نۆۋەتتە دۇنيادا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تۇرمۇشتا
ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ بېسىم دائىرىسى ئۈچ خىل بولۇپ ، ئۇلار 100V ، 110V-130V ، 220V-230V قاتارلىق ئۈچ خىل . بۇلار تېخنىكا تەلىۋى ۋە توك ئىشلەتكۈچىلەر تەلىۋى تەرىپىدىن مۇشۇنداق بەلگىلەنگەن . 100V ، 110V-130V لار تۆۋەن بېسىملىق توك بولۇپ ياپۇنىيە ۋە بىرقىسىم دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇ دۆلەتنىڭ تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن بولغان بىراق بۇنداق تۆۋەن بېسىمنىڭ پايدىسى جىق بولغان بىلەنمۇ زىيىنى ئاز ئەمەس ، چۈنكى يۇقىرى بېسىملىق تونىڭ توك تېجەش ، يۇقىرى ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار .
(ياپونىيەدە يېقىندىن بۇيان يۇقىرى بېسىملىق توك ئىشلىتىش توغرىلىق مۇنازىرە بولىۋاتىدۇ ) لېكىن تۆۋەن بېسىم يەنىلا بىخەتەر .
جوڭگۇ 220V لىق ئەنگىلىيە 230V لىق توك ئىشلىتىدۇ ، بۇ ئىككى دۆلەتتە ئىشلەپ چىقىرىلغان توك ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلارنى ئۆزئارا ئىشلەتكىلى بولىدۇ (پەرق ئاز ) .
ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ توك بېسىم ئەھۋالى
100V ___ياپونىيە ، كورىيە
110V-130V ___تەيۋەن ، ئامېرىكا ، كانادا ، پاناما ، كۇبا ، مېكسىكا ، لىۋان
220V-230V___ ئەنگىلىيە ، گېرمانىيە ، فىرانسىيە،جوڭگۇ ، سىنگاپۇر،ئىتالىيە،ئىسپانىيە،گىرىتسىيە،ئاۋستىرىيە،ھىندىستان ۋە باشقا تىلغا ئېلىنمىغان دۆلەتلەر .
ياپۇنىيە نىمىشقا 110V لىق توك ئىشلىتىدۇ ؟ 110V لىق توكنىڭ نىمە ئالاھىدىلىكى بار ؟
چۈنكى ياپۇنىيەنىڭ مۇقىم توك چىقىرشى تېخنىكىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ ، (110Vتۆۋەن بېسىملىق توكتىمۇ يۇقىرى بېسىمدا ئىشلەيدىغان مۇقىم توك چىقىرىش تېخنىكىسى ) بۇ تېخنىكىغا جۇڭگۇ تېخى يەتكىنى يوق .
1. ئوت ئېلىكتېر -ئىستانسسى ئاساسلىقى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان بۇلۇپ، بۇ كۆمۈرلەر ئاساسەن پارچىلىنىپ ئەكىلىنىپ، كۆمۈر مەيدانىدا بىۋاستە كۆمۈر يەتكۈزۈش تاسمىسىغا يەتكۈزىلىدۇ.ئەلۋەتتە زاپاس كۆمۈر يەتكۈزۈش تاسمىسىدىن ﻫەر بىر باسقۇشتا بىردىن بۇلىدۇ.
بۇ جەرياندا تۆمۈرنى ئۆزىگە چاپلاشتۇرىۋالىدىغان توكلىق ماگىنىتتىن ئۆتىدۇ،دە بىر قىسىم كۆمۈر تەركىبىدىكى تۆمۈر قاتارلىق مېتاللارنى ئۆزىگە تارتىۋېلىپ، كۆمۈرنىڭ ساپلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى
كۆتىرىدۇ. ئاندىن كۆمۈر ،كۆمۈر ئېزىش ئورنىغا چۈشۈرۈلۈپ، چوڭ كۆمۈرلەر ئېزىلىدۇ.
2. بۇ باسقۇشتا ئېزىلگەن كۆمۈرلەر يەنە كۆمۈر يەتكۈزۈش تاسمىسى ئارقىلىق ، زاۋۇت بىناسىنىڭ
ئەئەڭ يۇقىرى قىسمىغا يەتكۈزۈلۈپ، كۆمۈر ساقلاش ئورنىغا چۈشۈرىلىدۇ، لازىم قىلغاندا ئاپتوماتىك ئېچىپ- ياپقۇچ ئېچىلىپ كۆمۈر، كۆمۈر ئېزىش ماشىنىسىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. بۇ
ماشىنىنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان پولات شارەكلەر بۇلۇپ، چۆرگىلەش ئارقىلىق شارەكچىلەر كۆمۈرنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ﻫالدا ئېزىپ، ئۇۋاق ﻫالەتكە كەلتۈرىدۇ. ئاندىن ئۇۋاق كۆمۈرنى ئوچاق ئىچىگە پۈركۈپ، كۆيدۈرىدۇ. بۇ جەرياندا شامالنى سىرتتىن ئەكىرىش ماشىنىسى ۋە شامال يوللاش ماشىنىسى ئارقىلىق ئوچاق ئىچىدىكى مەنفى- مۇسبەت بېسىمى تەڭشىلىدۇ. كۆمۈر ئۇۋىقىنىڭ ئاز- كۆپ بېرىلىشىكۆمۈر ئۇۋىقىنى بېرىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىرىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئوچاقنىڭ نورمال كۈيىشىنى ساقلايدۇ. ئوچاقتا ئوت كۆيگەندىن كېيىن ، سۇ بېرىش پومپىسى ئارقىلىق ئوچاقنىڭ ئىچكى دىۋارىغا يەتكۈزۈلگەن سۇ ، تېمپۇراتورىسى ئۆرلەپ ،يەنە كۆپلىگەن قىزىتىش ماشىنىسى ئارقىلىق سۇنى پارغا ئايلاندۇرۇپ، پار ماشىنىسىغا يەتكۈزۈلۈپ بېرىدۇ. بۇ جەريان بىرلا ۋاقتىدا ئاپتوماتىك ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3. پار ماشىنىسىغا كىرگەن يۇقىرى بېسىملىق پار، پار ماشىنىسىنىڭ ياپراقچىلىرىنى چۆرگىلىتىدۇ.ئۇنىڭ بىلەن بىر ئوقتا تەڭ چۆرگىلەيدىغان گېنىراتورمۇ تەڭ ئايلىنىدۇ. بۇ چاغدا بىز گېنىراتورنىڭ ئوقىغا(يەنە روتور دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مۇسبەت توك بېرىمىز، بۇ ئاساسلىقى كاربونلۇق چوتكا ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئوققا تۇراقلىق توك بېرىلگەندىن كېيىن ، ئۇ چۆرگىلەش جەريانىدا قوزغالماس قىسمى( سىىتاتور )ئورامىدا (كاتوشكا)ماگنىت مەيدانىنى كېسىپ ئۆتۈپ ،سىم ئورامىدا ئىندوكسىيلىك توك بېسمى پەيدا قىلىدۇ. چىقارغان ئۆزگىرىشچان توك ،ئۆتكۈزگۈچ ئارقىلىق ،چوڭ تىپتىكى ئايرىپ - ئۈزگۈچكە، شۇ ئارقىلىق بېسىم يۇقىرلاتقۇچى تىرانسىفورماتورغا يەتكۈزۈلۈپ، توك بېسمى ئاشىرىلىدۇ. ئاندىن چوڭ ﻫەجىمدىكى ۋىكىلىيۇچاتېل ئارقىلىق ئېلىكتېر سېستىمىسى بىلەن يانداش ئۇلىنىدۇ. ئېلىكتېر سېستىمىسى ئېﻬتىياجغا ئاساسەن، توك بېسىمىنى يۇقىرى
ياكى تۆۋەن ئۆزگەرتىش ئورنى ئارقىلىق ،يىراق -يېقىن ئارلىقتىكى ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ جەرياندا يەنە داۋاملىق توك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ﻫەر خىل توك بېسمى ئېﻬتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ئېلىكتېر-ئىستانسىدا ئاساسلىق تۆۋەندىكىدەك توك بېسىم دەرىجىلىرى بار:
110KV،220KV، (220V) ، 380V، 6KV، 10.5KV، 35KV
ئەسكەرتىش: بۇلار ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى توك بېسىم دەرىجىلىرى
(V1000 = KV1 ) ، ( تۇراقلىق توك بېسىم دەرىجىلىرى كېيىنچە تۇنۇشتۇرىلىدۇ.)
توكنى كۆپ مىقداردا ساقلىغىلى بولمىغاچقا، ئېلىكتېر -ئىستانسىنىڭ كېچە- كۈندۈز ئىش -ئىشلىشىگە توغرا كېلىدۇ.
يېقىلغۇ كەمچىل بۇلىۋاتقان ﻫازىرقى دەۋىردە ، تەبىئي بايلىقنى ئاسراش ﻫەر -بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتى.
ئەمما تۆۋەندىكىنى قانچىلىك ئىشلەتسەڭلار بولىۋىرىدۇ ،قورۇقماي ئىشىلتىۋېرىڭلار
