باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 645 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئادەم ۋە مايمۇن
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1746
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1746دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-22 21:20

ئادەم ۋە مايمۇن




فېليەتۇن

ۋېي جىنسېڭ

ھايۋانات باغچىسىدا بىر ئادەم بالىسىغا قەپەزدىكى مايمۇننى كۆرسىتىپ:
-بىلەمسەن،بۇ قانداق ھايۋان؟-دەپ سورىدى.
-بىلمەيمەن،-دېدى بالا سەكرەپ يۈرگەن مايمۇنلارغا قاراپ.
-بىلىۋال بالام،بۇ ھايۋان مايمۇن دەپ ئاتىلىدۇ،ئادەملەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈنلا يارالغان،-دېدى دادا.
-قانداقسىگە؟-ئەجەپلىنىپ سورىدى بالا.دادا بالىسىغا:
-ئىشەنمىسەڭ قاراپ تۇر-ھە،-دېدى-دە،سومكىسىدىن بىرخالتا يەر ياڭىقىنى ئېلىپ بىر تىلىنى قەپەزدىكى مايمۇننىڭ دۇمبىسىگە ئاتتى.مايمۇن دەرھال كەينىگە ئۆرۈلۈپ يەر ياڭىقىنى ئاغزى بىلەن تۇتۇۋالدى-دە،ئۇنى ئاغزىدىن ئېلىپ، تىرناقلىرى بىلەن ئاقلاپ يېدى،ئۇنىڭ بۇ قىلىقى تولىمۇ كۈلكىلىك كۆرۈندى.
-بەك قىزىقارلىقكەن،- دېدى بالا كۈلۈپ.
مايمۇنلارنىڭ بۇ قىلىقىدىن ھېلىقى ئادەممۇ كۈلۈپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم يەنە بىر تال يەر ياڭىقىنى ئاتتى.مايمۇن بايىقى ھەرىكىتىنى تەكرارلىدى.مايمۇننىڭ بۇ قىلىقى ئاتا-بالىغا بەكلا قىزىق تۇيۇلدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم مايمۇنغا قارىتىپ توختىماي يەر ياڭىقى ئاتتى،مايمۇنمۇ بايىقى ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرپ يەر ياڭىقىنى مەززە قىلىپ يېيىشكە باشلىدى .بىر خالتا يەر ياڭىقى تۈگىگەندىن كېيىن، ئاتا-بالا قىيمىغان ھالدا قايتتى.
يولدا بالا دادىسىدىن سورىدى:
-سەن نېمىشقا يەر ياڭىقىنى مايمۇننىڭ دۈمبىسىگە ئاتىسەن؟
دادىسى پەخىرلەنگەن ھالدا:
-مايمۇننىڭ ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈپ،سەكرەپ يۈرگەن ھالىتى بەك قىزىق،شۇڭا،-دېدى.
-بەك قالتىس ئىكەنسەن دادا،-دېدى بالا دادىسىغا قايىل بولۇپ.
-مايمۇن دېگەن بۇ ھايۋان ئۆزىنى بەك ئەقىللىق چاغلايدۇ،-دېدى دادىسى،-لېكىن،ئۇلار ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ،ھەي،بۇ نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق-ھە!
ھايۋانات باغچىسىدا ئانا مايمۇن قەپەز سىرتىدىكى ئادەمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بالىسىدىن سورىدى:
-بالام بۇ ھايۋاننىڭ ئىسمىنى بىلەمسەن؟
-بىلمەيمەن،- دېدى بالىسى.
-ئېسىڭدە چىڭ تۇت،بالام،بۇ ھايۋاننىڭ ئىسمى ئادەم،بىزنى كۈلدۈرۈشكىلا يارالغان،-دېدى ئانا مايمۇن.
-قانداقسىگە؟...-ئەجەپلەندى بالىسى.
-ئىشەنمىسەڭ قارا...-بۇ چاغدا قەپەز سىرتىدىكى ھېلىقى ئادەم مايمۇنغا قارىتىپ يەر ياڭىقى ئېتىشقا باشلىدى،ئانا مايمۇنمۇ ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈپ ،چاققانلىق بىلەن ئاغزىدا تۇتۇپ يېدى ۋە بالىسىغىمۇ يېگۈزدى،بىر بولاق يەر ياڭىقى تۇگەپ، ئۇلار كەتكەندىن كېيىن بالىسى ئانىسىدىن سورىدى:
-سەن نېمىشقا يەر ياڭىقىنى ئاغزىڭ بىلەن تۇتىسەن؟
ئانا مايمۇن پەخىرلەنگەن ھالدا:
-ئەگەر قولۇم بىلەن تۇتسام،ئۇلا بىزگە يەنە داۋاملىق يەر ياڭىقى ئاتامتى؟-دېدى.
-بەك قالتىس ئىكەنسەن،ئانا،-دېدى بالىسى ئانىسىغا قايىل بولۇپ.
-ئادەم دېگەن بۇ ھايۋان ئۆزىنى بەك ئەقىللىق چاغلايدۇ،لېكىن ئۇلار ھايۋانلار تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنىدۇ،ئەپسۇس،ئۇلار تېخى بۇنى بىلمەيدۇ!ھەي،بۇ نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق-ھە!-دېدى ئانا مايمۇن بالىسىغا.

ئادىل غوجالىم تەرجىمىسى
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 451
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە451دانە
ئۆسۈش: 840 %
مۇنبەر پۇلى: 5007 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-05-09

ئاجايىپ سېلىشتۇرما بۇپتۇ
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 547
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە547دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6355 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 12:51

ھازىر  جەميەتتە ئادەملەر بىلەن ئادەملەر <مايمۇن ئۇيۇنى >ئۇينايدىغانلار كوپىيىپ كەتتى،،،،كاللا سەگەك بۇلمىسا باشقىلارغا مايمۇن بۇلوپ كىتسىز،،،،!!!!!!!!!!!!!