查看完整版本: [-- بىر مەيدان مۇنازىرە قىلساق... --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> بىر مەيدان مۇنازىرە قىلساق... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاش 2011-10-22 15:00
مەن يېقىندا <<جۇڭگو مىللەتلىرى>> ژۇرنىلىدا تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ <<سىز كىم>> ناملىق يازمىسىنى ئوقۇپ باشقىچىلا بولۇپ قالدىم. چۈنكى بۇ يازمىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ:
                                                            << تۇغۇلغاندا  تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،
                                                                  تەڭ ئەمەس بىز ،لېكىن  دەۋر ئالدىدا.
                                                                  كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
                                                                  ئاخىر تەڭ بولىمىز قەبرە ئالدىدا.>>
دېگەن پارچىسىغا ئىنتايىن كۈچلۈك رەددىيە ۋە تەنقىد بېرىلگەن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن دوستلارنىڭ مۇشۇ بىر پارچىغا قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي دەيمەن. تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ يازمىسىنى ئوقۇغانلار شۇ يازمىغا ۋە بۇ پارچىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر قىلساڭلار، ئوقۇمىغانلار مۇشۇ پارچە ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويساڭلار.  مەن ئىنكاس شەكلىدە سىلەرنىڭ دېگىنىڭلارغا ئاساسەن تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا  قويسام ۋە مەنمۇ ئويلىغانلىرىمنى دەپ ئۆتسەم.

samanyoli 2011-10-22 15:37
قېنى ئۇ يازما،،،،،،،،،،،،،

تاش 2011-10-22 15:42
ئەپەندى، سىز ئاۋۋال مەن يازغان ئۇ بىر پارچە شېئىرغا قارىتا پىكرىڭىزنى دەپ بېقىڭ، ئۇ يازمىمۇ پەيدا بولۇپ قالار.

uysat 2011-10-22 16:16
بۇ تىما يەنە ئىشەك مۇنازىرىسىگەئايلىنىپ كەتمىسە خىلى ئىش .

baxmaltak 2011-10-22 16:17
تەنقىت قىلىشقا سالاھىيتى توشمايدۇ،ئاۋارا بولمىسۇن.

bugra944 2011-10-22 16:19
قايسى ساندا ئىكەن  

رەسسام 2011-10-22 17:00
سىز ئەڭ ياخشىسى شۇ مۇناسىۋەتلىك ماقالىنى يۇللاڭ بەك ئۇزۇن بۇلسا قىسقىچە مەزمۇننى يۇللاڭ ئاندىن <جىدەل ماجرا >ئۇينايمىز،،،كەڭسايىدىكى مۇللاملار بىلەن زىيالىلار،،،،،   

end 2011-10-22 17:26
رەسساملامۇ بادۇ؟؟؟

xahla91 2011-10-22 18:16
سىز كىم

تۇرغـۇن يىلـتىز

بىر توي مۇراسىمىدا، ئادەم ۋە ئادەملىك توغرىسىدا پاراڭ بولدى، يېنىمدا ئولتۇرغان مويسىپىت كىشى:
− ھەممە ئادەم ئوخشاش، ئادەملەر تەڭ - باراۋەر... − دېدى كەسكىن تەلەپپۇزدا.
مۇبادا، ئۇ يەردىكى پاراڭ قانۇن ھەققىدە بولسا ئىدى، مەن: «ئۆزلىرى توغرا گەپ قىلدىلا» دەپ، ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلىگەن بولاتتىم. ئەپسۇسكى، پاراڭ تېمىسى ئادەملىك دەرىجىسى ئۈستىدە بولۇۋاتاتتى.
− ئادەملىك دەرىجىسى ئوخشاش ئەمەس،− دېدىم ھۆرمەت يۈزىسىدىن جىم ئولتۇرۇش ۋە سۈكۈت قىلىشنى خالىماي دەرھال رەددىيە بېرىپ،− ھەربىر ئادەم ئۆز تىرىشچانلىقىغا يارىشا مەرتىۋىگە، ھۆرمەت-ئىناۋەتكە، شان-شەرەپكە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، ھەممە ئادەمنى تەڭ - باراۋەر دېيىش خاتا.
− ياق، سىز ياش بالا ئىكەنسىز، سىزگە قارىغاندا مەن كۆپنى كۆرگەن، سىزگە چۈشەندۈرۈپ قوياي،− دېدى ئۇ كىشى خاپا بولۇپ،− ئادەملەر ئوخشاش ھالەتتە تۇغۇلىدۇ، ئۆلگەندە ئوخشاشلا تۇپراققا ئايلىنىپ تەڭ بولىدۇ، شۇڭا ئادەملەر ئاخىرقى ھېسابتا باراۋەر.
− ياق، تۇغۇلغاندا ھېچكىم تەڭ ئەمەس، ئۆلگەندىمۇ تەڭ ئەمەس!− دېدىممەن كۈلۈپ تۇرۇپ،− ئادەملەرنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن ئۆلگەندە تۇپراققا ئايلىنىشىنى قارىقويۇق ئوخشاش دەپلا، ھەممە ئادەمنى تەڭ دېسەك بولمايدۇ. تۇغۇلغاندا ئوخشاشلا ھەممىسى بوۋاق بولغىنى بىلەن، بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇشىدىمۇ پەرق بار، مەسىلەن: بەزى بوۋاقلار ساغلام تۇغۇلسا، بەزىلىرى كەمتۈك تۇغۇلىدۇ؛ بەزى بوۋاقلار ئاسان تۇغۇلسا، بەزىلىرىنىڭ تۇغۇلۇشى قىيىنلىشىپ ئانا بولغۇچى ئازاب چېكىدۇ؛ بەزى بوۋاقلار نورمال يول بىلەن تۇغۇلسا، بەزىلىرىنى ئانا قورسىقىدىن ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ... ئادەم ئۆلگەندە گەرچە جىسمى تۇپراققا ئايلانغىنى بىلەن، روھ ۋە شەكىل ماھىيىتىدە ئوخشاشماسلىق، جۈملىدىن ئۇلۇغلۇق ۋە ئاددىيلىق، ئېسىللىك ۋە چۈپرەندىلىك، ئالىيجانابلىق ۋە رەزىللىك، پاكلىق ۋە ناپاكلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھامان مەۋجۇت.
− چۈشەنمىدىڭىز، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قەبرە ئالدىدا تەڭ بولىدۇ، − دېدى ئۇ كىشى.
− ئۇنداق بولمايدۇ! − دېدىم مەنمۇ كەسكىن تەلەپپۇزدا، − كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى، ياخشىلىق ۋە يامانلىقى، ئەمەل-ئىبادىتى، مۇۋەپپەقىيىتى، جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئالەمدىكى ئورنى، ئابروي-ئىناۋىتى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمىدىن ئەل-ۋەتەن قايغۇرۇپ، ئۆلۈم نامىزىغا پۈتكۈل ئەل-جامائەت قاتناشسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلۈم نامىزىغا ساناقلىقلا ئادەم كېلىدۇ. دېمەك، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھۆرمىتى قەبرە ئالدىدىمۇ كاتتا ياكى تۆۋەن بولىدۇ. ئۇ ئالەمدىمۇ ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيدىغان ئادىل تارازا بار، ياخشى بىلەن يامان، ساۋاب بىلەن گۇناھ ئايرىلماي قالمايدۇ.
گەپ شۇ يەرگىچە بولدى. مويسىپىت كىشى ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە خوشمۇ دېمەستىن سورۇندىن چىقىپ كەتتى.
شۇ چاغدا، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان جەمئىيەتتە تارقىلىپ يۈرگەن تۆۋەندىكى پارچە يادىمغا كەلدى:
تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،
تـەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تـەڭ بولىـمىز ئاخىـر قـەبـرە ئالـدىدا.
بۇ پارچىدا ئىپادىلەنگەن پىكىر بىلەن ھېلىقى مويسىپىت كىشىنىڭ قارىشىدا ئورتاقلىق بار ئىدى. ئېنىقكى، بۇ پارچىدىكى مەزمۇن «تۇغۇلغاندا تەڭرى ئالدىدا تەڭ ئىدۇق، لېكىن دەۋر ئالدىدا تەڭ بولالمىدۇق؛ ئامەتلىرىڭدىن كۆرەڭلەپ كەتمە، قەبرە ئالدىغا بارغاندا تەڭ بولىمىز» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. بۇ خىل پىكىر دەماللىققا ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم تېمىسىغا ئۇيغۇندەك تۇيۇلىدۇ، لېكىن سەل ئويلىنىپ ئانالىز قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن پىكىرنىڭ بىر تەرەپلىمە، ئىكەنلىكىنى، ھاياتلىق پەلسەپەسىگە زىت كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز. چۈنكى، ھەركىمنىڭ دەۋر ئالدىدىكى ئورنى پەقەت ئۆز تىرىشچانلىقىغا مۇناسىپ ھالدا بولىدۇ. «كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن» دېگەن گەپتىن قېيىداش، كۆرەلمەسلىك، ئاجىزلىق خاھىشىنى ھېس قىلىمىز. بۇ پارچىنى شېئىرىي تۈسكە كىرگۈزمەكچى بولغان تەڭرى، دەۋر، قەبرە دېگەن سۆزلەرنىمۇ قاپىيە دېگىلى بولمايدۇ...
مەن شۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرىمەنكى، ئادەملەر تۇغۇلغاندا تەڭ ئەمەس، دەۋر ئالدىدا ئەلۋەتتە تەڭ ئەمەس، قەبرە ئالدىدا تېخىمۇ تەڭ ئەمەس. بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ بىر-بىرىگە ئوخشاش بولمىغان مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئادەملەرنىڭ تەربىيەلىنىش، چوڭ بولۇش، ياشاش ۋە ئۆلۈشىدىمۇ مۇئەييەن پەرق بولىدۇ. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، بەزىلەرنىڭ روھى بىلەن نامى ئۇلۇغۋار كىملىك سۈپىتىدە ئىنسانلار قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ؛ بەزىلەر ئۆلگەن كۈندىن باشلاپلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئادەم ئـۇ تۆشۈكتىن چىقىپ، بـۇ تۆشۈككە كىرىپ كەتكۈچە بولغان ھايات مۇساپىسىدە ئۆمرىدىن ئىز قالدۇرۇشى، دەۋر ئالدىدىكى ئۆز كىملىكىنى تىكلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى، يېمەك - ئىچمەكلەرنى ھەزىم قىلغۇچىلار ياكى قاراپ تۇرغۇچىلاردىن بولماسلىقى كېرەك. توغرا ھاياتلىق پەلسەپەسىنىڭ نېگىزى ئەنە شۇ. «ئۆلگەندە ھەممىمىز تەڭ بولىمىز» دېگۈچىلەر ئۆزگىلەرنىڭ ياشىشىغا قاراپ تۇرغۇچىلار، تەقدىرگە تەن بەرگۈچىلەر، مەغلۇبىيەتچىلەردۇر. دېمەك، ھەربىر ئىنساننىڭ كىملىكى ئۇنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى، ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم قانداقتۇر بىراۋدىن رەنجىپ: «كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن، تەڭ بولىمىز ئاخىر قەبرە ئالدىدا» دەپ، باشقىلارغا ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپلا ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاپ، ئۆزلۈك ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە، ھايات مۇساپىسىدىن ئىز قالدۇرۇشقا تىرىشمىسا، كىملىك دەرىجىسى تۆۋەن ياكى يوقلۇققا يۈز تۇتقۇچىلارغا ئايلىنىدۇ، خالاس.
ياشاش يولى سان-ساناقسىزدۇر، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزلۈك ھەم كىملىكىنى قانداق يارىتىشى ئۆزىگە باغلىق. سىز كىم؟ ئۆزلۈك روھىڭىز نېمە؟ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكىڭىز ھەم خاسلىقىڭىز مەۋجۇتمۇ-يوق؟ ئۆزگىلەر مەلۇم ساھە، مەلۇم كەسىپتە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن بولسا، سىزنىڭمۇ ئۆز ئالدىڭىزغا تۇتقان يولىڭىز، ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىش، دەۋر ئالدىدا مەھكەم پۇت تېرەپ تۇرۇش ياكى ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىشكە ھەپسىلىڭىز بارمۇ-يوق؟ مانا، بۇ مەسىلىلەرنى سالماقلىق بىلەن ئويلىشىش كېرەك.
دەۋر ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدۇ، ئاقىل كىشىلەر ئۆزىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى بىلمىگۈچىلەر دەۋرنىڭ كەينىدە قالىدۇ، بۇ مۇتلەق ھەقىقەت. شۇڭا، دەۋر ئالدىدا ئادەملىك دەرىجە پەرقى ھەرقاچان مەۋجۇت. بىز دائىم ئۆزىمىزگە «مەن كىمنىڭ ئەۋلادى، كىم بولۇشۇم كېرەك؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ تۇرايلى، ئۆز كىملىكىمىزنى تىكلەش ۋە دەۋر ئالدىدىكى ئورنىمىزنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن تىرىشايلى!
                                                                  
(ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن)



مانا بۇ ماقالە ، قېنى مۇنازىرىنى باشلاڭلار !

sebire 2011-10-22 19:18
مىنىڭچە تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنىڭمۇ ئاساسىي بار، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئاساسلارنىڭ ئىلىپ چىقىپ مەرھۇم يازغۇچىمىز ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر(ئاللاھ ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنى خەيرىلىك قىلسۇن!) ئەپەندىنىڭ بۇ شېئىرىغا رەددىيە بىرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. مىنىڭ بىلىشىمچە شېئىر دېگەننىڭ مەلۇم بىر ئارقا كۆرۈنۈشى بولىدۇ.  ۋە يەنە بىر پارچە شېئىرنى ئوقۇغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىن ئوخشاش مەنە چۈشەنچىسىگە ئىگە بولۇشىمۇ ناتايىن.
تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،
تـەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تـەڭ بولىـمىز ئاخىـر قـەبـرە ئالـدىدا.
تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندى «كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن» دېگەن گەپتىن قېيىداش، كۆرەلمەسلىك، ئاجىزلىق خاھىشىنى ھېس قىلىمىز دەپتۇ.  مىنىڭ ھېس قىلغىنىم بولسا، غەزەبلىنىش،نەپرەت ۋە ئامالسىزلىق ھىسسىياتى.  شېئىردىكى« تەڭ» بولۇش مىنىڭچە بولغاندا «سىز كىم»دىكىدەك ئۇنداق   «  ئۇلۇغلۇق ۋە ئاددىيلىق، ئېسىللىك ۋە چۈپرەندىلىك، ئالىيجانابلىق ۋە رەزىللىك، پاكلىق ۋە ناپاكلىق »تىكى تەڭ بولۇش ئەمەس بەلكى ھەممە مەۋجۇدات ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئوخشاشلا تەڭ قىلىپ يارىتىلدى، لېكىن ياشاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا يامانلىق ياخشىلىقنى، رەزىللىك ئىسللىقنى بوزەك تىپىپ كەتتى، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ،ھەق ئىگىلدى، ناھەقچىلىق گىدىيىۋالدى . لېكىن بىلىش كېرەككى، قەبرىگە دۇنيادىكى ھوقۇق مال-دۇنيا ھەمراھ بولالماس، ھەممە ئوخشاش بىر پارچە ئاق رەخىت بىلەن كېتەر، ھەممە بابباراۋەر ياراتقۇچى يەنى تەڭرى ئالدىدا ئۆزىنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەتكەنلىرىدىن ھىساب بىرەر. ھىچكىشى بۇنىڭدىن قىچىپ قۇتۇلالماس دېگەنلەرنى بەكرەك كۈچلەندۈرىدۇ دەپ قارايمەن.  
تۇرغۇن يىلتىزنىڭ بۇ ماقالىسىنىڭ ئىجابىي تەربىيۋى ئەھمىيىتىنىمۇ چەتكە قاقمايمەن. ئۇنىڭدا ئاكتىپ ھايات پوزىتسىيىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئەمما مەن شېئىرنى ھايات پەلسەپىسىگە زىت دەپ قارىمايمەن.
بىز ئاخىرەتتە پەقەت ياخشى-يامان ئەمەللىرىمىزنىڭ ئاللاھ بىكىتىپ بەرگەن ئۆلچىمىدە تارتىلىپ، ئىغىر-يىنىك كىلىشى بىلەنلا  بىر-بىرىمىزدىن دەرىجە جەھەتتە پەرقلىنىمىز. ئەمەلىيەتتە دۇنيا ھاياتىدىمۇ شۇنداق، ھەقىقىي ئۆلچەمنى تونۇپ يەتكەن كىشىلا بۇنى كۆرۈپ يىتەلىشى مۇمكىن. ئەمما شېئىردىكى تەڭ بولۇش دۇنيادا بولسا كۆرۈنۈشتىكى ئىنىقراق قىلىپ ئىيتقاندا ھوقۇق كۈچ دېيىش مۇمكىن، قەبرىدە بولسا سوراق تامام بولۇپ، ئۇيان بۇيان بولۇنۇشتىن ئىلگىرىكى تەڭ بولۇش دەپ قارايمەن.
 بۇ ماقالىغا كەلسەك، شېئىرنىڭ مەلۈم بىر ئارقا كۆرۈنۈش ياكى مەلۈم بىر خىل پوزىتسىيىنى ئەكىس ئېتىشى بىلەن ئۇنى بىر تەرەپلىمە ي ياكى ھاياتلىق پەلسەپىسىگە زىت دەپ ئىنكار قىلىۋىتىش بۇ ئادىلسىز لىق. بۇنىڭدىن باشقا ئاساسلىق كۈچەيتمەكچى بولغان مەركىزى ئىدىينى توغرا دەپ قارايمەن.

مەرڭەن 2011-10-22 19:53
تۇرغۇن يىلتىز  ئەپەندم شېئىر نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى چۇشەنمەي رەددىيە بىرىپ قويۇپتۇ  

ئەلى 2011-10-22 19:54
پەقەت قۇرئانلا تا  قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە ھەمدە ھەر قانداق زامانغا ماس كېلىدىغان بىر مۆجىزە.بىراق ئىنساننىڭ يازغىنى ھامان زاماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.ئوخشىمىغان زاماندىكى رولى ھەم ئوخشىمايدۇ.يۇقىرىقى شېئىرنى تەھلىل قىلغاندا شېئىرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى،قانداق شارائىتتا،قانداق تۈزۈمدىكى جەمىيەتتە يېزىلدى،نىمە ۋەجىدىن يېزىلدى؟؟؟شۇ ۋاقىتتىكى ئەھمىيىتى،باشقىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى قانداق شۇلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.بۇرۇنقى ئەدىبلىرىمىز يازغان نەرسىنى بۈگۈنكى كۈنگە تەدبىقلاپ،سەللا بىر يېرى مانداقراق چىقىپ قالسا،ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ كېتىدىغان كىشىلىرىمىز ئاۋۇپ كېتىپ بارىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىقى شېئىردىمۇ ھېچقانداق غەيرىلىك يوق دەپ قارايمەن.
ئۇنداقتا شېئىرنى تەھلىل قىلىپ باقايلى:<<تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا>>دېمىسىمۇ،تۇغۇلغاندا ھەممە كىشى باراۋەر،ئاللاھ ھەممە ئىنساننى مۇسۇلمان پېتى دۇنياغا يارىتىدۇ،ئۇنىڭ قانداق چوڭ بولۇشى ئاتا-ئانا تەربىيىسىگە باغلىق.بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز.بۇ يەردە قانداقتۇر بىرى ساق،بىرى مېيىپ دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى.مۇنداق سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك،دۇنيادا ئوپمۇ-ئوخشاش ئىككى كىشى بارمۇ؟ قوشكېرەكلەرنىڭ چىرايىمۇ پەرقلىنىدىغان تۇرسا.بۇ يەردىكى ئوخشاشلىق ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ب ولغان ئوخشاشلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
<<تـەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا>>بۇ يەردىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىق ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈ رۈلگەن.چۈنكى ئاپتور ياشىغان دەۋردە تەڭسىزلىك،زۇلۇم ھازىرقىدىنمۇ ئېغىرلىقى ھەممىمىزگە ئايان.
<<كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن>>بۇ مىسرادا قانداقتۇر ئاجىزلىق ئەمەس،شۇ ۋاقىتتىكى جازانىخور،چىرىك ئەمەلدار،زومىگەرلەرگە،ئېزىلگۈچى خەلق مەيدانىدا تۇرۇپ خىتاپ قىلغان،چۈنكى قايسى بىر ئەزگۈچى،زۇلۇم سالغۇچى،پارىخور ئەمەلدار ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ،ئاتالمىش ھوقۇققا،مال-دۇنياغا ئېرىشكەن؟ھەممىسى باشقىلارنى ئېزىشتىن،ئامىتىنىڭ تاساددىپى كېلىپ قېلىشىدىن بولغان.
<<تـەڭ بولىـمىز ئاخىـر قـەبـرە ئالـدىدا>>بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا قائىدە.ھەممە كىشىنىڭ قەبرە ھاياتى تەڭ ئوخشاش دىگەن مەنە چىقمايدۇ.بۇ دۇنياغا ھەممە كىشى يالىڭاچ كەلگەن،كەتسىمۇ شۇ ئېلىپ كېتىدىغىنى ئىككى مېتىر رەخ بولىدۇ خالاس.ئاپتور بۇ مىسراسى ئارقىلىق خەلقنى ئېزىپ،شۇنچە مال-دۇنيا توپلىغانلارغا،ھارامدىن دۇنيا يىغىۋاتقانلارغا مۇشۇ مىسراسى بىلەن رەددىيە بەرگەن ۋە ئۇ دۇنيادا بۇ دۇنيادىكى بايلىقنىڭ،نام-ئاتاقنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوقلىنى خەلق ئاممىسىغا مۇشۇ مىسرالىرى ئارقىلىق بىلدۈرگەن.

مەرڭەن 2011-10-22 20:13
تۇرغۇن يىلتىز  ئەپەندم شېئىر نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى چۇشەنمەي رەددىيە بىرىپ قويۇپتۇ  

رەسسام 2011-10-22 20:26
تۇرغۇن يىلتىز  ئەپەندىم تەغدىرگە تەن بىرىپ ئۇلتۇرماي تىرىشىڭلار تەغدىر تىرىشقان ئادەمنىڭ قولىدا  دىمەكچى ئىكەندە ئەسلى،،،،لىكىن ئىنسان بەزىدە ئامالسىزدە،،،،!!!!!!!!!

جەڭچى 2011-10-22 21:48
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى sebire نىڭ 2011-10-22 19:18 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  8-قەۋەت (xahla91) نىڭ يازمىسىغا :
مىنىڭچە تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنىڭمۇ ئاساسىي بار، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئاساسلارنىڭ ئىلىپ چىقىپ مەرھۇم يازغۇچىمىز ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر(ئاللاھ ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنى خەيرىلىك قىلسۇن!) ئەپەندىنىڭ بۇ شېئىرىغا رەددىيە بىرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. مىنىڭ بىلىشىمچە شېئىر دېگەننىڭ مەلۇم بىر ئارقا كۆرۈنۈشى بولىدۇ.  ۋە يەنە بىر پارچە شېئىرنى ئوقۇغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىن ئوخشاش مەنە چۈشەنچىسىگە ئىگە بولۇشىمۇ ناتايىن.
تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،
تـەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تـەڭ بولىـمىز ئاخىـر قـەبـرە ئالـدىدا.
.......

ئاساسى بار تەھلىل بوپ تۇ .

جەڭچى 2011-10-22 21:49
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى ئەلى نىڭ 2011-10-22 19:54 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
پەقەت قۇرئانلا تا  قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە ھەمدە ھەر قانداق زامانغا ماس كېلىدىغان بىر مۆجىزە.بىراق ئىنساننىڭ يازغىنى ھامان زاماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.ئوخشىمىغان زاماندىكى رولى ھەم ئوخشىمايدۇ.يۇقىرىقى شېئىرنى تەھلىل قىلغاندا شېئىرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى،قانداق شارائىتتا،قانداق تۈزۈمدىكى جەمىيەتتە يېزىلدى،نىمە ۋەجىدىن يېزىلدى؟؟؟شۇ ۋاقىتتىكى ئەھمىيىتى،باشقىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى قانداق شۇلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.بۇرۇنقى ئەدىبلىرىمىز يازغان نەرسىنى بۈگۈنكى كۈنگە تەدبىقلاپ،سەللا بىر يېرى مانداقراق چىقىپ قالسا،ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ كېتىدىغان كىشىلىرىمىز ئاۋۇپ كېتىپ بارىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىقى شېئىردىمۇ ھېچقانداق غەيرىلىك يوق دەپ قارايمەن.
ئۇنداقتا شېئىرنى تەھلىل قىلىپ باقايلى:<<تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا>>دېمىسىمۇ،تۇغۇلغاندا ھەممە كىشى باراۋەر،ئاللاھ ھەممە ئىنساننى مۇسۇلمان پېتى دۇنياغا يارىتىدۇ،ئۇنىڭ قانداق چوڭ بولۇشى ئاتا-ئانا تەربىيىسىگە باغلىق.بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز.بۇ يەردە قانداقتۇر بىرى ساق،بىرى مېيىپ دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى.مۇنداق سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك،دۇنيادا ئوپمۇ-ئوخشاش ئىككى كىشى بارمۇ؟ قوشكېرەكلەرنىڭ چىرايىمۇ پەرقلىنىدىغان تۇرسا.بۇ يەردىكى ئوخشاشلىق ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ب ولغان ئوخشاشلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
<<تـەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا>>بۇ يەردىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىق ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈ رۈلگەن.چۈنكى ئاپتور ياشىغان دەۋردە تەڭسىزلىك،زۇلۇم ھازىرقىدىنمۇ ئېغىرلىقى ھەممىمىزگە ئايان.
<<كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن>>بۇ مىسرادا قانداقتۇر ئاجىزلىق ئەمەس،شۇ ۋاقىتتىكى جازانىخور،چىرىك ئەمەلدار،زومىگەرلەرگە،ئېزىلگۈچى خەلق مەيدانىدا تۇرۇپ خىتاپ قىلغان،چۈنكى قايسى بىر ئەزگۈچى،زۇلۇم سالغۇچى،پارىخور ئەمەلدار ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ،ئاتالمىش ھوقۇققا،مال-دۇنياغا ئېرىشكەن؟ھەممىسى باشقىلارنى ئېزىشتىن،ئامىتىنىڭ تاساددىپى كېلىپ قېلىشىدىن بولغان.
<<تـەڭ بولىـمىز ئاخىـر قـەبـرە ئالـدىدا>>بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا قائىدە.ھەممە كىشىنىڭ قەبرە ھاياتى تەڭ ئوخشاش دىگەن مەنە چىقمايدۇ.بۇ دۇنياغا ھەممە كىشى يالىڭاچ كەلگەن،كەتسىمۇ شۇ ئېلىپ كېتىدىغىنى ئىككى مېتىر رەخ بولىدۇ خالاس.ئاپتور بۇ مىسراسى ئارقىلىق خەلقنى ئېزىپ،شۇنچە مال-دۇنيا توپلىغانلارغا،ھارامدىن دۇنيا يىغىۋاتقانلارغا مۇشۇ مىسراسى بىلەن رەددىيە بەرگەن ۋە ئۇ دۇنيادا بۇ دۇنيادىكى بايلىقنىڭ،نام-ئاتاقنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوقلىنى خەلق ئاممىسىغا مۇشۇ مىسرالىرى ئارقىلىق بىلدۈرگەن.

ئەلى بۇرادەر خىلى كاللىڭىز ئۆتكۈرجىمۇ.

كۆكئاي 2011-10-22 22:12
يىلتىز ئەپەندىم ھازىرقى تۇرمۇشىدىن رازىكەن.ھىچكىم بىلەن مۇناسىۋەتتە ئۇڭۇشسىزلىقا ئۇچراپ باقماپتۇ.
ئەپەندىمگە ئامانلىق بولسۇن.

sap-dil 2011-10-22 22:16
ئەلى بىلەن شەھلا غا ئەگەشتىم....

xahla91 2011-10-22 22:22
مەن ھېچ نىمە دىمىدىم ،

natsist 2011-10-22 22:22
قارىغاندا يىلتىز ئەپەندى تەھرىر بوپلا سەل گىدىيىپ قالغاندەك تۇرىدۇ

xir 2011-10-22 23:56
يىلتىز ئەپەندىم ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ قانداق؟

general 2011-10-23 00:16
يىلتىز ئەپەندى گەرچە ماقالىنى ئوڭشاپ يازالىغان بولسىمۇ،لېكىن ئەدەبىياتتىكى شېئىر ژانىرىدىن قىلچىلىكمۇ چۈشەنچىسى يوق ئىكەن.بۇ شېئىرنى مەنچىلىكمۇ چۈشەنمەي(بىلىمسىز بولساممۇ) تۇرۇپ تەھلىلىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىدىن ئەجەبلەندىم.
مېنىڭچە ماقالىنىڭ بېشىدا مويسىپىت بىلەن بولۇنغان سۆھبەت ئويدۇرۇلغان بولۇشى مۈمكىن،ماقالىنى ئوقۇشۇمغىلا شۇنداق تەسىراتقا كەلدىم، دەرۋەقە ئاپتور شۇ سۆھبەت ئارقىلىق مەقسەتنى مەزكۈر شېئىرغا يۆتكىدى...

xir 2011-10-23 00:22
يىلتىز ئەپەندىم شىئېرنىڭ ئارقا كۇرىنىشىنى ئاساس قىلماي چۈشۈنۈشتىن باشقا يەنە مەزمۇنىنىمۇ باشقىچە چۈشىنىپتۇ ،

{[«ئۆلگەندە ھەممىمىز تەڭ بولىمىز» دېگۈچىلەر ئۆزگىلەرنىڭ ياشىشىغا قاراپ تۇرغۇچىلار، تەقدىرگە تەن بەرگۈچىلەر،  مەغلۇبىيەتچىلەردۇر. دېمەك، ھەربىر ئىنساننىڭ كىملىكى ئۇنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى، ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.]} بۇ ئەپەندىنىڭ بۇ پىكرى تازا توغرا بولماپتۇ ، تەقدىرگە تەن بەرگۈچىلەرنى مەغلۇب بولغۇچىلار دىيىش ئاقىلانىلىك ئەمەس ، تەقدىر ئالدىدا مەغلۇب بولمايدىغانلا بارمۇ ؟

يىلتىز ئەپەندىم قارىشىدا ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۈرمىتى قانداق ياشاشتا بۇلىدۇ ، دىيىلگەندەك قىلىدۇ ، ناھايىتى توغرا قاراش شۇنداقلا مەزكۇر بىر كۇپلىت شىئېر ئىپادىلىگەن مەزمۇنمۇ شۇ !
تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،
تـەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا.  
بۇ پەقەت ئەسكەرتىش خالاس ، شۇ ۋاقىتتىكى ھۇقۇقدار ئەلەمدار قەلەمدار  لاغا ئەمەس ، ھازىرغىمۇ بەكلا ماس كىلىدۇ ، قېنى كىم تەڭ ياشاپتۇ ، قۇدۇقنى ھويلىمىزدىن قازدۇق ئەمما ئۆزىمىز ئۇسساپ كەتتۇق ،......... ...............،   بولمىسا نىمە دەپ <ئالتۇن ئۈستىدىكى تىلەمچىلەر > دىگەن مۇبارەك نامغا قالدۇق ،

كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تـەڭ بولىـمىز ئاخىـر قـەبـرە ئالـدىدا.

بۇ قانداقمۇ قېيىداش بولسۇن قەبرىدە تەڭ بۇلىدىغانلىقىمىزنى ھەرقانداق ئەقىل ئىگىسى بىلىدىغان بىر گەپ ،  
ئامەتلەردىن كۈرەڭلەپ كەتمەسلىك بىر كۇپلىتتىكى پۇتۇن مەزمۇننى ئىپادىلىگەن مەزمۇن مۇشۇ بىر مىسرادىن چىقىدۇ ،
يىلتىزجان ئادەمنىڭ قەبرە ئالدىدىكى ۋە كىيىنكى ھۈرمەت ئىززىتى شۇ ھاياتلىقتا قانداق ياشاشتا دەپتۇ   بۇبىر مىسرامۇ دەل شۇ  مەنانى بىرىدۇ .

amanxa 2011-10-23 00:47
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم؟
مىنىڭچە بۇ شىئىردىكى  
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تـەڭ بولىـمىز ئاخىـر قـەبـرە ئالـدىدا
ئادەملەر ھامان ئۆلىدۇ ، مەيلى ئۇ گاداي  ۋە ياكى  باي، دىھقان ۋە ياكى شاھىنشاھ بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بارىدىغان مەنزىلى شۇ ئۆلۈم..
ھەممىلا كىشىنىڭ شاھ ياكى دىھقان بوپ قىلىشى مۈمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە، ھەممىلا ئادەم دىھقان بولسا بۇلارنى باشقۇرۇش ، يىتەكلەش ئۈچۈن بىر باشقۇرغۇچى كىتىشى مۇقەررەر، ھەممىسىنىڭلا شاھ بولىشى ناتايىن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەرھۇم ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر (مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن)ئەپەندى، مۇشۇ شىئىر ئارقىلىق نادانلىق، ھاكاۋۇرلۇق ، كىشىلەرگە زۇلۇم سىلىشتىن ساقلىنىش، شۈكۈر -قانائەت قىلىشنىڭ ئەڭ ئىسىل ئەخلاق -پەزىلەت ئىكەنلىنى، ھەممىمىزنى ياراتقۇچىنىڭ بىر ئاللاھ، يەنى تۇغۇلغان ئىكەنمىز، يالىڭاچ كىلىپ، يالىڭاچ كىتىدىغىنىمىزنى، بۇ دۇنيادا ئۇ مەيلى قانداقلا تۇرمۇش كەچۈرسۇن يەنىلا ئاخىرى ئۆلۈمنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇردىغىنىمىزنى ، بىشىدا كەلگەندەك كىتىدىغىنىمىزنى ، ھەممىمىزنىڭ ھامان ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كىتىدىغىنىمىزنى  بىلدۈرمەكچى خالاس، مەيلى ئۇ يىلتىز ياكى كۆتەك بولىشىدىن قەتئىى نەزەر، ھەممىمىز بىلىمىزغۇ؟ دۇنيادا قانداق ياشاش، تۇرمۇشتىكى ئورنىمىز، بايلىقىمىز قاتارلىقلارغا نىسبەتەن تۇرمۇشىمىز ھەم ياشاش شارائىتىمىز ئوخشىمايدۇ، بۇنى بىلمەيدىغان ئادەم بولمىسا كىرەك...
مەخسىدى نىمە ؟ ھىلىقى يىلتىزمۇ ياكى كۆتەكمۇ ھىلىقى ئەپەندىنىڭ؟ بۇ شىئىىر دىگەنگە ئۇنداق قالايمىقان  گەپ ئەگىتىپ ئۆزىنىڭكىنى راس دەپ قوشىۋىلىۋەرسە ھەممە ئۆزگىرىپ كىتىشى مۈمكىن، شۇڭلاشقا بۇ شىئىرلارنى ئۆزىنى ئۇيغۇر دىگۈچىلەرنىڭ بىلمەيدىغىنى، ھەم قايىل بولمايدىغىنى ئازغۇ دەيمەن....
يەنىلا دەيدىغىنىم، ئۇنداق چۈپەي سۈرۈشتۈرسە مەسىلەن، ئەسكەرلەر ئوقتا ئۆلىشى مۈمكىن، شوپۇرلار قاتناش ھادىسىسىدە....بەزىلەر كىسەل سەۋەبلىك، بەزىلىرى ئولتۇرغان يىرىدە ئولتۇرغان پىتى ، ئەمما بىر نۇقتا ، ھەممىمىز ئۆلىمىز، مۇشۇنىڭدىنلا ئىبارەت.

era13 2011-10-23 13:10
يېلتىز ئەپەندىم ، ئۆزىنىڭ توغرا بولغان كۆز قارىشىنى كۆچلەندۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتىسز سۆھبەتنى قۇشۇۋاپتۇ ، ئەگەر بۇ سۆھبەت شۇنداق بولغان دىيىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇ بۇۋاينىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ روبائىيسىدا كۆزدە توتقان مەسىلىگە توپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى مەسىلە ، شۇنداقلا يىلتىز ئەپەندىمنىڭ كۆزدە توتقىنىمۇ ئايرىم كۆز قاراش ، ئەپسۇس يېلىتىز ئەپەندىم بۇ ماقالىسدە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بۇ روبائىيسىنى ئۆز كۆز قارىشىنى چۈشەنمىگەن بۇۋايدەكلا چۇشەنمىگەن خالاس.. بۇ يەردە كۆز قاراشنىڭ توغرا - خاتالىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس ، پەقەت ئۈچ خىل كۆز قاراشلا مەۋجۇت ، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىمۇ ئۆز مەيدانىدا ، ئۆز نوۋىتىدە توغرا كۆز قاراش ، بۇ پەقەت ماقالىدىكى مۇناسىۋەتسىز ، قايىل قىلىش كۆچىنى ئاجىزلاندۇرۇپ قويغان ھەم مۇۋاپىقىيەتسىزلىكىگە ئېلىپ بارغان  ئېلىمنىت ئىبارەت خالاس.

karluk007 2011-10-23 15:55
ئابدىرىيىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بۇ شېئىرىنى مەيلى قانداق تەھلىل قىلىڭ مەڭگۈ كۇچكە ئىگە،مۇنازىرسىز ئىجادىيەت.ئاغدۇرماقچى بولغانلار چۈشەكەپ قاپتۇ يېڭىلىقنى نىمە دەپ ياراتسا بۇلدىغان نەرسە ئەمەس.

جەڭچى 2011-10-23 19:05
يىلتىز مىش تىخى ،،، ئۇ ،پىتنىخور تىپىدىكىلەرنىڭ يىلتىز كەن .ئۇيالماي  ئۆتكۈر ئەپەندىدىن قۇسۇر تاپماقچى بولغىننى توۋا.
ئۇ نىڭ كىشىنى قايىل قىلغىدەك تونۇلغان ئىجادى ئەسەرلىرى بامۇ ..بولسا يوللاپ قويۇڭلار ،ئوقۇپ چۈشۈنۈپ باقىلى.

sebire 2011-10-23 20:45
قارىشىڭىزنى قوللايمەن.

xahla91 2011-10-23 22:19
مۇنازىرە يولىدا بولسۇن ، ھېچكىمنىڭ ھېچكىمنى ھاقارەت قىلىش ھوقوقى يوق . ئەمدى قايسى ئىنكاسقا ھاقارەت ئارلىشىدىكەن .كەچۈرۈڭلار!

ئەلى 2011-10-23 22:24
ھە  شۇ ،كىم ئاغزىنى بۇزۇپ ھاقارەت قىلسا شۇ ھامان ئىنكاسىنى ئۆچۈرۈش كېرەك.

رەسسام 2011-10-23 22:29
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 31قەۋەتتىكى xahla91 نىڭ 2011-10-23 22:19 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇنازىرە يولىدا بولسۇن ، ھېچكىمنىڭ ھېچكىمنى ھاقارەت قىلىش ھوقوقى يوق . ئەمدى قايسى ئىنكاسقا ھاقارەت ئارلىشىدىكەن .كەچۈرۈڭلار!


،،،،،،،،،،،،،،،ئاغزىنى بۇزغانلار ،،،باشقىلارنى ھاقارەت قىلغانلارنى تەستەك بىلەن ئاغزىغا  ئۇرۇڭ ،،،،،ساچىر خانىم،،،،،،(شەخلا قىز)

زەرىفە 2011-10-23 22:42
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 17قەۋەتتىكى sap-dil نىڭ 2011-10-22 22:16 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەلى بىلەن شەھلا غا ئەگەشتىم....






مەنمۇ  شۇ!!!!

qaraqurum 2011-10-24 11:53
روھى پۇچەك، قۇرۇق ئادەملەرلا ھېلىقى رۇبائىنى ئەنە ئەشۇنداق ئاڭقاۋلارچە چۈشىنىۋېلىپ رەددىيە بېرىشكە ئۇرۇنۇپ باقىدۇ.
مۇشۇ يىلتىز دەپ تەخەللۇس قويۇۋالغان تۇرغۇننىڭ شېئىر،غەزەل، رۇبائىي،يەنە بىرنىمە دەپ ئاتىۋالغان يازغانلىرى تۆكمە. ئەمما، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۇ تىلغا ئېلىپ، كۆرەڭلەرچە رەددىييە بېرىشكە ئۇرۇنۇپ رەددىيەنى قاملاشتۇرالمىغان ئاشۇ رۇبائىسىچىلىك كىشىنىڭ ئېسىدە قلغۇدەك بىرەر كۇپلىت ۋە ئەقەللىي بىرەر مىسراسى بارلىقىنى ئەسلىيەلمەيمىز. تۇرغۇناخۇن يازمىسىدا  ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ،ھەتتا ئۆزىنى دەڭسىمەي كاتتا مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلار قاتارىدا قويۇۋېلىپ، ئۆزىنى قويۇدىغان يەر تاپالمايۋاتقاندەك بىر خىل بىچارە روھىي ھالىتىنى ئىپادىلەپ قويۇپتۇ.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ روھىي قۇۋۋىتى ھەققىدە ئوبدانراق زەڭ سېلىپ يىلتىزلاپ بېقىپ، ئاندىن ئۇنىڭ يازمىلىرى ھەققىدە گەپ يورغىلاتسىمۇ ئۈلگۈرەتتى ئۇ تۇرغۇن.
ئۇ كىشىنىڭ <جوڭگۇ مىللەتلىرى>دەك  بىر مۇھىم ژۇرنال ئۇيغۇرچسىنىڭ ھەقىقى سالاھىيەتلىك باش مۇھەررىرى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندىم.

yaxauyhur 2011-10-24 15:27
بۇزادى قانداق ئىش    توۋا  مايىلتىز  ئەپەندىنڭ    تاپىلى  گەپنى   كورەممەسلىك  ھەممىسىى     مائادەمنىڭ   كىتاپلىرى  بامىكەن  قېرىن داشلا    ئوقۇپ كۆرۇپ باقىلى          ھەييييييييييييييييييي

natsist 2011-10-24 19:14
بۇ تاش ئاكام مۇنازىرە قىلايلى دەپ قويۇپ يوقاپلا كەتتىغۇ ؟
بۇ تىمىدىغۇ مۇنازىرە قىلغۇدەك ئىشمۇ يوقكەن  ھەممىمىزنىڭ قارىشى بىردەك قىلىدۇ
قارىغاندا بىزدە ئازراق بولسىمۇ بىرلىك باركەن

ansar514 2011-10-24 20:16
بىردە ھازىر شۇ قۇسۇرچى جىقلاپ كەتتىمۇ نىمە؟ يىڭى پاراڭنى قىلالماي كونىسنى يالاۋىرمىزما؟ ئۇندا قۇسۇرچىنىڭ يازغان ئەسەرلىردىن(ئەسەرگە دەرىجىسى توشمايدۇ راس،گەپلىردىن دەي) ئابلىكىم كەلكۇننىڭ مونو شىئېرى ياخشىراق ئاڭلىندىكەن.
تۇغۇلغان كۇن سورۇندا تورىت باردۇر.
بۇرنىڭنىڭ ئاستىدا بۇرىت باردۇر.
يەرنى كولىساڭ قۇرىت باردۇر.
قىماۋازنىڭ قولدا كورىت باردۇر.

(ئوزەم قوشۇپ قويغان)
بىكاچىنىڭ ئىغزىدا غەيۋەت باردۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋۇجودىدا غەيرەت باردۇر.
قانداق قىلمىز دوسلىرىم جاھان شۇنداقكەن.
ئۇيلىساملا بۇكاللامدا ھەيرەت باردۇر.

تاش 2011-10-24 21:54
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇنبەرداشلار، ئالدى بىلەن سىلەردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن. بۇ تېمىنى يوللاپ قويۇپ، ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى، شۇڭا مۇنازىرىگە قاتنىشالمىدىم.  قىلىشقان مۇنازىرەڭلاردىن رازى بولدىم، مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان. ھە راست، تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ بىر  تەخمىسلەر توپلىمى بار. مەن ئۇ كىتاب توغرۇلۇق يەنە ئېنىق ئۇچۇر بېرىمەن، شۇنداقلا تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ ئۇ يازمىسىغا قارىتا تەييارلاۋاتقان يازمامنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.

muslima32 2011-10-24 23:19
مىنىڭ پىكرىممۇ بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ پىكرىگە ئوخشاش،

baxmaltak 2011-10-25 16:12
قىلدىغان ئىشى يوقمىكىنا يىلتىزقارىنىڭ،باشقىلا ئەلشىرنەۋائىنى،فارابىنى،يەنە نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى تالشىۋاتىدۇ،ھەم ئۇزنىڭ قىپبولدى،يامان بولسا شۇ توغۇرلۇق بىرە نەرسە يازسۇن.                                                                      
ئۇ يۇركىنىڭ ئۇيغۇر ئۇچۇن سۇقامدۇ ياكى ........سۇقامدۇ دىگەننى ئۇزىدىن سۇراپ باقسۇن..

تاش 2011-10-27 19:09
<<سىز كىم>>گە جاۋاب _ مەن پىكىر قىلغۇچى
مەن <<جۇڭگو مىللەتلىرى>> ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سانىنى قولۇمغا ئېلىپ، بىرىنچى بەتكە بېرىلگەن <<سىز كىم >>ناملىق يازمىنى ئوقۇپ، بىر خىل ئالدانغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. مەندىكى بۇ تۇيغۇ ئىككى جەھەتتىن بولۇۋاتاتتى؛ بىرى، <<سىز كىم>> ناملىق يازمىدا تەنقىدكە ئۇچرىغان شېئىرى پارچىنىڭ ئاپتورى تەرىپىدىن بولغاندەك قىلاتتى. يەنە بىرى بولسا <<سىز كىم >>ناملىق يازمىنىڭ ئاپتورى تەرىپىدىن بولغاندەك قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ، بۇ يازمىنى بىرنەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقىپ، مېنى <<سىز كىم>>ناملىق يازمىنىڭ ئاپتورى ئالدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ھەم ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى <<سىز كىم>>ناملىق يازمىنىڭ ئاپتورى تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندى بىلەن ۋە باشقا ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى قارار قىلدىم.
ئاۋۋال بىز <<سىز كىم>> ناملىق يازمىدا تەنقىدكە ئۇچرىغان شېئىرى پارچىنى كۆرۈپ باقايلى:
تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،
تەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا،
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تەڭ بولىمىز ئاخىر قەبرە ئالدىدا.
مانا بۇ شېئىرى پارچە <<سىز كىم>>ناملىق يازمىنىڭ ئاپتورى تەرىپىدىن ئىنتايىن تۈزلا << تۇغۇلغاندا تەڭرى ئالدىدا تەڭ ئىدۇق، دەۋر ئالدىدا تەڭ بولالمىدۇق؛ ئامەتلىرىڭدىن كۆرەڭلەپ كەتمە، قەبرە ئالدىغا بارغاندا تەڭ بولىمىز>> دەپلا چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ خۇددى ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ماقال-تەمسىل تەرجىمە قىلغان ئىشىدەكلا بولۇپ قالغان. يەنە كېلىپ، تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ <<تەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا>> دېگەن مىسرانى <<دەۋر ئالدىدا تەڭ بولالمىدۇق>> دەپ چۈشىنىشى پۈتۈنلەي خاتا. چۈنكى <<تەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا>> دېگەنى مىسرادىن بىرخىل كەسكىن مەنە چىقىدۇ، يەنى،<<دەۋر ئالدىدىكى ئورنىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز، تىرىشساق ، جاپا چەكسەك، خەلق ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن جان پىدا قىلساق دەۋر ئالدىدىكى ئورنىمىز يۇقىرىلايدۇ، ئەكسىچە بولغاندا تۆۋەندە قالىمىز...>> دېگەندەك.  لېكىن، <<دەۋر ئالدىدا تەڭ بولالمىدۇق>> دېگەن جۈملىدىن <<ئەسلى دەۋر ئالدىدىمۇ تەڭ بولساق بولاتتى، ئەمما تەڭ بولالمىدۇق؛ ئەسلى دەۋر ئالدىدىمۇ ئادەملەر يۇقىرى-تۆۋەن بولسا بولمايتتى>> دېگەندەك چۈشكۈن مەنە چىقىدۇ.
يەنە تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندى << تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا>> دېگەن مىسرانى تەنقىد قىلىپ، ئادەملەر تۇغۇلغاندىمۇ تەڭ ئەمەس، چۈنكى بەزىمىز ساغلام  تۇغۇلساق، بەزىمىز كەمتۈك تۇغۇلىمىز؛ بەزىمىز ئاسان تۇغۇلساق، بەزىمىز ئوپىراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلىمىز..>> دېگەندەك قاراشلارنى كۆتۈرۈپ چىققان. مېنىڭچە، ئادەمنى بۇنداق جىسمانىي جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ يۇقىرى -تۆۋەنلىكنى ئۆلچەش ئاقىلانىلىك بولماس. ئادەم تۇغۇلغاندا مەيلى قانداق يول بىلەن قانداق شەكىلدە تۇغۇلىشىدىن قەتئىنەزەر، ساغلام ياكى كەمتۈك، ئۇرۇق ياكى سېمىز، چوڭ ياكى كىچىك تۇغۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئوخشاش، تەڭ. چۈنكى ئادەم يېڭى تۇغۇلغاندا ئۇنىڭدىكى روھ، ئۇنىڭدىكى بىلىم، ئۇنىڭدىكى ئاڭ، ئۇنىڭدىكى ئىجتىمائىي ئورۇن ئوخشاش بولىدۇ. بىز بىزنى ياراتقان تەڭرى ئالدىدا گۇناھسىز، پاك، بىغۇبار  ھالەتتە بولىمىز. شۇڭا ئادەملەرنى جىسمانىي جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ ئادەملەر تۇغۇلغاندىمۇ ئوخشاش ئەمەس دېگەن بۇ قاراش تازا ئادىللىق بىلەن چىقىرىلغان يەكۈن بولمىسا كېرەك.
ئەمدى بىز تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ <<كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن>> دېگەن مىسرا ھەققىدە توختالغان <<  <كۆرەڭلەپ كەتمە ئامەتلىرىڭدىن> دېگەن گەپتىن قېيىداش، كۆرەلمەسلىك، ئاجىزلىق خاھىشىنى ھېس قىلىمىز>> دېگەن پىكرىگە قارايلى، ئەجابا، ئۆتكۈر ئەپەندى يازغان ئۇ مىسرادىن تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندى  ئېيىتقاندەك مەنە چىقامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق مەنە چىقسا، بىزگە ئازراقلا نەتىجە قازىنىپ مەغرۇرلانماسلىق، تەكەببۇرلۇقتىن ساقلىنىش، چوڭچىلىق قىلماسلىق....توغرىسىدا ئېسىل ھېكمەتلەرنى، ماقال- تەمسىللەرنى  قالدۇرۇپ كەتكەن ئەجدادلىرىمىز نېمىدىگەن بىچارە، نېمىدىگەن ئاجىز-ھە؟!
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بۇ شېئىرى پارچىسىنىڭ بىرتەرەپلىمە، ھاياتلىق پەلسەپىسىگە زىت ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلغان تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ << <ئۆلگەندە ھەممىمىز تەڭ بولىمىز> دېگۈچىلەر ئۆزگىلەرنىڭ ياشىشىغا قاراپ تۇرغۇچىلار، مەغلۇبىيەتچىلەردۇر>> دېگەن پىكىرلىرىدە بىر تەرەپلىمىلىك، ھاياتلىق پەلسەپىسىگە زىتلىق يوقمىدۇ؟ بۇ سۇئالغا ئەقلى ئويغاق ھەربىر ئادەم جاۋاب بېرەلەيدۇ. چۈنكى بۇ گەپنى بىزگە دېگەن ئەجدادلارمۇ مەغلۇب بولغۇچىلار ئەمەس ئىدى ھەم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمۇ مەغلۇبىيەتچى ئەمەس، <<ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش>>دېگۈچى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ جېنىنى ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن قامدىغان، مىللىتىمىز ئۈچۈن بەزىبىر كۆرەلمەسلەر بىر ئۆمۈر جاپا چەكسىمۇ قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ،<<ئىز>>، <<ئويغانغان زېمىن>> قاتارلىق ئېسىل ئەسەرلەرنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن غالىبىيەتچى! دېمەك، تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىسىغا  ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتىنىڭ ئۆزىلا رەددىيە بېرەلەيدۇ.
تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى، تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندى ئادەملەرنىڭ قەبرە ئالدىدىمۇ تەڭ ئەمەسلىكىنى  ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ مېيىت نامىزىغا كەلگەن ئادەمنىڭ ئاز- كۆپلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مېيىت نامىزىغا ئادەم كۆپ قاتناشقان ئادەمنى بۇ ئالەمدىكىئورنى ئۈستۈن، ئابروي-ئىناۋەتلىك، ئۇلۇغ، ئالىيجاناپلارغا چىقارغان؛ مېيىت نامىزىغا ساناقلىقلا ئادەم كەلگەن كىشىنى بۇ دۇنيادىكى ئورنى تۆۋەن، ئابروي- ئىناۋەتسىز، ئاددى، چۈپرەندە رەزىللەرگە چىقىرىۋەتكەن.  مەن شۇنداق دەيمەنكى، ئادەمنىڭ ئابروي-ئىناۋىتىنى ، ئۇلۇغلۇق- چۈپرەندىلىكىنى ... مېيىت نامىزىغا قاتناشقان ئادەمنىڭ ئاز-كۆپلىكى بىلەن ئۆلچەش نادانلىق!
چۈنكى، بىزنىڭ دەۋرىمىزدە شەھەرلىرىمىزدە ۋە بىر قىسىم شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ئومۇملىشىپ قېلىۋاتقان مېيىت نامىزىغا ئۆلگۈچىنىڭ ئىناۋىتىگە قاراپ قاتنىشىش بىزدىكى ئىتىقادنىڭ سۇسلىشىشىدىنلا ئىبارەت، خالاس! چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام<< ئادەمنىڭ ئادەمدە ئالتا خىل قەرزى بولىدۇ؛ ئۇلار: سالام قىلسا ئىلىك ئېلىش؛ چاقىرسا بېرىش؛ نەسىھەت قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلسا نەسىھەت قىلىپ قويۇش؛ چۈشكۈرۈپ ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيىتسا، ئۇ كىشىگە سالامەتلىك تىلەش؛ كېسەل بولسا يوقلاش؛ ئۆلۈپ كەتسە، مېيىت نامىزىغا بېرىش>> دەپ ئېيىتقان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆلگۈچى مەيلى باشلىق بولسۇن، مەيلى دېھقان بولسۇن، مەيلى ئۇلۇغ بولسۇن، مەيلى ئاددى بولسۇن، ئەگەر ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىساقلا مېيىت نامىزىغا قاتنىشىش بىزنىڭ قەرزىمىز. قارىغاندا تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندى چەت يېزىلارغا بېرىپ مېيىت نامىزىغا قاتنىشىپ باقمىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ  بۇ ھەقتە يۈرگۈزگەن پىكىرلىرى بىر تەرەپلىمىمۇ ئەمەس، بەلكى خاتا بولغان. مېنىڭ نەزەرىمدە <<ئۆلگەندىمۇ تەڭ بولمايمىز>> دېگۈچىلەر بۇ دۇنيادىكى پۇل- مالغا، ھوقۇق- مەنسەپكە، ئابروي- ئىناۋەتكە بېرىلگۈچىلەردۈر. ئۆز نۆۋىتىدە مەن تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ۋاپات بولۇش ئالدىدا نېمە دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغانلىقىنى بىر قېتىم ئەسلەپ قويۇشىنى ئۈمد قىلىمەن.
ئاخىرىدا، تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ << بۇ پارچىنى شېئىرى تۈسكە كىرگۈزمەكچى بولغان تەڭرى، دەۋر، قەبرە دېگەن سۆزلەرنى قاپىيە دېگىلى بولمايدۇ... دېمەك، بۇ شېئىرمۇ ئەمەس>> دېگەن پىكرىگە قارىتا ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي:
مېنىڭچە، بۇ سۆزلەرنى قاپىيە ئەمەس دەپ بىراقلا ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلىرىمىزدا بۇنداق قاپىيىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. يەنى  يېزىلىشى قاپىيە كەلمىسىمۇ، لېكىن تەلەپپۇزدا قاپىيىگە چۈشىدىغان سۆزلەرنى ئاچ قاپىيە قىلىپ ئىشلىتىش بەزى شېئىرلىرىمىزدا مەۋجۇت. مەسىلەن: ئاخىرى <<ئا>> ھەرپى بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەر بىلەن ئاخىرى<<ئار>>دېگەن قوشۇمچە بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرنى قاپىيە قىلىپ ئىشلىتىش خېلى ئومۇملىشىپ قالغان. چۈنكى <<ئار>>قوشۇمچىسى بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلغاندا ئاخىرىدىكى <<ر>> چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاپىيەدىن چاتاق چىقمىغاندەكلا بىلىنىدۇ.  مۇشۇ نوقتىدىن چىقىش قىلىپ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قاپىيە كەلتۈرگەن سۆزلىرىگە قارىساق، <<دەۋر>>دېگەن سۆزنى تەلەپپۇز قىلغاندا، بۇ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى <<ر>>ھەرپىگە بىر <<ى>>قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. <<قەبرە>>سۆزىنى تەلەپپۇز قىلغاندا بۇ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى <<ئە>> ھەرپى يىنىك <<ى>>تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. شۇڭا بۇ سۆزلەرنىمۇ قاپىيە ئەمەس دەپ كەتكىلى بولماس.
ئەگەر تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ گېپى بويىچە ھازىرقى شېئىرىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ خېلى كۆپ قىسىم بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلىرىمىز ۋە خېلى كۆپ قىسىم ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلىرىمىز شېئىرىيەت ساھەسىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ. بۇ ئۆچۈرۈلىدىغان شېئىرلارنىڭ ئىچىدە تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە.   مەسىلەن: تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ <<جانان كېلىدۇ>>ناملىق تەخمىسلەر توپلىمىدىكى <<يۈرەك تەشناسى>>(تۇنىياز مەتنىياز غەزىلىگە تەخمىس)(173-بەت)ناملىق تەخمىسىنىڭ 2-مىسراسىدا <<نەق، تەق، خەلق، بەرھەق>>دېگەن سۆزلەر قاپىيە كەلتۈرۈلگەن. بۇ يەردىكى <<خەلق >> سۆزى قالغان ئۈچ سۆز بىلەن قاپىيە ئەمەس.
يەنە <<بىزار بولدۇم>>(ئابدۇرېھىم زۇنۇن غەزىلىگە تەخمىس)(201-بەت)دېگەن تەخمىسىنىڭ 8-كوپلىتىدا <<ھاڭۋاقتىڭ، گۈل تاقتىڭ، كۆز باقتىڭ، ئوت ياقتىڭ>> دېگەن سۆزلەر قاپىيە كەلگەن. بۇيەردە قاپىيىدە مەسىلە بولغاندىن سىرت،يەنە <<گۈل تاقتىڭ>>دېگەن سۆزدىمۇ مەسىلە بار. <<گۈل تاقىدىڭ>>دېمەكچى بولغان ئاپتور بىرى،بىر بوغۇم ئارتىپ كېتىپ شېئىرغا نوقسان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەنە بىرى، بۇ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى <<تىڭ>>قوشۇمچىسىنى قاپىيە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرتىلىغا ۋە ئۇيغۇر يېزىقىغا <<چاقچاق قىلغان>>.    <<جانان كېلىدۇ>>دېگەن بۇ تەخمىسلەر توپلىمىدا بۇنداق چاتاقلار ئېشىپ- تېشىپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى ، نوقسانلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، يۇقىرىقى يازمىنى يېزىپ، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ  ئۇ شېئىرى پارچىسىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن كەڭ ئوقۇرمەنلەردىن كەچۈرۈم سورىشىنى ئۈمد قىلىمەن.
ئاپتور:  تاش
2011-يىلى 10-ئاينىڭ20-كۈنىدىن26-كۈنىگىچە يېزىلدى.
ئالدىراپ يازدىم ،  ئىملادا مەسىلە بولسا  كەڭ مۇنبەرداشلىرىمنىڭ كۆرسىتىپ قويۇشىنى ئۈمد قىلىمەن.

amanxa 2011-10-27 23:28
مىنىڭچە تۇرغۇن يىلتىز، ئۆزىنى يىلتىز ئاتاشتىن بۇرۇن، ئۇنى - بۇنى كوچىلاشنى، يىلتىز ئەمەس ئۆزىگە كۆتەك نامىنى قوللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر يىقىنقى زامان تارىخىدىكى مىللىتىمىز ئىتراپ قىلغان، خەلىق قەلبىدە چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئالىمىمىزدۇر، يۇرتىمىزدىكى نۇرغۇن دۇكان -ساراي، ئاشخانا دىگەندەك ئورۇنلارنىڭ تاملىرىغا مۇشۇ ئالىمىمىزنىڭ نۇرغۇن شىئىرلىرى ئىسىلغان..
كاللىمىزنى سەگەك تۇتايلى، ئەتە ئۆگۈن يەنە نىمە ئىشلار بولىدۇ، بۇنى بىلگۈھى بىر ئۇلۇغ ئاللاھ...

كۆكئاي 2011-10-27 23:35
مەن تىغى نام چىقىرىشنىڭ يۇلىنى مىللەتنىڭ ئەيبىنى كۆرسۈتۈش،كۆرسەتكەنلەرنىڭ جاجىسىنى بېرىش،ئاپپاق غۇجامنى تىللاش بىلەن بۇلدىغان ئۇخشايدۇ دىسەم كۆپكەنغۇ.

جەڭچى 2011-10-29 19:47
تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندى ،،،نامىنى چىقىرىش ئۈچۈن ،كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ،،، پىتنە تىرىپ ...بىر ئىشلارنى سىناق قىلۋاتىدىغۇ .. مۇشۇكۈنلەر دە.

gadankax 2011-11-11 23:52
     مىنىڭچە <<ئوبزورچى>> دېگە نام بىلەن باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا سازايى قىلىش شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىدىكى مەلۇم قەلەمكەشنىڭ پاتېنت ھوقۇقى. بىلمەستىن بۇ ھوقۇققا چىقىلىپ قويساق ئەسكەرتىپ قويماپسىز، دەپ مەندىن رەنجىپ يۇرسەڭلار بولماس.
      تاش ئەپەندىم، سىزگە ئاددىي تەكلىپىم؛ شۇ ژورنالنىڭ مۇقاۋىسىغا قارىسىڭىز شۇ <<خام كاللا>> يىلتىز ئەپەندى ئىشلەيدىغان رېداكسىيەنىڭ تېلىفۇن نومۇرى بار. مېنىڭچە سىز شۇ نومۇر ئارقىلىق يىلتىز ئەپەندى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ بىقىپ، يىلتىز ئەپەندى كۆتەكتەك قىمىرلىماي تۇرىۋالسا ئاندىن توردا چاۋىسىىنى يايسىڭىزمۇ كېچىكمەيتتىڭىز. ھېلىمۇ سىناب باققان بولسىڭىز.
      مەن بىر سەھرالىق تومپاي، گېپىم ئارتۇقچە بولسا كەچۈرىشىڭلارنى تۆۋەنلىك سورايمەن.

xahla91 2011-11-12 01:16
تاشنىڭ ئىلمى ئاساستا تەھلىل قىلغانلىقىغا تەشەككۈر .مۇنبەرداشلارنىڭمۇ ئويلىغانلىرىنى مۇنازىرە ئەخلاقى بۇيۇنچە يېزىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ، بىر قانچە ھاقارەت ئارلاشقان ئىنكاسلارنى تازلىۋەتتىم ،ئىنكاسى ئۆچۈرۈلگەنلەر كەچۈرۈڭلار !

گۇۋاھ 2011-11-12 13:57
  قانداقلىكى بىر ئەسەرنى مۇلاھىزە قىلماقچى بولساق ئاۋال شۇ ئەسەر يىزىلغان ۋاقىتقا ۋە دەۋىر ئارقا كۆرىنىشىگە نەزەر سالىمىزغۇ...؟ ئاندىن ئاپتور قايسى تەرپتە تۇرۇپ قەلەم تەۋرەتتى؟  بۇنىمۇ تەھلىل قىلىشىمىز كىرەك.
  تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا دىگەن مىسراغا كىشلەرنىڭ جىسمانىيىتىنى مىسال قىلىپ رەددىيە بىرىش كۈلكىلىك ئىش دە-بۇ!!!  قالغان ئوي-پىكىرلىرىم قىرىندىشىم ئەلى بىلەن ئوخشاش
  ئاخرى تەڭ بولىمىز قەبرە ئالدىدا دىگەن مسراغا ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىش-ئىزلىرى بىلەن، ئەمەللىرى بىلەن قەبرىدىمۇ دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ دەپتۇ. بۇ دىگىنى توغرا !  لىكىن بۇ مىسرانى تەھلىل قىلىشتىمۇ بىر تەرەپلىمىلىك مەۋجۇد. قەلەم تەۋرەتكۈچى ئا.ئۆتكۈر ئەپەندى بۇ سۆزنى كىملەرگە دەۋاتىدۇ؟  نىمە مەقسەدتە دەۋاتىدۇ؟  دىگەنلەرنى مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا پىكىرىمىز تىخىمۇ قاناتلىنىدۇ. ئۆز دەۋىردىكى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالغان، خەلىقنى، ئاجىزلارنى ئىزىش ۋە باستۇرۇشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلۋالغان خەلىقتىن ئايرىلىپ قالغان ئاسىيلارغا دىيىلگەن خىتاب، ئاگاھلاندۇرۇش بۇ!  ئۇلارغا ھامان بىركۈنى توپىغا مىلىنىپ كىتىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتمەكچى بولغاندەك قىلىدۇ.


   مەن بۇ شېرنىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكىنى بايقاپ قالدىم.  يەنى بۇ شىئېر ئۆز دەۋرىگىلا ئەمەس بەلكى ھازىر بىز ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان دەۋىرگىمۇ ماس كىلىدىكەن.  گەپ كىمنىڭ قانداق تەسىرات ئىلىشىدا!

sarsan1117 2011-11-13 00:44
ياخشى مۇنازىرىلەر بولىۋېتىپتۇ ، تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ ئۇ ماقالىسىنى كۆرۈپ كۈلۈپلا قويدۇم ، ئەمىلىيەتتىمۇ بۇ ئۇنچىلىك چاچراپ-چېچىلىپ كېتىدىغان ئىش ئەمەس .
بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئوخشاش مەسھۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئىككى شىركەت بار ئىدى ، بىرىنىڭ پۈتۈن دۆلەتتە داڭقى بار ،ئىشەنچلىك شىركەت ، يەنە بىرى ئەمدىلا ئىش باشلىغان ،ھېچقانچە رىقابەت كۈچى يوق كىچىكلا بىر شىركەت ئىدى ، ھېلىقى چوڭ شىركەت بىلەن رىقابەتلىشەي دېسە ھەتتا  ئېلان ئىشلىرىغىمۇ يەتكۈدەك مەبلىغى يوق ئىدى ، بىر كۈنى مەلۇم بىر ئېلان تاختىسىدا ئۆزىنىڭ مەسھۇلاتىنىڭ ئېلان قەغىزىنىڭ يىرتىلىپ كەتكەنلىكىنى ، ھېلىقى چوڭ شىركەتنىڭ ئېلان تاختىسىنىڭ بىر چىرايلىق تۇرغىنىنى كىچىك شىركەتنىڭ دېرىكتورى كۆرۈپ قېلىپ كاللىسىغا بىر ئەقىل كەپتۇ ، ئۇلار سوتقا چوڭ شىركەتنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ ئۆزىنىڭ ئېلانچىلىق ئىشلىرىغا ۋە نام ئابرويىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ، گەرچە سوتتا ئۇتتۇرىشى مۇقەررەر ھەمدە ئۇتتۇرغان بولسىمۇ يەنە بىر شىركەت خېلىلا داڭلىق شىركەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك دېھقىتىنى تارتىپ ئەڭ ئاز چىقىم بىلەنلا بىر كېچىدا داڭ چىقىرىپتۇ،ئىستىمالچىلارمۇ شۇنداق داڭلىق شىركەت بىىلەن بەسلىشىپ ئۈستىدىن ئەرز قىلالايدىغان شىركەتكەن دەپ مەسھۇلاتلىرىنى بەس-بەستە سېتىۋاپتۇ ، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن كىچىك شىركەتمۇ چوڭ شىركەتتىن قېلىشمايدىغان چوڭ بىر گورۇھقا ئايلىنىپتۇ .

ئەمما بۇ خېلى بۇرۇنلا مودىدىن قالغان نام چىقىرىش ئۇسۇلى ، تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە گەرچە بەزى ئىجابى تۈرتۈش رولى بولسىمۇ زامان-ماكان مەسىلىسىنى قايرىپ قويۇپ ئابدۇكېرىم ئابلىز ماقالىلىرىچە تەھلىللىرىدن ئۇنى پەقەت نام چىقىرىش ۋە ئۆزىنى ئىتراپ قىلغۇزۇش ئۈچۈنلا ئۇشبۇ ماقالىنى يازدى دەپ ھېس قىلدىم( خاتالاشقان بولسام ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەيمەن).  ھەقىقەتەن مەخسىدىگە يەتتى ، ئۆزىنى ئۇيغۇر دەيدىغانلاردىن ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر (مەرھۇم)ئەپەندىنى تونۇمايدىنى يوق دېيەرلىك ، ئەمما تۇرغۇن يىلتىز دېسە كىم بىلەتتى؟ بۇ يازمىسىدىن كېيىن گەرچە مۇبارەك جامالىنى كۆرەلمىسەكمۇ ئىسمىنى بولسىمۇ ئەستە تۇتۇۋالدۇق ،ئەمما بۇ خىل تونۇلۇش بەكلا خەتەرلىك ، 20مىلىيون(سىتاستىكىدا دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 20مىلىيون دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان) ئادەم ئىتراپ قىلىپ چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرگەن ئالىمنىڭ يازمىسىنى ئىنكار قىلىش تەبىيلا خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغايدۇ ،شۇڭا بۇندىن كېيىن يىلتىز ئەپەندىنىڭ ھەر بىر يازمىسى ئومۇمى خەلقنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ ،قىلدەك يېرىدىن كېتىپ قالسا ئۆزىنى ئىتراپ قىلدۇرۇش تۈگۈل مەڭگۈ باش كۆتۈرۈپ بىر نەرسە يازغۇسىز بوپ كېتىشىمۇ مۇمكىن .


查看完整版本: [-- بىر مەيدان مۇنازىرە قىلساق... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.063904 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us