ئەتراپىمىزدىكى رەزىللىكلەر ۋە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار!
1.دىلومىسالى گۇاڭجۇ جۇخەيدىكى بىر تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ماگىزىنىدىكى 20 ياشلىق قىز يېققىندا ئۆلۇپ كەتكەن ، بۇ قىز يېققىندىن بۇيان سالامەتلىكى ياخشى بولماي دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۇرۇتكەن ، دوختۇر X نۇرىدا كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى ھەيران قالغان ، چۇنكى بۇ قىزنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ۋە تېرىسىنىڭ ئاستىدا قۇرۇت پەيدا بولغان ، جىگىرىنى قۇرت يەپ ئازراقلا قويۇپ قويغان ،دوختۇر ئۇ قىزغا ئاخىرەتلىك ئىشىغا تەييارلىق قىلىشقا بۇيرىغان ،تەكشۇرۇش ئارقىلىق كېسەلنىڭ سەۋەبىنى تاپقان ، ئەسلىدە بۇ قىز ئۇزۇن مەزگىل ئاچچىق چۇچۇك شورپا(麻辣汤)،مى شىيەن(米线) قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلغان .دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بۇخىلدىكى يىمەكلىكتە مىكروپ ۋە باكتىرىيەلەر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىشلەپچىرىش جەريانىدىمۇ نۇرغۇن مىكروپلا قوشۇلغان،بۇ ئاشخانا تازلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز .
ئەسكەرتىش : بۇ ئىككى خىل يىمەكلىكنى ئاز ئىستىمال قىلىش ياكى ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك .
2. دىلو مىسالى مەلۇم بىر ئايالنىڭ قول سومكىسىنى ئوغرى ئوغرىلىۋالغان، سومكىدا قول تېلغۇن، بانكا كارتىسى، نەق پۇل قاتارلىقلار بارئىكەنتۇق .20 مىنۇتلاردىن كېيىن ئۇ يولدىشىغا تېلغۇن قىلىپ سومكىسىنىڭ ئوغۇرلانغانلىغىنى دىگەن ، يولدىشى ھەيران قالغان ھالدا«بايا مەن سەن يوللىغان ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغانغۇ ؟ سەن بانكا كارتىسىنىڭ مەخپى نومۇرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىگەن ئىكەنسەن ، مەن دەرھاللا يوللاپ بەردىم» دەپتۇ . ئۇلار دەرھاللا بانكىغا بېرىپتۇ ، ئۇلارنىڭ كارتىسىدىكى ھەممە پۇل ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنسىدىن ئېلىنىپ بولغان ئىكەن .
ئەسلى ئوغرى سومكىدىكى تېلغۇندىن پايدىلىنىپ يولدىشىغا ئۇچۇر يوللىغان ،ھەمدە مەخپى نومۇرغا ئىرىشكەن ھەم كارتىدىكى پۇلنى ئېلىپ بولغان ،
ئەسكەرتىش : تېلغۇنىڭىزغا داۋاملىق ئالاقە قىلىدىغانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنى «ئۆي تېلغۇنى家»،«يولدىشىم老公»،«ئايالىم老婆»« دادا ئاپا 爸妈» دىگەندەك ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەڭ، بىۋاستە ئىسمىنى يازسىڭىز بىخەتەرلىكى ئاشىدۇ.
3. دىلو مىسالى ساياھەتنى ياخشى كۆرىدىغان ئۇچ دوست ماشىنىسى بىلەن شەھەر سىرتىدىن يىراق بولغان بىر تاغ جىلغىسىغا ساياھەتكە بېرىپ قاپسىلىپ قېلىپ ئۇچ كېچە كۇندۇزدىن كېيىن ئاندىن قۇتقۇزىۋېلىنغان . ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار نۇرغۇن قېتىم تېلغۇن ئارقىلىق سىرتتىن قۇتقۇزۇشنى ئۆتۇنگەن ، بىرىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇزۇلۇپ قالغان ، بىرىنىڭ توكى قالمىغان ، بىرىنىڭ سىگنالى ياخشى چىقمىغان ، ئۇلار نۇرغۇن قېتىم ئورنىنى يۆتكەپ سىگنال ياخشى يەرنى ئىزلىگەن بولسىمۇ ئۇنىمى بومىغان ، ئەگەر ئۇلار 112 لىنىيەسىنى بىلگەن بولسا ئۇلارنى قۇتقۇزېۋېلىش بەلكى تېزراق بولىشى مۇمكىن ئىدى .
تەكلىپ : 112 لىنىيەسى پۇتۇن مەملىكەت مىقياسىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان،قول تېلغۇننىڭ سىگنالى ياخشى بولمىسىمۇ ،توك كۇچى ئاجىز بولسىمۇ ، ھەرقانداق ماركىدىكى قول تېلغۇندا ئۇرغۇلى بولىدىغان ئوبونتلار لىنىيەسى، 112نى ئۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن خەنزۇچە سۆز چىقىدۇ ، بىز 112 جىددى قۇتقۇزۇش،قىينچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش لىنىيەسى ، ئەگەر ئەنزە پاش قىلماقچى بولسىڭىز 0 نى بېسىڭ ، بىز دەرھال ساقچى ئىدارىسىگە ئۇلاپ بېرىمىز ، ئەگەر قۇتقۇزۇش كېرەك بولسا 9 نى بېسىڭ بىز ئوت ئۆچۇرۇش ئىدارىسىگە ئۇلاپ بېرىمىز دىگەن سۆز ، ئارقىدىن ئېنگىلىسچىسى قايتا يەنە بىر سۆزلىنىدۇ،ئەگەر 0 ياكى 9 نى باسسڭىز چوقۇم بىرسى تېلغۇننى ئالىدۇ . ئەگەر ئۇچ ساياھەتچى ئاشۇ ئەھۋالدا ،ياكى تاققا چىققۇچى ۋە باشقا ئالاھىدە ئەھۋالغا يۇلۇققانلار 9 نى باسسا تېزراق قۇتۇلدۇرۇشقا ئىگە بولاتتى .
4. دىلو مىسالى مۇنداق بىر قورقۇنىچلىق ئىش بار ، بىر كۇنى 20 نەچچە ياشلىق بىر يىگىت يۇشۇرۇن كۆزئەينەك(隐形眼镜) تاقاپ دوسلىرى بىلەن دالا تامىقى يىگىلى چىقىپتۇ ۋە كاۋاپ پىشۇرۇپ يىيىشىپتۇ ، ئۇلار كاۋاپدان ئالدىدا كاۋاپ يەپ ئولتۇرۇپتۇ ، تۇيۇقسىزلا ئۇ يىگىت ناھايىتى قاتتىق ۋارقىراپ كېتىپتۇ ۋە ئاغرىق ئازاۋىدا سەكرەپ يەرگە دۇمۇلىنىپتۇ ،ئۇ يەردىكى ھەممىسى ھەيران بولۇشپتۇ ،چۇنكى ئۇ يەردە باشقا ھېچقانداق ئىش بولمىغان ئىكەن ، دوسلىرى ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ ، دوختۇر ئەپسۇسلانغان ھالدا ئۇنىڭ ئەما بولۇپ قالغانلىغىنى ئېيتىپتۇ.
ئەسكەرتىش : سىز دالا تامىغىدا كاۋاپ قاتارلىقلارنى يىگەندە ياكى كۇچلۇك ئوت مەنبەسىگە يېققىن يەرگە بارغاندا ھەرگىز يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىماڭ، چۇنكى يوشۇرۇن كۆز ئەينەك سۇلياۋ قاتارلىقدىن ياسالغان ، ئۇ ئىسسىقنى كۆرگەندە ئوڭايلا ئېرىپ كېتىدۇ ۋە كۆزىمىزگە تەسىر يەتكۇزىدۇ.
5.دىلو مىسالى بانكىدىكى بىر تونۇشۇم بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى ،بىر كۇنى ئۇ بىر بىنانىڭ يېنىدىن ئۆتۇپ كېتىۋاتقان ئىكەن ، ئۇ بىنانىڭ ئاستىدا ئاپتۇماتىك پۇلبەرگۇ بار ئىكەن. تۇيۇقسىز بىر ناتونۇش كىشى كېلىپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خەت تونۇمايدىغانلىغىنى ئېيتىپ يېنىدىن بىر كارتىنى چىقىرىپ پۇل ئېلىپ بېىشىنى ئېيىتقان ، ئۇ ئۇنمىغان ، ھەمدە ئامانلىق ساقلىغۇچىدىن ياردەم سوراشنى دىگەن ، ھېلىقى كىشى بولسا بولدى كېرەك ئەمەس دەپ يولدىن ئۆتىۋاتقان باشقا بىرسىدىن ياردەم سورىغان . دوستۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن ئاپتۇماتىك پۇلبەرگۇدە كامىرا بار ئۇ سىزنىڭ پۇل ئېلىش جەريانىڭىزنى سۇرەتكە ئېلىۋالىدۇ.ئەگەر ئۇ ناتونۇش كىشى ئۇنى بۇلاپ كەلگەن ياكى ئوغۇرلىغان كارتا بولۇپ قالسا سىز پۇل ئېلىپ بەرسىڭىز سىزنىڭ سۇرىتىڭىز كامىراغا چۇشۇپ قالىدۇ ھەمدە جىنايەتچىنىڭ شېرىكى بولۇپ قالىسىز . مەن ئۇنداق قىلمىدىم چۇنكى بىر خىزمەتدىشىم ماڭا موشۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. دەپ بەردى.
ئەسكەتىش : دوسلارنىڭ بۇنداق ئىشقا يۇلۇققاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى جىنايەتچىلەرنىڭ دامىغا چۇشۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۇمىد قىلىمەن .
6. دىلو مىسالى مەلۇم بىر كىشى ئۆيىدە ئولتۇرغاندا تۇيۇقسىز توك كەتكەن، ئۇ دەرىسىدىن سىرىتقا قارىسا باشقا ئۆيلەردە توك بار ، ئۇ ئىشىك ئالدىكى توك سائىتىگە قارىماقچى بولۇپ ئىشىكنى ئېچىشىغا بىرسى ئۇنىڭ بوينىغا پىچاق تەڭلىگەن ،ھەمدە بۇلاڭچىلىق قىلغان .
ئەسكەرتىش: ئۆيىڭىزدە تۇيۇقسىز توك توختاپ قالسا ھەرگىزمۇ دەرھاللا ئىشىكنى ئاچماڭ ،مۇشۇك كۆزدىن كۇزۇتۇپ باشقا غەيرى ئەھۋال بايقالمىغاندىن كېيىن ئازراق تۇرۇۋېلىپ ئاندىن ئىشىكنى ئېچىڭ ، بولۇپمۇ بالىلار ئاياللار يالغۇز قالغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار ،كەچتە چوڭلارنى ، بالىلارنى ئامال بار يالغۇز قويماڭلار.
7. دىلو مىسالى ئايال قېرىنداشلار دىققەت قىلىڭلار ، ئەرلەر دوستۇڭلار ۋە ئائىلەڭدىكىلەرگە دەپ بېرىڭلار ،بۇ بىرخىل يېڭى ئالداش ئۇسۇلى ، يېڭىدىن پەيدا بولغان جىنايەت ئۇسۇلى ، بىر ئايال ئىشتىن چۇشۇپ ئۇيىگە قايتىش يولىدا بىر كىچىك بالىنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغانلىغىنى كۆرۇپتۇ ۋە ئىچى ئاغرىپ نىمە بولغانلىغىنى سوراپتۇ ، كىچىك بالا بولسا «ئاچا، مەن يولدىن ئادىشىپ قالدىم ، مېنى ئۆيىمگە ئاپىرىپ قويامسىز» دەپتۇ ، ۋە بىر ئادرىس يېزىلغان قەغەزنى ئايالغا بېرىپتۇ . ئۇ ئايال ساددىلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش ھېسياتى بىلەن ئۇ بالىنى ئەگەشتۇرۇپ ئۆيىگە ئاپىرىپتۇ ۋە ئىشىك قوڭغۇرغىنى بېسىپتۇ. ئىشىك قوڭغىرىنى بېسىشى بىلەن يوقىرى بېسىمىق توك سوقىۋەتكەندەك بولۇپ ھوشىنى يوقىتىپتۇ ، ئويغىنىپ قارىسا قىپيالىڭاچ ھالەتتە بىر قۇرۇق ئۆيدە ياتقۇدەك، ئۇنىڭ يېنىدىكى ھېچ نەرسىسى قالماپتۇ ،ئۇ جىنايەتچىنىڭ چىرايىنىڭ قانداقلىغىنىمۇ بىلەلمەپتۇ .
ئەسكەرتىش :ھازىرقى جىنايەتچىلەر ئىچ ئاغرىتىشتىن پايدىلىنپ جىنايەت ئۆتكۇزىۋاتىدۇ.ئەگەر موشۇنداق ئىشقا يۇلۇقۇپ قالسىڭىز ھەرگىز ئۇنىڭ ئۆيىگە بارماڭ ، ئۇنى ساقچىخانىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىڭ ، ساقچىخانا ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئورنى. يېنىڭىزدىكى تونۇش بىلىشلىرىڭىزگە ۋە ئائىلىدىكىلەرگە چوقۇم يەتكۇزۇپ قويۇڭ.
8. دىلو مىسالى يېققىندا بىر سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل بەرگۇسىدە پۇل ئېلىۋاتقان بىر ئايال مۇنداق ئىشقا يۇلۇققان ، ئۇ پۇل ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا ياشانغان بىر ئايال ئۇنىڭدىن پۇل ئېلىۋاتامسىز ، پۇل بەرگۇنىڭ بىر كونوپكىسى بۇزۇققۇ دەيمەن دەپ گەپكە تۇتۇپتۇ، شۇ چاغدا بىر كىچىك قىز ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قىستاشقا باشلاپتۇ ، ئۇ ئايال كىچىك بالا شوخلىقىدىن قىلىۋاتىدۇ دەپ ئانچە كارى بولماپتۇ ، شۇ ۋاقىتتا ھېلىقى كىچىك بالا پۇل چىقىش كۆزنىكىگە قولىنى تىقىپ پۇلنى ئېلىشقا تەمشىلىۋاتقان ئىكەن ، ئۇ ئايال دەرھال بالىنى ئىتتىرىپ تاشلاپتۇ . كېيىن ئويلىسا بۇ جىنايتچىلەرنىڭ ئوينىغان ئوينى ئىكەن ، ياشانغان ئايال ئۇنى گەپكە تۇتۇش ، كىچىك قىزچاق پۇلنى بۇلاپ قېچىش ئىكەن ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىشى ئەمەلگە ئاشقان بولسا بۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال يۇز بەرگەن بولاتتى ، ئۇ قىز پۇلنى بۇلاپ قاچقاندا قىزنى قوغلىسا ،ھېلىقى ياشانغان ئايال كارتا ئىچىدىكى پۇلنى قۇرۇغداپ قوياركەن ،چۇنكى كارتا يەنىلا پۇل بەرگۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. يەنە بىرسى ئۇ كارتىنىڭ چىقىشىنى كۇتسە ، ھېلىقى قىزچاق قېچىپ خېلى بىر يەرگە بېرىپ بولاتتىكەن. پۇلمۇ يوق بولاتتىكەن ، ئۇلار نېمە دېگەن <<ئەقىللىق>> ، نېمە دىگەن يۈزسىز. چۈنكى ئۇلار دېگەن ئېمانسىز!!!...