ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ قايسى تۇغقانلىرىغا نەپىقە پۇلى بېرىلىدۇ ؟
مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش مەنبەسى بىلەن تەمىنلىشىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ھەمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان تۇغقانلىرى بەلگىلىمە بويىچە نەپىقە پۇلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:
(1) ئەمگەك ئىقتىدارىدىن تامامەن قالغان بولسا؛
(2) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ جورىسى بولۇپ، ئېرى 60 ياشقا، خوتۇنى 55 ياشقا توشقان بولسا؛
(3) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن ئاتىسى 60 ياشقا، ئانىسى 55 ياشقا توشقان بولسا؛
(4) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن يېشى 18 گە توشمىغانلىرى؛
(5) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئاتا - ئانىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، بوۋا - مومىلىرىدىن بوۋىسىنىڭ يېشى 60 ياشقا، مومىسىنىڭ يېشى 55 ياشقا توشقان بولسا؛
(6) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن تامامەن قالغان بولۇپ، نەۋرىلىرىدىن يېشى 18 گە توشمىغانلىرى؛
(7) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن تامامەن قالغان بولۇپ، ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرىدىن 18 ياشقا توشمىغانلىرى.
نەپىقە پۇلى ئېلىۋاتقانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ
بىرى بولغانلارنىڭ نەپىقە پۇلى تەمىناتى توختىتىلىدۇ:
(1) يېشى 18 گە توشقان ھەمدە ئەمگەك ئىقتىدارىدىن تامامەن قالمىغان بولسا؛
(2) ئىشقا ئورۇنلاشقان ياكى ھەربىيگە قاتناشقان بولسا؛
(3) ئىشتا ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ جورىسى بولۇپ، قايتا نىكاھلىق بولغان بولسا؛
(4) باشقىلار ياكى بىرەر تەشكىل تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان بولسا؛
(5) ئۆلۈپ كەتكەن بولسا.
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=401