باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1016 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇندا ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن-يارىلانغانلارنىڭ
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 109
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە109دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 2549 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-06-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-13 16:18

قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇندا ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن-يارىلانغانلارنىڭ

قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇندا ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن-يارىلانغانلارنىڭ تۆلەم پۇلى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن-يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان بولسا، يارىلانغان، مېيىپ بولغان ئىشچى-خىزمەتچىگە ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلىنى ئادەم ئىشلەتكەن شۇ ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ. قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇندا ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن-يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش-يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، لېكىن ئۇلارغا بېرىلىدىغان تۆلەم ئۆلچىمى ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش-يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن تۆۋەن بولمايدۇ.
قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن دىگەندە، تىجارەت گۇۋاھنامىسى يوق ياكى قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرمىغان، ئەنگە ئالدۇرمىغان ئورۇن، شۇنىڭدەك تىجارەت گۇۋاھنامىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان ياكى تىزىملاش، ئەنگە ئېلىش بىكار قىلىنغان ئورۇننى ياكى بالا ئىشچى ئىشلەتكۈچى ئورۇننى كۆرسىتىدۇ.
قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن-يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان بولسا، يارىلانغان، مېيىپ بولغان ئىشچى-خىزمەتچىگە ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا بىرلا قېتىملىق تۆلەم پۇلى بېرىلىدۇ.
بىرلا قېتىملىق تۆلەم پۇلى بېرىشتە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش غەملىگەن رايوننىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى تۆلەم تۈپ سانى قىلىنىپ، 1 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 16 ھەسسىسى بويىچە، 2 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 14 ھەسسىسى بويىچە، 3 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 12 ھەسسىسى بويىچە، 4 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 10 ھەسسىسى بويىچە، 5 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 8 ھەسسىسى بويىچە، 6 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 6 ھەسسىسى بويىچە، 7- دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 4 ھەسسىسى بويىچە، 8 - دەرىجىلىك  مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 3 ھەسسىسى بويىچە، 9 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 2 ھەسسىسى بويىچە، 10 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 1 ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ. ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلىنىش  ياكى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 10 ھەسسىسى بويىچە بىرلا قېتىملىق تۆلەم پۇلى بېرىلىدۇ. بىرلا قېتىملىق تۆلەم سوممىسى ئۈستىدە تالاش - تارتىش يۈز بەرسە،  ئەمگەك تالاش - تارتىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ  قىلىنىدۇ.

مەنبە: تورى

http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=394
ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1254
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1254دانە
ئۆسۈش: 930 %
مۇنبەر پۇلى: 13733 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-09-07

ئىقى قەغەز
                  قارىسى سىياھكەندە
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 609
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە609دانە
ئۆسۈش: 1270 %
مۇنبەر پۇلى: 7275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-07-13
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-15 12:46

بىلۋلىشقا تىگىشلىك ساۋات ئىكەن لىكىن بىزنىڭ قىرىنداشلىرمىز <نان تىگىدىغان >مۇشۇنداق تىمىلارغا دىققەت قىلمايدۇ،،،،!!!!!!!