查看完整版本: [-- تۇرسام........... --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> تۇرسام........... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

pida.n 2011-10-16 23:04
]تۇرسام................



قانداق باراي ئالدىڭغا بوۋا،چىرىغىڭنى ئۆچۈرگەن تۇرسام،
سەن قالدۇرغان ئەنئەنىنى ئائىلىدىن كۆچۈرگەن تۇرسام.
ئۆزۈم ئەمەس ھاتتا بالامنى شۇ ئىشلارغا كۆندۈرگەن تۇرسام،
خازان قىلىپ بىغىڭنى تامان مەن شۈمبۈيا ئۈندۈرگەن تۇرسام.



ئۇسۇل ئويناپ ياتلار دېپىغا تەمبۇرۇڭنى سۇندۇرغان تۇرسام،
ھاياسىزلىق يامان ئەخلاقنى مىھمان قىلىپ قوندۇرغان تۇرسام.
بوۋاڭ ئىزى قېنى دىگەننى ھەسرەت بىلەن ياندۇرغان تۇرسام،
ئەۋلادىمنى ئەجداتلىرىدىن بىلىندۇرمەي تاندۇرغان تۇرسام.



بوۋا كىيگەن چەكمەن تونوڭنى،ئوتقا تاشلاپ كۆيدۇرگەن تۇرسام،
بۇ ئىشىمدىن مودا پەرەسنى خوشال قىلىپ كۈلدۈرگەن تۇرسام.
كەيگىم كەلمەس بادام دوپپاڭنى،ئۇنى ئۆيدە قالدۇرغان تۇرسام،
پەردازخاندا چىچىمنى شۇنداق مودا شەكىل ئالدۇرغان تۇرسام.



ئەتلەس كۆينەك كەيمەس خوتونۇم،«نىيۇزەيكۇ»غا كۆندۇرگەن تۇرسام،
سۇمبۇل چىچى قېنى دىمىگىن ئۇنى ئۆزۈم كەستۇرگەن تۇرسام.
«شىيۇۋشەن»يۇردەپ خوتون قىزىمنى كونىلىقتىن تەزدۇرگەن تۇرسام،
ياغلىقىنى سورىما بوۋا ، ئەركىنلىكتە كەزدۇرگەن تۇرسام.



بۇ ئىشلارنى يامان كۆرىسەن لىكىن ئۆزۈم ئۇگەتكەن تۇرسام،
بايراقدارى بولوپ دەۋىرنىڭ ئەجدات نامى تۇگەتكەن تۇرسام.
بوۋىلارنى نادانغا جوراپ، يىڭى يوللار كۆرسەتكەن تۇرسام،
ئۇنتۇلدۇرۇپ ئانا تىلىنى ياتلار سۆزى سۆزلەتكەن تۇرسام.



قانداق باراي ئالدىڭغا بوۋا كۆپ خاتانى باشلىغان تۇرسام،
سېنى تاشلاش بىلەن ئاقىۋەت ئۆزەمنىمۇ تاشلىغان تۇرسام.
سەندىن قالغان مەندە يوقالدى،مەن مۇشۇنداق زارلىغان تۇرسام،
مىنى كىممۇ ئەزىزلىرىم دەر مەن سىلەرنى خارلىغان تۇرسام.


ئاپتۇرى: شىرئەلى ئابدىرھىم،(رۇقسىتىمسىز كۆچۆرۈشكە قەتئى بولمايدۇ)

رەشىدە 2011-10-17 11:05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .  ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.  مۇشۇنداق ياخشى شىېئىرلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.

dulbarqin310 2011-10-17 12:59
ھەقىقەتەن ياخشىكەن. داۋاملىق بىزنى داخىل قىپ تۇرۇڭ مۇشۇنداق شېئرلاردىن ھە.

sayram888 2011-10-19 04:23
ئېسىل شېئىر بولۇپتۇ ،داۋاملىق تىرىشىڭ !!! كۆزىمىز يولىڭىزدا

تاش 2011-10-19 11:52
قانداق باراي ئالدىڭغا بوۋا،چىرىغىڭنى ئۆچۈرگەن تۇرسام،(18بۇغۇم)
سەن قالدۇرغان ئەنئەنىنى ئائىلىدىن كۆچۈرگەن تۇرسام.(17بۇغۇم)
ئۆزۈم ئەمەس، ھاتتا بالامنى شۇ ئىشلارغا كۆندۈرگەن تۇرسام،(18بۇغۇم)
خازان قىلىپ بېغىڭنى تامان مەن شۇمبۈيا ئۈندۈرگەن تۇرسام.(18بۇغۇم)



ئۇسسۇل ئويناپ ياتلار دېپىغا، تەمبۇرۇڭنى سۇندۇرغان تۇرسام،
ھاياسىزلىق يامان ئەخلاقنى مېھمان قىلىپ قوندۇرغان تۇرسام.
بوۋاڭ ئىزى قېنى دىگەننى ھەسرەت بىلەن ياندۇرغان تۇرسام،
ئەۋلادىمنى ئەجداتلىرىدىن بىلىندۇرمەي تاندۇرغان تۇرسام.



بوۋا كىيگەن چەكمەن تونىڭنى،ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرگەن تۇرسام،
بۇ ئىشىمدىن مودا پەرەسنى خۇشال قىلىپ كۈلدۈرگەن تۇرسام.
كەيگىم كەلمەس بادام دوپپاڭنى،ئۇنى ئۆيدە قالدۇرغان تۇرسام،
پەردازخانىدا چېچىمنى شۇنداق مودا شەكىل ئالدۇرغان تۇرسام.(19بۇغۇم)



ئەتلەس كۆينەك كەيمەس خوتونۇم،«نىيۇزەيكۇ»غا كۆندۈرگەن تۇرسام،(19بوغۇم)
سۇمبۇل چېچى قېنى دىمىگىن، ئۇنى ئۆزۈم كەستۈرگەن تۇرسام.
«شىيۇۋشەن»يۈر دەپ خوتۇن، قىزىمنى كونىلىقتىن(ئەنئەنىدىن) تەزدۈرگەن تۇرسام،(19بۇغۇم)
ياغلىقىنى سورىما بوۋا ، ئەركىنلىكتە كەزدۈرگەن تۇرسام.



بۇ ئىشلارنى يامان كۆرىسەن، لېكىن ئۆزۈم ئۈگەتكەن تۇرسام،
بايراقدارى بولۇپ دەۋىر(دەۋر)نىڭ ئەجدات نامى تۈگەتكەن تۇرسام.
بوۋىلارنى نادانغا جوراپ، يىڭى يوللار كۆرسەتكەن تۇرسام،
ئۇنتۇلدۇرۇپ ئانا تىلىنى ياتلار سۆزى سۆزلەتكەن تۇرسام.



قانداق باراي ئالدىڭغا بوۋا، كۆپ خاتانى باشلىغان تۇرسام،
سېنى تاشلاش بىلەن ئاقىۋەت ئۆزەمنىمۇ تاشلىغان تۇرسام.
سەندىن قالغان مەندە يوقالدى،مەن مۇشۇنداق زارلىغان تۇرسام،
مېنى كىممۇ ئەزىزلىرىم دەر، مەن سىلەرنى خارلىغان تۇرسام.


شېئىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ. ئازراق پىششىقلىساق تېىىمۇ ياخشى بولغۇدەك، تەڭ ئىزدىنەيلى، قېرىندىشىم!

pida.n 2011-10-23 22:29
رەھمەت قېرىندىشىم، مەن گېپىڭىزنى چوقوم نەۋرە ئېنىمغا يەتكۈزىمەن، بۇ شېئىر ئۇنىڭ تۇرمىدە يازغان ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسىمى.


查看完整版本: [-- تۇرسام........... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.045746 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us