
دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ قىياسىچە ، 21- ئەسىر بىئوخىمىيە تەتقىقاتىدىكى زۆر ئىلگىرىلەش مەزگىلى بولۇپ قالىدىكەن
قۇياش مىكرو ئېلېكترون شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل چاي مۇنداق دېگەن: بىئو خىمىيە نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ داۋاسى ئۈچۈن كۆپ ھەسسە قوشتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزىرىشى ئۈچۈن ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ تېخنىكا بىلەن ياسىلىدىغان گېن قورالى ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور بالايى ئاپەت ئېلىپ كېلىشى ئېنىق. ئىنسانىيەتنىڭ ئايغا چىقىشى ، ئاتوم بومبا ياساپ پارتىلىشى ۋە ئىنسانلار گېن تەرتىپى قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىشى دۇنيا ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسىدا ئالاھىدە ئورۇننى ئېگەلەيدۇ.
ئىنسانلار ھەرگىز ئاللانىڭ رولىنى ئوينىماسلىغى كېرەك
گېن قۇرالىنى قىسقىچە چۈشەندۈرسەك : ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بەزى كېسەللىك كەلتۈرگۈچى باكتېرىيە ياكى مىكروبقا بۇ كېسەلگە تاقابىل تۇرالايدىغان ۋاكسىنا ياكى دورا گېنىنى قۇشۇپ، ئۆزى كېسەل بولمايدىغان باشقا ھۈجەيرىلەردە كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان مىكروب ياساش. ۋە ياكى بەزى ئەسلىدىن كېسەللىك پەيدا قىلمايدىغان مىكروجانلىقلار تېنىگە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى گېن قۇشۇپ، ئۇنۇڭدىن يېڭى بىر كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان مىكرو جانلىق ياساش.
بىر ئېغىز گەپ بىلەن دېگەندە: DNA نى قايتا گۇرۇپپىلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مىكروب ياكى ھۈجەيرىلەرنى ئۆزگەرتىپ، كېسەل پەيدا قىلمايدىغان مىكروبلارنى كېسەل پەيدا قىلىدىغان قىلىش ، ياكى ئەسلى ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ياكى ئاسانلا داۋالىغى بولىدىغان كېسەللەرنى ساقايتقىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇش.
ئىنسانلارنىڭ مىللەت ياكى ئىرىق پەرقى تۈپەيلى، ئىرسىيەت گېن پەرقىمۇ مەۋجۇد بولغاچقا، گېننىڭ ئوخشىمىغان ھۈجەيرىلەردىكى ئىپادىلىنىشىمۇ ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن: ئەيدىز كېسىلىنى پەيدا قىلغۇچىHIV ۋىرۇسى، بۇ ۋىرۇس ئوخشىمىغان كىشىلەردە پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ ئوخشىمايدۇ،
گېن قورالىنىڭ قورقۇنچلۇق يېرى شۇكى، گېن قورالىنىڭ تەھدىت سېلىش نىشانى مەلۇم مىللەت ياكى مەلۇم ئىرق .
شۇڭا ئالىملار بۇ خىلىدىكى باشقا مىللەت ياكى ئىرققا تەھدىت ۋە قىرغىنچىلىق قىلالايدىغان ، ئۆز مىللەت ياكى ئىرققا تەسىر قىلمايدىغان قورالنى “مىللەت قىرغۇچى قۇرال” دەپ ئاتىدى.
2003-يىلى تاماملانغان ئىنسانىيەت گېن تەرتىپى ئىسخىمىسىنى ( ئېلىمىزمۇ 1% ئۈلىشنىنى تاماملاشقا قاتناشقان) ئىنسانلارغا كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ۋە بىر قىسىم ئىرسىيەت كېسەللىرىنى داۋالاشتا زور رول ئوينىغان بولسىمۇ ، لېكىن گېن قورالىنىڭ تەتقىق قىلىنىپ چىقىشىغا تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتىدۇ. ھەرقانداق بىر تېخنىكىنىڭ ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىشى ئاددى بىر ساۋات بولسىمۇ ، لېكىن گېن قورالىنىڭ تەھدىت سېلىش دائىرىسى ئاتوم ياكى باشقا خىمىيىلىك قوراللاردىن كەڭ ۋە قەبىھ.
گەرچە 1971- يىلى بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەش ئەھدىنامىسىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ھازىر ئامېرىكا ، رۇسىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق مەملىكەتلەر تەتقىق قىلىۋاتىدۇ،
گېن قورالىنىڭ تارىخىمۇ ئۇزاق بولۇپ، بۇرۇنقى باكتېرىيە ئۇرۇشى( 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ياپۇنلارنىڭ قارا كۈن 731تەتقىقاتى قاتارلىق) ، 1346 –يىلىدىكى تاتارلارنىڭ رېنايا رايونىدىكى كافا شەھرىيە ھۇجۇم قىلىشتا ئىشلەتكەن ۋابا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئەسكەرنى قارشى تەرەپنىڭ كافا شەھرىيە ئوغۇرلۇقچە كىرگۈزىۋېتىپ، شەھەر ئاھالىسىنى ۋاباغا گىرىپتار قىلىپ ئاندىن غەلىبە قىلغانلىغى كىتابلاردا تەسۋىرلەنگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ ياپۇن، گىرمانىيە، ئامىرىكا، قاتارلىق مەملىكەتلەر ئازدۇ-كۆپتۇر باكتېرىيە ئۇرۇشى قىلغان.
كۆيدۈگە باكتىرىيىسى
ئەنگىلىيىنىڭ يەكشەنبىلىك تايمىس گېزىتىنىڭ 1998-يىللىق 9- سانىدا مۇنداق بىر خەۋەر بايان قىلىنغان. : ئىراقنىڭ ئىسرايلىيىگە ھۇجۇم قىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن يەۋۇدى ئالىملىرى مەخسۇس ئەرەپلەرگە زەربە بېرەلەيدىغان ئىسرائىلىيىلىك يەۋۇدىلەرگە تەسىر قىلمايدىغان گېن قۇرالىنى جىددى ياساۋاتىدۇ. بۇ قۇرالنىڭ ئىسمى – ئىرىق قورالى.
بۇ قۇرال گەرچە ھازىرچە ۋۇجۇتقا چىقمىغاندەك قىلسىمۇ، بىراق بەزى مەتبۇئاتلار ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبى ئافرىقا خىرىسۇئوما قۇرالىدىنىن پايدىلىنىپ ئەرەپلەرنىڭ گېن قۇرۇلمىسىنىڭ شىفىرىنى يېشىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ قورالنىڭ تەھدىت سېلىشتىكى ئالاھىدىلىكى:
1. تەننەرقى ئەرزان، بەزى ئالىملار مۇنداق پەرەز قىلماقتا: ئەگەر 5 مىليون دوللارغا بىر گېن قورالى ئىسكىلادىنىدن بىرنى قۇرۇپ قويسا، 5 مىليارد يەرشارىلىق ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىگە يىتىدۇ!!!!!!!!!!! 100كىلوگرام كۆيدۈرگە باكتىرىسىدىن ياسالغان گېن قورالى 3 مىليۇنلۇق شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆلۈمىگە يىتىپ ئاشىدۇ!!!!!! .
2. ئىشلىتىش ئاسان، تارقىتىش ئۇسسۇللىرى ھەرخىل. كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيىلەرنى ھايۋانلار، پىداكار ئۆلۈمچى ئادەم، ھاشارەتلەر، ئايروپىلان، ئۇچار جىسملار … گە سېلىپ، ھاۋادىن، سۇدىن، ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن تارقىتىشقا بولىدۇ.
3. يۇشۇرۇنۇشچانلىغى ۋە تاقابىل تۇرۇشچانلىغى . سىغىم كىچىك بولغاچقا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ئەڭ ئەجەللىك يېرى ئۇنىڭ گېن شىفىرنى پەقەت ياسىغۇچىلا يېشەلەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدىن يۇقۇملانغان ئادەملەرنى داۋالاش مۇمكىن ئەمەس.
ئىنسانلار ئەسلى بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاش، ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق گۈزەل ئارزۇلارنى دەپ تەتقىق قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئىنسانىيەتنىڭ رەزىلىگگى بىلەن ئاتوم بومبىسىدىنمۇ كۈچلۈك بۇ قەبىھ قۇرال مەيدانغا كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
ئامېرىكا بىئو-خىمىيە قورالى ئىشلەتكەندىن كېىينكى ئاپەت .

ئاۋىستىرالىيەدىكى كۆكتاتلىقنىڭ ئەھۋالى
