

<ئامېرىكا ئەدىلىيە مىنىستىرلىقى 11-ئۇكتەبىر ئامرېكىنىڭ ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلوق باش ئەلچىسىنى قەسىتلەش سۇيقەستىنى بىتچىت قىلغانلىقى،بۇنى ئىران ئىنقىلانىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ قارمىقدىكى <<مۇقەددەس شەھەر ئارمىيىسى>>نىڭ پىلانلىغانلىقى تۇغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن،خەلقارا جەميەتتە كۈچلوك غۇلغولا قۇزغىغان،لېكىن ئىران بۇنى ئىنكار قىلغان >
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئۇكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكا دۇلەت كاتىپى ھىلارى شۇ كۇنى بايانات ئېلان قىلىپ:بىز ئىرانغا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا جازالاش تەدبىرى قۇللىنشىمىز مۇمكىن،بىز نۇۋەتتە ئىتپاقداشلىرىمىز بىلەن بۇ ھەقتە مەسلىھەتلىشىۋاتىمىز ئىراننىڭ خەلقئارا قائىدىگە خىلاپ قىلمىشىنى چۇقۇم ئاخرلاشتۇرۇش ،ئىراننى تېخمۇ يېتىم قالدۇرۇشمىز كېرەك دېگەن.ئامرىكا كارخانا تەتقىقات ئۇرنىنىڭ مۇتەخەسسى رۇبىن مۇنداق دېگەن:كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىران ئامېرىكىنى قەغەز يۇلۋاس دەپ كەلدى،ئامېرىكا بۇ قېتىم قاتتىق تەدبىر قۇللىنىپ ئىرانغا زەربە بىرىشى مۇمكىن، ئەگەر ئاقساراي ياكى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۇنداق قىلالمىسا ئۇنداقتا ئامرىكا پارلامىنتى شۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن،ئامرېكىنىڭ ئىككى ئاۋئاماتكا توپى يەنىلا دېڭىز قولتۇقىدا تۇرماقتا.رىگان ھۇكۇمىتى ئىلگىرى ئىراننىڭ نېفىت سۇپىسىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى، بىراق بەشبۇرجەك بىنا بۇ قېتىم نىشاننى تاللىشى ،يەنى ئىران يادرۇ ئەسلھەلىرگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن.
ئەنگىلىيە <<كۇندىلىك تېلگىراف گېزىتى>>نىڭ 12-ئۇكتەبىردىكى خەۋىرىدە :ناۋادا ئامرىكا سۇقۇش ئايرۇپىلانلىرى ئاقساراينىڭ ئۇرۇش قۇزغاش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۋالسا ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ تېھراندىكى باش ئىشتابى بىر سائەتتە ۋەيران بۇلىدۇ دېيىلگەن .
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى 14-ئۇكتەبىر ساندىن
[ بۇ يازمىنىرەسسام 2011-10-16 11:51قايتا تەھرىرلىدى ]