ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداش ھەمشىرلەر،مەن بۇ مۇنبەرگە كىرگىلى بىر يىل بۇلاي دەپ قاپتۇ، بۇبىر يىل جەريانىدا بىر قانچە ھەمشىرلەرنىڭ تىما ۋە ئىنكاسلىرنى كۆرگەندىن باشقا قانچىلىك قىز ھەمشىرلەر بار تازا بىلمەيدىكەنمەن. بەلكىم سىلەرمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەسلىكىڭلار مۈمكىن ئەگەر خالىساڭلار بىزمۇ بىر ئۆز-ئارا تۇنۇشقاچ سالاملىشىپ باقساق، ئۇنداق بولسا مەن ئۆزەمنى بىر قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتىللاھى ۋەبارىكاتىھۇ:مىنىڭ توردىكى ئىسمىم مۇسلىمە،ئەسلى ئىسمىم ئامىنە
ئاقسۇ شەھىرىدىن ،1997-يىلى ئۈرۈمچى مالىيە مەكتەپنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنى پۈتتەرگەن،98-يىلى توي قىلغان ھازىر ئىككى قىزىم بار يولدۇشۇم ئامانەت قەرىز كاپىراتىۋىدە ئىشلەيدۇ.مەن ھازىر ئائىلدە باللىرىمنى تەربىيلەۋاتىمەن.
قىزىقىشىم ئىسلامى فىلىملەر ،كىتاپلار،
ياخشى كۆرىدىغان شائىر نەزىرە مۇھەممەت ،
ئارزۇيۇم ئاللاھ خالىسا چوڭ قىزىمنى نەزىرە مۇھەممەتكە ئوخشاش تەربىيلەپ چىقىش،
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى (پەيشەنبە)،
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-10-14 09:45قايتا تەھرىرلى ]