شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:
مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2012 - يىلى بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچقۇچىلارنى تەربىيىلەش ئىنىستىتۇتى، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيىسى ئۇچقۇچىلارنى تەربىيىلەش ئىنىستىتۇتى شىنجاڭدىن ئۇچۇش تېخنىكا كەسپى تولۇق كۇرسىغا 60 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان رايونلار ئاساسلىقى ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، كۇيتۈن، قاراماي، بورتالا، غۇلجا، تارباغاتاي، ئالتاي، كورلا، ئاقسۇ، قۇمۇل قاتارلىق جايلار بولۇپ، باشقا رايونلاردىكى خەلق ئاۋىئاتسىيىسىگە ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدىغانلار ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتسا بولىدۇ. كونكىرېت ئىشلارنى جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 2011- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2012- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بولۇپ، ئىمتىزان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرۇشنى كۆرسىتىش، ئالدىن تاللاپ دەسلەپكى تەكشۈرۈش، سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى بېكىتىش، خەلق ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغان ئۇچقۇچىلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش، مەدەنىيەت ئىمتىھانى، قوبۇل قىلىنىدىغان ئۇچقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قايتا تەكشۈرۈش، قوبۇل قىلىش، مەكتەپكە كىرىشتە قايتا تەكشۈرۈش قاتارلىق تەرتىپلەرنى ھازىرلىشى شەرت.
قوبۇل قىلىش ئوبيېكىتلىرى 2012- يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە خەنزۇ تىلى بويىچە پىلانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان 16 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنى پۈتتۈرگەن ئوغۇل ئوقۇغۇچى تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپلەر تەكشۈرۈش، كۆرسىتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى، پەزىلىتى، ئىپادىسى، ئۆگىنىش نەتىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردە تەكشۈرۈش، ئىمزا قويۇپ كۆرسىتىش پىكرى ۋە تامغا ئۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.
مەنبە:
http://uygur.chinabroadcast.cn/7280/2011/10/20/1349@429569.htm