23-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف بىلەن ئىككى يېرىم سائەت سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم 22- ۋە 23-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بىرلەشمە قوشۇن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى ۋەزىيىتى، ئۆزبېكىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ھەم بالا ئىشچىلار مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىللارىي كلىنتون سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن يالغۇز ئافغانىستان مەسىلىسىدىلا ئەمەس بەلكى باشقا نۇرغۇن ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى، ئۆزبېكىستاننىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
ئۇ، ئۆزبېكىستاننىڭ رايوندا مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەتلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.
مۇتەخەسسىسلەر تەھلىللىرىدە، ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە روسىيە تەسىر كۈچى رايۇنىغا ئامېرىكىنىڭ كىرىشى بۇ رايۇندا روسىيەنىڭ ھەركەت قىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ دىيىشمەكتە. .
مەنبە:
http://world.people.com.cn/GB/157278/15988846.html[ بۇ يازمىنىokya 2011-10-25 15:23قايتا تەھرىرلىدى ]