باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2336 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىش ئۈستىدە  ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئۆلۈم تولۇقلىما پۇلى قانداق
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 109
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە109دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 2549 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-06-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 10:47

ئىش ئۈستىدە  ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئۆلۈم تولۇقلىما پۇلى قانداق

ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئۆلۈم تولۇقلىما پۇلى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىر قېتىملىق ئۆلۈم تولۇقلىما پۇلى ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش-يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى بىر تۇتاش غەملىگۈچى جاينىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى ئاساس قىلىنىپ، 48 ئايلىقتىن 60 ئايلىققىچە ئۆلچەم بويىچە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدۇ.
ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، 48 ئايلىق ئۆلچەم بويىچە ئۆلۈم تولۇقلىما پۇلى بېرىلىدۇ:
(1) ئىش ۋاقتىدا ۋە ئىش سورۇنىدا ئىش سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن بولسا؛
(2) ئىش ۋاقتىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىش سورۇنىدا ئىشقا تەييارلىنىش ياكى ئىشنى يىغىشتۇرۇش جەريانىدا ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن بولسا ؛
(3) كەسپىي كېسەل بىلەن ئۆلگەن بولسا ؛
(4) ئىش بىلەن سىرتقا چىققاندا، ئىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولسا ياكى ھادىسىگە ئۇچراپ ئىز-دېرىكى چىقمىغانلار؛
(5) ئىشقا كېلىش-كېتىشتە ماتورلۇق ماتناش ۋاسىتىسى ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن بولسا ؛
(6) ئىش ۋاقتى ۋە ئىش ئورنىدا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن ياكى 48 سائەت ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن بولسا؛
(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن،  دەپ بېكىتىش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، 54 ئايلىق ئۆلچەم بويىچە ئۆلۈم تولۇقلىما پۇلى بېرىلىدۇ:
(1) ئىش ۋاقتى ۋە ئىش سورۇنىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋېتىپ،  زوراۋانلىق قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەگە ئۇچراپ ئۆلگەن بولسا ؛
(2) خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق دۆلەت مەنپەئىتى، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداشتا ئۆلگەن بولسا ؛
ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىگە ئىنقىلابىي قۇربان دەپ نام بېرىلگەن بولسا 60 ئايلىق ئۆلچەم بويىچە ئۆلۈم تولۇقلىما پۇلى بېرىلىدۇ.

http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=402
ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com