رايونىمىز شىنجاڭدىكى دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تاشيوللارغا سۈرئەت نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىدۇ
ئاپتونۇم رايونىمىز قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە زور قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تاشيوللارغا سۈرئەت نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشنى باشلىدى . نۆۋەتتە تاشيول نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشنىڭ بىرىنجى قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملانغان . يەنى دۆلەت يولى ئۈرۈمچىدىن ___ قورغاسقىچە ، دۆلەت يولى 314-لىنىيىسى ئۈرۈمچىدىن ___ قەشقەرغىچە ، ئۆلكە يولى 215-لىنىيىسى مارالبېشىدىن ___ يەكەنگىچە ، ئۆلكە يولى 201-لىنىيىسى قۇتۇبىدىن ___ قارامايغىچە بولغان يول بۆلەكلىرىگە ئورنىتىلغان سۈرئەت نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن . قالغان لىنىيىگە ئورنىتىلىدىغان سۈرئەت نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى كېلەر يىلغىچە ئورنىتىلىپ بولىدىكەن .
مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى .