باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4683 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: باشقۇرغۇچىلارغا ۋە مۇنبەردىكىلەرگە دەيدىغانلىرىم
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-14 11:23

باشقۇرغۇچىلارغا ۋە مۇنبەردىكىلەرگە دەيدىغانلىرىم

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى، ئالدى بىلەن تېنىڭلارغا ئاللاھتىن سالامەتلىك، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن. مۇبارەك قەلىمىڭلاردىن تۆكۈلگەن ئېسىل يازمىلار بۇندىن كېيىن<<كەڭساي>> ئاسمىنىدا چاقنىسۇن. بارلىق مۇنبەرداشلارغىمۇ ئاللاھ ئاسايىشلىق، ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن. ئەمدى كۆڭلۈمدىكى گەپنى دەي:
مەن <<   <كەڭساي> دا ئەدەبىياتنى چۈشىنىدىغانلار قانچىلىك>> دېگەن يازمىنى يېزىپ، بىر قىسىم ئىنكاسلارغا نارازى بولغان بولساممۇ، مۇنبەردە مۇشۇنچىلىك مۇنازىرە بولغىنىدىن خۇشال بولدۇم. مەن ئۇ يازمامدىكى تۆۋەندىكى ئۈچ پىكىرنى يەنە قۇۋۋەتلىگەن ئاساستا گەپ قىلاي. 
3.‹‹كەڭساي››مۇنبىرى ئەدەبىي مۇنبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىجادىي ئەسەرلەر كۆپرەك بولۇشى كېرەك ئىدى،بىراق،مۇنبەردە باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن تېمىلار جىق.بۇ ‹‹كەڭساي››مۇنبىرىنى‹‹باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان››قىلىپ قويىدۇ.بۇنىڭغا ۋاقتىدا چەك قويۇلىشى كېرەك.
بۇ شۇ يازمامدىكى ئۈچىنچى پىكرىم ئىدى. مەن بۇ پىكرىمنى يەنىلا قۇۋۋەتلەيمەن. چۈنكى ، نۇرغۇن ئەزالىرىمىز باشقا مۇنبەردىن تېما كۆچۈرۈپ، ياخشى بىلىم، ئۇچۇرلارنى بىزگە يەتكۈزگەندەك قىلسىمۇ، بۇنىڭ زىيانلىق تەرىپىمۇ بار، مەسىلەن: بىز كۆچۈرگەن يازمىنى شۇ مۇنبەردىكى ياخشى تېما دېسەك، بۇ مۇنبەرگە كەلگەندىن كېيىن ،ئۇ تېمىنىڭ باشقا مۇنبەردە ئۇزاق تۇرۇشىغا تەسىر يېتىدۇ. چۈنكى ،ئۇ تېمىنى بىز <<كەڭساي>>غا كۆچۈرگەندەك ،باشقىلارمۇ يەنە باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرىدۇ-دە، ئۇ ياخشى تېما پاخاللىشىدۇ. يەنە بىرى، بىزنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى شۇنداق ياخشى تېمىلارنى كۆچۈرۈشكە كۆنۈپ قالغان ئەزالارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشىگە توسالغۇ بولىدۇ. ئۆزى ئىزدىنىپ كىتاب كۆرمەيدۇ. بۇ ياخشى تەسىر ئەمەس. بەزىلەر شۇنداق ياخشى تېمىلارنى كۆچۈرۈپ ئەكەلسەك، مۇنبەرداشلارنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسى ئاشىدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئەگەر مەسئۇلىيەتچان ئەزا بولسا ئۆزى كىتاب كۆرۈپ، ئىزدىنىپ يېڭى بىلىم، ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشى كېرەك. چۈنكى، سىز كۆرگەن تېمىنى باشقىلارمۇ كۆرۈشى مۇمكىن، ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ مۇنبەرگە يەنە ئۇ تېما يوللانسا، مۇنبەرنىڭ زىيارەت قىلىنىشىغا پايدىسىز.
4.‹‹كەڭساي››مۇنبىرىدە بىرتۈركۈم ھىسىياتچان ،كاللىسىغا نېمە كەلسە ئىچىگە يۇتماي دەۋىرىدىغان،باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان ئەزالار بار.بۇلار ۋاقتىدا تازىلىنىشى ياكى ئۇنداقلار ئۆزىنى سۇراپ مۇنبەردىن چېكىنىشى ۋەياكى ئۆزگىرىشى كېرەك.
بۇ مېنىڭ يازمامدىكى تۆتىنچى پىكىر ئىدى، لېكىن ،بىرقىسىم مۇنبەرداشلار بۇ پىكىرنى خاتا چۈشىنىپ، يەنى <<ئەدەبىياتنى چۈشەنمەيدىغانلار مۇنبەردىن يوقالسۇن >>دەپ چۈشىنىپ  بىرقىسىم ئىنكاسلارنى يازغان. قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، مەن يەنىلا بۇ پىكرىمنى قۇۋۋەتلەيمەن. چۈنكى، مۇنبىرىمىزدە ھەقىقەتەن ساددا دىنىي كۆز قاراشقا، ساددا مىللەت قارىشىغا ئېگە ئەزالار بار. بۇلار پەقەت ئاغزىدا سۆزلەپلا قالىدۇ، بەزىلىرىمىز ئۇلار يازغان ئىنكاسلارنى كۆرسەك ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىز ئېشىپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلىرىمىز ئەنسىرەپ قالىمىز. قېرىنداشلار، مەن كۆپ دەپ كەتتىم، سۆزلىگەن بىلەن، قاينىغان بىلەن بىر ئىش ھەل بولسا بۇ جاھان بۇنداق تۇرمايتتى. بۇنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتايلى. بۇنداق ئىنكاسلارغا باشقۇرغۇچىلارمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى  بۇ ئىنكاسلار مۇنبەرنى جانلاندۇرغاندەك قىلغان بىلەن تەسىرى ياخشى بولمايدۇ. بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش ئاقىللارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.
5.‹‹كەڭساي››مۇنبىرىدە ئۇيغۇرتىلىنى ،ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمەيدىغانلار جىق.بۇلارمۇ ياكى ئۇيغۇرتىلىنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ مۇنبەرگە كىرىشى ۋەياكى باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن مۇنبەردىن چىقىرىۋىلىتىشى كېرەك. ئاخىرىنى ئىنكاس شەكلىدە يازىمەن
بۇ مېنىڭ شۇ يازمامدىكى بەشىنچى پىكرىم ئىدى. مەن بۇ پىكرىمنىمۇ قۇۋۋەتلەيمەن. چۈنكى، بىز  ئۆزىمىزنىڭ بۇ مۇنبىرىنى باشقا مۇنبەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ ئۇ مۇنبەرلەردىكى يازمىلاردىمۇ ئىملا خاتالىقى بار، بۇ مۇنبەردىكى يازمىلاردا ئىملا خاتالىقى بولسا نېمە بولاتتى دېمەسلىكىمىز كېرەك. <<يازغۇچىلار مۇنبىرى>>نى كۆرىدىغانلار بولساڭلار دىققەت قىلغانسىلەر، ئۇنىڭدىمۇ بىر ئەزا بار، يازمىلاردىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ تۇرىدىغان. دېمەك، بۇ ياخشى باشلىنىش. ئەمدى ،مۇنبەر قۇرغۇچىسىغا دەيدىغىنىم، باشقۇرغۇچىلارغا بولغان تۈزۈلمىنى يېڭىلاپ، ئۇلارغا بولغان تەلەپنى ئاشۇرسىڭىز، باشقۇرغۇچىلارمۇ ئۆزۈڭلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئاندىن تېما تەستىقلىساڭلار، مۇنبەرگە كۈندە تېما تەستىقلاش شەرت ئەمەس، ئەمما، ياخشى تېما تەستىقلاش شەرت.مۇمكىن بولسا بىرقىسىم ئەسەرلەرنىڭ ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ  تەستىقلىساڭلار، شۇ جاپايىڭلار ئۈچۈن بولسىمۇ مۇنبىرىمىز باشقا مۇنبەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. يەنە بۇرۇنقى تېمىلارنى قايتا يوللاۋاتقان ئىشمۇ بار مۇنبەردە.  بۇنىڭغا دىققەت قىلساڭلار. مەسىلەن: <<لۇتفى>>ئەپەندىنىڭ يوللىغان<<لەڭچىلەر قوشىقى>> بۇرۇن مۇشۇ مۇنبەرگە <<توغراق>> ئىسىملىك ئەزا تەرىپىدىن يوللانغان.  دەرسكە ئالدىراپ پىكرىم چېچىلىپ كەتتى. قالغىنىنى ئىنكاس شەكلى ئارقىلىق يىغىنچاقلىساق.
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(general) ياخشى پىكىر
  • 1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
    2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 575
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە575دانە
    ئۆسۈش: 1935 %
    مۇنبەر پۇلى: 7383 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-07-16
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-14 22:21

    سىزگە تەكلىۋىم ئالدى بىلەن كەڭساينىڭ قايسى خارەكتىردىكى مۇنبەر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىۋىلىڭ !
    كەڭساي ئەدەبىيات مۇنبىرى ئەمەس بەلكى مۇنازىرە مۇنبىرى .خاس مۇنبەر بىلەن ئۈنۋىرسال مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ روشەن پەرقى بولىدۇ ، خاس مۇنبەرلەردە مۇنبەر خاسلىقى تۇتقۇ قىلىنىپ ئۇنۋىرسال تېمىلارغا بەك جىق سەھىپە ئاجىرتىلمايدۇ ، شۇ سەۋەپتىن خاس مۇنبەرلەرنىڭ تېمىلىرىدىن ئۇنۋىرسال مۇنبەرلەرنىڭ تېمىلىرى سەر خىل بولىدۇ ، بەزى ئەزالار باشقا مۇنبەرلەردە كۆرۈپ كەڭسايدىكى مۇنازىرە كەيپىياتىغا ماس دەپ قارىغان تېمىلارنى بۇ جايغا يۆتكەيدۇ ، بۇنداق تېمىلار قانۇنغا خىلاپ بولمىسىلا چەك قويماسلىق كېرەك ،
    ئەزالارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ كىم ھېچكىمگە كىتاپ ئوقۇ ، ياكى ئىجادىي تېما يوللا دەپ بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ، مۇنبەر ھەممىزگە ئورتاق ئائىلە ، ھەر كىم ئۆز يولىدا تىگىشلىك نېسىۋىسىگە ئېرىشىدۇ ،
    دىنىي تېمىلار ، ئىنكاسلارمۇ ئۆز يولىدا مۇنبەرنىڭ يارىشىقى ، چۈنكى ھەمىمىز دىنىم ئىسلام دىگۈچىلەر ئەمەسمۇ ! ئەقىل كۆزىمىزدە قاراپ قۇبۇل قىلىشقا تىگىشلىكىنى قۇبۇل قىلىۋالساق بۇمۇ بولغىنى .
    ئەزالار يامان غەرەزدە بولمىسىلا چەكلەشكە بولمايدۇ ، مۇنبەرنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر يۈرۈش چەكلىمىلىرى بار شۇ چەكلىمىگە خىلاپلىق قىلمىسا ، قانۇنسىزلىق قىلمىسا چەكلىمەسلىك كېرەك ، بولمىسا مۇنبەرنىڭ دىمۇكىراتىك مۇنازىرە مۇنبەرلىكى قەيەردە قالدى ؟
    ئىملا توغۇرلۇق ياخشى گەپ قىلىپسىز ، مۇمكىن بولسا كۆرگەن جايىڭىزدا (يازغۇچىلار مۇنبىرى)دىكىدەك توغۇرلاپ ماڭسىڭىز ھەمىمىز سىزدىن مىننەتدا بولىمىز !
    قىزىققانلىق بىلەن قايناپ بەرگەن پىكرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر .
    باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(ئىزباسار) ئۇغۇلدەك ئىن ..
  • دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 575
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە575دانە
    ئۆسۈش: 1935 %
    مۇنبەر پۇلى: 7383 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-07-16
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-15 13:10

    سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى مەسئولىيەت زادى قانداق بۇنى بىلمىدىم ،  بىراق سىز قىزىل رەڭدە بوياپ قويغان  خېتىم زادى قانداق مەسئولىيەتسىز خارەكتىرىمنى ئىپادىلەپتۇ ، ئېنىڭ شەرھىلەڭ!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 575
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە575دانە
    ئۆسۈش: 1935 %
    مۇنبەر پۇلى: 7383 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-07-16
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 20:31

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 30قەۋەتتىكى تاش نىڭ 2011-10-16 11:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :

    ئەزالارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ كىم ھېچكىمگە كىتاپ ئوقۇ ، ياكى ئىجادىي تېما يوللا دەپ بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ، مۇنبەر ھەممىزگە ئورتاق ئائىلە ، ھەر كىم ئۆز يولىدا تىگىشلىك نېسىۋىسىگە ئېرىشىدۇ ،
    ئەزالارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ
    ئوخشاش ئەمەسلىكى راست. بىراق، ھېچكىمگە ھېچكىم كىتاب ئوقۇ، ئىجادىي تېما يوللا دەپ بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ دېگىنىڭىز مەسئۇلىيەتسىزلىك.  ياخشى ئويلىنىڭ! بىز بىربىرىمىزنى كىتاب ئوقۇ دېمىگەچكە ،21-ئەسىردىمۇ ئۆز سەنىمىمىزگە دەسسەپ يۈرىۋەرگەچكە،ئابدۇقادىر دامۇللام،   ئا. ئۇيغۇر،   ل. مۇتەللىپ، مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق ئوت يۈرەكلىرىمىز كىتاب ئوقۇ دېسە  ئۇلارنى يوشۇرۇن، قەستلەپ يۈرۈپ ئۆلتۈرگەچكە مۇشۇ كۈنگە قالغان خەلق بىز.  ئەمدى يەنە باشقا گېپىم يوق . ياخشى ئويلىنىڭ!!

    مەن تاغدىن سىز باغدىن سۆزلەپ بۇ تېما خېلى قىزىپتۇ ، گەپ چۈشەنسىڭىز ئىنكاسىمغا ئىنكاس نەقىل قىلىڭ ، بولمىسا سىزنى گەپ قىلالمايدىكەن دىمەيمەن ،مەن سىزگە مۇنبەر ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە چۈشلۈق نېسىۋىسىنى ئالىدىغان سورۇن دىدىم ، 21-ئەسىر توغۇرلۇق گە پ قىلمىدىم ، مەن سىزگە سىز ھېچ كىمگە قانداق تېما يوللاش ، قانداق كىتاپ ئوقۇش توغۇرلۇق ھېچ نىمە دىيەلمەيسىز دىدىم ، سىز ، دىگەن بىلەن مەن دىگەن ئىككىسى ئىككى گەپ ،  

    پىسخىكا جېڭى دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قاپسىز ، ئەقەللىي پىسخىكا ساۋاتى ،
    قارشى تەرەپنىڭ نىمە داۋەتقانلىقىنى ئېنىق بىلىۋىلىش ، ھەم ئۇنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ تىل قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ ھۇجۇم قېلىش ،
    مېنىڭچە سىز مۇشۇ تېمىنى يوللىغاندىلا ئاللىقاچان بۇ ئىنكاس جېڭىدە مەغلۇپ بولغان، چۈنكى سىز ئۆز پىكرىڭىزنىڭ يورغۇلۇتۇشقا بەكىراق كۈچىۋىتىپ ، كەڭساينى ھەقىقىي چۈشىنىشكە ئېشىنالماي قالدىڭىز . شۇڭا كەڭسايدىكىلەرگە ئىش ئۈگىتىمەن دىمەي ، قولىڭىزدىن كەلگەننى قىلىپ ھەسسە قوشۇشقا تىرىشقاسىز !
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 575
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە575دانە
    ئۆسۈش: 1935 %
    مۇنبەر پۇلى: 7383 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-07-16
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 21:47

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 37قەۋەتتىكى تاش نىڭ 2011-10-16 21:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
    <<ئەزالارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ كىم ھېچكىمگە كىتاپ ئوقۇ ، ياكى ئىجادىي تېما يوللا دەپ بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ، مۇنبەر ھەممىزگە ئورتاق ئائىلە ، ھەر كىم ئۆز يولىدا تىگىشلىك نېسىۋىسىگە ئېرىشىدۇ ، >>  بۇ ئاۋۋال دېەەن گېپىڭىز.

    << مەن سىزگە سىز ھېچ كىمگە قانداق تېما يوللاش ، قانداق كىتاپ ئوقۇش توغۇرلۇق ھېچ نىمە دىيەلمەيسىز دىدىم ، سىز ، دىگەن بىلەن مەن دىگەن ئىككىسى ئىككى گەپ ،  >>  بۇ كېيىن دېگەن گېپىڭىز.  
     

    .......

    ھا ھاھاھا...پەققەت ئورنى ئالماشقان ، بىراق ئوخشاش مەنا ئاڭلىتىدىغان جۈملە ، بولدى سىز بىلەن بىر نىمە دىيىشىش ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىقكەن ، ئامان بولۇڭ!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 575
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە575دانە
    ئۆسۈش: 1935 %
    مۇنبەر پۇلى: 7383 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-07-16
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-17 00:43

    دەم ئېلىشىم توشتى شۇ باشقا گەپ يوق ،