باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1179 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 952 %
مۇنبەر پۇلى: 970 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2011-12-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 09:41

18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»

  


  
        18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى «كوئېنلۇن مېھمانسارىيى»دا غەلبىلىك ھالدا ئېچىلدى.يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت، ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل خالىق، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پارتىگۇرۇپپا شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن،ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان،ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرى رەئىسلىرى غازى ئەھمەد، ھېيتەم ھۆسەيىن، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، ئېركەش قۇرمانبەك،دوڭ لىبو قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى،شائىرلار، مۇھەررىر، ئەدەبىي تەرجىمانلار ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
     يىغىنغا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم،ئاپتۇنوم رايۇننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ يازما سۆزىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرى رەئىسى ھېيتەم ھۆسەيىن، ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرىشىت، تۆمۈر داۋامەت، ئىسمايىل ئەھمەد، قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنغا ئەۋەتكەن تەبرىك خەتلىرى ئوقۇپ ئۆتتى ھەم ھەرقايسى ئورۇنلاردىن كەلگەن تەبرىكنامىلەر ئېلان قىلىندى.
   يىغىندا 18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى باھالاش ھەيئىتىنىڭمۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى.ئاندىن مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە 6000 يۇەن نەق پۇل تارقىتىپ بېرىلدى. ئەكپەر ئىمام كۆكبۆرە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ كۆڭۈل ئىزھارىنى ئىپادىلىدى.
ئاخىرىدا ئاپتونوم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھىم سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەدىپلەردىن كۈتىدىغان تەلەپ ۋە ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قوشۇمچە:

18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ ئىسىملىكى

1. «536-بېكەتتىكى قار ناخشىسى»         (ھېكايە)     ئەكپەر ئىمام كۆكبۆرە «تارىم» ژۇرنىلى 2009-يىل 3-سانى
2.«تەنھا بۆرە»                         (پوۋېست)         مامۇت داۋۇت   «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى 2010-يىل6-سانى
3.«ئانا»                                      (ھېكايە)         نۇرگۈل ئەبەي  «تارىم» ژۇرنىلى 2010-يىل 1-سانى
4.«سەھرالىق ئاتا»                         (پوۋېست)      ئابدۇراخمان ئەزىز  «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2009-يىل4-سانى
5.«مۇقام ھەققىدە»                              (ماقالە)     سەمەت دۇگايلى «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى2009-يىل5-6-سانى
6.«ئاقسۇ خاتىرىلىرى»                            (شىئېر)     ئىمىن ئەخمىدى   «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010-يىل4-سانى
7.«توققۇز باياۋان قەسىدىسى»             (شىئېر)    ئابدۇلئەھەد ئىسمايىل  «قەشقەر» ژۇرنىلى2009-يىل4-سانى
8.«سەھەردىكى مونۇلۇگ» (تەرجىمە ئەسەر) ئاپتورى:  ھاياتنوپۇس مۇھەممەت، ئەكبەر غۇلام تەرجىمىسى  
«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010-يىل6-سانى


مەنبە -شىنىجاڭ يازغۇچىلار تۇرى -ئەيبۇ ياقۇپ
يۇللۇغۇچى مەتۇرسۇن ئېلى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 281
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە281دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 3385 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-01-06

ئۇيغۇر مەدىنىيەت -سەنئەت ئىشلىرى ئۇچۇن تەر تۇكىۋاتقانلارنى خەلقىمىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ،،،!!!!!!!!!
دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 996
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە996دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10428 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 15:52

7.«توققۇز باياۋان قەسىدىسى»             (شىئېر)    ئابدۇلئەھەد ئىسمايىل  «قەشقەر» ژۇرنىلى2009
بىر ئوقۇپ باقساق بوپ تىكەن يۇرتدىشىمنىڭ ئەسىرنى.
没有共产党,没有新中国