باش قاشلاش: بەزى ئاياللار بېشىنى قاشلاشنى ، بېشىنى يۇغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ . بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ-دە ، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە تەسىر يېتىپ ، چاچ چۈشۈش، چاچنىڭ ئۇچى يېرىلىش ،چاچقا بالدۇر ئاق كىرىش كېلىپ چىقىدۇ .
تاماق يەپ بولۇپ ئۇزاق ئولتۇرۇش : بەزى ئاياللار تاماقنى تويغۇچە يەپ بولۇپلا پاراڭلىشىپ ياكى تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ . ئەگەر بۇ خىل ناچار ئادەت ئۇزاق داۋاملاشسا ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ساغرىسى يوغىناپ ،ئېلاستىكلىقى يوقايدۇ . شۇڭا ، ئاياللار تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن مېڭىپ ياكى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بەرسە ياخشى .
دۈم يېتىپ ئۇخلاش : بىر قىسىم ئاياللار دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، بۇنداق بولىۋەرسە يۈز بېسىلىپ قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ، يۈزى ئىششىپ بارا-بارا چىرايى سەتلىشىدۇ .
كۆپ تاماق يېيىش : تاماقنى كۆپ يېگەندە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بەدەن گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .
مەنبە : گېزىتتىن .