باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 488 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بالىنىڭ ئۆز- ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىش
دوستلىشىش
رامىزان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8606
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 87
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە87دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 1230 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-15
ئاخىرقى: 2012-05-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-22 08:49

بالىنىڭ ئۆز- ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىش

بالىنىڭ ئۆز- ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىلارنىڭ كۈچلۈك چوڭ بۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانغان:

1. بالىنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بالىلارنى مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئىشقا كۆندۈردى : بىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنەس ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى جەئىفەرنى كۆندۈرگەندەك بالىلارنى سىر ساقلاشقا كۆندۈرۈش. بالىلار سىرلارنى پاش قىلىپ قويماي ساقلاشقا كۆندۈرۈلگەندە، ئىرادىسى چىڭىپ ئۆزىگە بولغان ئىرادىسى ئاشىدۇ. يەنە بىرى، بالىلارنى روزا تۇتۇشقا كۆندۈرۈش. بالىلار ئۇسۇزلۇق ۋە ئاشلىققا بەرداشلىق بېرەلىگەندە،ئۆز نەپسى ئۈستىدىن غالىپ كېلەلىگەنلىكىدىن ئىبارەت ئىرادىسىگە بولغان سۆيۈنىشى ئېشىپ ھاياجانلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلاردا ھايات مۇساپىسىدە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئىرادىسى كۈچىيىدۇ. شۇنداقلا، يەنە ئۆزىلىرىگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

2. ئىجتىمائىي ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش: بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىشلىرىغا ھەمدەمدە بولۇشى، ئۆز ياش ۋە ئىقتىدارىغا مۇۋاپىق ئۆي ئىشلىرىنى بېجىرىشى، چوڭلار بىلەن ئولتۇرۇپ قوپۇشتا ئۆزىلىرىدىن كىچىكلەر بىلەن جەم بولۇشى ئۇلاردىكى ئىجتىمائىي ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ.

3. ئىلمىي ئىشەنچىنى ئۆستۈرۈش: بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا قۇرئان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن خەۋەردار قىلىنغاندا گۈدەكلىك مەزگىلىدىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ دىلىدا دىنغا بۇلغان مۇستەھكەم ئىلمىي ئاساس بولىدۇ – دە، كەلگۈسىدىكى ئىلىم ئىگەللەش يولىغا نىسبەتەن توغرا نىشان ۋە كۆز- قاراش شەكىللەندۈرەلەيدۇ. ھەم ھەرخىل خۇراپاتلىق توقۇلمىلار، سەپسەتىلەرنىڭ تەسىرىدىن قايمۇقۇپ قېلىشىتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

4. ئىقتىسادىىي ۋە تىجارىي ئىشەنچىنىڭ يېتىلىشى: بۇ نىشانغا يەتكۈزۈلۈش ئۈچۈن ئاتا- ئانىلار سودا- سېتىقلىرىدا، ئېلىم- بېرىم ئىشلىرىدا بالىلانى ئۆزىلىرىگە ھەمراھ قىلىۋېلىشى، بەزىبىر ئېلىم- سېتىملاردا شاھىد قىلىشى ۋە بۇنداق ئىشلارغا ئۇلارنى كۆندۈرۈش ئارقىلىق بولىدۇ.

مەنبە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىسى» دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.