ئەمدى ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلارنى بىر تونۇشتۇرايلى، تېما سەل چوڭ بولۇپ كەتتى، ئەمەلىيەتتە ھازىرچە پەقەت گىرمانىيە ۋە فرانسىيەدىكى بىر ئىككى ئاشخانىنىلا تونۇشتۇرىمەن.
ميۇنخىندىكى تەكلىماكان رىستۇرانى
بۇ رىستۇرانغا 10 يىللارچە بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن، ئىشقىلىپ مەن 2005-يىلى كەلسەم بار ئىكەن. ئورنى بەك ئىسىل يەردە، شۇڭلاشقىمۇ پەقەت خىرىدار ئۈزۈلمەيدۇ. شەھەر مەركىزىدىكى ئەڭ چوڭ ۋوگزالنىڭ تۈۋىدىلا، ۋوگزال ئالدى ئىشىكىدىن چىقىپ ئوڭ تەرەپتىكى يولنىڭ قاسنىقىغا قارىسىڭىزلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. سىرتتىن قارىماققا تۈركلەرنىڭ تىز-تاماقخانىسىغا ئوخشايدۇ، خوجايىنمۇ شۇ يەرلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىنى ياخشى بىلمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق قىلغان بولسا كىرەك، ئاشخانا ھەم تۈركلەرنىڭ، ھەم ئۆزىمىزنىڭ تامىقىنى چىقىرىدىكەن. بىلگەنلەر ئۇيغۇرچە تاماق يەيدىكەن، بىلمىگەنلەر تۈركلەرنىڭ. ئاشخانا ئىچىنى تىپىك ئۇيغۇرچە لايھىيلىگەن، كىشىگە ۋەتەنگە قايتقانەك تۇيغۇ بىرىدۇ. تاماقلىرىمۇ بەك ئوخشايدۇ، خۇددى ۋەتەندىكى تەم بىلەن ئوخشاشلا. ئۆي تامىقىنى بەك سىغىنىپ كەتسەم بىرىپ يەپ كىلىمەن بەزىدە، دەم ئىلىشلاردا.
tel: +49(0) 89-54549878
Bayerstraße 27, 80335 München
فرانكفۇرتتىكى كاراۋان ئوتتۇرا ئاسىيا رىستۇرانى
http://www.restaurant-caravan.com/ بۇ رىستۇرانى شەھەر مەركىزىگە خىلى يىقىن، لىكىن تىپىش سەل قىيىن. ئاشخانىنى ئۆزبىكلەر ئاچقاندەك قىلىدۇ، لىكىن ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ كۆپىنچىسى باركەن، خىرىدارلىرى ئاساسەن قازاقىستان، قىرغىزىستان ھەم ئۆزبىكىستانلىق سودىگەرلەر بولسا كىرەك (گىرمانىيدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن رۇس، ھەم نىمىسلارمۇ بەك كۆپ)، ئىچىنى چارۋىچى مىللەتەر ئۇسلۇبىدا لايھىيلەپتۇ. قانداقلا دەيلى كىشىگە يەنىلا خوش ياقىدۇ، بۇ ئاشخانىغىمۇ خىلى بولغان چىراي. ئاشخانا بەك ئازادە، تىخى سىرتىدا كىچىك ھويلىسىمۇ بار، يازلاردا ئاساسەن مىھمانلار شۇ يەردە تاماقلىنىدىكەن.
Caravan Restaurant
كۈنلۈك ئىچلىش ۋاقتى: 17- 24 كىچە
Basalt Str. 13a, 60487, Frankfurt
tel: 069-95909158
پارىژدىكى تارىم رىستۇرانى
تامىقى بەك ئوخشايدىكەن، بەكلا تىتىپكەتتى ئىشقىلىپ. بۇلارمۇ ئاشخانىنى شۇنداق قويۇق مىللىيچە پۇراقتا زىننەتلەپتۇ. ئاشخانا خوجايىنى ياشلا بالىكەن، شۇڭلاشقىمۇ ئۇيغۇر تائاملىرىنى يەرلىكلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ھەم ئورۇنلاشتۇرۇشى، بولۇپمۇ تاماقلىنىش ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇپ تاماق تىزىملىكرىنى تۈزەپتۇ. ھىسابتا تاماقلىنىش يولى فرانسوزچە، تاماق ئۇيغۇرچە. چۈشەندۈرىشىچە ھازىر بۇ ئاشخانىغا شۇ يەردىكىلەر خىلىلا كۆنۈپ قاپتۇ. ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا ئاي بۇرۇنلا ئۈستەللەر زاكاز قىلىنىپ بولىنىدىكەن. ئاشخانىغا بىرىش ئۈچۈن يەرئاستى يول (مىترو) نىڭ 2-يول لىنيەسىنى تىپىپ، Couronnes دىگەن بېكەتتە چۈشۈپ چىققانلا يەردە تۆت كوچا ئىغىزىدىن دۆڭدىن چۈشىدىغان يولنىڭ (بۇ يول بويىدا بىر جامە، ھەم ساپ ئىسلامغا ئائىت بۇيۇملار سىتىلىدۇ) سول تەرىپىنى بويلاپ 500 مىتىرچە ماڭسىڭىز ئاشخانا يولنىڭ بويدىلا.
www.resto-tarim.fr adris: 74 Rue Jean-Pierre Timbaud, 75011, Paris
tel: +33(0) 143550473
بۇلاردىن باشقا يەنە، پارىژدا يەنە بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى، گېرمانىيە كاسسېل شەھرىدىمۇ يىڭى قۇرۇلغان بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار ئىدى. كىيىنچە مۇمكىن بولسا چۈشەندۈرۈش بىرەرمەن. ئاللاھ خالىسا ياۋرۇپادا تىخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ ئىچىلىشىنى، سودىسىنىڭ تىخىمۇ روناق تىپىشىنى تىلەيمەن.
Oghuzkb
شەھرى ئۇلم
مەنبە:ئاچىنوق خاتىرىلىرى