查看完整版本: [-- تاشيوللارغا سۈرئەت نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىدۇ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شىنجاڭ خەۋەرلىرى -> تاشيوللارغا سۈرئەت نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىدۇ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۆركەش 2011-10-15 21:16
رايونىمىز شىنجاڭدىكى دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تاشيوللارغا سۈرئەت نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىدۇ
         ئاپتونۇم رايونىمىز قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە زور قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تاشيوللارغا سۈرئەت نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشنى باشلىدى . نۆۋەتتە تاشيول نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشنىڭ بىرىنجى قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملانغان . يەنى دۆلەت يولى ئۈرۈمچىدىن ___ قورغاسقىچە ، دۆلەت يولى 314-لىنىيىسى ئۈرۈمچىدىن ___ قەشقەرغىچە ، ئۆلكە يولى 215-لىنىيىسى مارالبېشىدىن ___ يەكەنگىچە ، ئۆلكە يولى 201-لىنىيىسى قۇتۇبىدىن ___ قارامايغىچە بولغان يول بۆلەكلىرىگە ئورنىتىلغان سۈرئەت نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن . قالغان لىنىيىگە ئورنىتىلىدىغان سۈرئەت نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى كېلەر يىلغىچە ئورنىتىلىپ بولىدىكەن  . مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى .

جەڭچى 2011-10-15 21:37
ياخشى بوپتۇ ،،،قاتناش ھادىسسىنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا كۆپ پايدىسى بار.

ئۆركەش 2011-10-15 21:46
بۇ گىپىڭىز توغرا . لېكىن ئاشۇ يۇشۇرۇن سۈرئەت ئۆلچىگۈچ دىگەن بىر نىمىنى نېرى ئاپارسۇن  

$ئۈمىد$ 2011-10-15 22:06
ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تەربىيە ئاساس ، جەرىمانە قوشۇمچىكەن . بىزنىڭ شىنجاڭدا نىمىشقا جەرىمانە ئاساس ، تەربىيە قوشۇمچە ؟
ئۆتكەن ئايدا ئاكام نىڭبونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا خاتا يۆلۈنۈشتە ماڭغانلىقتىن ، ساقچى تەرىپىدىن توسىۋېلىنغان ، لىكىن ساقچى جەرىمانە قويماستىن ، ئالدىدا ساقچى ماشىنىسى بىلەن يول باشلاپ ، توغرا لىنيەگە ئەكىرىپ قويۇپتۇ . بىزنىڭ شىنجاڭدا ئەگەر بۇنداق قىلىدىغان بولساق ، گەپ قىلمايلا ئالدى بىلەن جەرىمانە تالۇنىنى كىسىدۇ بۇ چۆپچىلەر .
ياخشى سىياسەت بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگىچە ئۆزگىرىپ خەلىقنىڭ قېنىنى شورايدىغان تەدبىرگە ئايلىنىپ قالىدىكەن ، نىمە دىسەك بولا بۇ ئىشلارغا ...............

رىفات 2011-10-15 23:19
ياخشى  تىمىكەن

natsist 2011-10-16 01:12
ھۆكۈمەت بىز پۇقرالارغا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ جۇمۇ

ئۆركەش 2011-10-16 20:25
توغرا .  

sayram888 2011-10-17 06:40
مۇناسىۋەت بولسا يول راۋان !!
كونىلار پۇل تاپىمەن دېسەڭ يول ياسا دەپتىكەن !!  ھازىر پۇلنى تىپ بولدىڭىز ..ئەمدى ئۆزىڭىز ياسىغان يولدا ماڭسىڭىز سەللە قىيىپ كەتسىڭىز ئىسچۇت،تالۇن دېگەنلەر تەييار !! شىنجاڭدا توغرا قاتناش قانۇنى يوق !!

fatih204 2011-10-17 18:31
لىدىن چىقما خاندىن قورقما ،،،،،،،،،

maniwer2010 2011-10-18 19:03
،بۇنى سىياسى نوختىدىنلا ئەمەستارىخى نوختىدىن گۈزەتسەك ،چىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچيۈزيىلغا يېقىن ھۆمىرانلىق جەريانىدا ئچكىرى ئۆلكىدىكى قانخور جىنايەتچىلەرنى،،شىنجاڭغا سۈرگۈن قىلاتتى،،ئۇلارنىڭ بالا-نەۋرە پۇشتىدا شۇلارنىڭ قېنى بار،،،،،،،،ئىنكاسىڭىز ئورۇنلۇق بۇيەردىكى قانۇن ئىجراچىلىرى بىلەن ئچكىرىدىكىلەرنىڭ كەسپى،ئەخلاقى ساپاسىدا پەرق چوڭ

paris 2011-10-18 19:16
بۇنىمۇ بىلىپ قۇيۇش كېرەك.بۇ ئۇرۇنتىلغان ئۇسكۇنلەرنىڭ ھەممىسى ئاشكارە ئىكەن ،
غۇلجا تەرەپلەردە ئاشكارا ئىكەن ،شوپۇرلارمۇ خاتىرجەم كۈرۈپ ماڭىدىكەن ،لىكىن
جەنۇپ تەرەپلەردە مەخپى قويىدىكەن شوپۇرلار كۈپۈنچە ۋاقىتلاردا يۇشۇرۇن قۇيۇلغان
نامەرتلەرنىڭ ئۈسكۇنلەرگە چۈشۇپ قالىدىكەن.


查看完整版本: [-- تاشيوللارغا سۈرئەت نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىدۇ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.047851 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us