڭ ئانىسى بولغان پاشىلارمۇ ئۇلارنىڭ قانداق رەڭگىنى ئۆزگەرتىشنى بىلمەيدۇ .پەقەت بىر ئاللا تۇخۇملارنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىدۇ .
ئاللا ناھايىتى شەپقەتلىك ھەمدە ئۆزى ياراتقان جانلىقلارنى قوغدىغۇچى ، ئاللا پاشا تۇخۇملىرىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇلارنى قوغداپ قالىدۇ . ئۇنداق بولمىسا ئىدى يەرشارىدىكى بۇ جانلىقنىڭ نەسلى بۇرۇنلا تۈگەپ تەبىئەتنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلغان بولاتتى ..
ئالدىرماڭ ، پاشىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ئەمدى باشلاندى ؛
كىچىكى تۇخۇملاردىن بىرسى لىچىنكا دەپ ئاتىلىدىغان قۇرۇتقا ئوخشايدىغان جانلىققا ئۆزگىرىدۇ .بۇ لىچىنكىلار سۇدا بېشى تەتۈر ھالەتتە تۇرىدۇ . شۇنداقلا يەنە بىر مەسىلە بار . نەيچە سۇ ئۈستىدە تۇرىدىكەن ،لىكىن ئىنتايىن ئاجىز ئاۋازلار سەۋەبلىكمۇ نەيچىگە سۇ كىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار . بۇنداق دىگەنلىك بۇ كىچىك پاشا تۇنجۇقۇپ كېتىشى مومكىن . بۇ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ .بۇ نەيچىنىڭ تۈۋىدە شىلىمشىق ماددا بولوپ سۇ كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .
رەسىمدىكى لىچىنكىنىڭ << بىز نەيچىگە شىلىمشىق ماددا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان سۇ كىرەلمەيدۇ >> دەيدۇ دەپ ئويلامسىز ؟ كىچىك پاشىلاردا شۇنداق ئەقىل ۋە تالانىت بارمىدۇ ؟ رۇشەنكى كىچىك پاشىلار بۇنداق قىلىشنى ئويلىيالمايدۇ .بىر ئاللا نەيچىنى ئۇلار نەپەسلىنەلەيدىغان ، ھەمدە نەيچە تۈۋىگە شىلىمشىق ماددا ئورۇنلاشتۇرۇپ سۇ كىرىپ كەتمەيدىغان قىلىپ ياراتقان .
كۆرگەنسىز ، ئاللا سىزنى قوغداپلا قالماي بارلىق جانىۋالارنىمۇ قوغدايدۇ .
سەرگۈزەشتىنى تۈگىدى دەپ ئويلاپ قالماڭ ئۇ تېخى داۋاملىشدۇ ؛
بىر مەزگىل پاشىلار ئۆزنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرىتكەندىن كېيىن ، ئاخىردا سىز رەسىمدە كۆرگەندەك ھالەتكە كېلىدۇ . ئۇ تېخىچە پاشىغا ئوخشىمايدىكەن شۇنداقمۇ ؟ پاشىلارنىڭ بۇ باسقۇچى ھاشارەتلەرنىڭ قونچاقىلىق باسقۇچى دەپ ئاتىلىدۇ .قاسىراق ئىچىدىكىسى لىچىنكا دەپ ئاتىلىدۇ .پاشا يېتىلىپ تولوق پاشا ھالىتىگە كېلىدۇ .
ئۇنىڭ مۆگۈزچىسى ،ئېغىزى،پۇتلىرى،قاناتلىرى،كۆزلىرى،ۋەغوزا تۇنجى بولوپ پاشىنىڭ باش تەرىپىدىن يىرتىلىپ چىقىدۇ . شۇنداقلا پاشا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن بېشى ناھايىتى خەتەرلىك ھالەتتە بولىدۇ . ئەگەر غوزىغا سۇ توشۇپ كەتسە قانداق بولىدۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا پاشا تۇنجۇقۇپ قېلىشى مومكىن . لېكىن غوزىنىڭ باش قىسىمىنى شىلىمشىق ماددا ئوراپ تۇرغان بولوپ غوزىنىڭ ئىچىگە سۇ كىرىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ .
بۇ ۋاقىت ئىنتايىن مۇھىم ۋاقىت .چۈنكى پاشا سۇدا يىقىلىپ كەتمەستىن سۇ ئۈستىدە پۇتلىرى بىلەن تۇرالىشى ھەمدە قاناتلىرىنى ھۆل قىلىپ سالماسلىقى كېرەك .ھەتتا كىچىككىنە شامال چىقىپ پاشىنى سۇغا يىقىتىۋىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشى مومكىن .پاشا بۇنىڭدىن ماھىرلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ .چۈنكى ئۇللۇغ ئاللا ئۇنى مۇشۇنداق تالانىت بىلەن ياراتقان .
پاشا قاراڭغۇدا سىزنى قانداق كۆرىدۇ ۋە چاقالايدۇ ؟
ھەيران قالامسىز ؟ سىز كارۋىىتىڭىزدا قاراڭغۇ كېچىلىرى ، يوتقاننى يېپىنىپ ياتسىڭىز ، بىلىكىڭىزدىن ككىچىككىنە بىر جاي ئوچۇق قالسا پاشا مۇشۇنداق ئىنتايىن قاراڭغۇ كېچىدە ئەتىراپىڭىزغا كېلىپ شۇ پاشا ئەتىراپىدىكى جانلىقلارنىڭ تارقاتقان ئىسسىقىلىقى ۋە بىزگە كۆرۈنمەيدىغان بىر خىل نۇر بىلەن كۆرىدۇ . بۇ خىل كۆرۈش قۇۋۋىتى يورۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولوپ ئۇلار قاپقاراڭغۇ كېچىدە بىزنىڭ قان-تۇمۇرلىرىمىزنى تاپالايدۇ .
بۇ بولسا كارامەت تالانىت . مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ،ئالىملار ئىسسىقلىق ئارقىلىق سۈرەت تارتالايدىغان كامىرانى كەشىپ قىلىپ چىقتى . بۇ كامىرا قاراڭغۇ كېچىدىمۇ ئەتىراپنى خۇددى كۈندۈزدەك سۈرەتكە ئالالايدۇ .
قىياس قىلىپ بېقىڭ ؟ ئىنسانلار پاشىدىن ئۈلگە ئالدى . پاشىلار ئىنسانلاردىن ئەقىللىقمۇ ؟ بولوپمۇ ،ئۇلار ئالىملاردىن ئەقىللىقمۇ ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس . ئاللا پاشىلارغا ئاللاھىدە ئىقتىدارنى بەرگەن . ئىنسانلار بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى تالانىتلاردىن ئۈلگە ئالدى .ئۇلار ئايرۇپىلانلارنى قۇشلاردىن ئۈلگە ئېلىپ ئىجاد قىلدى .ئىنسانلار يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەبىئەتتىن ئۈلگە ئېلىپ ياسىدى .
ئەمدى بىز پاشىنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى داۋاملاشتۇرايلى ؛
پاشىنىڭ قان شوراش تېخنىكىسى كارامەت بولوپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ .
دەسلەپتە پاششا نىشانغا قونىدۇ . مەسلەن ؛ بىلىكىڭىزگە ئاندىن ئۇ نەشتىرى بىلەن مۇۋاپىق ئورۇننى تاللايدۇ . پاشىنىڭ نەشتىرى شىپرىسقا ئوخشاش بولوپ ئالاھىدە بىر خىل غىلاپ بىلەن ئورالغان بولىدۇ . قان شورىغان ۋاقىتتا نەشتەر غىلاپتىن چىقىدۇ . نۇرغۇن كىشىلار پاشىنىڭ نەشتىرىنى تېرىگە سانجىيدۇ دەپ ئويلايدۇ . ئەكىسچە پاشا باشقىچە بىر خىل ئۇسسۇلىنى قوللىنىدۇ . ئۇ تۆۋەنكى ئېغىزىنى ئالدى -كەينىگە سۈرۈپ خۇددى <<ياغاچ كېسىدىغان >> ھەرىگە ئوخشاش ئېغىزىنىڭ ياردىمىدە تېرىنى كېسىپ ئاندىن نەشتىرىنى تۆشۈكتىن قان تۇمۇرغا بارغۇچە سانجىپ ئاندىن قان شوراشقا باشلايدۇ .
سىز بەلكىم پاشىمۇ دوختۇر بولالامدۇ ؟ دەپ سورىشىڭىز مومكىن . بۇ بەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سىز <<ئۇلار ھەقىقەتەن دوختۇرلار ئىكەن >> دەپ قالىسىز .
سىز قولىڭىزنى كېسىپ سالسىڭىز ، بىردەمدىن كېيىن قان ئۆزلىكىدىن توختايدۇ . مانا بۇ قاننىڭ ئۆزلىكىدىن قېتشىپ ئېقىشتىن توختىغانلىقىنىڭ سەۋەبى . ئاللا قاننى مۇشۇنداق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بىلەن يارىتىپ ئىنساننى قوغدايدۇ .ئەگەر قان ئۆزلىكىدىن قېتىشمىسا بارمىقىڭىزدىكى ئىنتايىن كىچىك كېسىك <<كېسىلگەن جاي >>، ياكى يۈگۈرگەندە تۇيۇقسىز يىقىلىپ ، بولغان جاراھەتتىن قاننى توختىتالمىسىڭىز ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتىڭىز .
بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ رەھمەت ، لىكىن پاشا بۇنىڭغا ئانچە خوشال بولمايدۇ . نىمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى پاشا قاننى شورىغاندا قان قېتىۋىلىپ ئۇنىڭ نەشتىرىگە چىقمايدۇ . ئەگەر مۇشۇنداق بولسا ، پاشىلار خوشال بولمايدۇ . چۈنكى ھىچقانداق بىر پاشا ئۆزلىرىنىڭ تۇخۇمىلىرىنى ئاقسىل بىلەن باقالمايدۇ . ئاللا يەنە مۇشۇ جەريانلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پاشىلارنى ئالاھىدە ماھارەت بىلەن ياراتقان . قانداق ؟
پاشا قاننى شوراشتىن بۇرۇن ئاللا ئۇنڭغا بەرگەن بىر خىل سۇيۇقلۇق ئىشلەپ چىقىرىپ ئۆزى قونغان جايدىكى قان-تۇمۇرغا كىرگۈزىدۇ . بۇنداق بولغاندا شۇ جايدىكى قان قېتىشۋاللالمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن پاشا قاننى بىمالال سۈمىرەلەيدۇ .
بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ يەنە باشقا ئىنتايىن ياخشى ئالاھىدىلىكلىرى بار ، پاشا يۇقۇرقى ئىشلارىن قىلىۋاتقاندا سىز ھىچنىمىنى سەزمەيسىز . چۈنكى بۇ ماددىنىڭ پاشا سىزنىڭ كەسكەن جايلىرىڭىزنى ھىچنىمىنى سەزمەس قىلىپ قويىدىغان رولى بار . سۇيۇقلۇق چىش دوختۇرلىرى ۋە تاشقى كىسەللىك دوختۇرلىرى ئىشىلتىدىغان ھوشسىزلاندۇرۇش دورىسغا ئوخشايدۇ .دوختۇرلار سىزگە مەلۇم دەرىجىدە ھوشسىزلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەچكە سىز ئاغرىقنى سەزمەيسىز ھەم سىزەلمەيسىز . سىز پاشىنىڭ دوختۇردەك خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندىڭىزمۇ ؟ ئالدى بىلەن ھوشسىزلاندۇرۇپ ئاندىن قان شورايدۇ .
پاشا سىزنى چېقىۋالغاندىن كېيىن ، ئازىراق قىچىشىدۇ ۋە قاپىرىپ چىقىدۇ . بۇ قىچىشىش ۋە قاپىرىشنىڭ سەۋەبى دەل ھېلىقى سۇيۇقلۇق .
سىز بەلكىم بۇ ئىشلارغا نۇۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مومكىن . لىكىن پاشا بۇ ئىشلارنى نەچچە سىكونىت ئارلىقىدا تاماملاپ بولىدۇ .
ئەمدى بىز بىرلىكتە تەپەككور قىلايلى .
پاشا قەلەمنىڭ بېشىدىن چوڭىراق ، لىكىن ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىدىغان خىزمىتى ئىنتايىن قىيىن ۋە مۇرەككەپ . سىز يۇقۇرقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پاشا ئۆزى ئويلاپ قىلالايدۇ دەپ ئويلامسىز ؟ ئاادەم قېنىنىڭ تۇمۇرىدا ئېقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كەسكەن جاينى ئاغرىقىنى سەزمەسلىكى ئۈچۈن ھوشسىزلاندۇرۇش . كېچىدە بىمالال كۆرەلەيدىغان بىر كۆز .تۇخۇملىرىنىڭ چۆكۆپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى سال شەكىلدە تىزىپ قويۇش . پاشا بۇ ئىشلارنى ھەرگىز ئۆزلىكىدىن قىلالمايدۇ .
ئاللا بارلىق جانلىقلارنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۆز-ئۆزىنى باقالايدىغان . ئۆز-ئۆزىنى قوغداپ ھايات قالىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن يارتقان . مانا بۇ ئاللانىڭ مېھرىبان ،رەھمەتلىك ، ۋە قوغدىغۇچى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى . ئەگەر پاشىلار ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالىسا ، مانا بۇ ئاللانىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قوغدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى ، ئاللا خاتالاشمايدۇ ، ھەمدە ئۇنتۇپ قالمايدۇ .!!!!!!!
ھەر شەيئى ئۆز ئەجىلى بىلەن .........................
خەيىر بۈگۈن تېما مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ، قولۇم كۈيۈشۈپ قالدى ..
جانلىقلار توغىرسىدا داۋاملىق يوللىنىدۇ ......ئاللا خالىسا ... مەنمۇ ئۈگەندىم ..سىلەرمۇ ئۈگىنىڭلار ،ھەم بىلىڭلار ....