ئاۋىئاماتكا ھەربىي ئايروپلانلارنى ئېلىپ يىراق ئوكيانلاردا يۈرەلەيدىغان ھەم ئۇچۇش - قونۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر خىل چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراخوت بولۇپ ، « ئاۋىئاتسىيە ئانا كېمىسى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە يەنە « ئايروپلان ئېلىپ يۈرىدىغان ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت » دەپ ئاتالغان . ئۇ پاراخوتقا سەپلەنگەن جەڭ ئايروپلانلىرىنى پۈتۈن كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەم ئاساسلىق ئۇرۇش قورالى قىلىدىغان بىر خىل ھەرىكەتچان سۇ ئۈستى بازىسى . ھازىرقى ئاۋىئاماتكىلار يەنە يوقىرى پەن - تېخنىكا جەۋھەرلىرى توپلانغان ھەربىي سېستىمىغا ئايلاندى . ھەر بىر ئاۋىئاماتكا بىر سۇ ئۈستى ئۇرۇش توپىنىڭ يادروسى ھەم بايراقدارى بولۇپ ، باشقا پاراخوتلار بۇ بايراقدار پاراخوتنى قوغداش ھەم تەمىنات ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ .
ئاۋىئاماتكا ئىشلىتىلىش دائىرىسى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ھوجۇمچى ئاۋىئاماتكا ، چۆكمە پاراخوتقا قارشى ئاۋىئاماتكا ، قوغدىغۇچى ئاۋىئاماتكا ۋە ئۇنۋېرىسال ئاۋىئاماتكا قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ . ئېلىپ يۈرىدىغان ئايروپلان شەكلىگە قاراپ جەڭ ئايروپلانى ئاۋىئاماتكىسى ۋە تىك ئۇچار ئايروپلان ئاۋىئاماتكىسىغا ئايرىلىدۇ . تونناژىغا قاراپ چوڭ ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك ئاۋىئاماتكىغا ئايرىلىدۇ . ھەرىكەتلەندۈرۈش سېستىمىسغا قاراپ ئادەتتىكى ئاۋىئاماتكا ۋە يادرو ئېنىرگىيىلىك ئاۋىئاماتكىغا ئايرىلىدۇ .
ئاۋىئاماتكا ئادەتتە يالغۇز ھەرىكەت قىلمايدۇ . بەلكى باشقا پاراخوتلار بىلەن بىرلىشىپ ، بىر ئاۋىئاماتكا ئۇرۇش توپىنى شەكىللەندۈرۈپ ھەرىكەت قىلىدۇ . پۈتكۈل ئاۋىئاماتكا ئۇرۇش توپى بىر ئاۋىئاماتكىنىڭ بىر تۇتاش كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇپ ، نەچچە يۈز كلومىتىر دائىرە ئىچىدە دۈشمەننى ئاختۇرۇش ، ئىز قوغلاش ، نىشاننى بېكىتىش ۋە ھوجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ . ئاۋىئاماتكا ئۇرۇش توپى بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل ئەسكەر ، كۆپ خىل پاراخوت ۋە كۆپ خىل ئايروپلاننى ئىشقا سالالايدىغان بولۇپ ، ھەر بىر ئۇرۇش توپى دېڭىز ئۈستىدە مۇستەقىل جەڭ مەيدانى ئاچالايدۇ . ئۇنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى كەڭ ، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ، ئۇزاق ۋاقىت ئىزچىل جەڭ قىلالايدىغان بولغاچقا ، ھازىرقى زامان دېڭىز ئۇرۇشىدىكى ئاساسلىق قورال بولۇپ قالدى .
بىر ئاۋىئاماتكا ئۇرۇش توپى ئادەتتە بىر بايراقدار پاراخوت ( ئاۋىئاماتكا ) ، ئىككى ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت ، تۆتتىن ئالتىگىچە ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان ھەم سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرىدىغان قوغلىغۇچى پاراخوت ، بىردىن ئىككىگىچە يادرو ئېنىرگىيىلىك ھوجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتىدىن تەشكىللىنىدۇ .
ئاۋىئاماتكىنىڭ ئاساسلىق ئۇرۇش قورالى ئۇ ئېلىپ يۈرگەن ھەر خىل تىپتىكى قىرغۇچى ، بومباردىمانچى ، رازۋېدكا ، ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ، سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرغۇچى ئايروپلانلار ۋە قۇتقۇزغۇچى تىك ئۇچار ئايروپلانلاردىن ئىبارەت . شۇڭا ئۇ دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىشتىن سىرت ، قۇرۇقلۇققا ھوجۇم قىلىش ۋە ھاۋا ئۇرۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ . ئۇنىڭغا ھەم زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ئۆزىنى قوغدىغۇچى قوراللارمۇ سەپلەنگەن . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەتتا ئاۋىئاماتكىغا يىراق مۇساپىلىق پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلىگەن بولۇپ ، بۇ جەھەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاۋىئاماتكىسىنى « ئاۋىئاماتكا بىلەن ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتنىڭ بىرىكمىسى » دېيىشكە بولىدۇ .
ئەمما ئاۋىئاماتكىنىڭ يېتەرسىزلىكىمۇ يەتكىچە بار .
1 . چوڭ بولغاچقا ئاسان بايقىلىپ قالىدۇ . ھەر بىر ئاۋىئاماتكا ئۇرۇش توپىدا كەم بولغاندىمۇ 7 - 8 ، كۆپ بولغاندا 10 نەچچە پاراخوت بولىدۇ . پاراخوت كۆپ بولغاچقا بۇلار تارقىتىدىغان ئېلېكتر - ماگېنت سىگنالى ، ئېنفىرا قىزىل نۇر سىگنالى ، ئاۋاز سىگنالىمۇ كۆپ ھەم روشەن بولۇپ ، قارشى تەرەپنىڭ ھەر خىل رازۋېدكا ئەسلىھەلىرى ناھايتى ئاسانلا بايقىۋالالايدۇ . ئەلۋەتتە قارشى تەرەپنىڭ بۇ ئاۋىئاماتكىنى بايقىغاندىن كىيىن قول قوشتۇرۇپ تۇرمايدىغىنى ئېنىق .
2 . ئارقا سەپ كاپالىتى ئاجىز . ئاۋىئاماتكا ئۇرۇش توپىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولغاچقا ، ئۇ سەرپ قىلىدىغان يېقىلغۇ ، ئوق - دورا ۋە يېمەكلىك ئاز بولمايدۇ . بۇلارنىڭ خورىشى بىلەن بۇ ئۇرۇش توپى غايەت زور تەمىناتقا مۇھتاج بولىدۇ . ئادەتتە ھېچقانداق تەمىنات بولمىغان ئەھۋالدا بىر يادرو ئېنىرگىيىلىك ئاۋىئاماتكا 12 كېچە - كۈندۈز ئۇرۇش قىلالايدۇ . ئادەتتىكى ئاۋىئاماتكا بولسا 7 كېچە - كۈندۈز ئۇرۇش قىلالايدۇ .
3 . ھاۋا مۇداپىئە تورىدا يوچۇق بار . 2000 - يىلى 10 - ئايدا ۋە 11 - ئايدا ، روسسىيىنىڭ جەڭ ئايروپلانلىرى ئامېرىكىنىڭ « بۈركۈت چۈجىسى » ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى ھاۋادىن نازارەت قىلغان ، ئەمما « بۈركۈت چۈجىسى » بۇنى كېچىكىپ بايقىغان بولۇپ ، ئۇلار بايقىغاندا روسسىيىنىڭ جەڭ ئايروپلانلىرى ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ بولغان . 2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ، ئامېرىكا بىلەن كورىيە ياپون دېڭىزىدا بىرلەشمە مانىۋېر ئۆتكۈزۈۋاتقاندا ، روسسىيىنىڭ ئىككى دېڭىز ئۈستى چارلىغۇچى ئايروپلانى ئامېرىكىنىڭ مانىۋېرغا قاتنىشىۋاتقان « ستاننىس » ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنىڭ ئۈستىدىن 150 مىتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇپ ئۆتكەن . ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇنى « روسسىيىلىكلەرنىڭ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىشىدىنلا ئىبارەت . ھېچقانداق قانۇنسىز ياكى تەھدىت خارەكتىرى يوق » دەپ قارىغان . ئەتىسى ، روسسىيىنىڭ ئىككى يىراق مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپلانى « يەنە مانىۋېرنى كۆرگىلى كېلىپ » ، مانىۋېر قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا ئۇرۇش توپىنىڭ ئۈستىدىن 600 مىتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇپ ئۆتكەن . ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە ، بۇ قېتىم ئاۋىئاماتىكىدىكى ئىككى « F- 18 » بەلگىلىك جەڭ ئايروپلانى روسسىيىنىڭ ئايروپلانلىرىغا تاكى ئۇلار مانىۋېر مەيدانىدىن چىقىپ كەتكىچە « ھەمراھ بولغان » .
4 . ئاۋىئاماتكىنىڭ پالوبىسى ئۈستىدىكى ئېتىپ چىقىرىش ، توسۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە رادار ، سۇ ئاستىدىكى پروپىللېر قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ ناھايتى ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىش ياكى ئىقتىدارىنى يوقىتىش كەمچىلىكى بار . بۇ كەمچىللىكلەر ئاۋىئاماتكىنىڭ تەكرار ھوجۇمغا ئۇچرىشىغا ، ھەتتا چۆكتۈرۈۋىتىلىشىگە سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
5 . ھاۋا رايىنىڭ ئاۋىئاماتكىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ . ئادەتتە ئاۋىئاماتكىنىڭ ئۆزى كۈچلۈك بوران ۋە دېڭىز دولقۇنىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ . دېڭىزدا 12 بال دولقۇن كۆتۈرۈلگەندىمۇ ئاۋىئاماتكا يۈرۈش ھالىتىنى ساقلىيالايدۇ . ئەمما ئاۋىئاماتكىدىكى ئايروپلانلار شامال ، دېڭىز دولقۇنى ۋە كۆرۈش ئارىلىقىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ . ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ، ئاۋىئاماتكا ئايروپلانلىرى شامال كۈچى 6 بالدىن تۆۋەن بولغان شارائىتتىلا ئۇچۇش - قونۇش مەشغۇلاتى قىلىشى كېرەك .
1922 - يىلى ، بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋاشىنگتوندا « ۋاشىنگتون دېڭىز ئارمىيە ئەھدىنامىسى » نى ئىمزالاپ ، ئۇرۇش پاراخوتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چەكلىگەن .
1930 - يىلى ئەنگىلىيە ياساپ چىققان « خان جەمەتى كېمىسى » بىر يېپىق شەكىلدىكى ئايروپلان ئىسكىلاتىغا ئوخشاش بولۇپ ، كۈچلۈك ئۇچۇش پالوبىسى ، گازلىق ئېتىپ چىقىرىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار بولغاچقا ، « ھازىرقى زامان ئاۋىئاماتكىلىرىنىڭ ئەندىزىسى » دەپ نام ئالغان .
1936 - يىلى « ۋاشىنگتون دېڭىز ئارمىيە ئەھدىنامىسى » نىڭ قەرەلى توشۇپ كۈچتىن قالغاندىن كىيىن ، ھەر قايسى ئەل دېڭىز ئارمىيىلىرى بەس - بەس بىلەن دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى كۈچەيتىش مۇسابىقىسىگە چۈشكەن . ئامېرىكىنىڭ « يورك شەھىرى » دەرىجىلىك ئاۋىئاماتكىسى ، ياپونىيىنىڭ « شياڭخې » دەرىجىلىك ئاۋىئاماتكىسى ۋە ئەنگىلىيىنىڭ « پارلاق » دەرىجىلىك ئاۋىئاماتكىلىرى شۇ ۋاقىتتىكى نادىر مەھسولاتلار ھېساپلىنىدۇ .
1961 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئامېرىكىدا ياسالغان « كارخانا » ناملىق ئاۋىئاماتكا دۇنيادا تۇنجى يادرو ئېنىرگىيىلىك ئاۋىئاماتكا ھېساپلىنىدۇ . بۇ ئاۋىئاماتكا 2009 - يىلى سەپتىن چېكىنگەن . 2010 - يىلى ئاۋىئاماتكا مەشىق پاراخوتى قىلىنىپ قايتىدىن سەپكە كىرگەن .
نۆۋەتتە دۇنيادا ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ، فرانسىيە ، روسسىيە ، ئىتالىيە ، ئىسپانىيە ، برازىلىيە ، ھېندىستان ، تايلاند ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت 10 دۆلەت ھەر خىل تىپتىكى ئاۋىئاماتكىغا ئېگە بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئون بىر چوڭ تىپتىكى يادرو ئېنىرگىيىلىك ئاۋىئاماتكىغا ئېگە . ئەنگىلىيە ، ئىتالىيە ۋە برازىلىيە ئىككىدىن يېنىك تىپتىكى ئاۋىئاماتكىغا ئېگە . روسسىيە بىر ئوتتۇرا تىپتىكى ئاۋىئاماتكىغا ئېگە . فرانسىيە بىر چوڭ تىپتىكى يادرو ئېنىرگىيىلىك ئاۋىئاماتكىغا ئېگە . ھېندىستان ، ئىسپانىيە ۋە تايلاند بىردىن كىچىك تىپتىكى ئاۋىئاماتكىغا ئېگە . 2000 - يىلى ئاۋمېن « چۇاڭجيەن » ساياھەت - كۆڭۈل ئېچىش شېركىتى ئوكرائىنادىن براك قىلىنغان « ۋرانگې » ناملىق ئوتتۇرا تىپتىكى قۇرۇق ئاۋىئاماتكىنى 20 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان . ھازىر دۆلىتىمىز بۇ ئاۋىئاماتكىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرماقتا . 2011 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بۇ ئاۋىئاماتكا دېڭىزدا سىناق يۈرۈشكە چىقىپ ، 14 - كۈنى بارلىق سىناقلارنى تاماملاپ داليەن پورتىغا بېخەتەر قايتىپ كەلدى . شۇندىن ئېتىبارەن دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئاۋىئاماتكىسى بار 10 - دۆلەتكە ئايلاندى .
مەنبە: كىرورەن تورى
[ بۇ يازمىنىjula520 2011-10-18 16:24قايتا تەھرىرلىدى ]