باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1136 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىنگلىز تىلىنى مۇنداقمۇ ئۆگەنگىلى بولىدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6804
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-22 17:16

ئىنگلىز تىلىنى مۇنداقمۇ ئۆگەنگىلى بولىدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، تۆۋەندىكىسى "ھەمشىرىلەر "ناملىق پوۋسىتنىڭ ئاپتۇرى ھەدىمىز يازغان (ئەسلى داڭلىق مۇنبىرىدە يوللانغان) ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرى بولۇپ، بىزنىڭ ئىسلامنى تېخىمۇ چۈشىنىشىمىزگە ۋە ئىنگلىزتىلىنى ياخشى ئۈگىنىشىمىزگە پايدىسى بار، مەن خېلىدىن بېرى ئىزدەپ ئاران تاپتىم، شۇ ۋاقىتتا ساقلىۋالغانلارنىڭ داۋامىنى يوللاپ قويۇشىنى سورايمەن. 
ئىنگلىز تىلىنى مۇنداقمۇ ئۆگەنگىلى بولىدۇ
توردا بىر نېمە يېزىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتىكەن، ھازىر يازاي دېسەم گەپنى نەدىن باشلاشنى ھېچ بىلەلمەيۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە مەن بۇ تېمىنى تىل ئۆگىتىش مەقسىتىدە يازمىغان. پەقەت تېمامنىڭ ئارىسىغا تىل ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ ئېسىدە قېلىشى ئۈچۈن بەزى ئىنگلىزچە سۆزلۈكلەرنى كىرگۈزۈشنى ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان ئېغىز تىلى ئىبارىلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدا ئۇچرايدىغان ۋەقەلىكلەر ئارىسىغا قىستۇرۇش ئارقىلىق تىل ئۆگىنىۋاتقانلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىشنى ئويلىغان. ئەپسۇس ماۋزۇنى نېمە دەپ قويۇشنى بىلەلمىدىم. توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
  بۇ پەقەت مېنىڭ يات ئەلدىكى تۇرمۇشۇمنىڭ، شۇنداقلا ئەتراپىمدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قىسقىچە كارتىنىسى، ھېكايە ئورنىدا ئوقۇپ قويۇڭلار.
  ئايروپىلانغا چىققىنىمدا شاڭخەيدە ئاللىقاچان كەچ سائەت سەككىزدىن ئېشىپ، ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. بىر يەرگە ماڭساملا سومكىلىرىمنى لىقققىدە توشقۇزۇۋالىدىغان ئادىتىم بار. توۋا دەيمەن، بىر ئامال قىلىپ نەرسىلەرنى ئازراق ئالاي، دېسەممۇ نېمىلەرنى سالغىنىمنى بىلمەيلا چامادانلىرىم لىقققىدە توشۇپ كېتىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىمۇ شۇنداق ئىدىم، چامادانلىرىمنى شۇنچە توشقۇزۇۋالغىنىمغا قارىماي، داۋاملىق ئۆيدە بىر نېمىلەرنى ئۇنتۇپ قالاتتىم. بۇ قېتىممۇ نەرسىلەرنى ئازراق ئېلىشقا قانچە تىرىشقانسېرى، يېقىندىلا سېتىۋالغان، ئۇزۇن سەپەرگە چىداملىق Swiss Army (شىۋىتسارىيە ئارمىيىسى) ناملىق ئىككى چامىدىنىم، ئالدىنقى قېتىم چەت ئەلگە چىققاندا نەرسە-كېرەكلىرىم پاتماي سېتىۋالغان، ئايروپىلاننىڭ ئىچىگە سالغىلى بولىدىغان كىچىك چامادانىم، يەنە بىر يوغانراق قول سومكام لىققىدە توشۇپ كەتتى. ئالدىنقى كۈنى نەرسە-كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ بەك كەچ ياتقاچقا، ئايروپىلانغا چىقىپ بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كەتتىم.
قانچىلىك ئۇخلىدىمكىن، بىر چاغدا ئايروپىلان كۈتكۈچىسىنىڭ مۈرەمگە يەڭگىل ئۇرۇشىدىن چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچتىم. قارىسام ئۇلار ئىچىملىك ۋە تاماق تارقىتىۋېتىپتۇ. يولدىشىم بېلەت زاكاس قىلغاندا ماڭا ھالال تاماق، دەپ زاكاس قىلغان ئىكەن. ئادەتتە چوڭراق ھاۋا لىنىيىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ھالال تاماق بار، بېلەت زاكاس قىلغاندا سىز ھالال دەپ بۇيرۇتسىڭىز سىزگە ئايرىم تەييارلاپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ ھازىر قورسىقىممۇ ئاچمىغان ھەم بۇ تاماقنى تازا كۆڭلۈم تارتمايۋاتاتتى. شۇڭا بىر ئىستاكان ئالما سۈپى ئېلىپ ئىچتىم. ئايروپىلان كۈتكۈچىسى مېنىڭ ئىشەنچ قىلالمايۋاتقانلىقىمنى بىلدىمۇ ئەيتاۋۇر، يېنىمغا كېلىپ «سىزگە تەييارلىغان تاماقلار ھەممىسى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، قىزىل گۆش ئەمەس» دېدى. مۇشۇ چاغدا ئاندىن دىققەت قىپتىمەن. قىزىق، بۇ ئايروپىلان لىنىيىسىدە خىزمەت قىلىدىغانلار ئاساسەن چوڭ ياشلىقلار ئىكەن. بۇنداق چوڭ ياشلىقلار ئايروپىلان كۈتكۈچىسى بولسا ئادەمگە باشقىچە ئىللىق تۇيغۇ بېرىدىكەن. ماڭا مېۋە سۈيى سۇنغان ئايالنىڭ ئاۋازى ياش قىزلاردەك ئىنچىكە بولۇپ، ماڭا تۇيۇقسىز رىسالەت مەرداننى ئەسلەتتى. ئۇنىڭ بىر چاغلاردا ماڭا ئاتاپ يازغان «ئاۋرالدىكى گىلاس سۈيى مەندىن سېنى سورىدى...» دەيدىغانراق بىر مەزمۇندا بىر شىئېرى بولىدىغان. شۇ دوستلار قەيەردە قېلىۋاتىدىكىن، ئەمدى قايسى ۋاقىتلاردا كۆرىمەنكىن، دەپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى.
  بىر چاغدا قارىسام ئايروپىلاندىكىلەر ھەممىسى قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. يېنىمدىكى دەرىزىنى ياپقۇچىنى ئاستا بىر يوچۇق ئېچىپ سىرتقا قارىدىم، ناھايىتى كۈچلۈك بىر نۇر ئايروپىلان ئىچىنى يوپيورۇق قىلىۋەتتى. بىلدىمكى، ئايروپىلان ھازىر شىمالىي مۇز ئوكيان ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتاتتى. ئىچىدىكىلەرنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن دەرھال ياپقۇچنى يېپىۋەتتىم ۋە ئالدىمكى ئېكراندىن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۆرۈشنى پىلانلاپ كۆرەلمەي يۈرگەن «Australia» دېگەن فىلىمنى تاللاپ كۆرۈشكە باشلىدىم. ئىشقىلىپ 13 سائەتلىك سەپەر مۇشۇنداق زېرىكىشلىك ئۆتتى.
   Pearson International Airport (پىيىرسېن خالقئارالىق ئايرودرومى) غا چۈشكىنىمدە، ئوخشاش كۈن ھەم شاڭخەيدىكى بىلەن ئوخشاش ۋاقىت ئىدى. يەنە شاڭخەيدىن چىققان كۈنۈم كەچ سائەت سەككىز بولغان بولسا، بۇ يەردە ھەم ئوخشاش كۈنى كەچ سائەت سەككىز بولغان ئىدى. ھاۋا مەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا سوغۇقمۇ ئەمەسكەن.
بىرىنچى قېتىم ۋىزىنى ئېلىپ بولۇپ، مېڭىشقا تەييار بولغاندا پاسپورتۇمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم. قايتا پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىپ، ۋىزىنى قايتا ئالغۇچە ئارىلىقتىن ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. شۇ چاغدا ئەلچىخانىدىكىلەرنىڭ سوئال-سوراقلىرىنى ئويلىسام ھازىرمۇ كۈلگۈم كېلىدۇ. ھېچقاچان ئۆزى كىشىلەرنى interview قىلمايدىغان ۋىزا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئۆزى مېنى چاقىردى ۋە مەندىن:« ۋىزىنى نەچچە پۇلغا سېتىۋەتتىڭ؟» دەپ سورىدى. قېرى ئەبلەخ! بۇ يەردىكى چېگرىدىن كىرگەنلەرنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى ئىككى ئايلىق خاتىرىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى، خۇدايىمغا مىڭ شۈكۈر! ئەگەر مېنىڭ كونا  پاسپورتۇمنى بىرەر گۇي ئىشلىتىپ بۇ يەرگە كېلىۋالغان بولسا مېنى كەينىمگە قايتۇرىۋېتەتتمىكەن دەيمەن. ئىشقىلىپ ئۇزۇن تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن «Welcome to Canada» دەپ پاسپورتۇمنى قولۇمغا قايتۇرۇپ بەردى.

   ئەمدى بىردەم قزىمغا قاراي. مەن بۇ تېمىنىڭ داۋامىنى داۋاملىق يېزىپ تۇرىمەن. قىزىققانلار ھە-ھۇ دېيىشكەچ تۇرارسىلەر.
يۇقارقى تېمىدىكى interview يۈز-تۇرانە ئىمتىھان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ
.
(ئەسلى داڭدار مۇنبىرىدىكى ئەلى ... قاتارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىنى سورايمەن. مۇشۇ ئارقىلىق تېخى مەستۇرە ھەدىمىزمۇ كەڭسايغا قەدەم ئالامدۇ تېخى)
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1391
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1391دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15433 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-05-10

ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام ،مەستۇرە ھەدىمىز مۇشۇ ھېكايىسىنىڭ ئاخىرىنى چىقارمايلا يوقاپ كەتكەنتى راس شۇ ۋاقىتتا،كېيىنرەك يازىمەن،بەك چۇۋالچۇق چىقىپ قېلىۋاتىدۇ دەپ توختىتىپ قويغان.داڭلىق مۇنبىرى تاقىلىپ ئۇ ھەدىمىزمۇ باشقا مۇنبەرگە چىقىپ كەتتى.سىز بۇرۇنقى داڭلىق مۇنبىرىنىڭ ئەزاسىمۇ؟ ئەجەپ مەن بىلمەيدىكەنمەن سىزنى ؟
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
دوستلىشىش
ohho~duqu
kvlgenning hemmisi dost emes
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 632
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە632دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 6641 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-05-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 11:19

مەنمۇ مۇشۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى تاپالماي يۈرۈيمەن ، ئېنگىلىسە ئۆگۈنۈشكە كۆپ ياردىمى بولىدىكەن بولمىسا
man kangsay azasian
www.quttikin.com
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2188
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 71
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە71دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 805 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-24 10:45

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پەخرىدىن. مەستۇرەنى ئىزدىسىڭىز ھازىر ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن تاپالايسىز. ئىزدىنىشتا ئۇ يوللىغان بىر قانچە تېمىلارنى كۆردۈم. بىر تېمىدا داڭلىققا يوللىغان مۇشۇ تېمىسى ھەققىدىمۇ توختالغاندەك قىلغان.
ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قوياي:
http://bbs.izdinix.com
www.quttikin.com
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6804
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-31
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-25 15:30

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى ئەلى نىڭ 2011-10-22 20:17 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام ،مەستۇرە ھەدىمىز مۇشۇ ھېكايىسىنىڭ ئاخىرىنى چىقارمايلا يوقاپ كەتكەنتى راس شۇ ۋاقىتتا،كېيىنرەك يازىمەن،بەك چۇۋالچۇق چىقىپ قېلىۋاتىدۇ دەپ توختىتىپ قويغان.داڭلىق مۇنبىرى تاقىلىپ ئۇ ھەدىمىزمۇ باشقا مۇنبەرگە چىقىپ كەتتى.سىز بۇرۇنقى داڭلىق مۇنبىرىنىڭ ئەزاسىمۇ؟ ئەجەپ مەن بىلمەيدىكەنمەن سىزنى ؟



شۇنداق، ھازىرچە تور يۈزىدە مېنى قېرىندىشىم دەپ بېلىپ تۇرۇڭ،  ئۇ ئەسەر بولسا تاپساق بولاتتى قېرىندىشىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6804
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-31
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-25 15:32

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى turkzad نىڭ 2011-10-24 10:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پەخرىدىن. مەستۇرەنى ئىزدىسىڭىز ھازىر ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن تاپالايسىز. ئىزدىنىشتا ئۇ يوللىغان بىر قانچە تېمىلارنى كۆردۈم. بىر تېمىدا داڭلىققا يوللىغان مۇشۇ تېمىسى ھەققىدىمۇ توختالغاندەك قىلغان.
ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قوياي:
http://bbs.izdinix.com



بولىدۇ ، سىز داڭلىقتىكى تۈركزاد شۇغۇ، بۇ يەردە سىلەرنى ئۇچراتقىنىمدىن بەك خۇشالمەن.....رەھمەت سىزگە