باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3393 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: مەن بىر ئىشەك <بەك قىززىق>
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1367
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1367دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-03-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-11 23:00

مەن بىر ئىشەك <بەك قىززىق>

مەن بىر ئېشەك



  كۆرگىنىڭلاردەك، مەن بىر ئېشەك.ھارۋىنى سۆرەپ سەھرانىڭ توپىلىق يوللىرىدا يۈرگەن چاغلىرىمدا ئۆزۈمنى شۇنداق مەغرۇر ھېس قىلىمەن.بىرەر يات جىنسلىق ئېشەكنى كۆرگەن چېغىمدا خوشاللىقىمدىن لەۋلىرىم ماك-ماك قىلسا ،چىشلىرىم كاراسلاپ كېتىدۇ ئاندىن يېقىملىق مۇھەببەت قوشاقلىرىغا ھاڭرايمەن ،سىلەر مېنىڭ تىلىمنى چۈشەنگەن بولساڭلار ئېدى ،ئاۋۇ ھارۋىدا ئولتۇرغان شاپاق دوپپلىق مۆئىمنمۇ زاغرا نان قالدۇقلىرى قالغان سېرىق چىشلىرىنى چىقىرىپ مېنى تىللىمىغان بولاتتى .ھە راست گەرچە قۇلىقىم ئۇزۇن بولسمۇ ،بۇ ھارىۋىكەشنىڭ ئىسمنى ئۇقمايمەن ،مەھەللىدىكى چوڭلار «مۆئمىن خۇدانىڭ بەندىسى »دەپ چاقىرسا ،تەڭتۇشلىرى «ھەي يېتىم !»دەپ چاقىرىدۇ ،ئايالى « دادىسى »دەپ چاقىرىدۇ .بالىلىرى «دادا»دەپ چاقىرىدۇ .مەنمۇ شۇڭا ئىسمنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىدىم .ئەلۋەتتە ،سىلەر مېنىڭ ئۇنىڭ ئىسمنى ئەزان توۋلاپ قويغان چېغىدا يوقلۇقۇمنى بىلمەيسىلەر .بىلگەن بولسام ئۇنىڭ ئىسمنى چاقىرىغان بولاتتىم .شۇڭا مەن «شاپاق دوپپا» دەپ چاقىرىمەن ،نېمشىقا دېسەڭلار ،ئۇ ئەسلى رەڭگىنى بىلمەيدىغان شاپاق دوپپىسىنى بېشىدىن چۈشۈرمەيدۇ .بىر ئېشەك تۇرۇپ خوجاينىڭغا تىل تەككۈزۋاتامسەن ؟دەپ ئويلاۋاتامسىلەر ،ياق-ياق ،مەن تىل تەككۈزىۋاتقىنم يوق ،ھېلى چۈشىنپ قالىسلەر .
  شۇنداق مەن گەپ قىلالايمەن ،ئەلۋەتتە گېپمنى چۈشەنگەنلەرگە قىلىمەن ،بەلكىم ئىشەنمەسلىكىڭلار مۇمكىن ،ئاخشام سوقما تاملىق ئۈستى ئوچۇق ئېغىلدا ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ ھۆركىرەپ يىغلىدىم . يىغلىغان چېغىمدا پۈتۈن بەدىنىم تىتىرەيتتى ،ئالدى تۇياقلىرىم بىلەن يۈزۈمنى ئېتىپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىدىم .بىر چاغلاردا ئۈن-تىنسىز يىغلىغۇنۇمچە ئۇخلاپ قاپتىمەن .ئەتسى ھېلىقى ئىسمى نامەلۇم قوڭالتاق كەش كېيىدىغان شاپاق دوپپا كىرگەن چاغدا مەجبۇرى ئويغۇتىۋەتتى .ئېغىلىدىكى توپىغا راسا بىرنى پۇشقۇرۇپ يۈزۈمنى يۇيۇپ تاھارەت ئېلۋەتكەندىن كېين ،توپىغا بىر نەچچىنى ئېغىنىۋىلىپ تەيەممۇم قىلۋالدىم . كېيىن بەدىنىمنى بىرنەچچىنى سىلىكىۋىتىپ ئۇنىڭ يېتىلىشى بىلەن ھارىۋىنىڭ قېشىغا باردىم .سىلەر بۇ ئېشەك ناماز ئوقۇمدۇ نېمە ؟دەپ ھەيران قالغانلىقىڭلار ماڭا مەلۇم .مەن بوينىم باغلاقلىق ،ئېغىلدا سولاقلىق تۇرۇپ يەنە ئۆزۈمنى پاكىز تۇتىمەن .ئۆزۈڭلارغا قاراپ بېقىڭلار ،«ئىسلام پاكىزلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان »دېگەننى ئېغىزىڭلاردىن چۈشۈرمەيسىلەريۇ ،جۇنۇپ بولمىساڭلار يۇيۇنمايسىلەر ،يۇيۇنۇشىڭلارمۇ چاغلىق ،سۇنى بىر ئېقىتىپ بەدەندىكى تۈكلەرنى ھۆللەپ قويساڭلار بولدى .ئۆيۈڭلاردا مۇنچاڭلارمۇ يوق .بىلمەن ،نەدىكى تۈكى يوق پاراڭنى قىلماڭلار پۇل يوق دەپ ،ئۆينى ھەشەمەتلىك سالىسلەريۇ ،مۇسۇلمان بەندىسى تۇرۇپ بىرەر ئېغىز مۇنچا ياساپ قويوش خىيالىڭلارغا كەلمەيدۇ .ئېيتىپ بېقىڭلار ،مۇشۇ سەھرادىكى ئۆينى كاتتا سالغان بايلارنىڭ قايسسىنىڭ ئۆيىدە مۇنچا بار ؟شەھەردە بولسا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاچقا ھەم ئاممىۋى مۇنچىلار ئاز بولغاچقا مۇنچا ياساپ قويسىلەر .بىلمەن ،سىلەر مېنى كۆزگە ئىلمايسىلەر ،مېنىڭ سۆزۈمنى ئىلىك ئېلىپ كېتشىڭلار ناتايىن ،شۇڭا مەن سىلەرگە ۋەزخانلىق قىلمايمەن ،بولمىسا سىلەرگە پەند-نەسىھەت قىلمىغان مەن بولىمىش «ئېشەك»مۇ قالمىغان بولىمەن .راست گەپ قىلسام ،ئاۋۇ «شاپاق دوپپا» يېنىمغا كېلىپ نوقتا سالغان چېغىدا ئۇنىڭدىن كەلگەن ئاچچىق تەر پۇرىقىدىن ئايلىنىپ كەتكىلى قىل قالىمەن .بىر قېتىم بۇ شاپاق دوپپا بالسىنىڭ خەتنىسىنى قىلىدىغان چاغدا ،مەسچىتىنىڭ ئېمام-مەزىنلىرىنى ئېلىپ كەلگەن چاغدىمۇ ئۇلارنىڭ كىر ياقلىرىنى كۆرۈپ تۈگەشتىم دەپ ئويلىغان ئېدىم .ئەگەر يولدا بىرەر ئېشەك ئۇچىراپ قالسا ، ئۇلاردىن كەلگەن ئاچچىق تەر پۇراقلىرىنى مەندىن كېلۋاتامدىكىن دەپ گۇمان قىلىپ قالامدىكىن دەپ خۇدۇكىسىرگىنمچە ماڭدىم ،تەلىيىمگە ھېچكىم ئۇچىرىمىدى.لېكىن بىرنەچچە كۈنگىچە بوغۇز يېيەلمەي قالدىم .ھەرقېتىم بوغۇز يەي دېسەم ،كۆڭلۈم ئېلىشىپ كېتەتتى .بولدىلا كۆڭۈلسىز ئىشلارنى دېيىشمەيلى .ئەمدى تىل تەككۈزگىنمىنى چۈشىنۋاتامسىلەر ؟بىزنىڭ قولىمىزدىن مۇنچا ياساش قولغا كەلگەن بولسا ،مۇنچا ياساپ ،ئىسسىق سۇدا ھوزۇرلۇنۇپ يۇيۇنىۋالغان بولاتتۇق .
نېمىشقا يىغلىغىنمنى دېسەم .ئۆزۈمنىڭ، ئاخىرى سىلەرگە بىكھامدىن مۇھىملىقىمنى بىلدۈرگەن ئوبزورچىدىن مەمنۇن بولدۇم .گەرچە ئۇنىڭ قورسىقىدا ئۇمىچى ئاز بولسمۇ ،سۆزگە ماھىرلىقىدىن مېنىڭ مۇھىملىقىمنى كىشلەرنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويدى .مۇنۇ بىزنىڭ«شاپاق دوپپا» ئۇ ئەسەر يازىدىغان ژورنالنى دېھقاننىڭ  ژورنىلى دەپ سۆيۈپ ئوقۇيدۇ ،شۇڭا بارغانسىرى مەن ئەڭ ئۇلۇغ دېھقان دەپ مەغرۇلىنىپ بارغانسىرى قوداڭشپ كېتىۋاتىدۇ .ئۇنىڭ ئەشۇ قارىماققىلا بىچارلىقى چىقىپ تۇرىدىغان مەغرۇرلىقنى كۆرگەن چېغىمدا ئۈنىمنى سىرتقا چىقىرىۋەتمەسلىك كالپۇكىمنى چىشلىگىنمچە ئۈچۈن پىخىلداپ كۆزۈمدىن ياش چىققۇچە كۈلۈپ كېتىمەن .
  رۇخسەت قىلساڭلار ئاشۇ ماقالە ھەققىدە بىر قانچە ئېغىز سۆزۈمنى قىستۇرۇۋالسام ،ئۇ ماقالىسىدە مېنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسمۇ ،مەن بىر مەزگىللىك قىسقىغىنە ھاياجانلىنىشتىن تەسىرلىنىپ كەتكەن بولساممۇ لېكىن مېنىڭ تازا ئۇسسىغان يېرىمگە بارمىدى .ئۇ نېمىشقا «ئازغۇن»يازغۇچى دەپ باشقىلارغا كاپىرلىق تونىنى پىچىپ پەتىۋا چىقارغان يېتۈك موللا تۇرۇپ يەنە نېمىشقا مېنىڭ سىلەرنىڭ پاك روھىڭلار بىلەن جەننەتتىن ئورۇن ئالغانلىقمنى يازمايدۇ ؟ئېسڭىلارغا تېخمو ئوبدان سېلىش ئۈچۈن ،جەننەتتىن ئورۇن ئالغان ئىككى ھايۋاننىڭ بىرى ئىكەنلىكمنى سەمىڭلارغا سالماقچىمەن .ئەمدى ئېسىڭلارغا كەلدىمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ساماۋىي كىتابتا مېنىڭ ئىسمىم تۆت يەردە تىلغا ئېلىنغان .مەن بىر ئېشەك بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىش ھېس قىلمەن. ئەسلى ئۇ بۇ نۇقتىدا كۆپرەك يازسا بولاتتى ،ئۇ قارىغاندا ئەسەرلەردىن ئۆزى بىر نەرسىنى بايقىيالماي ،ئۆزى تېپىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەيدىغان ئوخشايدۇ . ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ئەسەرنى ئۆزىمۇ ئاڭقىرالمايدىغان مەنتىقە بىلەن باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ چارچىغۇچە .
مېنىڭ تۈگمەنلەردە يارغۇنچاق-جۇۋاز تارتىدىغانلىقمنى ھەممە بىلىدۇ ،نېمىشقا ماڭا ئەڭ يېقىن تۇرىدىغانلارمۇ ياكى ھېلىقى ئوبزورچىمۇ مەن تارتقان يارغۇنچاق-جۇۋازغا ئوخشاش قايتا-قايتا تەكرارلىنىدىغان كىشلىك ھاياتنىڭ مەنىسىز ئېكەنلىكىنى ھېس قىلمايدۇ ؟ئەشۇ مەن  مەنىسىزلىك ئىچىدە قايتا-قايتا مېڭىش ئارقىلىق سۆرىگەن يارغۇنچاق-جۇۋازدىن ئۇن-ماي چىقىدىغانلىقىغا ئوخشاش،مەنسىزلىكنىڭ ئاشۇ ئۇنغا ئوخشاش مەنە يارىتىغانلىقىدەك ھاياتلىق پەلسەپەسىنى نېمىشقا شەرھىلىمەيدۇ ؟ بولمىسا سارتىرى ،ھېيدىگىر،كامۇ شەرھىلىگەن پەلسەپەنى مەن تۈگمەندىلا ئۇن-ماي تارتىۋاتقان چاغدا بىلىشىڭلار ۋە ھېس قىلىشڭىلار كېرەك ئېدى .
مۇبادا ئېشەككە ئائىت مەدەنىيەت مىراسىلىرىنى جۇغلايدىغان بولساڭلار ئاجايىپ كاتتا،ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ئەدەبىيات خەزىنىسى بولۇپ قالىدۇ .قىسقىسى ،مەن بولمىش ئېشەك بىلەن تويۇنغان ۋە يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى بىرقانچە يازغۇچى ۋە شائىرنى چىقىرۋەتكەندە،سىلەرنىڭ ئېغىزىڭلاردىكى "ئېشەك" بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋە "ئېشەك"كە ئوخشاش دېيىشكە بولىدۇ .
  دۇنيادا بۇ يەردىلا ئېشەك بولغان ئەمەس ،ئېشەك مېنگەن مىللەتلەر ئىچىدە قالتىس مىللەتلەر ئۆتكەن ،لېكىن سىلەردىن ۋاقتى كەلسە مەن ئەقىللىق ،ئىشەنمەمسىلەر ؟نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدە ئېيتىلىنىغدەك مەن كۆۋرۈككە بىر تىققان پۇتنى ئىككىنچىلەپ تىقمايمەن .  
  سىلەرنىڭ مەن ھەققىدە تۇيغۇدىن چوڭقۇر ھەم يىراق بىر تەپەككۇر پايانىدا ،پانىي دۇنيانىڭ چەكسىزلىكىدە تۇرۇپ ئېسل نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشىڭلارغا تىلەكداشمەن .

ئورخان پامۇقنىڭ "مېنىڭ ئىسىمىم قىزىل "رومانىدىكى "مەن بىر ئىت 'بابىدىن ئۆزگەرتىپ يېزىلدى .ھەمدە ناھايىتى تېزلا يېزىلغان بولغاچقا ئەسەرگە جىق ئىشلىيەلمىدىم .ئۇشبۇ سەۋەب بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن

مەنبە : ئەلكۈيى تورى

بۇ مىنىڭ گېپىم ئەمەس ماڭا پەقەت قىززىق تۇيۇلۇپ بۇ مۇنبەرگە يوللىدىم
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 858
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە858دانە
ئۆسۈش: 2702 %
مۇنبەر پۇلى: 8962 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-29

ھازىر ئىشەك بولماقمۇ تەس بوپ كەتتى، چۈنكى ئىشەككە ھاجىتىمىز چۈشمەيدىغان بۇلۇپ قىلىۋاتىدۇ، بارغانسىرى....
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1419
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1419دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 16133 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-11 23:52

1-قەۋەت (almiliq) نىڭ يازمىسىغا

ئۇنداقمۇ ئەمەس، بۇرۇن ئىشەككە تازا چۈشەتتى يىزىلاردا، ھازىر بولسا ئىشەكلەرمۇ پۇل بولۇپ كەتتى، كىسىەل ، قىرى، مىيىپ ئاجىز ئىشەكلەرنى سىتىۋالدىغان چوڭ لوبەنلەر، توڭلىتىش ئىسكىلاتلىرى بارلار، دىھىقانلار بازىرىدا كارتا تارقىتىپ  ھەر يەكشەنبە
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6271
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 630 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-26
ئاخىرقى: 2012-01-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-12 01:13

ھېي باللا، ماۋۇ جەنۇپ تەرەپلەردە دېھقانلار يەنىلا ئىشەكتىن قۇتۇلغىنى يوق، ئىشەك ھارۋىسى يەنىلا دېھقانلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قاتناش قۇرالى.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2354
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2354دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29026 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-12 10:24

ئورخان پامۇق ، ئورخان پامۇك
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1410
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1410دانە
ئۆسۈش: 1700 %
مۇنبەر پۇلى: 12256 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2012-03-27
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-12 11:13

ئېشەك ،،،،،ئۇيغۇرغا نەقەدەر تونۇش ھە ،،،،\
كەركىدان ،بىگموت ،،يەنا ئاللىقانداق بىزنىڭ تىلىمىز كەلمەيدىغان  ھايۋانلار بىزگە تولىمۇ يات ،
يۈننەندىكى دەيزۇلار پىلغا تايىنىپ جان باقارمىش ،قازاقلار ئات بىلەن ماختىنارمىش ،ئەرەبلەر
تۆگە بىلەن ماختىنارمىش ،ئاۋىىستىرالىيەلىكلەر كىنگۇرۇ بىلەن ماختىنارمىش ،،،،،،،
بىز ئۇيغۇرلارغا ئېشەك ئاز ھەمراھ بولمىغان،ئېشەك بىلەن ماختانساق بۇلىدۇ ،،،ئېشەككە 
ئوبداق قاراڭ ، كۆزى شۇنداق خۇمارلىق ھەم چىرايلىق ،كۆزلىرىدىن مۇڭغا تولغان نۇر
تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ،شەھلا كۆزلىرى ئۇيغۇرنىڭ كۆزىگە بەك  ئوخشايدۇ جۇمۇ !!!
[ بۇ يازمىنىxahruh 2011-10-12 11:39قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 419
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە419دانە
ئۆسۈش: 810 %
مۇنبەر پۇلى: 4665 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-03-29
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-12 11:34

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى xahruh نىڭ 2011-10-12 11:13 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
،،،ئېشەككە 
ئوبداق قاراڭ ، كۆزى شۇنداق خۇمار لىق ھەم چىرايلىق ،ئۇيغۇرنىڭ كۆزىگە بەك
 ئوخشايدۇ جۇمۇ
!!!.......

يامان قىززىق ئىنكاسكەن ماۋۇ
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1139
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1139دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 12193 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-29
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-12 11:57

راست ئىشەك بولماقمۇ تەس. ھەقىقەتەن قىزىقكەن.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9014
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 135
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە135دانە
ئۆسۈش: 290 %
مۇنبەر پۇلى: 1557 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-20
ئاخىرقى: 2012-03-23
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-12 13:25

 



ما گەپ ئالامەتكەن جۇمۇ .  
دۇنيادىكى ئەڭ باغرى يۇمشاق مىللەت ۋە مۇھەببەت نەپرتى ئېنق بولمغان مىللەت؟
allaga siginip xaytanlarning yamanlikidin pana tilayman
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8313
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 54
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە54دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 570 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-26
ئاخىرقى: 2011-11-25
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-12 13:34

<ئىشەك سۇدا ياتتى > بۇ تاجىكلارنىڭ  ماقال -تەمسىللىرىدىن بىرى بولۇپ مەن بۇ سۆزنى ياقتۇرىمەن
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ۋە مەدھىلەشلەرئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئۇلۇغ ئاللاغا خاستۇر