ئالدىنقى كۈنى تىلۋۇزوردىن بىر خەۋەر كۆردۇم. بىر يولداش ماشىنىدا كىتۋاتسا كەينىدىن بىرسىنىڭ تولىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئەينەكتىن قارىسا بىر ئايال ۋىلىسپىتىنى تۇتۇپ يەردە ياتقان، بۇ يولداش ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىپ داۋالاتقان، كىيىن بۇ قىرىنىڭ بالىلىرى كىلىپ بۇ يولداشتىن پۇل تەلەپ قىلغان، ئاخىردا سوتقا چۈشۈپ 170 مىڭ يۇەن بىرىشنى تەلەپ قىلغان. لىكىن بۇ يولداش ئۆزىنىڭ بۇ ئايالنى سوقمىغانلىقىنى، ماشىنىسىدىمۇ ھىچقانداق سوقۇلغان ئىزنىڭ يوقلىقىنى مۇخبىرلارغا كۆرسەتكەن، ھازىر بۇ دىلو تالاش- تارتىش ئۈستىدە.
شاڭخەينىڭ قاناللىرىنى كۆرسىڭىز كۈندە پۇلا ئۇچۇن باشقىلارنى ئالداۋاتقان، قۇيۋاتقان ئىشلار چىقىدۇ. پۇل ئۇچۇن توي قىلىدۇ. پۇل ئۈچۈن ئاجىرشىدۇ. ئۇلار پۇل ئۇچۇن ھەممە ئىشلارنى قىلىدىغان بولۇپ كەتتى.
توۋا!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!