查看完整版本: [-- سەككىز ياشلىق ئۇيغۇر قىزنىڭ تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىڭ !! --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> داڭلىق شەخسلەر -> سەككىز ياشلىق ئۇيغۇر قىزنىڭ تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىڭ !! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gayrat828 2011-10-22 17:20
[attachment=13091]
تېما ساھىبى ماھىنۇر ھەققىدە
مېنىڭ ئىسىم - فامىلەم ماھىنۇر ئۇيغۇر، 2004- يىلى 1- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلدۇم، ئىككى يېشىمدا تۈركىيىگە كەلدىم ۋە ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتىمەن. ئانا تىلىم ئۇيغۇرچە. تۆت يېشىمغا قەدەر ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئوقۇشقا باشلىدىم، بەش يېشىمغا قەدەر «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» (1-قىسىمدىن 6-قىسىمغىچە)، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ۋە «ئويغانغان زىمىن» (1-،2-قىسىم) رومانى، «بالىلار چۆچەكلىرى»، قۇتادغۇبىلىكتىن پارچىلار» ۋە «گۈلىستان» قاتارلىق ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئوقۇپ تۈگەتتىم، ۋە ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرچىنى ياخشى ئۆگىنىۋالدىم. بەش ياشقا كېرگەن كۈندىن ئېتىبارەن ئاتا-ئانام مېنىڭ تۈركىيە تۈركچىسى ئۆگىنىشىمگە رۇخسەت قىلدى ۋە مەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرچىغا بەكلا يېقىن بولغان تۈركىيە تۈركچىسىدىن ئاساس سېلىۋالدىم. شۇئان مەن ئىستانبۇلدىكى ئىبن سىنا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 1- سىنىپىدا ئوقۇۋاتىمەن. ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە ئۆگەنمەكچى بولغان دوستلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشىمەن. دوستلار، ئانىمىزنىڭ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارىمىزنى يېتىلدۈرسەك، باشقا چەتئەل تىللىرىنى ئاسانلا ئۆگىنىۋالالايمىز.
http://www.mahinur.com/

http://www.mahinur.com/uygur/?cat=11
تېمىلىرىنى كۆرۈپ چقتىم ، كىچىك دوسلارغىمۇ ، ياشلارغىمۇ ماس كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىبرەتلىك ماقالە-تەمسىل توپلاملىرى ۋە تىل ئۈگىنىش دەرىسلىكلىرى كۆپ ئىكەن ، بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تېخى ئېغىزىدىن ئانا سۈتى ھىدى كەتمىگەن مەزگىلىدىلا ئۆزى شەخسەن تور بەت ئېچىپ مۇشۇنداق مول مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغانلىقى كىشىنى تولىمۇ قايىل قىلىدۇ ...
بۇ كىتاپنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ماھىنۇر قىزنىڭ تېخى 10 ياشقىمۇ كىرمىگەنلىكىگە، ئۆز ئالدىغا تېخى ئۇيغۇرچە، تۈركچە تور بېتى  بار ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان بىر سەبىي قىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلەمسىز؟
[attachment=13092]

dulbarqin310 2011-10-22 17:41
قالتىس، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

تاھىربەگ 2011-10-22 18:42
ئىككى دەرىسنى چىقىرىپ قويۇپلا ئاخىرنى چىقارمىدى دىسە

ئەلى 2011-10-22 20:08
تۆت يېشىغا قەدەر ئۇيغۇرچە كىتانلارنى ئوقىغان بولسا،قانچە يېشىدىن ئوقۇشنى باشلىغان بولغىيتتى؟نەچچە يېشىدا تىلى چىقىپ بولغاندۇ؟ئاللاھ كاللىسىنى تازا ئوچۇق قىلغان قىزكەن بۇ ،ۋاقتىنى توربەت قۇرۇشقا سەرپ قىلماي،قۇرئان يادلىغان بولسا ئون ياشقىچە تۈگىتىپ بولاكەن.

رەسسام 2011-10-22 20:22
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى ئەلى نىڭ 2011-10-22 20:08 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تۆت يېشىغا قەدەر ئۇيغۇرچە كىتانلارنى ئوقىغان بولسا،قانچە يېشىدىن ئوقۇشنى باشلىغان بولغىيتتى؟نەچچە يېشىدا تىلى چىقىپ بولغاندۇ؟ئاللاھ كاللىسىنى تازا ئوچۇق قىلغان قىزكەن بۇ ،ۋاقتىنى توربەت قۇرۇشقا سەرپ قىلماي،قۇرئان يادلىغان بولسا ئون ياشقىچە تۈگىتىپ بولاكەن.

-------تۇخۇ داڭگال چۇشەيدۇ ئۇچكا جاڭگال .................

samanyoli 2011-10-22 20:33
ھىچكىم جاڭگال چۈشىمەپتۇ بۇ يەردە،،،،،،،،،،،،،،قۇرئان يادلاشقا كىچىك چۈشسە ،ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بەك ئاشىدۇ،بۇ كېيىنلىككە پايدىلىق،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
رەسسامقارى،،،،،،،،،،،،،،،،يامان كۆۋرۈكتەكلا بىلىنىپ تۇرىسىلەرغۇ،،،،،،شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ،،،،،،،،،،،،،،

رەسسام 2011-10-22 20:46
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-10-22 20:33 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھىچكىم جاڭگال چۈشىمەپتۇ بۇ يەردە،،،،،،،،،،،،،،قۇرئان يادلاشقا كىچىك چۈشسە ،ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بەك ئاشىدۇ،بۇ كېيىنلىككە پايدىلىق،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
رەسسامقارى،،،،،،،،،،،،،،،،يامان كۆۋرۈكتەكلا بىلىنىپ تۇرىسىلەرغۇ،،،،،،شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ،،،،،،،،،،،،،،

--------نىمانداق ھەممىڭلار مەن بىلەن قالدىڭلار بىرسىڭلار قىرى دەيسەن بىرسىڭ يەنە بىر نىمە دەيسەن ،،،مۇنازىرە مۇنبىرى دىگەندە ئۇز كۇز قارشىنى ئۇتتۇرغا قۇيسا بۇلمامدۇ،،،،
----

almiliq 2011-10-22 21:42
رەسسامنىڭ سەل ئاچچىقى كەلدى جۇما، دىققەت قىلىڭلار رەسىم سىزىدىغان بويۇقىنى يۈزۈڭلارغا چېچىۋەتمىسۇن يەنە!

ۋۇي ئەلىجان ئۇنى قىلماي، بۇنى قىسا بوپتىكەن دەپ بۇ يەردە گەپ تاپماي، ئاۋۇ تور بېتىگە كىرىپ قانداق گەپ بولسا بىۋاستە ئۆزىگە دىسىلە بوپتىكەن غۇجامقارى، بولمىسا ماۋۇ يەردە خەقنىڭ كەينىدىن گەپ تاپىدىكەن دەپ قالىمىز بىز.

30 غا كىرىپ تور بەتمۇ قۇرۇلمايۋاتىمىزغۇ، قىردىن ئاشالماي، پەتىۋا سۆزلەپ.

ياسىنجان127 2011-10-22 21:47
ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەقىقەتەن كاللىسى ئىشلەيدىكەن، يېراقنى كۆرەركەن، ئاللا ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلغاي.

يەھيا 2011-10-22 21:53
ئۆز كۆز قارىشىم دەپلا  ئاغىزگا كەلگەننى جۆيلىسە قانداق بولىدۇ  رەسسام جان  ئوغۇل بالا دىگەننڭ بۇلۇپ سۆزلەيدىغان  جۇما؟

sad~da 2011-10-22 22:04
يىگىرمە نەچچىگە كىرسەممۇ بىر توربەتنى ماڭغۇزامماي ھېرىپ قېلۋاتما  ما قېزنىڭ غەيرىتىگە ئاپرىن جۇمۇ

بىراق بىكتىدە ھىچ ئۇيغۇرچە خەت تاپالمايمەنيا

ئەلى 2011-10-22 22:19
توۋۋا بۇ قانداق گەپ ئەمدى ؟ مەن پەقەت شۇنداق قىلسا بولاكەن دېدىم.سىز نىمە سەكرەپ كەتتىڭىز؟
بۇ يەردە بىرىنىڭ كەينىدىن گەپ تاپىدىغان،پەتىۋا چىقىرىدىغان ئىش بولغىنى يوق تېخى.پەقەت ئۇ قىزنىڭ ئەقىللىقلىقىغا ھەيران قېلىپ يازغان ئىنكاس ئۇ .سىزمۇ ئارتۇقچە ئويلىماي قانداق ئىنكاس يازغىڭىز بولسا يېزىۋېرىڭ .ئادەمگە نەشتەر سانجىماي.

natsist 2011-10-22 22:28
يامان قىزكەن

تاھىربەگ 2011-10-22 22:38
بۇلارغا قۇرئان يادلىماي، پارتىيەنىڭ سەككىز شەرەپ، سەككىز نۇمۇس قارشىنى يادلاپ بەرسە خوش بولىدۇ. شۇڭا ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمە

amanxa 2011-10-23 00:52
ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ، بىز پەقەت يات ئەلدە تۇرۇپ ئۇيغۇرچىنى ، جۈملىدىن ئانا تىلىنى ئۇنۇتمىغىندىن بولسىمۇ خۇش بولىۋاتىمىز، بۇ يەردى بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدغىنىمۇ ساماندەك، يىقىننىياقى تىخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كىلەرمىش ئاڭلسام...

muzepper 2011-10-23 07:30
بەك تەسىرلەندىم. ھەقىقەتەن ئەقىللىق قىز ئىكەن. بۇ قىزنى تەربىيلەپ بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا- ئانىسىغا ئاپىرىن.

ohho~duqu 2011-10-23 11:08
ئالمىلىقنىڭ ئىنكاسى يارايدۇ

ئۇزتۇرۇك 2011-10-23 13:11
رەسسام قارى ئۇيلىنىغراق گەپ قىلسىلا جۇمۇ غۇجام

natsist 2011-10-23 13:38
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى amanxa نىڭ 2011-10-23 00:52 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 13-قەۋەت (تاھىربەگ) نىڭ يازمىسىغا :
ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ، بىز پەقەت يات ئەلدە تۇرۇپ ئۇيغۇرچىنى ، جۈملىدىن ئانا تىلىنى ئۇنۇتمىغىندىن بولسىمۇ خۇش بولىۋاتىمىز، بۇ يەردى بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدغىنىمۇ ساماندەك، يىقىننىياقى تىخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كىلەرمىش ئاڭلسام...

مەيدانغا كىلەرمىش ئەمەس كەپ بولدى

karluk007 2011-10-23 15:47
ئاجايىپ خەقتە بىز

مىسكىن 2011-10-23 16:32
4-5 ياشتا نەچچە كىتاپنى ئقۇپ بولسا نەچچە ياشتا ساۋادى چىققان بوغىيدى؟

muslima32 2011-10-25 01:37
ھەقىقەتەن ئەقىللىق قىز كەن ئاتا-ئانىسىمۇ ياخشى تەربىيلەپتۇ،

مھلڭك 2011-10-25 02:10
http://wl

520ahsa 2011-10-25 23:43
ياخشى بوپتۇ............دەي .ئەقىلىق قىزكەن!

zulayha 2011-10-26 03:25
تاربىيە  ئاش- ناندىنمۇ مۇھىم دىگەن ھەقىقەت مانا مۇشۇ .  بۇ قىزچاقنىڭ  ئاتا- ئانىسىغا سالامەتلىك ، ئىمان ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن . بىز ھەم پەرزەنت تەربىيەسىنى كۈچەيتەيلى ، بالا تۇغۇلۇپ ئىككىنجى كۈنى تەربىيە باشلىساڭ ئاللىقاچان كېچىككەن بولىمىزكەن . شۇڭا ھازىرنى قەدىرلەپ بالىلىرىمىز ھەم ئۆزىمىزنى ئۆسۈپ يىتىلەلەيدىغان مۇھىت بىلەن تەمىنلەپ ،پۇختا مىللەتە تەييارلىقىغا ئۆتەتيلى. تېما ئىگىسىگە تەشەككۈرلىرىم بولسۇن .

m.uygur 2011-10-28 20:05
سالام تورداش دوستلار،

مەن بۇ تېمىنى ۋە بۇ تېمىغا قارىتا يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ بىر قىسمىنى كۆرۈپ چىقىپ ھەم خۇشال بولدۇم، ھەمدە بەزى ئىنكاسلار مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.

ماھىنۇرنىڭ دادىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر قانچە جۈملە ئىنكاس قالدۇرۇشنى توغرا تاپتىم.

كۆپىنچە دوستلىرىمىز ماھىنۇرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن پەخىرلىنىپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەپتۇ، بۇ گۈزەل تىلەكلىرى ئۈچۈن ھەممەيلەنگە تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۇ گۈزەل تىلەكلەر ھەممىمىزگە ئىلھام بولغۇسى.

بىر قىسىم دوستلار، بۇ ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىچە قۇرئان يادلىسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنىڭغىمۇ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، قۇرئان يادلاشمۇ بىر ساۋاپلىق ياخشى ئىش، ئەمما ئاللاھ ئىنساننى پەقەت قۇرئان يادلىسۇن دەپلا ياراتمىغان ۋە مۇسۇلمان بىر ئىنسان ئۈچۈن بۇ دۇنيادا  قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ ھەممىسى پەقەت قۇرئان يادلاشلا ئەمەس. شۇنداقلا قىزىمىز قۇرئاننى قارىسىغا يادلاشنىڭ ئورنىغا، ھەر بىر ئايەتنى سىڭدۈرۈپ - سىڭدۈرۈپ ھاياتنىڭ ھەربىر قەدىمىگە تەدبىقلىغان ھالدا قوبۇل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ ۋە بىزمۇ ئۇنىڭغا يۆنەلدۈرۈشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. قىزىمىزنى موللا قىلىپ يېتىشتۈرۈش خىيالىمىز يوق، ئەمما ئۇنى قۇرئانى كەرىمدە ئاللاھنىڭ ئىنساندىن ئىستىگەن پەزىلەتلىرى بىلەن يېتىشتۈرۈپ، دەل ئاللاھ خالىغان بىر ئىنسان بولۇشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ئەتراپلىق تەربىيەلەشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئاللاھ بىزنى بۇ دۇنياغا ياراتقان ئىكەن، ۋە قۇرئانى كەرىم بىلەن ئەقىل - پىكىرىمىزنى ئېچىشقا بۇيرىغان ئىكەن، چوقۇم ئاللاھنىڭ بىزنى يارىتىشىدىكى مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر شەكىلدە ئىنسانىي كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك دەپ قارايمەن. بۇ ئىنسانىي كامالەت قۇرئاننى قارىسىغا يادلاپ، چالا پۇچۇق ھاپىز بولۇش بىلەن ئىشقا ئاشمايدۇ. قۇرئانى كەرىمنى يادلاش، ئىسلام تارىخىدا ئەزەلدىن ناھايتى مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. ئەمما مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان قۇرئانى كەرىمنى يادلاشتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئۇقۇمغا بىز ئۇنىڭ رۇھىغا خىلاپ بىر مەنانى يۈكلەپ، قۇرئانى كەرىمندىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئۇقماستىن، ئەرەپچىدىكى ئوقۇلۇش شەكلىنىلا يادلاش مەنىسىدە ئىشلىتىپ كەلدۇق. ۋە بۇ تەرەققى قىلىپ ئاخىرىدا كۆپ قىسىم ئەرەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ ساددا- سەمىمى مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى قۇرئانى كەرىمنىڭ مەنىسىدىن، ئەسلى مەقسىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، ئىسلام ئالىمىنى بىخۇدلاشتۇرۇپ قويدى.

ئەمەلىيەتتە، قۇرئانى كەرىمنى ئوبدان سىڭدۈرۈپ ئوقۇغان ياكى يادلىغان ھەرقانداق بىر ئىنسان، قۇرئانى كەرىمنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي قارىغۇلارچە يادلاشنىڭ قۇرئانى كەرىمدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان «چەكتىن ئاشۇرىۋىتىشنىڭ ئاللاھ ئەڭ ياقتۇرمايدىغان بىر قىلمىش» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا خىلاپ ئېكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن. قۇرئانى كەرىمنىڭ نۇرغۇن سۈرىلىرىدە «سىز چۈشەنمىگەن بىر ئىشنى نېمىشقا جاھىللىق بىلەن قىلىشنى داۋاملاشتۇرىسىز، بۇ سىزنى چەكتىن ئاشۇرىۋىتىشكە ئېلىپ بارمامدۇ؟ ئاللاھ چەكتىن ئاشۇرىۋەتكۈچىلەرنى ھىچ سۆيمەس»، «قۇرئانى كەرىم سىزلەرنىڭ ئۇنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنىشىڭىز ۋە ھاياتقا قولايلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىڭىز ئۈچۈن ئەرەپ تىلىدا چۈشۈرۈلدى» دېيىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا قۇرئانى كەرىمنىڭ خىتابىنىڭ تۈنجى ۋە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئوبىكىتلىرى ئەرەپ دۇنياسى بولغاچقا، ۋە پەيغەمبىرىمىزمۇ ئەرەپ نەسلىدىن بولغاچقا، قۇرئانى كەرىمنى ئۆزىنىڭ توپىدىكى ئىنسانلارغا تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ئىنسانلىرنى توغرا باشلىشىغا ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ئۈچۈن قۇرئانى كەرىمنىڭ ئەرەپچە چۈشۈرىلىشى، قۇرئانى كەرىمدە ئەينەن تىلغا ئېلىنغان تەۋرەنمەس بىر ھەقىقەتتۇر. ئەمما ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئاللاھ ياراتقان پۈتۈن ئىنسان باراۋەردۇر، مىللەتلىرىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرىمۇ باراۋەردۇر. ئاللاھنىڭ ئادالىتى ئالدىدا، دۇنيادا ھەممىدىن ئەزىز ياكى ھەممىدىن خار بىر ئىنسان، بىر مىللەت ۋە بىر تىل يوقتۇر، پۈتۈن تىللار ئۆزىنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن ئەزىزدۇر. ئاللاھ ياراتقان پۈتۈن تىللار يەنە ئاللاھ تەرىپىدىن قۇرئانى كەرىمدە ئىنسان ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن ئۇ مول مەزمۇننى ئىپادىلەش قۇدرىتىگە ساھىپتۇر.

بىز دەل بۇ پىكىر ۋە چۈشەنچە سىستېمىمىزنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا ئۆزىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىنى تەربىيىەلەشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئاللاھ بىزنى ئۇيغۇر سۈپىتىدە مۇسۇلمان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە نېسىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز تەبىئىتىمىزگە ۋە رۇھىيىتىمىزگە سىڭدۈرۈلگەن ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولۇش خىسلەتلىرى بىلەن ياشاشنى تەقدىر ۋە ئەڭ تەبىئىي بىر مۇكاپات دەپ بىلدۇق ۋە بۇ خىسلەرنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئىستانبۇلنىڭ قاق ئوتتۇرىسدا، بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىغان بىر مەھەللىدە، تىلىمىزغا ۋە مەدەنىيىتىمىزگە ناھايتى يېقىن بولۇشى بىلەن بىزنى بۇ تەبىئىي خىسلەتلىرىمىزنىڭ بىرسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشقا تامامەن ساھىپ بولغان تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتى مۇھىتىدا ئۇيغۇر بولۇپ ياشاشنى قارارقىلدۇق ۋە بۇ قارارىمىزدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن زىھنىمىز ۋە ۋاقتىمىزنىڭ ناھايتى ئاز ئەمما بۇ قارار ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان %10 لىك قىسىمنى بۇ قارار ئۈچۈن، يەنى ئۇيغۇر بولۇپ ياشاش ئۈچۈن ئاتىدۇق.

ماھىنۇر زىيادە ئەقىللىق بىر قىز ئەمەس، مەن ھازىرغا قەدەر كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئۇ ياشتىكى نورمال ئۇيغۇر بالىلىرىدىن ھىچقانداق پەرقى يوق، يەنى ئاللاھنىڭ ئادالەتلىك يارىتىش قانۇنىنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر خالاس. ئەمما بىز ئۆزىمىزنى تەربىيىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭغىمۇ ۋاقتىمىز ۋە زىھنىمىزنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا %10 نى ئايرىپ ئۇيغۇر قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلدۇق. تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپلا بىر ئىشلارنى قىلىپ تىزراق تىلىنى چىقىرىشقا تىرىشقان بولساقمۇ لېكىن بىر ياشقا كەلگۈچە پۈتۈن ئىھتىياجلىرىنى يىغلاپ ئۇقتۇرۇشتىن ۋاز كەچتۈرەلمىدۇق. بىر ياشقا كەلگەندە، ئۆزىگە ئەڭ كۆپ لازىم بولىدىغان بىر قانچە  سۆزنى ئۆزىنىڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلەشكە باشلىدى ۋە 5-6 ئايغىچە بۇ شەكىلدە داۋاملاشتۇردى بىز كاتون ئېلىببە، ۋە  قاتتىق كارتون قەغەز (يەۋالمىسۇن دېگەن مەقسەتتە) ئىشلىتىپ تەييارلانغان خىلمۇ - خىل رەسىم ۋە ھەرىپلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ھەرىپلەرنى ۋە شەيئىلەرنى تونۇتۇشقا تىرىشىپ كەلدۇق. ئىككى ياشقا كەلگەندە سۆزلەشكە باشلىدى ۋە ھەرىپلەرنى تونۇپ بىزگە ئوقۇپ بېرىشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇش ۋە خىزمەت ئىشلىرى تۈپەيلىدىن ئەزىز يۇرتىمىزدىن ئايرىلدۇق ۋە قىزىمىز ئۇيغۇرچە گەپ قىلىدىغانغا بىزدىن باشقا ئادەم يوق بىر مۇھىت بىلەن قارشىلاشتى. بىز يەنىلا قارارىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدۇق، كارتون قەغەزلەرگە ئاۋۋال تاق بوغۇملۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن قوش ۋە كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى يېزىپ كۈندە 4-5 تال سۆزنى ئوقۇتۇشقا تېرىشىپ كەلدۇق. بىر كۈنى كەچتە ئۆيگە كەلسەم ئىككى ياشتىن سەل ئاشقان قىزىم ماڭا «ئىز» ناملىق شىئىرنى ئوقۇپ بەرمەكچى بولدۇى، مەن قۇلاق سالدىم، ناھايتى راۋان ئوقۇلغان شىئىردىن ناھايتى ھاياجانلاندىم ۋە سەل ھەيران قالدىم، قايتا ئوقۇتتۇم، شىئىرنى ناھايتى راۋان ئوقۇدى. ئىككىنچى مىسراغا كەلگەندە كىتاپ بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقتىم، ئۇ ئىككىنچى مىسرانى ئەمەس 4-مىسرانى ئوقۇدى. ئەسلىدە ئۆگىنىش جەريانىدا يادلىۋالغان بولۇپ، ماڭا يادلاپ بەرگەن ئىكەن. مەن «ئىز» شىئىرىنى قاتتىق كارتۇن قەغەزگە چوڭايتىپ يېزىپ، ھەر بىر سۆزنى ئايرىم ئايرىم كېسىپ ھەممىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ شىئىرنى قوراشتۇرۇپ چىقىشىنى ئىستىدىم. بىر ئاي ھەپىلەشتى. نەق بىر ئاي بولغاندا بىرەر مىنۇت ئىچىدە شىئىرنى پۈتۈنلەي قوراشتۇرۇپ چىقالايدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۈچ يىشىغا كەلگەندە ئېلىببەنى تۈگەتتى. خەت ئوقۇشقا
باشلىدى. كومپىيوتېرنىدىكى كۇنۇپكا تاختىلىرىنى بېسىپ ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنى چىقىرىشقا بەكمۇ قىزىقتى. سانلارنى تونۇشقا باشلىغاندىن كېيىن توىتىماي ۋارقىراپ سانلارنى ساناپ بېرىدىغان بولىۋالدى. يېنىمىزدا بىللە ئېلىۋالغان بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىنى بىر - بىرلەپ ئوقۇتۇشقا تىرىشتۇق. تۆت ياشقا كەلگۈچە بىز ئېلىۋالغان بالىلا ئوقۇشلۇقى ۋە چۆچەك كىتاپلار تۈگىدى. سىناپ باقايلى دەپ «ئىز» ئىز رۇمانىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇق. بۇ ۋاقىتلاردا، ئەقلىمۇ، پىكرىمۇ ئېچىلغان، گەپ قىلسىمۇ ئويلىنىپ تۇرۇپ گەپ قىلىدىغان بولۇشقا باشلىغان ئىدى. دەسلەپتە كۈندە بىرەر باب ئوقۇدى. ئۇنىڭ تىلى كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق چىققان بولغاچقا ئادەتتە بىز بىلەن پاراڭلاشسىمۇ كىتاپ ئوقۇغاندەك پاراڭلىشاتتى. تىلىدا ھىچقانداق بىر شىۋە يوق ئىدى. دەسلەپتە «تاغلىقلار»، «تۈمۈر خەلىپە»، «توقسۇن»، «تۇرپان» دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ توختىماي سوراپ ئوقۇدى. ئاستا-ئاستا خىلى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىمۇ سوراپ جاۋابىنى چۈشىنىشكە تىرىشتى، بىر قانچە ئايدا «ئىز» رۇمانىنى ئوقۇپ چىقتى، تۈمۈر خەلىپىدىن نارازى بولدى، كىتاپنىڭ باشقا قەھرىمانلىرىغا ئىچى ئاغرىدى، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنى ئوبدانلا تونىۋالدى.

بىز ئۇنىڭغا «ئويغانغان زىمىن» نىڭ 1- قىسمىنى بەردۇق، ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا ئوقۇپ بولدى، خوجا نىياز ھاجىدىن ئاغرىندى، ... 2- قىسمىنىمۇ دەل بەش يېشىغا كېرىدىغان كۈنى ئوقۇپ تۈگەتتى. بىز بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشىگە رۇخسەت قىلدۇق. بىر قانچە ئاي ئىچىدە تۈركچە بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى. «ئەڭ گۈزەل ھايۋان ھېكايىلىرى» ناملىق مەسەللەر كىتابىنى بىر ئايدا ئوقۇپ بولدى. مەزمۇنى ياخشى، ھېكايىلىرى قىسقا بولغاچقا بەكلا قىزىقىپ ئاسانلا ئوقۇپ تۈگەتتى. مەن بۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلىپ بېقىشنى تەكلىپ قىلدىم. ماقۇل دىدى، كومپىيوتېرغا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بېۋاستە كىرگۈزۈشكە باشلىدى. بىرىنچى ھېكاينىڭ تەرجىمىسىنى بىر قانچە كۈندە ئاران كىرگۈزۈپ بولدى. ئاستا-ئاستا توپلاندى ئالتە ياشقا كەلگەندە يېرىمىنى تەرجىمە قىلىپ بولغان ئىدى. مەكتەپكە بەردۇق، يېشى كېچىك بولغاچقا، ئۈچىنچى سىنىپنىڭ دەرسلىرىنى ئۆگىنىپ بولغان بولسىمۇ، مەجبۇرى 1- سىنىپقا باشلىدى. يازلىق تەتىلدە كىتاپنىڭ تەرجىمىسىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىپ بولغان ئىدى. نەشىر قىلدۇرۇشنى ئويلاشقان بولغاچقا تورغا ئېلكىتابىنى ۋاقىتلىق يوللىماي تۇرغان ئىدۇق. بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن ئېتىبارەن كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە- تۈركچە ئىلكىتابى Mahinur.Com دا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.

بىر ئىنسان ئۈچۈن ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش باشقا ھەرقانداق بايلىق ۋە مەنپەئەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بىز پەقەت پايدىلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە تەدبىقلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىساقلا، ھەر زامان كۈچلۈك بولۇشنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز ۋە ساقلاپ قالالايمىز، بۇ سەۋەپتىن بۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرغان پۈتۈن تورداش دوستلارغا ئەڭ گۈزەل تىلەكلىرىمنى يەتكۈزۈش، ئامان - ئىسەنلىك تىلەش بىلەن بىرگە، پۈتۈن دەۋرداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىزنى، ئەجداتلىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەنئەنىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا  ئۆزلۈكسىز ئەتراپلىق تەلىم تەربىيە بىلەن كۈچلەندۈرۈشكە ئەڭ ئىچىمىزدىن كەلگەن چوڭقۇر ۋە تەمكىن سەمىمىيەت بىلەن ئاتلىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

ئالىي ئىھتىرام بىلەن،

مۇھەممەد ئۇيغۇر

مەرفۇئە 2011-10-28 23:03
m.uygur
مۇھەممەد ئۇيغۇر  

قىرىندىشىم    سىز  قىزىڭىزنى  ياخشى  تەربىلەپسىز      رەھمەت.      بىراق  بۇ  يەردە  ھىچكىم   بۇ ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىچە   ]  دىگەن  گەپنى    قىلغىنى  يۇق ،   تىل  ئۈگۈتۇش  بىلەن  بىللە    قۇرئان   كەرىمنى  ئۈگەتكەن  بۇلسىڭىز  تىخىمۇ  ياخشى  بۇلغان  بۇلاتتى  ،  قۇرئان  كەرىمنى  ئۈگۈنۇش   قارغۇلارچە   ياتلاش   ئەمەس       ،  ئۇيغۇرچە ۋە  تۇركچىنى     تەپسىلي   ئۈگەتكەنگە   ئوخشاش   ئەرەپچىنىمۇ     شۇنداق  ئۈگەتكەن  بۇلسىڭىز   تىخىمۇ  ياخشى  بۇلغان  بۇلاتتى  دىمەكچى  ،   سىز   يۇقىردىكى  قىرىنداشلىرىمىز نىڭ    گىپىنى  تۇغرا   چۇشەنگەن بۇلسىڭىز   ،  ئۇلار  قۇرئان  كەرىمنى  ئۈگىنىشنى  ئاخىرەتلىكى   ئۇچۇن  پايدىلىق  بۇلغاچقا  بۇ  تەكلىپنى  ئوتتۇرىغا  قۇيۇپ  قۇيدى.           پەننى  ۋە  دىننى  بىلىمنى  تەڭ  ئېلىپ  بىرىش  كىرەك.  ( ئاخىرەتتە  ئەسقاتىدىغىنى  يەنىلا  ياخشى  ئەمەل)  
    ئاللاھ تائالا  ھەممىمىز نىڭ  دىللىرىنى  يۇرۇق  قىلسۇن..............ئامىن!

m.uygur 2011-10-28 23:43
سالام مەرفۇئە،

بەلكىم يۇقىرىدا ئېيتىقانلىرىمدىن دېمەكچى بولغانلىرىمنى تولۇق ھىس قىلمىغان ئوخشايسىز. مەن تىلغا ئالغان ئەتراپلىق تەلىم تەربىيە سىز ئوتتۇرىغا قويغان ئىستەكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن يۇقىرىدىكى ئىنكاسىمدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك ئۆگىنىشكە، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۇ ياشتىكى بالا قوبۇل قىلالىغىدەك دەرىجىدە ئۆگىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بىز ئۈگەتمەيۋاتىمىز دېمىگەن ئەھۋال ئاستىدا تورداش دوستلارنىڭ پەرىزى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈملىرى باشقا تورداشلارنىڭ بىرئاز كەيپىنى ئۇچۇرۇپ قويغىنى ئېنىق. بىز بالىمىزنى ئۇ قوبۇل قىلالمىغۇدەك دەرىجىدىكى يۈك بىلەن ئېزىپ، ئۇنىڭ يۇمران قەلبى ۋە ئەقلىدە ئىسلامغا قارىتا شەكىللەنگەن ئۇ گۈزەل ئەقىدە ۋە يېقىملىق تۇيغۇلارنى، ئۆگىنىشىگە بولغان ئىنتىلىشىنى ۋە قىزىقىشنى نابۇت قىلىۋىتەلمەيمىز. مەن كىچىكىدە ئاتا ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن قۇرئانى كەرىمنى يادلاپ، زىرىكىپ، ئاخىرىدا ئىسلامغا قارىتا شەكىللەنگەن گۇمان پسېخكىسى بىلەن ساغلام ھاياتتىن ئايرىلىپ قالغان نۇرغۇن دەۋرداشلىرىمنى تونۇيمەن. ئىسلام زورلۇق بىلەن تاڭىدىغان، چۈشەنمىگەن ئىشقا زورلايدىغان بىر دىن ئەمەس. ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىسلامنى بىر ياشاش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇشتۇر. ئاز بولسۇن، ساز بولسۇن دېدۇق ۋە مۇشۇنداق قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز.

تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

kuwruk 2011-10-29 12:47
m.uygur-ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم سىزنىڭ يۇقۇردا قالدۇرغان سۇزلىڭىزنى ئۇقۇپ سىزنىڭ پەرزەنىت تەربىلەشتىكى ئىلمىي ئۇسلىڭزىدىن چۇڭقۇر تەسىرلەندىم ئەپسۇس ھازىر قىرىنداشلىرمىز ئىچىدە ئۇز پەرزەنتىنىڭ ئىمان -ئىتقاتلىق ،ئەقىللىق بىر ئىنسان قىلىپ چىقىشى ئۇچۇن پەرزەنتىنىڭ ئىلىم -پەن ئۇگۇنۇشىگە سال قاراپ ئەقلىنى ئەمدى بىلگەن كىچىك ئۇسمۇرگە قارغۇلارچە قۇرئان يادلاش نى <تاپشۇرۇق>قىلىپ شۇ كىچىك ئۇسمۇرنىڭ ئەقلى قۇۋۋىتىنى زىيان قىلماقتا،،بۇ مايسىنى تارتىپ ئۇستۇرۇش بۇلماي نىمەدىنىي بىلىم مەسلىسگە كەلگەندە ئىلمىي ھالدا سىسىتىمىلىق ئىلىپ بىرىشى كىرەك،،،،مىنىڭچە پەرزەنىتنى ئىمان -ئىتىقاتلىق ،پەزىلەتلىك يىتىشتۇرۇپ چىقىمىز دەيدىكەنمىز،،،پەرزەنىت ئالدىدا ئەڭ ئاۋال ئۇزمىز ئۇلگە بۇلىشىمىز كىرەك،،يەنى كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ھەق-ناھەق ،ھالال -ھارامنى ئىنىق ئايرىشى ئىلىمنى ھۇرمەت قىلىشى كەڭ قۇرساق بۇلۇش قاتارلىق پەرزەنتمىزنى ئەقىللىق پەزلەتلىك  يىتىشتۇرۇپ چىقساقلا ھەقىقەتنى ئۇزى ئىزدەپ تاپىدۇ،،،  

ئەلى 2011-10-29 13:49
م  ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئىنكاسنى ئوقۇپ ئەمدى بۇ ئەقىللىق قىز توغرىسىدا ئا-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم،قۇرئان ئۆگەنسە بولاتتى دىگەن گەپنى دەسلەپ مەن چىقارغان،تېمىدىكى قىزىڭىز توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ سىلەرگە قايىل بولغان ۋە ئاللاھنىڭ قىزىڭلارغا بەرگەن شۇنچە نېئمىتىدىن سۆيۈنگەن ئىدىم.بىراق كىچىك تۇرۇپلا تور بەت قۇرۇپ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشىدىن ئۆزۈمچە ئەنسىرەپ كېتىپتىمەن،كاللىسى شۇنچە ئوچۇق بولغاندىكىن،قۇرئان ئۆگەنسە،تور ئىشىنى كېيىن قىلسا دەپ ئويلىغان ئىدىم.بىراق ھازىر سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكىنىمنى بىلدىم.رەنجىگەن بولسىڭىز،خاپا بولمىغايسىز،


كۆۋرۈك ئەپەندى يۇقىرىقى ئىنكاسىڭىزدىن خۇددى بالىلىرىنى كىچىك تۇرۇپلا دىندا ئوقۇتىۋاتقان كىشىلەرگە بولغان نارازىلىقىڭىز ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇرۇپتۇ،سىزمۇ دىيارىمىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس.بالىلارغا قۇرئاننى كىچىكىدە ئۆگەتمىسە قاچان ئۆگىتىدۇ؟مەكتەپ يېشىغا توشۇپ بولغاندا كۈندە مەكتەپكە بارىدىغان،مەكتەپتىن بېرىدىغان تاپشۇرۇقنىڭ كۆپلىكى،تۈرلۈك بېسىملارنىڭ ئېغىرلىقى.....يەنە ئاللىقانداق ئىشلار تۈپەيلى،بالىلار دىندىن خەۋەرسىز قېلىۋاتقان ئىشلار ئازمۇ؟
دىيارىمىزنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە بولغاچ ھېچقانداق بىر يەرنىڭ بالا تەربىيلەش ئۇسۇلى دىيارىمىزغا ماس كەلمەيدۇ،پەقەت بەلگىلىك مىقداردا ئۈلگە قىلغىلى بولىدۇ خالاس.

m.uygur 2011-10-29 16:46
سالام ئەلى ئەپەندى ۋە كۆۋرۈك قاتارلىق بارلىق تورداشلار،

ھەممىڭلارنىڭ ئىنكاسىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىڭلار سىلەر كۆرگەن ئەھۋاللارغا نىسبەتەن ئورۇنلۇقتۇر. ئەمما ھەممىمىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، باشقىلارغا مەلۇم دەرىجىدە ياردىمى تېگىدىغان پىكىرلەرنى، شۇ پىكىرلەرگە مۇۋاپىق كىلىدىغان شارائىتقا ماس ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر بەلكىم. ھەممىمىز ئەمەلىيەتتە بېشىمىزدىن كەچۈرگەن، كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن، قايىل بولغان ياكى ياقتۇرمىغان شەيئىلەر توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىمىز. قىلغان پىكىرلىرىمىز بىزنىڭ ئۇ پىكىرگە ئىگە بولۇشىمىزغا تۈرتكە بولغان شارائىتقا نىسبەتەن توغرا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما باشقىلار ئۇ شارائىتقا دۈچ كېلىپ باقمىغان بولسا، ئۇ پىكىرنى توغرا تاپماسلىقى ياكى ئەيىبلەپ قىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر، شۇ پىكىرلەرنىڭ تۇغۇلىشىغا سەۋەپ بولغان شارائىتقا ماسلاشتۇرۇلۇپ، چۈشىنىشلىك ئوتتۇرىغا قويۇلسا، بەلكىم تالاش تارتىشىمىز، تېمىدىن چەتنەپ شەخسنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىپ قىلىشىتەك خائىشتىن خالى بولالىشى، مۇنازىرىلەر ئىلمىي ۋە قايىل قىلارلىق داۋاملىشىشى مۇمكىن. ھەممىڭلارنىڭ سەمىمىيىتى ئىنكاسىڭلاردا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئەمما بايان قىلىش ئۇسۇلۇڭلارغا دىققەت قىلساق، ھىچكىمنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىپ كەتمەستىن، دېمەكچى بولغانلىرىمىزنى جايىدا ئىپادىلىيەلىشىمىز مۇمكىن.

ھەممىڭلارنىڭ سەمىمىيىتىڭلارغا بارىكاللا!

ئاللاھنىڭ ھەممىمىزگە ئاتا قىلغان سەۋىر- تاقىتى ئىسراپ قىلىنمىغاي!

wali12 2011-10-29 17:15
ياخشى

oylinish 2011-10-29 18:39
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مۇھەممەد ئۇيغۇر ئاكا،  سىز يۇلغۇن تەھرىرلگۈچى قاتارلىق ئىشلىتىلىش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان دىتاللارنى ياساپ چىققان  مۇھەممەد ئابدۇللا بولامسىز؟
ئەگەر شۇ كىشى بولسىڭىز بۇ خىزمەتلىرىڭىزنى توختىتىپ قويماسلىقىڭىزنى، خەلقىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

m.uygur 2011-10-29 18:58
سالام oylinish،

مەن ئۇ مۇھەممەد ئابدۇللا ئەمەس، ئەمما مەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ تىلىكىڭىزنى يەتكۈزۈپ قوياي!

ئامان بولۇڭ!

ئەلى 2011-10-29 19:15
رەھمەت سىزگە نەسىھىتىڭىزنى ئېسىمدە تۇتىمەن

مەرفۇئە 2011-10-29 20:21
   ئەسسالامۇ  ئەلايكۇم    مۇھەممەت  ئۇيغۇر    .                       سىز  ھەقىقەتەن  قىزىڭىزنى  ياخشى  تەربىيلەپسىز  ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى  بەرسۇن.   سىزگە ھەم بارلىق  مۇسۇلمان ئاتا-ئانا  ۋە ئاتا-ئانا  بۇلۇش  ئالدىدىكى  قىرىنداشلىرىمغا  يەنىلا  شۇنى  تەكىتلەيمەن   ،  بالىلارنى  تەربىيلەشتە ئەڭ  ئاۋۋال  دىنى  بىلىملەرنى  قەلبىەە  سىڭدۇرۇش  لازىم  دەپ  قارايمەن.  بالا  ئانىسىنىڭ  قۇسىقىدىن  چۇشۇپلا  ئەڭ  ئاۋۋال يۇرۇق، ئازادە، ساپ بۇلغان بىر  زىمىننى  كۈرىدۇ.  ئاتا- ئانىنىڭ  تەربىلىشى  ئاستىدا  بۇ  زىمىننى كىمنىڭ  ياراتقانلىقىنى  ۋە  ئۈزىنىڭ زادى كىمگە قۇلچىلىق  قىلىش  كىرەكلىكىنى  ۋە بۇ  بىر  ئۇلۇغ   زاتنىڭ  بىز  بەندىلەرگە  چۇشۇرگەن  قانۇنىنى  تۇلۇق  بىلگەندىن  كېيىن ،  ئاندىن باشىقا  بىلىملەرنى  ئىگەللەش  جەريانىدا   ئىزىپ  قالمايدۇ. بۇ قۇرئان كەرىمنى  قارغۇلارچە ياتلىتىڭ  دىگەنلىك ئەمەس،  سىز  قىزىڭىزغا تىل  ئۈگۈتۇش دەرسىڭىزدىن  پايدىلنىپ ،  قۇرئان كەرىمنى شۇنداق  ئۈگەتكەن بۇلسىڭىز  ھەربىر سۇرە ھەربىر  ئايەتنىڭ  تەرجىمىسى (مەنىسى)  بىلدۇرگەن  ئاساستا ئۈگەتكەن بۇلسىڭىز  ھەرگىزمۇ  ئۈزىگە بېسىم  بۇلۇپ  قالمايتتى  دەپ  ئۇيلايمەن.           بۇ گەپ  ئارقىلىق ھەرگىزمۇ  رەدىيە  بەرمەكچى  ئەمەسمەن.  تۇغرا  يەرلىرىنى  قۇبۇل  قىلىپ ، ىاتا  كەتكەن  قايلىرىنى  تۇزىتىپ  پايدىنىشىڭىزنى  ئومود  قىلىمەن.             بارلىق ئەزىز  قىرىنداشلىرىمنىڭ  بۇ  ھەقتە  ئۇيلىنىپ  بىقىشىنى  تەۋسىيە  قىلىمەن.              ھەممىدىن  ئۇلۇغ  ۋە  بۇيۇك  ئاللاھنىڭ  بىزگە  پىتنىدىن پاناھلىق  بىرىشىنى  دىللىرىمىزنى  ۋە  دىللىرىمىزنى  ئۈتكۇر  قىلىشىنى ۋە  گۈر  ئازابىدىن   پاناھ  تىلەيمەن.

m.uygur 2011-10-30 02:16
سالام مەرفۇئە،

تەكلىپىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.

ئامان بولغايسىز!

m.uygur 2011-10-30 03:20
سالام مەرفۇئە،

تەكلىپىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.

ئامان بولغايسىز!

زەرىفە 2011-10-30 12:04
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى natsist نىڭ 2011-10-23 13:38 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  Re:13-قەۋەت (تاھىربەگ) نىڭ يازمىسىغا :

مەيدانغا كىلەرمىش ئەمەس كەپ بولدى




شۇنى دەيمەن!

asanat 2011-10-31 16:41
ئاللاھ بۇ قىزىمىزنى يامان كۇزلەدىن ساقلىسۇن.ئاپرىن

ferdawis 2011-10-31 17:35
بالنىڭ ئەتىسى ئاتا-ئانىنىڭ ئەھۋالىدىن،ئاتا-ئانىنىڭ ئەتىسى بالىدىن..................مەلۇم

مەنزىلگە 2011-11-01 00:28
ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمىگەن كىشىنىڭ گەپ قىلىش ھۇقۇقى يوق!

m.uygur 2011-11-14 00:24
ئۇيغۇرچە - تۈركچە مەسەللەر توپلىمى (ماھىنۇرئۇيغۇر)

تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر دوستلار. شۇنداقلا. ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۈرك دوستلارنىڭ پايدىلىنىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، ماي چىچەك نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، ئەڭ گۈزەل مەسەللەر (ھايۋان ھېكايىلىرى) ناملىق كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە – تۈركچە سېلىشتۇرما نۇسخىسىنىڭ ئېلكىتابى، كەڭ دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىلدى.
بۇ كىتاپتا، مەۋلانە، ئىزوپ، لافونتېن ۋە بەيدابا قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانغان بەزى مەسەللەر (ھايۋان ھېكايىلىرى) گە يەر بېرىلگەن. ھەر بىر ھېكايىنىڭ ئۆزى ۋە مەقسىدى، ئىخچام بىر سۆز بىلەن ۋە ياكى بىر ئاتا سۆزى بىلەن ئايدىڭلىتىشقا تىرىشىلدى. بۇ ھېكايىلەر، ئىنسانىيەتنىڭ 2500 يىللىق بىر ئورتاق مەدەنىيەت ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرى دەپ قارالماقتا.
دوستلارنىڭ كىتاپتىكى 150 كە يېقىن ھېكايىنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدىكى تەكلىپ پىكىرلىرىنى، ئېلخەت ياكى ئىنكاس قالدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ماڭا يەتكۈزۈپ بېرىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۆمىد قىلىمەن. كەڭ دوستلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئۇتۇق، ھاياتىغا ئامانلىق يار بولغاي!
- ماھىنۇر ئۇيغۇر

كىتاپ ھەققىدىكى ئۇچۇلار:

كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى: ئۇيغۇرچە-تۈركچە ئەڭ گۈزەل مەسەللەر (ھايۋان ھېكايىلىرى)

كىتاپنىڭ تۈركچە ئىسمى: Turkce-Uygurca En Guzel Hayvan Hikayeleri
كىتاپ ئاپتۇرى: ئىرپان تاتلىق (تۈركىيە)
كىتاپنىڭ تەرجىمە ئاپتۇرى: ماھىنۇر ئۇيغۇر
تەھرىرلىگۈچىلەر: مۇھەممەد ئابدۇللا ئابدۇقادىر، بۈۋىنۇر بەكرى
نەشىر قىلغۇچى ۋە تارقاتقۇچى: ماي چىچەك نەشىرىياتى (ئىستانبۇل)
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: www.Mahinur.Com
ئېلخەت ئادرىسى: uygur@mahinur.com

كىتاپ ئاپتۇرى، تەرجىمە ئاپتۇرى ۋە نەشىرىياتنىڭ رۇخسىتىسىز باستۇرۇپ سېتىشقا بولمايدۇ. ئەگەر باستۇرۇپ ساتماقچى بولسىڭىز كىتاپنىڭ تەرجىمە ئاپتۇرى بىلەن ئالاقىلاشقايسىز.


كىتاپنى چۈشۈرۈش ئادرىس ئۇلانمىلىرى: http://www.mahinur.com/uygur/551


查看完整版本: [-- سەككىز ياشلىق ئۇيغۇر قىزنىڭ تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىڭ !! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.098752 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us