بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى ئەلى نىڭ 2011-10-22 19:54 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
پەقەت قۇرئانلا تا قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە ھەمدە ھەر قانداق زامانغا ماس كېلىدىغان بىر مۆجىزە.بىراق ئىنساننىڭ يازغىنى ھامان زاماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.ئوخشىمىغان زاماندىكى رولى ھەم ئوخشىمايدۇ.يۇقىرىقى شېئىرنى تەھلىل قىلغاندا شېئىرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى،قانداق شارائىتتا،قانداق تۈزۈمدىكى جەمىيەتتە يېزىلدى،نىمە ۋەجىدىن يېزىلدى؟؟؟شۇ ۋاقىتتىكى ئەھمىيىتى،باشقىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى قانداق شۇلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.بۇرۇنقى ئەدىبلىرىمىز يازغان نەرسىنى بۈگۈنكى كۈنگە تەدبىقلاپ،سەللا بىر يېرى مانداقراق چىقىپ قالسا،ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ كېتىدىغان كىشىلىرىمىز ئاۋۇپ كېتىپ بارىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىقى شېئىردىمۇ ھېچقانداق غەيرىلىك يوق دەپ قارايمەن.
ئۇنداقتا شېئىرنى تەھلىل قىلىپ باقايلى:<<تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا>>دېمىسىمۇ،تۇغۇلغاندا ھەممە كىشى باراۋەر،ئاللاھ ھەممە ئىنساننى مۇسۇلمان پېتى دۇنياغا يارىتىدۇ،ئۇنىڭ قانداق چوڭ بولۇشى ئاتا-ئانا تەربىيىسىگە باغلىق.بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز.بۇ يەردە قانداقتۇر بىرى ساق،بىرى مېيىپ دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى.مۇنداق سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك،دۇنيادا ئوپمۇ-ئوخشاش ئىككى كىشى بارمۇ؟ قوشكېرەكلەرنىڭ چىرايىمۇ پەرقلىنىدىغان تۇرسا.بۇ يەردىكى ئوخشاشلىق ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ب ولغان ئوخشاشلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
<<تـەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا>>بۇ يەردىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىق ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈ رۈلگەن.چۈنكى ئاپتور ياشىغان دەۋردە تەڭسىزلىك،زۇلۇم ھازىرقىدىنمۇ ئېغىرلىقى ھەممىمىزگە ئايان.
<<كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن>>بۇ مىسرادا قانداقتۇر ئاجىزلىق ئەمەس،شۇ ۋاقىتتىكى جازانىخور،چىرىك ئەمەلدار،زومىگەرلەرگە،ئېزىلگۈچى خەلق مەيدانىدا تۇرۇپ خىتاپ قىلغان،چۈنكى قايسى بىر ئەزگۈچى،زۇلۇم سالغۇچى،پارىخور ئەمەلدار ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ،ئاتالمىش ھوقۇققا،مال-دۇنياغا ئېرىشكەن؟ھەممىسى باشقىلارنى ئېزىشتىن،ئامىتىنىڭ تاساددىپى كېلىپ قېلىشىدىن بولغان.
<<تـەڭ بولىـمىز ئاخىـر قـەبـرە ئالـدىدا>>بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا قائىدە.ھەممە كىشىنىڭ قەبرە ھاياتى تەڭ ئوخشاش دىگەن مەنە چىقمايدۇ.بۇ دۇنياغا ھەممە كىشى يالىڭاچ كەلگەن،كەتسىمۇ شۇ ئېلىپ كېتىدىغىنى ئىككى مېتىر رەخ بولىدۇ خالاس.ئاپتور بۇ مىسراسى ئارقىلىق خەلقنى ئېزىپ،شۇنچە مال-دۇنيا توپلىغانلارغا،ھارامدىن دۇنيا يىغىۋاتقانلارغا مۇشۇ مىسراسى بىلەن رەددىيە بەرگەن ۋە ئۇ دۇنيادا بۇ دۇنيادىكى بايلىقنىڭ،نام-ئاتاقنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوقلىنى خەلق ئاممىسىغا مۇشۇ مىسرالىرى ئارقىلىق بىلدۈرگەن.
