
تېما ساھىبى ماھىنۇر ھەققىدە
مېنىڭ ئىسىم - فامىلەم ماھىنۇر ئۇيغۇر، 2004- يىلى 1- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلدۇم، ئىككى يېشىمدا تۈركىيىگە كەلدىم ۋە ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتىمەن. ئانا تىلىم ئۇيغۇرچە. تۆت يېشىمغا قەدەر ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئوقۇشقا باشلىدىم، بەش يېشىمغا قەدەر «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» (1-قىسىمدىن 6-قىسىمغىچە)، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ۋە «ئويغانغان زىمىن» (1-،2-قىسىم) رومانى، «بالىلار چۆچەكلىرى»، قۇتادغۇبىلىكتىن پارچىلار» ۋە «گۈلىستان» قاتارلىق ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئوقۇپ تۈگەتتىم، ۋە ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرچىنى ياخشى ئۆگىنىۋالدىم. بەش ياشقا كېرگەن كۈندىن ئېتىبارەن ئاتا-ئانام مېنىڭ تۈركىيە تۈركچىسى ئۆگىنىشىمگە رۇخسەت قىلدى ۋە مەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرچىغا بەكلا يېقىن بولغان تۈركىيە تۈركچىسىدىن ئاساس سېلىۋالدىم. شۇئان مەن ئىستانبۇلدىكى ئىبن سىنا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 1- سىنىپىدا ئوقۇۋاتىمەن. ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە ئۆگەنمەكچى بولغان دوستلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشىمەن. دوستلار، ئانىمىزنىڭ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارىمىزنى يېتىلدۈرسەك، باشقا چەتئەل تىللىرىنى ئاسانلا ئۆگىنىۋالالايمىز.
http://www.mahinur.com/http://www.mahinur.com/uygur/?cat=11تېمىلىرىنى كۆرۈپ چقتىم ، كىچىك دوسلارغىمۇ ، ياشلارغىمۇ ماس كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىبرەتلىك ماقالە-تەمسىل توپلاملىرى ۋە تىل ئۈگىنىش دەرىسلىكلىرى كۆپ ئىكەن ، بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تېخى ئېغىزىدىن ئانا سۈتى ھىدى كەتمىگەن مەزگىلىدىلا ئۆزى شەخسەن تور بەت ئېچىپ مۇشۇنداق مول مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغانلىقى كىشىنى تولىمۇ قايىل قىلىدۇ ...
بۇ كىتاپنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ماھىنۇر قىزنىڭ تېخى 10 ياشقىمۇ كىرمىگەنلىكىگە، ئۆز ئالدىغا تېخى ئۇيغۇرچە، تۈركچە تور بېتى بار ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان بىر سەبىي قىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلەمسىز؟
