خانتىڭتونغا رەھمەت!
1991- يىلى ماركىسىزىم نەزەريىسى يىمىرىلىپ، غەرب مەدەنىيىتىدە (لىبىرالىزىم – كوممۇنىىزىم ) ئوتتۇرسىدا 70 يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان “ ئىجتىمائى پارچىلىنىش“ نىڭ زاۋال تاپقانلىقىدىن كىيىن غەرب لىىبرالىيىسى تارىخى غەلىبە قىلغانلىقىنى خەلقئارالىق ۋە مەڭگۈلۈك غەلىبە دەپ ئىلان قىلدى.
فوكۇيامۇنىڭ :“ تارىخنىڭ ئاخىرى“ نامىلىق كىتاۋى بۇ غەلىبىنى داۋا قىلىشنىڭ بەلگىسى ئىدى.
بۇ كىتاب ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا كۆپ ئەھمىيەتكە، تەنقىدكە ۋە رەت قىلىشقا ئۇچىردى!… “ تارىخنىڭ ئاخىرى“ نامىلىق كىتابنىڭ شىۋىرغىنى پەسىيىشتىن ئىلگىرى ئامرىكىلىق- دىيانىتى يەھۇدى- سەيمىل خانتىڭتون “ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى“ نامىلىق كىتاۋى ئارقىلىق تىخىمۇ شىۋىرغان پەيدا قىلدى. بۇ كىتابمۇ كۆڭۈل بۆلۈش، تەنقىد قىلىش ۋە رەت قىلىنىش بىلەن كۈتۈۋلىندى.
بۇ ئىككى كىتاب غەرب ئەللىرىنىڭ باشقا خەلقلەر ۋە پەلسەپىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىلانىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن فوكۇيامۇ ۋە سەيمىل خانتىڭتوننىڭ، غەرب كۆز قارشىنىڭ باشقا مەدەنىيەتتىكىلەرگە قانداق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىنى ئىنىق بايان قىلىپ بەرگىنىگە رەھمەت ئىيىتساق بولىدۇ.
مۇنداق مۇھىم نۇقتىدىكى مەۋقەسىنى(پوزىتسىيە) ئوچۇق يورۇقلۇق بىلەن ئاشكارا قىلغان بىر كىتابنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا -گەرچە ئاپتورى دۈشمەن بولسىمۇ- ئاپتورغا رەھمەت ئىيتىشقا تىگىشلىك. چۈنكى سىياسىيۇنلار ئىديىسىنى “ دىپلۇماتىيە “ كىيىمى ئىچىدە ئوتتۇرغا قويىدۇ. مەدەنىىيىتى ھەسەلگە يۆگەپ تارقىتىدۇ.
مەدەنىيەت، ھايات قارىشى، ئىقتىساد، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتىن ئىبارەت ھەزارەت قىممەت سىستىممىزغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرۇپ، مەدەنىيەتلەر سۆھبىتى توغرىسىدا سۆز ئىچىشىدۇ.
كۆپلىگەن مۇتەپەككۈرلەر خانتىڭتۇننىڭ سۆزىنى شەخسى “ كۆز قاراش“ ئىتىبارى بىلەن قاراپ، تەنقىد قىلىشتى… لىكىن سەيمىل ئەپەندى بۇ مەيداندا غەرب مەدەنىيىتىنىڭ – تارىخى- پوزىتسىيەسىدە تۇرۇپ سۆزلىگەن ئىدى… ئۇ كوممۇنىىزىم يىقىلىپ، كاپتالىستىك لىبىرالىزىم ئىچكى ئىجتىمائى پارچىلىنىش جاراھىتىدىن بىكار بولغاندىن- بۇ لىبىرالىزىم زىمىندىكى ھەر بىر غەرب مەدەنىيىتى مىللەتلىرى ۋە دۆلەتلىرىگە ئىجتىمائى بىرلىكىنى قايتۇرۇپ كەلتۈردى- كىيىن بۇ پوزىتسىيەنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىدىن سۆزلىگەن .
ئىسكەندەر ئەكبەر، ئىسلام ئازاتلىقى، سەلىيب ئۇرۇشلىرى… دىكى تارىخى ۋەقەلەر غەرب مەدەنىيىتىنىڭ باشقا مەدەنىيەتلەرگە- بولۇپمۇ ئىسلام مەدەنىيىتىگە- قارىتا ”توقۇنۇش تۇيغۇسىنى“ مۇجەسسەملەشتۈرگەن.
ئۇنىڭدىن سرت ھىگىل، دارۋىن ۋە ماركىسىزىم ياكى لىبىرالىزىم نەزىريەلىرىدىكى تەبىقە كۆرىشىدىن ئىبارەت ئۈچ نەزىريە بۇ“ توقۇنۇش تۇيغۇىسىنى“ تىىخىمۇ ئۇلغايتقان.
غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى توقۇنۇش پەلسەپىۋى بويىقى بىلەن بويىغان بۇ ئۈچ نەزىريە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن توقۇنۇشىدا غەرب ۋىجدانىنىڭ “ ئۆلۈشىگە“ ھەسسە قوشتى. قايسى كۈچلۈك بولسا شۇ يارايدىغان ھالەت شەكىللەندى. شۇنىڭ ئۈچۈن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئاجىز مەدەنىيەتلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشى “ ئىلمى قانۇن“، ۋە “ شەرەپلىك ۋەزىپىگە“ ئايلاندى. ئاق ئادەم ئاجىز مىراسلارنى ئىلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ئالەمدىكى كۈچلۈك غەرب مەدەنىيىتىنى چۈشۈرۈشكە ئاتلاندى!.
غەرب ئەللىرىنىڭ مەدەنىيەت كۆرشىدە ئىسلام دىنى، ئۈممىتى، مەدەنىيىتى ۋە دۇنياسىغا قارشى كۆپ كۈچ چىقىرىشىغا كەلسەك، تارىخى كۆرەش گۇۋاھدۇر. غەرب ئىڭى، مەدەنىيىتى، تەشۋىقاتى ۋە خاتىرسىدە ئىسلامنىڭ، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سۈرىتى يەنە بىر شاھىدتۇر…
ئىسلام ئازاتلىقلىرى توغۇرلۇق ئەسەر يازغان ئىنگىلىز ھەربى قۇمانداننىڭ سۆزى يەنە بىر گۇۋاھدۇر… ئۇ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۈشكىلىنىڭ تارىخىنى بەلگىلەپ:“ ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۈشكىلىسى مىلادىيە يەتتىنچى ئەسىرگە قايتىدۇ!“ دەيدۇ. ( يەنى ئىسلامنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە قايتىدۇ).
سەيمىل خانتىڭتون ئەپەندى باشقا غەرب يازغۇچىلىرىغا ئوخشاش مەدەنىيەتنىڭ بىرلىكى دىگەن سۆزى بىلەن بىزنى ئالداشقا ئۇرۇنمىدى… بىز ياشاۋاتقان يەر شارىدا مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر قانچە ئىكەنلىگىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. بىلىم- سەۋىيەنى مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر قانچە بولۇشى ۋە بىر بىرسىدىن ئالاھىدە بولۇشىنىڭ ئۆلچىمى دەپ بەلگىلىدى…
مەدەنىيەت، تەبئى پەنلەر ۋە ماددى رىئاللىق گۈللۈنىشىدە ھەممە مەدەنىيەت ئورتاق بولىدۇ… لىكىن ھەر بىر مەدەنىيەت ساقافەت( بىلىم – سەۋىيە) نى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىنسان نەپسىنى گۈللەندۈرۈشتە ئوخشاشمايدۇ… خانتىڭتون بۇ ھەقىقەت ئۈستىدە توختۇلۇپ:“ ھەزارەت ساقافەت (بىلىم- سەۋىيە) ۋۇجۇدىدۇر“ دەيدۇ.
خانتىڭتون:“ يەتتە مەدەنىيەتنى ئوتتۇرغا قويۇپ، بىرسى يەنە بىرسىدىن تىل، تارىخ، ساقافەت، ئادەت ۋە دىن جەھەتتە پەرقىلىنىپ تۇرىدۇ، دەيدۇ.
خىلمۇ- خىل ھەزارەت ئوغلانلىرىنىڭ ئاللاھ بىلەن ئىنسان، شەخس بىلەن كوللىكتىپ، ۋەتەنداشلىق بىلەن دۆلەت، ئاتىلار بىلەن پەرزەنتلەر، ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىدە ئوخشاشمىغان كۆز قاراشلىرى بولىدۇ. شۇنداقلا ھوقۇق- مەسئۇلىيەت، ئەركىنلىك- ھۆكۈمەت ۋە باراۋەرلىك- تەشكىلگە نىسبەتەن ئوخشاشمايدىغان تۈرلۈك كۆز قاراشلىرى بولىدۇ.
بۇ ئوخشاشماسلىقلار بىر قانچە ئەسرىنىڭ نەتىجىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، يىقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە يوشۇرنۇپ كەتمەيدۇ، چۈنكى بۇ پەرقلەر سىياسى ئىدىئولوگىيە ۋە سىياسى تۈزۈملەر ئارسىدىكى ئوخشاشماسلىقنىڭ جەۋھىرىدۇر“ دەيدۇ خانتىڭتون ئەپەندى.
خانتىڭتون مانا مۇشۇنداق – ئىنچىكلىك ۋە ئوبىكتىپلىق بىلەن- مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر قانچە بولۇشى، تۈرلۈك ساقافەتلەرنىڭ رولى، دىننىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىدىكى رولى، مىللەتلەرنىڭ كائىنات، ئۆتمۈش، كىلەچەك ۋە تۈرلۈك تەسەۋۋۇرلاردىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرىدا تۈرلۈك بولۇشىغا قارىتا كۆز قارشىنى بەلگىلىدى.
* يەر شارىدا مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر قانچىلىكى، ئەسلىلىكى، سىياسى ئىدىئولوگىيە ۋە سىياسى تۈزۈملەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ئوتتۇرغا قويغاندىن كىيىن، مەدەنىيەتلەر ئارا – كەسكىن يۈز بىرىدىغان- توقۇنۇش پەلسەپىسىگە مايىل غەربنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئىنىق ئوتتۇرغا قويدى.
ئۇ، غەربنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن توقۇنۇش تارىخىنى پەقەتلا سۈپەتلەپ بەرگۈچىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:“ غەرب ۋە ئىسلام مەدەنيىتى ئارسىىدىكى توقۇنۇش 1300 يىلدىن بۇيان ئايلىنىۋاتىدۇ“.
ئۇ غەرب ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئارسىدىكى ئالاقىنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە توختۇلۇپ- غەرب قارار دائىرسى ئىلان قىلىۋاتقان كۆپ پىلانلارنى ئىچىپ -:“ يىقىنقى كىلەچەكتە توقۇنۇشنىڭ ھالقىلىق ئورنى غەرب، ئىسلام ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارسىدا بولىدۇ“ دەيدۇ.
* غەرب ئەللىرىنىڭ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىغا قارىتا مەۋقىفى ( پوزىتسىيەسى)نى ئىنىق ئىپادىلەپ ئوتتۇرغا قويۇپ بولغاندىن كىيىن، ئىتىقادى يەھۇدى غەرب ئستىراتىگىيە مۇتەپەككۈرى سەيمىل خانتىڭتۇننىڭ رولى كىلىدۇ. ئۇ غەرب مەدەنىيىتىگە بۇ مەدەنىيەت توقۇنۇشىنى كىلەچەكتە قانداق ئىلىپ بىرىشنى، توقۇنۇش باسقۇچلىرنى ۋە مەرىكىنى كىم بىلەن بۇرۇن باشلانى …. ئىشارەت قىلىپ ئۆتىدۇ.
ئۇ غەرب مەدەنىيىتىدىكى قارار ئالغۇچىلارغا كىلەركى توقۇنۇش باسقۇچىنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ: ”قىسقا مۇددەتلىك“ باسقۇچ. خانتىڭتون بۇ باسقۇچتا غەرب ئەللىرى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت دۇنياسىنى بىرلەشتۈرۈشنى، – قورال- ياراق، ئىقتىساد، سىياسەت، بىلىم- سەۋىيە، قىممەت سىستمىسى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىرىدىن ئىبارەت – كۆرەش ئامىللىرىنى ئىسلام ۋە جۇڭگۇ مەدەنىيىتىگە قارتىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئۇ بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:“ قىسقا مۇددەت غەرب ئەللىرىنىڭ مەنپەئەتى بولۇش ئۈچۈن:
* غەرب ئەللىرى ئۆز – ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى، مەدەنىيەت دائىرىسنى بىرلەشتۈرۈشى،
* شەرقى ياۋرۇپا بىلەن غەربتىكى لاتىن ئامرىكا جەمىىيەتلىرىنى- غەرب مەدەنىيتىگە يىقىن- بىرگەۋىدىگە ئايلاندۇرۇشى،
* روسىيا، ياپۇنىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشى ۋە بۇ ئالاقىنى ھىمايە قىلىشى،
*مەدەنىيەتلەر ئارسىىدىكى مەھەللە (ئىچكى) توقۇنۇشىنىڭ چوڭ مەدەنىيەتلەر ئارسىدا يۈز بىرىدىغان ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كىتىشىگە يول قويماسلىقى،
* ئاسىيا ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەربى كۈچىيىنىڭ كىڭىيىپ كىتىشىگە چەكلىمە قويۇشى،
* شەرق ۋە جەنۇبى ئاسىيادا ھەربى ئۈستۈنلۈككە كاپالەتلىك قىلىشى،
*غەرب توقۇنۇشىنىڭ باشقا مەدەنىيەتلەر ئارسىدىكى ئىختىلاپلىرىدىن پايدىلىنىشى،
* غەرب ئەللىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ۋە ئۇ مەنپەتلەرنى قانۇنلاشتۇرىدىغان خەلقئارالىق قۇرۇلمىلارنى كۈچەيتىشى،
* غەرب بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ قۇرۇلمىلارغا قاتنىشىشنى راۋاجلاندۇرۇشى لازىم“.
سەيمىل ئەپەندى ئستىراتىگىيە مۇتىخەسسىسى… ۋە قارار مەركەزلىرىگە يىقىن ئادەم سۈپتىدە غەرب ئەللىرىگە “ قىسقا مۇددەت مەزگىلىدىكى“ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىنىڭ “ خىزمەت جەدۋىلىنى قويۇپ بەرمەكتە… بۇ خىزمەت جەدۋىلىنىڭ بۈگۈن جىددى قەدەمدە ئىلىپ بىرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۋاتىمىز.
مانا بۇ “ خانتىڭتون“ نىڭ قىسقا مۇددەتلىك پىلانىنىڭ بەلگىلىرى.
*****
ئىككىنچى باسقۇچ:
غەرب مەدەنىيىتىنىڭ باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن بولغان كۆرشىنىڭ يەنە بىر باسقۇچى “ ئۇزۇن مۇددەتلىك“ كۆرەشتۇر. خانىتىڭتون بۇ باسقۇچنى: غەرب مەدەنىيىتىنىڭ – مەدەنىيەت ئەنئەنەۋىلىكىنى ساقلاپ قىلىش بىلەن بىرگە يىڭىلىق يارتالىغان- باشقا مەدەنىيەتلەرنى ئۆز دائىرسىگە كىرگۈزۈشى لازىم دەيدۇ.
ئۇ مۇنداق دىگەن:“ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلاندا باشقا تەدبىرلەرنى قوللۇنۇش لازىم بولىدۇ، غەرب مەدەنىيىتى غەرب مەدەنىيىتىدۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىڭى. باشقا مەدەنىيەتلەر غەرب مەدەنىيىتىگە ئەگەشمەي، ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى يىڭىلاشقا ئۇرۇندى. بۈگۈنگە قەدەر بۇ سەپەردە ياپۇندىن باشقىسى نەتىجە قازنالمىدى. باشقا مەدەنىيەتلەرمۇ – مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمى بولغان- بايلىق، پەن - تىخنىكا، ماھارەت، قورال – ياراقلارغا ئىگە بولۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنداقلا باشقا مەدەنىيەتلەر پەن – تىخنىكا يىڭىلىقىنى ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنەۋى قىممەت سىستىمىسى بىلەن ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئىقتىسادى ۋە ھەربى كۈچى ئىشىپ بارىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن غەرب، غەرب مەدەنىيىدىن باشقا مەدەنىيەتلەرنى ئۆز دائىرسىگە كىرگۈزۇشى لازىم. لىكىن باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتى غەرب مەدەنيىتىنىڭ قىممەت سىستىمىسى ۋە مەنپەئەتىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ ئەھۋال غەرب ئەللىرىنىڭ باشقا مەدەنىيەتلەرگە قارىتا مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئىقتىسادى ۋە ھەربى كۈچىنى ساقلاپ قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ!“.
مانا مۇشۇنداق خانتىڭتون غەرب ئەللىرىنىڭ كىلىۋاتقان زامانغا قارىتا ئەندىزىنى( كۆز قارشىنى) ئىنىق ئىپادىلەپ بەردى.
غەرب ئەللىرى بولسا مەدەنيىتىنى ئالەمنىڭ ”مەدەنىيەت ئەرشى“ گە چىققان يەككە – يىگانە مەدەنىيەت دەپ قارايدۇ. كاپتالىزىم لىبىرالىيىسى ئۆزىگە تارىخنىڭ ئاخىرى دەپ باھا بىرىدۇ!.
بىر قانچە مەدەنىيەتلەر ئارسىدىكى ”توقۇنۇش“ مەدەنىيەتنىڭ خىلمۇ- خىل بولۇشىنى بىكار قىلىپ تاشلايدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ. غەرب مەدەنىيىتىنىڭ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىىدىكى ۋەزىپىسى: ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگۇ مەدەنىيىتىنىڭ شان- شەۋكىتىنى سۇندۇرۇش… شۇنداقلا باشقا مەدەنىيەتلەرنى “ غەرب مەنپەئەتلىرىنى دۇرۇس قىلىپ بىرىدىغان ۋە شەرئى چاپان كەيدۈرىدىغان “ خەلقئارالىق قۇرۇلمىلارغا كىرگۈزۈپ تۇرۇپ كونترول قىلىشتۇر.
غەرب – مەدەنىيەت سۈپتىدە- ئىستىراتىگىيە پىكىر ئورگانلىرىدا ۋە قارار چىقىرىش ئورگانلىرىدا مۇشۇنداق تەپەككۈر قىلىدۇ…
غەرب ئەللىرىدە – غەرب قارار ئورگانلىرى تەتبىقلاۋاتقان- بۇ توقۇنۇش پەلسەپسىنى “ پىكرى خاتالىق“ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسىگە بالا، دەپ قارايدىغان ئىدىيە دولقۇنلىرىمۇ مەۋجۇد. بۇ ئىدىيە دولقۇنلىرىنىڭ بەزىسى ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت، كۆز قاراش ۋە ئىدىئولوگىيلەر ئارىسدىكى ئورتاق ئىنسانى قىممەت قاراشلىرىنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن “ ئىسلام يىڭىلىق دولقۇنلىرى“ بىلەن راستچىل سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.
*****
ئەمدى كىمنى ھۆرمەتلەش كىرەك؟ دىگەن سوئالنى سوراش بىزنىڭ ھەققىمىز:
- يەر شارىدا مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر قانچلىكىدە بىر تەرەپلىمە تۇرۇپ، ئاندىن غەرب ئەللىرىنىڭ مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر قانچە بولىشىغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى ئىنىق ئاشكارا بايان قىلغان سەيمىل خانتىڭتونمۇ؟
- ياكى بولمىسا: خەلقئارالىق مەدەنىيەتنىڭ بىرلىكى توغرىلۇق سۆزلەپ بىزنى ئالدايدىغانلارمۇ؟ خەلقئارالىق مەدەنىيەت بۈگۈنكى كۈندە (يەرشارلىشىش) دەپ ئاتالماقتا. لىكىن ئۇلار يەر شارىدا ياشايدىغان كىشلەرنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى نەزرىدىن ساقىت قىلىشماقتا… زىمىندا ۋەيران قىلىش خاراكتىرىگە ئىگە زالىم ھۆكۈمرانلىقلار ۋە ئۆز ھەققىگە ئىرشەلمەيۋاتقان ئاجىز ياكى مۇستەملىكە ئاستىدا ئىڭراپ ياشاۋاتقان خەلقلەر مەۋجۇد…
سىزنىڭچە كىمىنى قەدىرلەشكە ۋە ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ؟…
غەربنىڭ – قارار ئورگانلىرى ۋە ئىستىراتىگىيە تەتقىقات مەركەزلىرىدە – يىلتىىز تارتقان ئىدىيەنىڭ ھەقىقىتىنى بىزگە ئوچۇق ئوتتۇرغا قويۇپ بەرگەن خانتىڭتونمۇ؟ …
ياكى پەردە ئارقىسىدىكى سۆزلىرى بىلەن ”يەرشارلىشىش“، ”بىر شەھەرگە ئايلىنىش“ ۋە بىر كائىناتقا ئايلىنىشقا دەۋەت قىلغۇچىلارمۇ؟
*****
غەرب ئەللىرىنىڭ مەدەنىيەتلەر ئارسىدىكى ئالاقىگە قارىتا كۆز قارىشى – گىرىك ئىلاھلىرى ئارسىدىكى توقۇنۇشلاردىن تارتىپ، خانتىڭتون ئوتتۇرغا قويغان مەدەنىيەتلەر توقۇنشىغا قەدەر- دىنى، مەزھەب، مىللەت ۋە مۇستەملىكىلىك توقۇنۇشلىرىدىن تارتىپ- غەرب مەدەنىيىتىنىڭ پىكرىنى بويىغان “ توقۇنۇش تۇيغۇسى“ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، ئىسلام دىنىنىڭ مەدەنىيەتلەر ئارسىدىكى ئالاقىگە باشقىچە كۆز قارىشى بار.
* ئىسلام دىنى كائىنات كۆز قارىشى سۈپتىدە “ بىر قانچە بولۇش “ پەلسەپىسىگە مايىل بولۇش بىلەن، بىرلىك پىكىر ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ مەركەزلىشىش پىكرىنى رەت قىلىدۇ. بىرلىك پەقەت ئىلاھى زاتقا خاس، ئاللاھدىن باشقىسى بىر قانچە بولۇش، ھەمكارلىشىش، تەڭپۇڭلىشىش ۋە يۆلەش ئاساسىدا تۇرىدۇ…
ئىسلام دىنى خەلق، مىللەت، قەبىلە، تىل، قانۇنلاردا بىر قانچە بولۇشىنى ئۆزگەرمەس ئىلاھى يول ۋە كائىناتنىڭ قانۇنى دەپ قارايدۇ…
پرىنسىپ، ساقافەت( بىلىم- سەۋىيە) ۋە مەدەنىيەتلەردە بىر قانچە بولۇش ئەسلى قائىدە ۋە قانۇن… ئالەم بىر مەدەنىيەت بولۇپ باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن سوقۇشقاننىڭ ئورنىغا ”مەدەنىيەتلەر سورۇنى ۋە يىغىنى“ بولۇشى لازىم دەپ قارايدۇ…
* ئىسلام دىنىنىڭ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىغا قارىتا تۇتقان يولى، مەدەنىيەتلەر ئارسىدىكى ئالاقىگە “ سۇكۇت“" قىلىش ئەمەس. چۈنكى سۇكۇتلۇق“ ئۆلۈمدىن“ بىشارەت، سۇكۇتلۇق ھىچ بولمىغاندا “ مەدەنىيەت بىرلىكى ۋە مەركەزلىشىش تەۋەلىكگە“ باشلاپ بارىدۇ.
ئىسلام دىنىنىڭ توقۇنۇش پەلسەپىسىگە قارىتا ئوتتۇرغا قويغان چارىسى، مەدەنىيەتلەر ئارا “ بىر بىرىنى ئىتتىرىش( مۇداپىئە قىلىش) ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش“ پەلسەپىسىدۇر.
بۇ مۇداپىئەلىشىش ئىجتىمائى، ساقافى ۋە مەدەنىيەت “ موتۇرىدۇر“. يەنى مەدەنىيەتلەر ئارسىدىكى – باشقا تەرەپلەر بىلەن توقۇنۇشۇشماستىن ۋە بىر قانچە بولۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرماستىن- بەسلىشىشتۇر. بۇ بەسلىشىش ۋە رىقابەتلىشىش ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتلەر ئارسىدىكى تەسىرگە ئۇچىرغان ئالاقىلەرنى تەڭپۇڭلۇق ۋە ئادالەت دەرجىسىگە قايتۇرىدۇ…
”مەدەنىيەت مۇداپىئەلىشىش ياكى ئىتتىرىش“ پەلسەپىسى ھەركەتلىنىش، رىقابەتلىشىش ۋە بەسلىشىشتە بىر قانچىلىكنى قوغدايدۇ. ”توقۇنۇش“ ۋە “ سۇكۇتلۇق“ ئارسىدىن ئورۇن ئالىدۇ. مانا بۇ ئىسلام پەلسەپىسى ۋە ئىسلامنىڭ مەدەنىيەتلەر ئارا ئالاقىسىدىكى مەدەنىيەت يولىدۇر.
مۇداپىئەلىشىش پەلسەپىسى “ ئىجتىھاد ۋە ئۆزگىرىش“ ئورنىدىكى “ ئىسلامى پىكىر“ بولۇپلا قالماستىن، ”ئۆزگەرمەس دىندۇر“. ئىلاھى ۋەھيى بۇ پرىنسپىنى ئىنسانىيەت جەمىيتىدىكى ئاللاھنىڭ قانۇنى، ئىدىيە، قانۇن، دىن، مىللەت ۋە مەدەنىيەتلەر ئارسىدىكى ئالاقىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى ئىتىبارى بىلەن قۇرئان كەرىمدە ئاسالاستۇردى.
ئاللاھ رەسۇلۇللاھغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:{ ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئىرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نىسىۋە ئىگىسىلا ئىرىشەلەيدۇ} ( فۇسسىلەت سۈرىسى، 34-، 35- ئايەتلەر).
ئاللاھ تائالا بىزگە بۇ پرىنسىپنىڭ بەلگىلىرىنى ئۈگتىۋاتىدۇ… ئۇنداقتا ئۆز ئارا مۇداپىئەلىشىش (ئىتتىرىشىش) ”يەنە بىر تەرەپ بىلەن توقۇنۇشۇش ۋە يەنە بىر مەدەنىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۋىتىشنى“ ئىزدىمەيدۇ… بەلكى يامان ئىش قىلىدىغانلار قاتارىدىن قىلىپ قويىدىغان، مەدەنىيەتلەر ئارا ”ئاداۋەت“ مەۋقىفىنى( پوزىتسىيەسىنى)، ياخشى ئىش قىلىدىغانلار قاتارىغا قوشىدىغان “ قىزغىن دوست“ لار پوزىتسىيەسىگە ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ… نەتجىدە ئوخشاشماسلىق روھى ساقلىنىپ قىلىپ، ”بىر بىرىنى ئىتتىرىش“ ئارقىلىق “ ھەرىكەتلىنىش“ پۈتۈپ چىقىدۇ.
قۇرئان كەرىم ھاياتنى ۋە تەرەققىياتنى داۋاملىق ئالدىغا ئىتتىرىشقا تۈرۈتكە بولىدىغان “ مۇداپىئەلىشىش“ يولى توغرىسىدا سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:{اللھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (يەنى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا)ئىدى, يەر يۈزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى (يەنى خارابلىققا يۈزلىنەتتى) } بەقەرە سۈرىسى، 251- ئايەت.
مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى… ئۇنىڭ زىددى بولغان – مەدەنىيەتلەر سۇكۇتلىقى- تەرەققىيات، ياخشىلىق ۋە ئسلاھات يولى ئەمەس… تەرەققىيات، ياخشىلىق ۋە ئويغۇنۇش يولى مۇداپىئەلىشىش، رىقابەتلىشىش ۋە بەسلىشىشتىن كىلىپ چىقىدۇ…
ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ ۋە مۆمىنلەرگە – ئۇلارنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقارغان، ئازار بەرگەن ۋە ئىتىقادىغا توسقۇنلۇق قىلغان- لار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغاندا، مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدا سۆز قىلىندى، سەۋەبى – مۇسۇلمانلارغا مەجبۇرى تىڭىلىپ قالغان- ئۇرۇشنىڭ غايىسى مۇشرىكلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىش مەۋقىفىنى تىنىچ ياشاش مەۋقىفىغا ئۆزگەرتىش ئىدى.
ئۇنداقتا رۇخسەت قىلىنغان ئۇرۇش “ ھىلاك قىلىش ئەمەس“، مۇداپىئەلىنىش ۋە ھەرىكەت قىلىشتۇر. قۇرئان مۇنداق بايان قىلىدۇ:{ اللە مۆمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ، اللە ھەر قانداق خىيانەتچى، ناشۈكۈر بەندىنى دوست تۇتمايدۇ. ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، اللە ئۇلارغا ياردەم بىرىشكە ئەلۋەتتە قادىر. (ئۇلار) پەقەت پەرۋەردىگارىمىز اللە دىگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى، ئەگەر اللە ئىنسانلارنى بىر – بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چىركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە اللەنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى، كىمكى اللەنىڭ دىنىغا ياردەم بىرىدىكەن، ئەلۋەتتە اللە ئۇنىڭغا ياردەم بىرىدۇ، اللە ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.( اللەنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بىرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى اللەغا مەنسۇپتۇر (يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە اللەغا قايتىدۇ)} ھەج سۈرىسى، 38-، 41- ئايەتلەر.
”مەدەنىيەت مۇداپىئەلىشىش“ پەلسەپىسى، غەربنىڭ “ مەدەنىيەت توقۇنۇش پەلسەپىسى“ گە قارىتا ئىسلامنىڭ ئوتتۇرغا قويغان چارىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دۆلىتى، مەدەنىيىتى ۋە ئۈممىتىدە مىللەتلەر، دىنلار، قانۇنلار، تىللار، مىللەتلەر ۋە ئۆرپ- ئادەتلەر بىر قانچە بولۇپ گۈللەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى كىتاب ۋە غەيرى ئەھلى كىتاب دىنلىرى، قۇرۇلمىلىرى ئىسلامنىڭ مەدەنىيەت سايىسى ئاستىدا سالامەت ياشىغان…
غەرب مەدەنىيىتىنىڭ “ توقۇنۇش“ تۇيغۇىسى خىرىستىيان دىنى ئىچىدىكى مەزھەبنىڭ بىر قانچە بولۇشغىمۇ ئىچى سىقىلىدۇ. غەربنىڭ بۇ “ توقۇنۇش تۇيغۇىسى“ باشقا مەدەنىيەتلەرگە قارىتا – خۇسۇسەن ئىسلام مەدەنىيىتىگە- توقۇنۇش ۋە تاجاۋۇزچىلىق يولىنى بەلگىلەپ بەرمەكتە.
ئەركىن تارىم
2004-6-1
مەككە مۇكەررەمە