查看完整版本: [-- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ھەمشىرلەر، --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خانىم - قىزلار -> ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ھەمشىرلەر، [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

muslima32 2011-10-14 01:55
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداش ھەمشىرلەر،مەن بۇ مۇنبەرگە كىرگىلى بىر يىل بۇلاي دەپ قاپتۇ، بۇبىر يىل جەريانىدا بىر قانچە ھەمشىرلەرنىڭ تىما ۋە ئىنكاسلىرنى كۆرگەندىن باشقا قانچىلىك قىز ھەمشىرلەر بار تازا بىلمەيدىكەنمەن. بەلكىم سىلەرمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەسلىكىڭلار مۈمكىن ئەگەر خالىساڭلار بىزمۇ بىر ئۆز-ئارا  تۇنۇشقاچ سالاملىشىپ باقساق، ئۇنداق بولسا مەن ئۆزەمنى بىر قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتىللاھى ۋەبارىكاتىھۇ:مىنىڭ توردىكى ئىسمىم مۇسلىمە،ئەسلى ئىسمىم ئامىنە
ئاقسۇ شەھىرىدىن ،1997-يىلى ئۈرۈمچى مالىيە مەكتەپنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنى پۈتتەرگەن،98-يىلى توي قىلغان ھازىر ئىككى قىزىم بار يولدۇشۇم ئامانەت قەرىز كاپىراتىۋىدە ئىشلەيدۇ.مەن ھازىر ئائىلدە باللىرىمنى تەربىيلەۋاتىمەن.
  قىزىقىشىم ئىسلامى فىلىملەر ،كىتاپلار،
ياخشى كۆرىدىغان شائىر نەزىرە مۇھەممەت ،
ئارزۇيۇم ئاللاھ خالىسا چوڭ قىزىمنى نەزىرە مۇھەممەتكە ئوخشاش تەربىيلەپ چىقىش،
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى (پەيشەنبە)،

pahridin 2011-10-14 09:52
 ھەييييييييييي ، نادانلىقتىن ئاللاھ ئۆزى ساقلىسۇن.....قىزلارغا نەسىھەت: بۇ دېگەن مەۋھۇم دۇنيا بولغاندىكىن، ئاشكارىلىمىساق ئەڭ ياخشى، بەزىلەرنىڭ نېمە نىيىت بارلىقىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.

ئىھتىيارلار 2011-10-14 10:05
مۇنبەردە  ...كىم؟ قەيەردىن؟ نىمە ئىش قىلىدۇ؟ بۇ توغرىلىق تۇنۇشماستىن ! بەلكى ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ،بىلگەننى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ،بىلمىگەننى ئۆگىنىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە!
ھەقىقى ئىسلامى قېرىنداش بۇلۇش ئۈچۈن كىملىكىنى ،قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى ،ۋە باشقا شەخسى ئىشلارنى بىلىش زۈرۈر ئەمەس!
مەن بىر-بىرىمىز بىلەن پەقەت تۇنۇشمايلى دىمەكچى ئەمەس!
لىكىن مۇسۇلماندا ئىخلاس بىلەن ئەقىل-پاراسەت ئىككىسى تەڭ مەۋجۇد بۇلۇشى كېرەك!
مىنىڭ سەۋىيەم تۈۋەن! باشقا چوڭلار قانداق قارايدىكىن؟؟؟؟   

breeze5 2011-10-14 10:52
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام  ۋە رەھمۇتىللاھى ۋەبارىكاتىھۇ
مەن يۇقارقى ئىككى قېىرىندىشىمىزنىڭ پىكرىگە قۇشۇلىمەن ،ئۇلار ناھايىتى ياخشى ئاگاھلاندۇرۇش قىلىپتۇ ،ھازىر مەيلى كىم بۇلىشىدىن قەتئى-نەزەر ،  ھەر  ۋاقىت ھۇشيار تۇرىدىغان ،قىلچە بىخەستىلىك قىلىشقا بولمايدىغان  بۇ پەيىتتە ئۇنچە كۆپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق !
مۇھىمى:   بىلگەننى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ،بىلمىگەننى ئۆگىنىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە!

ay-turk 2011-10-14 11:39
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام  ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇ ھۇ!
ئۈستىدىكىلەر توغرا ئىيتىدۇ . مەۋھۇم دۇنيادا، بولۇپمۇ مۇنبەردەك ئاممىۋى سورۇندا  ئۆزئارا شەخسى كىملىكىمىزنى ئاشكارىلاشنىڭ ھاجىتى يوق . ئەمما بىلمىگەننى ئۆگىنىپ ، بىلگەنلىرىمىزنى يەتكۈزۈپ ، قىرىنشداشلارچە ئۆتسەك تامامەن بولىدۇ...
ئاللاھ ياخشى ئارزۇ - تىلەكلىرىڭىزگە يەتكۈزسۇن !!!  

تاھىربەگ 2011-10-14 11:43
مەن ئەڭ ياخشى كۆردىغان شائىر ئادىل تۇنىياز  

جەڭچى 2011-10-14 17:46
يىقىندىن بۇيان كەڭسايدا  نوپۇس ئىنىق لاش ئەۋىج ئەپقالدى ،،،،بۇنى قانداق چۈشنىشنى ئۇقالمىدىم جىمۇ.     

زىلالە 2011-10-15 00:55
بۇ تۇنۇشىش ئۇسۇلى پەقەت ياخشى بولماپتۇ ........بۇلۇپمۇ كەڭ سايدا . ھەي .........ئازمايدىغان ئىنسان يوق ، ئاللاھ بىزنى توغرا يولغا باشسىلۇن !

muslima32 2011-10-15 02:03
قېرىنداشلىرىمنىڭ ئاگاھلاندۇرغىنىغا رەخمەت مىنىڭ ئويلىغىنىم  بۇ مۇنبەردەيېقىندىن قىز ھەمشىرلەر سەل ئازلاپ قالدى شۇڭا
مەخسىتىم ئۇللار بىلەن بىر ئۆز-ئارا سالاملىشش ئىدى. باشقا مەخسىدىم يوق توغرا ھەممىنى بۈلگۈچى ھىچ بىر شىرىگى يوق ئاللاھ،ئازماس ئاللاھ دەپتىكەن لىكىن مەن

muslima32 2011-10-15 02:05
كۆڭلۈمنى تازا توغرا ئۇسۇلدا ئىپادىلەب بىرەلمەي قاپتىمەن مىنى كەچۈرۈڭلار،ئاللاغا ئامانەت.

arzuyum 2011-10-15 17:45
ۋەئەلەيكۇم - ئەسسالام ھەمشىرەم ،  


查看完整版本: [-- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ھەمشىرلەر، --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.045215 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us