باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2303 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تويى بولۇش ئالدىدا تۇرغان قىزلار تېز كۆرۈڭلار
ھايات بىر مەيدان ئويۇن،سەن پەقەت ئويۇنچى خالاس
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2849
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 387
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە387دانە
ئۆسۈش: 1290 %
مۇنبەر پۇلى: 3072 سوم
تۆھپىسى: 10 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2011-11-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 03:54

تويى بولۇش ئالدىدا تۇرغان قىزلار تېز كۆرۈڭلار


                                        بىر ئانىنىڭ تويى بولۇش ئالدىدا تۇرغان قىزىغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى

    يۈرەك پارەم قىزىم ، تويۇڭ بۇلۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. پات ئارىدا باشقا بىر ئۆينىڭ ئادىمى بولىسەن . تونۇش ھويلا ، تونۇش ئۆي-ئوچاقتىن ئايرىلىپ يېڭى ، ناتۇنۇش بوسۇغىدىن ئاتلاپ ، باشقا بىر ئۆيگە كىرىسەن ! ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن دەيدىغىنىم : ئۇ ئۆيگە ئۆزەڭ خالاپ بارغان ئىكەنسەن ، كۈلكىنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىل ، خۇش چىراي بول ، قېينئاناڭ ، قېينئاتاڭنى ھۆرمەت قىل. ئۆيدە ، تالادا ئۆزۈڭنىڭ ئورنىنى بىل ، ھەممە ئىشتا سەمىمىي ، ئېغىر بېسىق بول. (( باشتىلا كوندۇرۋالىمەن )) دەپ ھېيلە-مىكىر ئىشلەتمە، بەتخەجلىك قىلما ، ئەس- يادىڭ ئۆينى قانداق قانداق تۇتۇشتا بولسۇن. (( ئەر پاتمانلاپ تاپسا، ئايال توختىماي چاچسا ، تاغمۇ توشىمايدۇ.))دېگەننى ئېسىڭدە تۇت. تېجەشلىك بولۇش ياخشى ئايالنىڭ پەزىلىتىدۇر. بىر تېمىم سۇ ، بىر ۋات توك ، بىر قات يىپنىمۇ ئىسراپ قىلما ، بىر نان ، بىر قاچا ئاشنىمۇ ئەجىر- مېھنەتسىز يېمە!  
    ھەر كۈنى سەھەر تۇر. پاكىزلىق ئايال كىشىنىڭ چېھرىنى نۇرلاندۇرۇپ، مېھرىلىك كۆرسىتىدۇ. ئۆي ئىشلىرىغا چاققان، ئېدىتلىق بول. ئەتىدىن كەچكىچە تېلىۋۇزۇر كۆرۈش ، غەيۋەت – شىكايەت ۋە ئەھمىيەتسىز پاراڭلار بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلما . بارغان ئۆيۈڭنىڭ ئادەتلىرىنى ئىگىلە ۋە شۇنىڭغا بويسۇن. ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئۆيدە ئۇنداق قىلاتتۇق ، مۇنداق قىلاتتۇق دېگەندەك ئارتۇقچە سېلىشتۇرۇش ، رەنجىشلەردىن ساقلان. ئۇرۇق-تۇققانلار جەم بولغىنىدا، ئۇلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىل ، خىزمىتىدە بولغىن. تاماق ئۈستدە ئەدەپ-قائىدىگە دىققەت قىل ، باشقىلارنىڭ  تامىقىغا ، لوقمىسىغا قول سالما.
    ئائىلەڭنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى چىڭ ساقلا، ھەرگىزمۇ ئۆيدە بۇلۇنغان گەپ-سۆز ۋە ئىش –ھەرىكەتلەرنى باشقىلارغا دېمە، تۇتۇرۇقسىز سۆزلەرنى كۆپ قىلىش ئەرلەرنى بىزار قىلىدىغان يامان ئادەت . شېرىن سۆزلۈك بولكى ، ئارتۇقچە سۆزلەردىن ئۆزۈڭنى يىراق تۇت . ھەر قانداق جاي، ھەر قانداق ۋاقىتتا بىر خىل بول . ئېسڭدە بولسۇنكى، باشقىلار سۆزمەنلىكى بىلەن ماختانسا، سەن سۈكۈتۈڭ بىلەن ماختان .  
    ھايا، قىز-ئاياللارنىڭ گۈزەللىك لىباسىدۇر. ھەر ۋاقىت ، ھەر قانداق جايدا ھايا نۇمۇسنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىل. مەجنۇنتالدەك بوي ، گۈزەل ھۆسىن-چىراي بولغان بىلەن، ھايا بولمىسا، كىشىنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ. قىزىم، بەختىڭ ئۆز قولۇڭدا ؛ بىر جۈپ قولۇڭ ، شېرىن سۆزۈڭ ۋە خوشخۇي چېھرىڭ بىلەن گۈللىرىگە پۈركۈلۈشىڭگە تىلەكداشمەن !
مۇھەببەتنى چۇشەنگەنلەر، سۆيگۈنى مەڭگۇ قەدىرلەيدۇ!
دوستلىشىش
dulbarqin310
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1599
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1599دانە
ئۆسۈش: 600 %
مۇنبەر پۇلى: 16988 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-09-06

مەن گەرچە توي قىلىش ئالدىدىكى قىزچاق بولمىساممۇ كۆرۈپ قويدۇم خاپا بۇلۇشمىغايسىزلەر، ھە راست يەنە ساقلىۋالدىم ھە.  
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
muslima32
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 644
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە644دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 7283 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-09-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-21 00:21

كۆرۈشكە تىگىشلىك ياخشى تېمىكەن كىيىن قىزلىرىمىزغا شۇنداق تەربىيە قىلارمىز،
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1411
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1411دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 15488 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-08-28
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-21 00:37

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى dulbarqin310 نىڭ 2011-10-19 18:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن گەرچە توي قىلىش ئالدىدىكى قىزچاق بولمىساممۇ كۆرۈپ قويدۇم خاپا بۇلۇشمىغايسىزلەر، ھە راست يەنە ساقلىۋالدىم ھە.  

سىز توي قىلىپ بولغان قىزچاقما ئەمىسە
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
مۇنبەر شاھزادىسى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1007
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 245
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە245دانە
ئۆسۈش: 1650 %
مۇنبەر پۇلى: 3452 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-16
ئاخىرقى: 2012-06-18
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-10 17:51

توي قىلىپ بولغان يىگىتچاق