ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
يېڭى جاپى دىگەن تىمىنى كۈرۈپ بىر چاغلاردا قاشتېشى توردا كۆرگەن مۇنۇ تىما ئىسىمگە كىپ قالدى ئەينى چاغدا شۇنداق تەسىر قىلغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈن كەڭ ساي ئەھلىگە يوللاندى .
قاچانغىچە تىللايمىز؟
ئەتىگەندىن بىرى مۇنبەردە ‹‹ قىزلار ئاقچى - كۆكچى ›› ‹‹ ئوغۇللار ئانداق، ئۇغۇللار مۇنداق ... ›› ‹‹ ئۇيغۇرۇم ئۇنداق بولۇپ كەتتى ›› ‹‹ ئۇيغۇررۇم مۇنداق بولۇپ كەتتى ›› ‹‹ ئاقچى ئۇيغۇر، كۆكچى ئۇيغۇر ›› ‹‹ نىمىشقا تۇزەلمەيمىزەي ›› ... دېگەندەك مەزمۇندىكى بىر تالاي مەزمۇندىكى شېئىرلارنى ئۇقۇپ ئىچىم ئاچچىق سىرىلدى، قاچانغىچە تىللىشىپ يۇرىۋېرىمىز دەپ ئويلاپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇن قاتتىق تەسىر قىلغان بىر تالاي يازمىلار ئارىسىدىن ئۆزۇمگە يارىغان بىر قانچىلىرىنى سىلەرگە سۇنۇپ ئولتۇرۇپتىمەن، بېشىڭلارنى تىك كۆتۇرۇپ ياشاڭلار، بىر ئىلھام بىلەنلا ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسى بولىشى ناتايىن، بىر قانچە ئادەمگە قاراپ ھەممە ئۇيغۇرنى تىللىمايلى.
تۆۋەندىكىسى ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن گۇلەننىڭ ئەنۋەر مۇھەممەت ھاجى بىلەن بولغان سۆھبەتكە تەۋە قىسمىغا يازغان ئىزاھاتى بولۇپ، بۇرۇن بەك تەسىر قىلغان بولغاچقا ساقلىۋالغان.
ئەختەم ئۆمەر ئىللەتشۇناسلىقنى باشلىغاندىن كېيىن، بۇ ماغزاپ ئېقىم ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئاجايىپ تېز سۇرئەتتە يامرىدى. يېزىق، ئاۋاز، سىن ۋاستىلىرى ئارقىلىق مىللەتنى سۆكۈش، ئوپراتسىيە قىلىش، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىدە ئاجايىپ قىزغىنلىق ياراتتى. بۇ قىزغىنلىق تۈرتكىسىدە پاش قىلىش ئەدەبىياتى، ئېچپ تاشلاش ئەدەبىياتى، قېيداش، تەنەقىلىش ئەدەبىياتى بارلىققا كەلدى. شۇڭا ھازىر قى ئوقۇرمەنلەردە ئۇيغۇرنىڭ بۇزۇلغان، ئاينىغان، بىقسىغان، ئىزىدىن چىققان ئېڭىنى ۋە تۇرمۇشىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئەسەرلەر ئالقىشقا ئېرىشتى. رىياللىقنى سۆكۈش مەزمۇنىدا يېزىلغىنى ناتايىن بولغان، ياكى پەقەت ئۇنداق مۇددىئادا يېزىلمىغان ئەسەرلەرنىمۇ شۇنداق مۇددىئادا چۈشىنىلىپ باھالانىۋەردى. بىر قىسىم يازغۇچىلارغا كەلسەك مىللەتنى ئىگىسى يوق مازا غوجام كۆرۈپ ھېلى ئىشەك ئۈستىدىكى مىللەت، شىئىرىي مىللەت، ئتنىك(ئىپتىدائىي) مىللەت، ئىتىپاقسىز مىللەت، ئەبگا مىللەت، ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرگەن تىلەمچى...دېگەندەك ئاغزىغا كەلگەن گەپ بىلەن تەنقىدلەۋەردى. مەن بۇنداق ئىلمىي ئاساسى، ياكى يېتەرلىك پاكىتى يوق يازمىلارغا چە يازغۇچىلارغا توۋەندىكىچە خىتاب قىلماقچى؛
مىللەت ھەققىدە توختۇلۇشتىن ئاۋۋال مىللەتنى تەتقىق قىلىدىغان مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى(ئانتروپولوگىيە) ھەققىدە بىلىمگە ئىگە بولۇش كېرەك، ئۇيغۇردىكى پىسخىك ھالەتلەر ھەققىدە توختۇلۇشتىن ئاۋۋال پىسخولوگىيە ئىلىمىنى بىلىش كېرەك، ئۇيغۇرنىڭ رىاللىقىنى تەكشۈرۈش، چۈشىنىش ۋە تەھلىل قىلىش ئۈچۈن جەمئىيەتشۇنالىقتىن خەۋەردار بولۇش كېرەك. مۇشۇنداق مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنى بىلمەي تۇرۇپ ياكى مۇشۇ پەنلەرنى قورال قىلىپ يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇماي، نەقىل ئالماي تۇرۇپ ئۇيغۇرلار ئۇنداق مىللەت، بۇنداق مىللەت دەپ ھۆكۈمسىمان گەپلەرنى قىلىش ئوقۇرمەنلەرنى خاتا بىلىكلەندۈرىدۇ. ئىددىيە مۇستەبىتىلىكى، ئىددىيىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك، كونا بىلىم ۋە ساختا بىلىم سىلەرنىڭ ئوقۇرمەننىڭ قەلبىدىكى دەۋر ئاتىلىيالايدىغان سىمايىڭلارنى نىمجان قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى( تەپسىلاتىنى ئۈچۈن "ئۇيغۇرلاردا ئەدەبىياتنىڭ يۈكى ۋە ئەدىپنىڭ دەردى") يازغۇچىلىرىنى ئالىم، پەيلاسۇپ، پىسخولۇگ، مۇتەپەككۇر دېگەندەك ھەممە ساھەنىڭ پىشىۋاسى دەپ بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىنى تۇتىيا بىلىپ ئەمەل قىلىدۇ. مەنچە مۇشۇ رىياللىقنى كۆزدە تۇتۇپ بولسىمۇ يازغۇچىلىرىمىز مىللەتكە نەزەر سالغاندا ئىلمىي، سەمىمىي بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز؛
مەن ھىچكىمگە دۈشمەنلىك قىلماقچى ئەمەس، لېكىن مىللەتنى سەۋەبسىز تەنقىد قىلغان، مىللەتكە ئاساسسىز تون پىچقان، مىللەت پىسخىكىسى ۋە پائالىيىتىگە ئىلىمگە تايانماي باھا بەرگەن كىشىلەرنىڭ رىقابەتچىسىبولسام يامان بولمايدۇ. مەن ھەممە ئادەمنىڭ دوستى، لېكىن مىللەتنى سەۋەپسىز ماختىغان، مىللەتنىڭ تارىخنى قەستەن ئۇزارتقان، ئۇيغۇرنى ھەممە مىللەتتىن فاشىستلارچە، نادانلارچە ئۈستۈن قويغان، ئۆز مىىلىتنى ئۇلۇغلاشنى باشقا مىللەتلەرنى تۆۋەن كۆرۈشنىڭ ئاساسىغا قۇرۇۋالغان ئىرچىلىق، مۇستەملىكچىلىك ئىددىيىسىدىكى ھەرقانداق شۆھرەتلىك كىشىنىڭ، كىشىلەرنىڭ تەنقىدچىسى بولسام گۇناھ ئەمەس، ئىنشائاللاھ.
كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلەممىدىم، لېكىن ساقلاپ قويۇپتىكەنمەن :
توغرا، «كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە». ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى كۆرەلمىگەن مىللەت مەڭگۈ راۋاج تاپالمايدۇ. لېكىن، بۇ ئىشتا ئۇسۇلغا، پەيتىگە ۋە سورۇنغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر بىزنى باشقىلارمۇ ئەيىبلىسە، ئۆزىمىزمۇ ئەيىبلىسەك، ئۆزىمىزدە بار يوشۇرۇن كۈچكە، ئارتۇقچىلىققا ۋە ئۈستۈنلىككە توغرا باھا بېرەلمىسەك، ئۇ ھالدا كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز. ئۇلاردا «قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە قانچىلىك ماڭساقمۇ، ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە نۇر يوقكەن» دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ قويىمىز. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى پايدىسىز يۆنىلىشتە پروگراممىلاپ قويىمىز.
ئەجدادلىرىمىز بىزگە نېمىلەرنى قالدۇردى؟ بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭى ئەۋلادلىرىمىزغا نېمىلەرنى قالدۇرىمىز؟ بىز بۇ سوئاللار ئۈستىدە داۋاملىق ئويلىشىشىمىز كېرەك. بىز كېيىنكى ئەۋلادلارغا شۇنى چوقۇم بىلدۈرۈشىمىز كېرەككى، گەرچە سىز ھازىر نۇرغۇن پايدىسىز ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، سىز يەنىلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز؛ سىز چىقالايدىغان پەللىنىڭ ئىگىزلىكىنى پەقەتلا سىز، كۆزلەشكە پېتىنالايدىغان غايىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن سىزنىڭ ئاشۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تۆلىيەلەيدىغان بەدىلىڭىزلا بەلگىلەيدۇ.
تۆۋەندىكىسى بىلىك ئەپەندىنىڭ يازمىسى :
يىقىندىن بۇيان غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز ھالدا ، (قىسمەن)ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى، ئەيىپ-نوخسانلىرىنى ئېچىپ، ئارىغا تەپرىقچىلىق، ئارازلىق سالىدىغان، ساقىياي دەۋاتقان يارىغا تۇز سېپىپ ، چۈشكۈنلۈك ئۇرۇقىنى تىرىيدىغان يازمىلار پەيدا بولۇپ قالدى. توغرا، « كىسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە» دىگەن گەپ بار. ئۆزىمىزدە بار ئىللەتنى تەن ئالماسلىقنىڭ ئورنى يوق. گەپ، ئۇسۇل توغرا، سۆزلىرىمىز پاكىتلىق، يەكۈنىمىز ئىلمىي بولىشى كىرەك. ئۆزىمىز تەۋە مۇھىتتىكى قىسمەن ئەھۋاللارغا (غەزەپلىك)ھىسساتىمىزنى قوشۇپلا، ھىسىسىي يەكۈن چىقىرىۋەتسەك بولمايدۇ.(اللە ئەڭ ياخشى بىلگۈچى)
مىجەز-ھالىتىدە ئازىراق ئۆزگىرىش يۈز بىرىۋاتقانلىقىغا قاراپلا بىر ئادەمگە ئالدىراپ « پات ئارىدا ئۆلىدىكەن.» دەپ ھۆكۈم قىلساق بولمايدۇ. ئەجىبا « ئۇيغۇر» ئاتلىق بۇ تەندە ساقايمايدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇپ قالدىمۇ!؟ ئەمسە نىمە بولدى! دەر ھەقىيقەت ، كىسەللىك بىزدە بار ساقايمايدۇ دەيدىغانلار بارمۇ؟ بىز ئاللىبۇرۇن ئۆزىمىزنى تونۇپ يەتتۇق، تونۇپ يىتىۋاتىمىز، شۇ كىسەللىك ئەھۋالىمىزنى ساقايتىشقا ئىلاج قىلىۋاتىمىز تارىختا بىزدەك كۈنگە قالغان خەلىقلەرمۇ بارمۇ زادى؟كىسەللىكنىڭ سەۋەبىنى ئويلىنىپ باقتۇقمۇ؟ ئادەم دىگەن ھىسسياتقا مايىل، كۆنگەن خۇيدا جايىل بىر مەخلۇق. گەپ دەل مۇشۇ يەردە كۆنۈش يامان! بىز نىمىلەرگە كۆنۈپ كەتتۇق؟دوست-دۈشمەننىڭ شىرىن -شىكەر ياغلىما گەپلىرىگە ئېرىپ كەتتۇق، ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىزگە بەرسە رەخمەت ئېيتىپ بولالماي ھېرىپ كەتتۇق، جان ساقلاش كويىدا تىپىرلاپ قېرىپ كەتتۇق...
ھازىر بىزلەردە كۆرىلىۋاتقان كىسەللىك ئالامەتلىرى نىمىدىن؟ مەن بۇ يەردە بىر مىسال ئالاي. مىنىڭ ئالىي مەكتەپتە بىر ساۋاقدېشىم بولىدىغان، ئۆزى شۇنداق پاكىز، مىجەزى ياخشى. باشقا ياتاقتا ياتاتتى .ئۇ بىزنىڭ ياتاقتىكى ئىللىق مۇھىتقا قاراپ، ئۆزلىكىدىن ناماز ۋە ئىسلام بىلىملىرىنى ئۆگەنگىسى كىلىپ قالدى... شۇ چاغدا ھەيران قالغىنىم، ئۇنىڭ تىلىغا « بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم!» دىگەن ئايەت تەستە كەلدى. ئۇ تەلەپپۇزدا قىينالغان ئىدى. مىنىڭچە بۇنى دىيەلەش ئۆزىنى مۇسۇلمان ئاتىغان ھەرقانداق ئادەمگە مۇقەررەرلىك سانىلاتتى. بۇنى بىلدۇرۇش ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ مەجبۇرىيتى ئىدى...
ئاتا-ئانا بۇنى ئۆگەتمىسە ياكى بىلمىسە پەرزەنت نىمىنى بىلسۇن! بىزنىڭ ئاتا-ئانىللىرىمىز (50دىن 60 ياشلارغىچە ئارلىقتىكى كىشىلەر) بالىلىق مەزگىلىدە دىننى تەربىيە ئالاتتىكەنتۇق، بىر ھەپتىيەكنى تۈگەتمىسىمۇ ، نامازنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك نەچچە ئون سۈرە، ئايەت بىلەتتىكەنتۇق. ئۇلارغا ئاتا-ئانىللىرى ئۆگىتىدىكەن ياكى موللىلارغا ئاپىرىپ بىرەتتىكەن...
لىكىن بىزنىڭ «كاللىسى ئېچىلغان» « زىيالى» ئاتا-ئانىللىرىمىز ئۇنداق قىلىپ بولالمىدى. دىن خۇراپاتلىق دىگەن تەتۈر تەشۋىقاتقا ئاۋاز قوشتى، باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەممە نەرسىىسنى قارا-قويۇق قوبۇل قىلىشنى زامانىۋىلىق دەپ چۈشەندى، كىيىنلىكنى، ئەۋلاتلىرىنى ئويلىمىدى. شۇ چاغلاردا تىلىمىزغا يىڭىدىن پەيدا بولىۋاتقان ئاتالغۇ، ئۇقۇملارغا سۆز تاللاشتا ھەقىيقەتەن دۆتلۈك قىلدى، كومپىيۇتېر، تىلھوزۇر، تىلفۇن،... دىگەن سۆزلەر پەيدا بولىۋەردى، يىسىۋىلەكنى بەسەي، كەرەپشىنى چىڭسەي،... دەپ ئىشلىتىۋەردۇق ھىچكىم دىققەت قىلمىدى، ئۆزىمىزنىڭ يەر-جايلىرىمىزنىڭ ئىسىملىرىمۇ شۇ...
دىمەك شۇ مەزگىللەردە بىر تۈركۈم ، چالا ساۋات ، ئاكتىپ ، مەدەنىيەت قوبۇل قىلغۇچىلار كەڭ يىتىشىپ چىقتى، ھەقىيقى بىلىم ئىگىللىرى ئاھ ئۇرۇپ قالدى ياكى دۇنيادىن خوشلاشتى...
بىزدە ئىلىم پەن، تارىخقا قارىغاندا ناخشا -موزىكىغا زىيادە ھىرىسمەنلىك كۈچەيدى. چۈنكى بۇ جەھەتتە زور قوللاشلارغا، ئىلىھام بىرىشلەرگە ئۇچرىدى(لىكىن ناخشا -ئۇسسۇل بىلەن تونىلالمىدۇق ئەپسۇس). دىننى تەربىيە پۈتۈنلەي توختىدى ياكى چەكلەندى. دىن بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈلدى. تۆۋۋە دەيمەن مىڭە يۈيۈش دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن ھە! مەن تاكى تولۇقسىز 3-يىللىقىچە دىنغا ئىشەنمەيتتىم، ئاكتىپلاردىن ئىدىم « اللە ھىدايەت قىلغان بەندىنى ھىچكىم ئازدۇرالمايدۇ» خۇداغا مىڭ شۈكرىكىن ، ھازىر ئۇنداق ئەمەسمەن.
دىمەك ، گەپنى يىغىنچاقلىغاندا، مىنىڭ يېشىمنى مەركەز قىلغان بىر ئەۋلات ئەنە شۇنداق تارىخى مۇھىتتا چوڭ بولدۇق. ئارىمىزدا ھەقىيقەتنى چۈشىنەلىگەنلەرمۇ بولدى، چۈشەنمىگەنلىكتىن ئېزىۋاتقانلارمۇ بولدى. بىز تويۇنمىدۇق ، نەفسىمىزگە زىيادە بىرىلىپ كەتتۇقكى ، نەفسىمىزنى قاندۇرۇش بەدىلىگە نىمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭقىرالمىغۇدەك بولۇپ كەتتۇق. مىللەتنىڭ تەغدىرى ھەققىدە ئويلىنىدىغانغا پۇرسەت ۋە بانە بولمىدى. چۈنكى، بىز تىرىشىپ جان بېقىۋاتقان ھازىرقى ھالىتىمىزنى ساقلاپ قالمىساق بولمايتتى، يانا قورسىقىمىز ئاچمۇ قالمىدى .ئىشتىن چۈشۈپ، تويۇنۇپ يەپ ، تىلھوزۇر كۆرۈپ، ئۇخلاپ قالدۇق. بىز بىر ئاماللارنى قىلىپ قورسىقىمىزنى توقلاپ كەلدۇق
ھىچكىم ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ قالغىنى يوق! لىكىن ناخشا -ئۇسسۇل، مەشرەپلەر بىزدىكى روھى ئىچىرقاشلارنى قاندۇرۇپ بولالمىدى... يولۇققان پىسخىكىلىق مەسىللەرگە قاندان مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەي ، بىزمۇ چىن-تەخسىلەرنى ئۇرۇپ -چېقىشنى ئۆگەندۇق، ئالدىراقسانلىق، مىجەزى ئىتتىكلىك قىلدۇق. ياشلار بىلىپ، بىلمەي ئاققا ئۆگەندى. ئۇلارنىڭ روھىدا ياكى تاشقى ئامىلدا بولسۇن يامان يولدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بىر كۈچ بولمىدى، چۈشكۈنلەشسە ھەممە ئىشنى قىلىپ باقتى، قورقۇش بولمىدى...
مانا ئەمدى بۇ زىدىيەتلەر ئاشكارە بولۇپ ، بىزلەرگە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئارىمىزداكاللىسى ئېچىلغان زىيالىيلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. « سىنىڭ يوپقا بۇ بوز خالتاڭ بىگىزلەرنى يوشۇرغايمۇ» دەپ يىزىپتىكەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر. ھازىر شۇنداق بىسىمغا قارىماي ياشلار ئارىسىدا ھەق ئىسلامغا قايتىش مايىللىقى ، ئۆز مەدەنىيتىگە بولغان ئىپتىخارلىق ۋە قايىللىقى كۈنسىرى ئېشىۋاتىدۇ. ئەمدى ئۇلار ئۆز باللىرىنى ، كىيىنكى ئەۋلاتنى قانداق تەربىيلەشنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈپ قويۇشتى ھەم شۇنداق تەربىيلەۋاتىدۇ. ھەممەيلەن « ئانا تىلىم جان تىلىم» دىگەن ناخشىنى توۋلاۋاتىدۇ...
يانا يېزىشقا ۋاقتىم يار بەرمىدى ، گەپنىڭ قىسقىسى ھازىرقى ئەھۋاللار پەقەت بىر مەزگىللىك ئۆتكۈنچى ھادىسىلەر، سىزگە دىسەم، بۇ دۇنيادا ھەممە نەرسە ۋاقىتلىق. اللە قا مىڭ شۈرىكىن، بىزدە مۇستەككەم ئىسلام ئىتىقادى باركەن. شۇنداق دىيەلەيمەنكى، قەۋمىمىزنىڭ %90تىن كۆپىرەكى ئىتىقادلىق مۇسۇلمانلار؛ بىزدە بەلگىلىك مەدەنىيەت ئاساسى باركەن. ئەگەر بىزدە ئىختىساد بولسا دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدىكى ھەرقانداق مىللەتتىن چانمايمىز ، بەلكىم نۇرغۇن تەرەپلىرىمىز ، ئەگەر جارىي قىلدۇرساق(مەسىلەن ، تازلىق ئادەتلىرىمىز، ئىلمىي كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىمىز،... لىكىن ھازىر بىر ھاراق-شاراپ ئىچىپ، تىتىقسىز پاراڭ قىلىشقا ئۆزگەرتىۋالدۇق) باشقىلارنى ھەيران قالدۇرىمىز. چەتئەلدە كىشىلەر بىرەر پائالىيەت قىلسا ياكى ئۆرە تۇرۇپ ھاراق ئىچىدىكەن ياكى قىلىدىغان قىلىق تاپالماي خىلمۇخىل بىمەززە قىلىقلارنى چىقىرىپ باقىدىكەن. بەلكىم بۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئويۇنلىرى باردۇر لىكىن مەن ئۇچراتمىدىم؛ بىزنىڭ تىلىمىز پۈتۈنلەي شالغۇتلىشىپ كەتكىنى يوق! ھازىر ھەممىمىز بۇ تىل مەسىلىسىگە زىل مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز. بۇرۇنقى « ئەقىللىق»« زىيالىيلار» نىڭ كاللىسىغا كەلمىگەن ئۇيغۇرچە گەپلەرنى تىپىپ چىقىپ قوللىنىش يۈزلىنىشىدە بولىۋاتىمىز، كاللىسى ئېچىلىۋاتقانلار شۇنداق قىلىۋاتىدۇ...
ھازىر ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇن تەبىي پەن ئالىملىرى يىتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. ھەم بەزىللىرى قولىدىن كىلىشىچە ۋەتەندىكى تىرىشچان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارغا پۇرسەت ۋە شارائىت يارىتىىپ بىرىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئۇيغۇرفىزىكا ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ۋاقتىنىڭ شۇنچە ئالدىراشچىلىقىغا قارىماي ياشلارغا ئىلھام بىرىدىغان يازمىلارنى يېزىپ، ئىلھام، مەدەت بىرىپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تۆھپىسى بىلەن تۇركىيەدە بىرتۇركۇم تىرىشچان زىيالىي ياشلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسىئ ۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇۋاتىدۇ؛ ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن چىققان پەخىرلىك ئايال دوكتۇر، سايىپجامال دۆلەت ياشلارنى تەربىيلەش ئۈچۈن شۇنچە پۇرسەت ۋە تەكلىپلەرگە قارىماي ۋەتەندىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە فىزىكا پىنى بويىنچە نۇرغۇن ئاسپىرانت باللارنى تەربيلەپ چىقتى ئۇلارنىڭ بىرقىسمى ۋەتەندە بىرقىسمى چەتئەللەردە ئوقۇماقتا؛ ئۇيغۇر فىزىكا پەنلىرى دوكتۇرى دوكتۇر ئاشتى مەمتىمىن ئابباس شۇنچە ياشلىقىغا باقماي ئۈن-تىنسىز ھالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن سەككىزەيلەن چەتئەلدە فىزىكىدا ۋە بىئولۇگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتىمىز . اللە خالىسا بىزمۇ كىيىن ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمىز . دىمەك مانا مۇشۇنداق يوسۇندا ۋەتەن-خەلىقنىڭ ئۈمۇد-ئارمانلىرىنى اللەنىڭ ئىزنى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
تۆۋەندىكىسىمۇ بىلىك ئەپەندىنىڭ يازمىسى :
بىزدە" ئۈمۇتسىزلىك شەيتاندىن " دىگەن گەپ بار. ھازىر بىر تالاي مەسىللەر قاتتىق باش قاتۇرىشىمىزنى تەقەززا قىلىۋاتىدۇ ، قاتمۇ-قات ئىللەتلەر ئۇمومى توپ -بەدەنگە كىسەللىك جاراھەتلىرىنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى رىياللىق ، كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.لىكىن، يۈزدىن بىر ئۈلۈش ئىھتىماللىق بولسىمۇ ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمۈدنى ئۈزمەيمىز. قارلىغاچنىڭ ئاغزىدا سۇ توشۇپ ئوت ئۆچۈرمەكچى بولغانلىقى كەبى ئەقىيدە بىلەن قولىدىن كىلىدىغان كىچىككىنە بولسىمۇ ئەمەلىي ياكى نەزىيىۋى تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ خەلقىمىز ئۈچۈن دەپ قىلىۋاتقان، نامازلىرىدا خەلقىمىزگە ھىدايەت ، نۇسرەت تىلەپ اللە قا سىغىنىپ دۇئا قىلىپ تۇرىۋاتقان كىشىللىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. مەيلى قانچىلىك مۇرەككەپ، قانچىلىك تەس بولىشىدىن قەدئىينەزەر خەيرىلىك بولغان كەلگۈسىدىن ئۈمۈدۋارمىز. " پەقەت كاپىر قەۋملا اللە نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمۈتسىزلىنىدۇ."
ئەمدىكى گەپ ، ئۇيغۇرلار زاۋاللىققا يۈز تۇتىۋاتامدۇ قانداق؟ شۇنداق بولسا بۇنى تىزلەتكۈچى تۈپكى ئوبىكتىپ ئامىللار بىزدىكى ئىللەتلەرمۇ؟ قايسى ئىللەتلەر دىگەن سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەش بولدى. زاۋاللىق دىگەن يوقۇلۇش دىگەن سۆز. بۇ ياكى مەلۇم بىر تەبى ئاپەت ، ئۇرۇش تۈپەيلىدىن قىرىلىپ تۈگەش ياكى بولمىسا مىللەت ئۆزىگە تەۋە بولغان مىللى ئاڭ، ئىتىقاد ۋە تەپەككۇر خاسلىقى(تىل)نى يوقۇتۇپ ، پۈتۈنلەي باشقا قەۋم كىشىللىرىگە سىڭىپ كىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئالدىنقى ئىھتىماللىقنى ئويلاشمىساقمۇ بولىدۇ. كىيىنكى ئىھتىماللىق تا تەپەككۇرىمىزنى ئۆزلۈك، خاسلىق ۋە ئىتىقاد قا مەركەزلەشتۈسەك، مەسىلىنىڭ مۇشۇ نوختىلاردىن تۇغۇلىدىغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز. بىز كۆپىنچىللىرىمىز تىلغا ئېلىپ قاخشاپ كىلىۋاتقان مەسىللەر دەل تىلنىڭ ئەبجەشلىكى ۋە خىرىسقا دۇچ كىلىشى، ئىتىقادنىڭ سۇسلىششى ، مىللى ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنىڭ يوقۇلىشى ... قاتارلىقلاردۇر. خەلقىمىزنىڭ %60نى دىھقانلار%30نى ئاددىي شەھەر پۇخرالىرى %10 نى زىيالىيلار تەشكىل قىلىدۇ دەپ پەرەز قىلساق ، خەلىقنىڭ قايسى يۈنىلىشكە تەرەققىي قىلىشىنى شۇ %10 زىيالىيلار قوشۇنى بەلگىلىيەلەيدۇ. تىل ، دىننى ئىتىقاد ۋە مىللى ئۆرپ-ئادەتلەر يىزىلاردا، دىھقانلار ئارىسىدا بىرقەدەر ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ. كىمدۇر بىرى " دىھقىنى بار مىللەت ھەرگىز يوقالمايدۇ" دەپتىكەن. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا يوقۇلۇش نسىبىتى ھىچ بولمىغاندا %60 ئازايدى دىگەن گەپ. ئاددىي شەھەر پۇخرالىرىغا كەلسەك ، تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە ئاز-تولا ئارلىشىش مەۋجۇت بولسىمۇ بۇ ئومومىيۈزلۈك بىر مەسىلە ئەمەس. ئۇلار ئاساسەن زىيالىيلار قوشۇننىڭ پىكىر ئىقىمىغا ئەگىشىدۇ.ئەمدى گەپ زىيالىيلاردا قالدى. ئۇلار ھازىر قانداق؟مەسىلە شۇلاردىن كۆرىلىۋاتىدۇ دىسەك ئەمسە زىيالىيلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ياكى تەڭدىن تولىسى چۈشكۈنلەشتىمۇ ياكى خاتا پىكىر ئېقىمىغا كىرىپ قالدىمۇ؟! ياق ئۇنداق ئەمەس ، مىنىڭچە ھازىر ھەممىنىڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقىنى مۇشۇنداق مىللەت ھەققىدىكى پاراڭلار . مۇنبەر يۈزىدە ئاۋات بولىۋاتقانلىقى بۇنى بەلگىلىك دەرجىدە ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ...
بەزى ناچار ئىللەتلەر ھەقىيقەتەنمۇ بىزدە مەۋجۇت لىكىن بۇ ئىللەتلەر ۋە مەسىللەر يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا خاس ئەمەس. دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدىكى ئادەملەر ئارا بۇنداق ناچار قىلمىش خاھىشلار ئومومىيۈزلۈك مەۋجۇت. بۇنىڭدا شۇ مىللەت ئومومى خەلقى ئىچىدە ئىگەللىگەن نىسبەتكە قارايمىز. ئەگەر بۇ نىسپەت قىممەت بىر ئوتتۇرىچە قىممەتتىن بەك چەتنەپ كەتسە بۇنى شۇ خەلىققە نىسبەتەن بىر ئىجتىمايى مەسىلە دىسەك بولىدۇ. بۇنى ھىچكىم سىلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ باققىنى يوق. شۇڭا قىسمەن ناچار ئىللەتلەرنى مىسالغا ئېلىپلا مىللەت زاۋاللىق يۈزلىنىشىدە دىيىش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
مەسىللەرگە سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى بىلەن قارىساق، زادى نىمە ئۈچۈن بۇنداق مەسىللەر كىلىپ چىقىدۇ؟ ئۇنى بىز ھەل قىلالايمىزمۇ يوق؟ دىگەن سۇئاللار تۇغۇلىدۇ.ئۇنى تاشقى ۋە ئىچكى تەرەپلەردىن ئىزدەيمىز. ئۆزىمىزدىكى سەۋەپلەرنى بىز تېپىپ چىقىپ ھەل قىلساق بولىدۇ. تاشقى سەۋەپنى ھەل قىلىش ئاددىي ئەمەس ئەلبەتتە... بىراۋنىڭ بەدىنى كىسەللىك ئامىللىرى تۈپەيلىدىن ئەيىپ نوخسانلار بىلەن تولۇپ كەتكەن بولسا بىز " سەن زادى مۇشۇنداق كىسەلمەن! سەن ساقايماي ئۆلىسەن! " دىسەك بۇ بىزنىڭ قارغىش ۋە شۇملۇقىمىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇ كىسەلنى كۈچەيتسە كۈچەيتىدۇكى ھەرگىز ياخشى ئۈنۈم بەرمەيدۇ
http://bbs.uzkiz.com/read.php?tid=8208