باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 956 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۇرسام...........
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8965
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 43
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە43دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 511 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-15
ئاخىرقى: 2011-11-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 23:04

تۇرسام...........

]تۇرسام................



قانداق باراي ئالدىڭغا بوۋا،چىرىغىڭنى ئۆچۈرگەن تۇرسام،
سەن قالدۇرغان ئەنئەنىنى ئائىلىدىن كۆچۈرگەن تۇرسام.
ئۆزۈم ئەمەس ھاتتا بالامنى شۇ ئىشلارغا كۆندۈرگەن تۇرسام،
خازان قىلىپ بىغىڭنى تامان مەن شۈمبۈيا ئۈندۈرگەن تۇرسام.



ئۇسۇل ئويناپ ياتلار دېپىغا تەمبۇرۇڭنى سۇندۇرغان تۇرسام،
ھاياسىزلىق يامان ئەخلاقنى مىھمان قىلىپ قوندۇرغان تۇرسام.
بوۋاڭ ئىزى قېنى دىگەننى ھەسرەت بىلەن ياندۇرغان تۇرسام،
ئەۋلادىمنى ئەجداتلىرىدىن بىلىندۇرمەي تاندۇرغان تۇرسام.



بوۋا كىيگەن چەكمەن تونوڭنى،ئوتقا تاشلاپ كۆيدۇرگەن تۇرسام،
بۇ ئىشىمدىن مودا پەرەسنى خوشال قىلىپ كۈلدۈرگەن تۇرسام.
كەيگىم كەلمەس بادام دوپپاڭنى،ئۇنى ئۆيدە قالدۇرغان تۇرسام،
پەردازخاندا چىچىمنى شۇنداق مودا شەكىل ئالدۇرغان تۇرسام.



ئەتلەس كۆينەك كەيمەس خوتونۇم،«نىيۇزەيكۇ»غا كۆندۇرگەن تۇرسام،
سۇمبۇل چىچى قېنى دىمىگىن ئۇنى ئۆزۈم كەستۇرگەن تۇرسام.
«شىيۇۋشەن»يۇردەپ خوتون قىزىمنى كونىلىقتىن تەزدۇرگەن تۇرسام،
ياغلىقىنى سورىما بوۋا ، ئەركىنلىكتە كەزدۇرگەن تۇرسام.



بۇ ئىشلارنى يامان كۆرىسەن لىكىن ئۆزۈم ئۇگەتكەن تۇرسام،
بايراقدارى بولوپ دەۋىرنىڭ ئەجدات نامى تۇگەتكەن تۇرسام.
بوۋىلارنى نادانغا جوراپ، يىڭى يوللار كۆرسەتكەن تۇرسام،
ئۇنتۇلدۇرۇپ ئانا تىلىنى ياتلار سۆزى سۆزلەتكەن تۇرسام.



قانداق باراي ئالدىڭغا بوۋا كۆپ خاتانى باشلىغان تۇرسام،
سېنى تاشلاش بىلەن ئاقىۋەت ئۆزەمنىمۇ تاشلىغان تۇرسام.
سەندىن قالغان مەندە يوقالدى،مەن مۇشۇنداق زارلىغان تۇرسام،
مىنى كىممۇ ئەزىزلىرىم دەر مەن سىلەرنى خارلىغان تۇرسام.



ئاپتۇرى: شىرئەلى ئابدىرھىم،(رۇقسىتىمسىز كۆچۆرۈشكە قەتئى بولمايدۇ)
ھايات بىر مەيدان ئويۇن،سەن پەقەت ئويۇنچى خالاس
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2849
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 387
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە387دانە
ئۆسۈش: 1290 %
مۇنبەر پۇلى: 3072 سوم
تۆھپىسى: 10 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2011-11-29
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 04:23

ئېسىل شېئىر بولۇپتۇ ،داۋاملىق تىرىشىڭ !!! كۆزىمىز يولىڭىزدا
مۇھەببەتنى چۇشەنگەنلەر، سۆيگۈنى مەڭگۇ قەدىرلەيدۇ!