ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ!
يېقىندىن بۇيان بەزى مۇنبەرلەردە «ئېشەك ياخشىمۇ بېكھاممۇ» دىگەن تىمىنى چۆرىدەپ نۇرغۇنلىغان تىما ئىنكاسلار بۇلۇندى. تورداشلار بۇ توغۇرلۇق ھەرخىل پىكىرلەرنى بايان قىلدى. كۆپىنچىلىرىمىز بۇ تىمىغا دىننىي تەرەپتىن سۆزلەپ ئىنىق دەلىلسىز ھالدا نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنى قىلىشتى.
خوش...
قېنى ئۇنداقتا دىنىمىزدا ئېشەك توغۇرلۇق نېمىلەرنى دەپتۇ؟ بېكھام (بارلىق دىنسىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) توغۇرلۇق نىمە دەپتۇ؟ ئىشەك ياخشىمۇ ياكى بېكھاممۇ؟ بىز قىسقىچە بىر ئىزدىنىش ئېلىپ بارايلى.
ئىشەك بولسا ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارغا نىئىمەت قىلىپ بىزگە خىزمەت قىلدۇرۇش يۈزىسىدىن بويسۇندۇرۇپ يارىتىپ بەرگەن مەخلۇقلىرى قاتارىدىن...
ئىشەك قۇرئانى كەرىمدىمۇ بىر نەچچە ئۇرۇندا تىلغا ئېلىنغان.
بىز ئىشەك تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەرگە قاراب باقايلى.
ئاللاھ ياخشى بەندە لوقمان ھەكىمنىڭ ئۆز ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتىنى زىكىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ { ئوتتۇر ھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زىرىكەرلىكى ئىشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر}سۈرە لوقمان 9.ئايەت
بۇ يەردىكى ئاۋازنى ئىشەكنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىتىش يۇقرى ئاۋازنىڭ ھاراملىقىنى،ھەم ناھايتى چوڭ ئەيپ ئىكەنلىكىنى بىلدرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئىشەكنىڭ ئىنتايىن ئەيپناك ھايۋان ئىكەنلىگە ئىشارەت قىلنىدۇ.
يەنە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ{دۇزاخ ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگەن چاغدا،ئۇلار دۇزاخنىڭ غەزەپتىن قاينىغان،ۋە (ئىشەكتەك) ھاڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ} سۈرە فۇرقان 12.ئايەت
يەنە مۇنداق دەيدۇ{ئۇلار (يەنى كاپىرلار) دەۋزەخكە تاشلانغان چاغدا، قايناپ تۇرغان دۇزاخنىڭ (ئىشەك ھاڭىرغاندەك) سەت ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ.دۇزاخ غەزەپتىن پارچىلىنىپ كىتىشكە تاس قالىدۇ} سۈرە مۈلك 7.8ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى
يۇقارقى ئايەتلەردىمۇ ئىشەكنىڭ ئاۋازىنىڭمۇ ئىنتايىن قەبىھ ئىكەنلىكىنى،ۋە «ئىشەك» سۆزىنىڭ دىنسىزلار كىرىدىغان دۇزاخنىڭ يېقىمسىزلىقىنى ئىپادىلەشتە تەشبىھ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلۋالالاليمىز.
يەنە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ{تەۋراتنى كۈتۈرۈشكە (يەنى ئەمەل قىلىشقا)تەكلىپ قىلىنغان،ئاندىن ئۇنى كۈتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بىرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ،ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئىشەككە ئوخشايدۇ.(يەنى پايدىلىق چوڭ-چوڭ كىتابلارنى ئۇستىگە ئارتىۋالغان.چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئىشەككە ئوخشايدۇ) ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نىمە دىگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋملەرنى ھىدايەت قىلمايدۇ.} سۈرە جۇمۇئە 5.ئايەت.
بۇ ئايەتتە ئەھلى كىتابلارنىڭ يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر بىرىلگەن بۇلۇپ بۇلار ئاللاھ تەرپىدىن چۈشۈرۈلگەن كىتاب تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا بۇيرىغان بولسىمۇ ئەمەل قىلماي يۇرگەن يەھۇدىيلارنى يۈك كۈتۈرۋالغان،ئەمما ئۇستىدە نىمە بارلىقىنى ھىس قىلالمايدىغان پەقەتلا ئېغىر بىر نەرسىلەرنىڭ ئارتىلغانلىقىنى ھىس قىلالايدىغان ئىشەككە ئوخشىتىدۇ.
يەھۇدىيلار تەۋراتنى ياد ئېلىپ كۈتۈرشۈپ يۇرىيدۇ ئەمما ئۇنىڭغا بويسۇنمايدۇ.ھەتتا تەۋراتتىكى ئىلاھىي قانۇنلارنى ئۆز رەئىيىگە ماس ھالدا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.بۇلارنىڭ ھالى ئىشەكتىنمۇ بەتتەرراقتۇر. چۈنكى ئىشەكتە ئەقىل يوق. يەھۇدىيلاردا ئەقىل بار تۇرۇپ ئۇنى ئىشلىتەلمەيدۇ.
مانا يۇقارقى ئايەتتە ئىشەكنىڭ نەقەدەر ئەخمەق نەقەدەر ئەقىلسىز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ھەمدە «ئىشەك» سۈزىنى پەقەت كاپىر،يەھۇدىي... قىسقىسى دۇزىخىلارنىڭ سۈپىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئەمما دىنغا ئىشەنمەيدىغانلارنى ،ئاللاھنىڭ دىينىنى سۈكىدىغانلارنى ئىشەكتىنمۇ ئەخمەق،ئەقىلسىز،نادان دەپ تەرپلەيدۇ.
رەسۇلۇللەسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىشەك توغرىسىدىكى ھەدىسلىرىغا قاراب باقايلى.
ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلنىدۇ. رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن«سىلەر بېشىڭلارنى ئىمامدىن بۇرۇن كۇتۇرۋېلىپ ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ بېشىڭلارنى ئىشەكنىڭ بېشىغا،ياكى سۈرتىڭلارنى ئىشەكنىڭ سۈرتىگە ئايلاندۇرۇپ قۇيشىدىن قورقمامسىلەر؟؟؟!!!» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
بۇ ھەدىستە كىشىلەرنى ناماز ئوقۇغاندا رۇكۇدا،سەجدىدە،قىيامغا تۇرغاندا ئىمامدىن بۇرۇن تۇرۇپ كەتسە سۈرتىنىڭ،ياكى بېشىنىڭ سۈرتىنىڭ ۋە ياكى يۈزىنىڭ سۈرتىنىڭ ئىشەكنىڭ سۈرتىدە بۇلۇپ قالىدىغانلىقى بىلەن كىشىلەرنى بۇنداق قىلىشتىن بەكلا ئىھتىيات قىلدۇرغان. بۇ ھەدىستىمۇ گۇناھ بۇلىدىغان ئىشلارنى ئىشەككە تەشبىھ قىلغان.
يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە ئىشەكنىڭ يامان تەرپىلا تىلغا ئېلىنغان. ئىشەك ئەڭ كۈرۈمسىز بەتئەخلاق ئىشقىلىپ ناچارلىقلارنىڭ ھەممىسى تېپىلىدىغان ھايۋان بولغاچقا ئۇنى يامان ئىشلارغا تەشبىھ قىلغان.
يۇقارقىلار«ئىشەك»نىڭ ئەسكى تەرەپلىرى.
ئەمدى ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگىمۇ قاراب باقايلى.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ{ئاللاھ ئاتنى،خېچىرنى،ئىشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى.ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارتىدۇ}(سۈرە نەھىل 8.ئايەت)
ئات،ئىشەك،خېچىر قاتارلىقلار ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە مىنىش،ۋە زىننەتلىنىش ئۈچۈن يارتىپ بەرگەن چارۋا-ماللارنىڭ يەنە بىر تۈرى بۇلۇپ ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۇلار بىلەن ئىھسان قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ھايۋانلارنى مىنىش ۋە زىننەت ئورنىدا پايدىلىنىش مەقسەتلەرنىڭ چوڭراقىدۇر.(ئىمام ئەبۇھەنىفە رەھىمەھۇللە مۇشۇ ئايەتكە قاراپ ئات گۆشىنىمۇ ئىشەك ۋە خېچىر گۆشىگە ئوخشاشلا ھارام دەپ ھۇكۇم قىلغان. ئاخىردا ئاللاھنىڭ توغرىنى بىلدۇرشى بىلەن ۋاپات بۇلۇشتىن 3كۇن ئىلگىرى ئات گۆشى ھالال دەپ بۇرۇنقى ھۇكۇمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان)
ئابدۇللاھ ئىبنى جابىر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ«پەيغەمبىرىمىز ئىشەك گۆشىنى يىيىشتىن توستى.ئات گۆشىنى يىيىشكە رۇخسەت قىلدى» مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇ ھەدىسنى شەرھلىگۈچىلەر«ئىشەك رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم قاتناش قۇراللىرىدىن ئىدى. شۇڭا ئىشەكنىڭ ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشەك گۈشىنى يىيىشتىن توستى» دەيدۇ.
يۇقارقى ئايەتتە ئاللاھ ئىشەكنى بىز بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى ئالاھىدە زىكىر قىلغان.
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئىشەككە مىنىپ بەزى سەپەرلەرنى قىلغان. ھەتتا ئىشەك ئۇستىدە تۇرۇپ نامازمۇ ئوقۇغان. بۇ توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسكە قاراب باقايلى.
«ئەنەس ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن. بىركۇنى ئۇ ئىشەك ئۇستىدە تۇرۇپ قىبلىغا قارىماي ناماز ئوقۇپ ماڭغىنىدا بىر كىشى: مەن سىنىڭ قىبلە تەرەپكە قارىماي ناماز ئوقۇغۇنىڭنى كۆردۇم دىدى. ئەنەس(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مەنمۇ رەسۇلۇللە سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇشۇنداق قىلغانقىنى كۆرمىگەن بولسام بۇنداق قىلمايتتىم.دىدى» بۇخارى رىۋايەت قىلغان
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىشەككە مىنگەن ۋە ئۇسامە ئىبنى زەيدنى كەينىگە مىندۇرۋالغان ئىدى بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
«بەنى قۇزەيرە قەبىلىسى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغاندا ئۆزلىرى ئۈچۈن ھۈكۈم قىلىشقا سەئىد ئىبنى مۇئاز (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن. ئۇنىڭ دەرىجىىسى ئەبۇبەكرى سىددىق (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن.) بىلەن ئوخشاش ئىدى)نى تەلەپ قىلىشتا. رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتتى.
سەئىدئىبنى مۇئاز ئىشىكىگە مىنىپ كەلدى. ئۇ مەسچىتكە كەلگەندە رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنسارلارغا: تۇرۇڭلار. باشلىقىڭلارنى ئىشەكتىن چۈشۈرۈڭلار(ئۇ كۇنلەردە سەئىدئىبنى مۇئاز يارىدار ئىدى) دىدى....»بۇنىمۇ بۇخارى رىۋايەت قىلغان
ئىشەك ۋە باشقا ھايۋانلارمۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى قاتارىدىندۇر.
بەزى رىۋايەتلەردە (قىسەسۇلئەنبىيادا زىكىر قىلىنغان ۋەقە. سەھىھ زەئىپلىكىنى بىلەيمەن) ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن بىر مەيدانغا ئۇتۇن يىغىشقا بارلىق كىشىلەرنى يىغىپتۇ. ۋە ئۇتۇن يىغىپ ئاتقا ئارتىپتۇ. ئات ماڭغىلى ئۇنىماپتۇ.ئىشەككە ئارتىپتۇ،ئىشەكمۇ يېتۋېلىپ ماڭغىلى ئۇنىماپتۇ. خېچىرقا ئارتقانىكەن سوكۇلداپ مېڭىپ كىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خېچىرغا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بەددۇئا قىلىپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قېچىر تۇغماس بۇپ قاپتىمىش
مانا بۇ قىىسىنى توغرا دەپ ئىتىبارغا ئالساق ئىشەكنىڭمۇ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى كۈرۋالغىلى بۇلىدۇ. يەنە شۇ كىتابتا جەننەتكە كىرىدىغان بەش دانە ھايۋاننى زىكىر قىلىپ سالىھ ئەلەيھى سالامنىڭ تۈگىسى،ياقۇپ ئەلەيھىسالامنىڭ بۆرىسى،ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئىشىكى،ھەزىرتى ئەلى (ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى نۇرلۇق قىلۋەتسۇن)نىڭ دۇلدۇلى.. قاتارلىقلار جەننەتكە كىرەرمىش.(ئەگەر مۇشۇ قىسسە راست بۇلىدىغان بولسا. ئەمما مەن بۇ توغۇرلۇق سەھىھ ھەدىسنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن.)
يۇقارقى مەزمۇنلاردا ئىشەكنىڭ پىترىتىنىڭ دۇرۇسلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئەمدى دىنسىز،مۇشرىكلارچۇ؟ بۇلار قانداق ئادەملەر؟
ئاللاھ بۇلار توغۇرلۇق مۇنداق دەيدۇ{ئى مۆئمىنلەر! مۇشرىكلار(ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى،ۋە ئۇلارنىڭ ئىتقادى بۇزۇق بولغانلىقى ئۈچۈن) پەقەت نىجىستۇر}(سۈرە تەۋبە 28.ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
بۇ يەردە ئاللاھ دىنسىزلارنى،مۇشرىكلارنى نىجىس دەپ ئىپادىلىگەن.
ئەمما ئىشەكنى ھېچقانداق يەردە نىجىس دىمىگەن. ھەتتا بەزى ھەدىسلاردا ئىشەك ئىچىپ قالغان سۇدا تاھارەت ئالسا بۇلىدىغانلىقى توغۇرلۇقمۇ بىر قىسىم بايانلار كەلگەن.
قانداق!ئىشەك ياخشىمىكەن ياكى بىخكاممۇ؟
ھايۋان،دەل-دەرەخ،ئوت-چۆپ،ئاسمان-زىمىن،ئاي-يۇلتۇز،قۇياش قاتارلىق بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقى ۋە سەجدە قىلىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئايەت چۈشۈرگەن.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ{بىلمەمسەنكى،ئاسماندىكىلەر(پەرىشتىلەر)زىمىندىكىلەر(ئىنسانلار،جىنلار ۋە زىمىندا ياشايدىغان بارلىق مەخلۇقاتلار)كۈن،ئاي،يۇلتۇزلار،تاغلار،دەل-دەرەخلەر،ھايۋاناتلار(ئاللاھقا بويسۇنۇپ ئاللاھنىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بۇيىچە ھەركەت قىلىدۇ)ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ.....(بۇ سەجىدە ئايىتى بۇلۇپ سەجدە قىلىش زۇرۇردۇر. سۈرە ھەجدە ئىككى يەردە سەجدە ئايىتى بارلىقى ھەمدە كىشىلەرنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى توغۇرلۇق سەھىھ ھەدىس بار.) سۈرە ھەج 18.ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
بۇ ئايەتتە دۇنيانىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئاللاھقا بويسۇنۇپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقى،ۋە ئاللاھقا سەجدە قىلىدىغانلىقى ئىسباتلانغان.
جۈملىدىن ھايۋانلار چوڭ ئائىلىسىدىن بولغان ئىشەكمۇ ئاللاھقا سەجدە قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دىمەك بىز ئەڭ يامان كۆرىدىغان كىشىلەرنى ئەڭ قاتتىق ھاقارەت قىلماقچى بولساق تىلغا ئالىدىغان «ئىشەك» دىگەن مەخلۇقنىڭمۇ ئاللاھنى تۇنۇيدىغانلىقى،ئاللاھقا سەجدە قىلىدىغانلىقى ئاللاھتىن قورقۇدىغانلىقى چىقىدۇ.
قانداق! ئاللاھنى تۇنۇمايدىغان،ئۇنىڭغا سەجدە قىلمايدىغان دىنسىز بولغان بىخكام ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى ياخشىمۇ ياكى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقمايدىغان ئاللاھقا سەجدە قىلىدىغان ئىشەك ياخشىمۇ؟
مۇسۇلمانلار ياخشى بىلەن ياماننى پەقەتلا ئىمان-ئىتقاد بىلەنلا ئۆلچىشى كىرەك. بۇ ئسلامنىڭ تەلىپى.
قىيامەت كۈنى بىزلەر ئىشەكتىن ياخشى دەپ يۈرگەن كىشىلەر ئىشەك بۇپ كىتىشنى ھايۋان بۇلۇشنى قاتتىق ئارزۇ قىلىپ كىتىدۇ.(مېنىڭ بىر ماتېرىيالدىن كۆرۈشۇمچە بېكھام بەدىنىگە ئىسلام دىنىنى ھاقارەتلەيدىغان چەكمىلەرنى چەكتۇرگەنمىش.ئەگەر مۇشۇ راست بولىدىغان بولسا ۋە بۇ دۇنيادىن تەۋبىسىز ئىمانسىز ھالەتتە كىتىدىغان بولسا شۇ ھۆرمەتلىك بېكھاممۇ ئىشەك بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىپ كىتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۈزى يىتەرلىك.
{قىيامەت كۈندە كىشى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر:«كاشكى مەن تۇپراق بۇلۇپ كەتسەمچۇ»دەيدۇ}(سۈرە نەبەئ 40.ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
سەھىھ ھەدىسلەردە كىلىشىچە قىيامەت كۈنى بولغاندا جىمى جانلىقلار يىغىلىپ بولغاندا ئاللاھ ھايۋانلارنىڭ بىر-بىرىنى بۈزەك قىلغانلاردىن قىساسىنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن تۇپىغا ئايلاندۇرۋېتىدىكەن. ئۇلار ئازاپمۇ كۆرمەيدىكەن،ھالاۋەتمۇ كۆرمەيدىكەن. دۇزاخقا ھۈكۈم قىلىنغان كاپىرلار«مەنمۇ شۇ ھايۋانلاردەك تۇپىغا ئايلىنىپ كەتسەمچۇ» دەپ ئارزۇ قىلىپ قالىدىكەن.
قېرىنداشلار!دىنسىزلارنىڭ ھالى شۇنداق بۇلىدۇ. بىز دەلىلسىز ھالدا ئۆز رەئيىمىز بۇيىچە ئۇنى ياخشى بۇنى ئەسكى دەپ باھالىشىمىز بىزگە ياراشمايدۇ. بىز پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن ماختايمىز.ئاللاھ ئۈچۈن سۈكىمىز. ھەرقانداق بىر باھالاشتا ئىسلام نىزاملىرىنى تۇتقۇ قىلىمىز. مانا بۇ ھەقىقى مۇسۇلمانلارنىڭ يۇلى!
تىما ئۇزراپ كەتتى. مۇشۇ يەرگىچىلىك بولسۇن.
خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا كۆرسىتىپ قۇيشىڭلارنى سۇرايمەن.
تەييارلىغۇچى: ئىسلام ئۇزۇقلىرى تورىدىن-ئۇزۇق
[ بۇ يازمىنىgeneral 2011-10-17 23:12قايتا تەھرىرلىدى ]