باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1946 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: باھا دىگەننى مۇنداق تالىشىمىز! قىزىق
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 774
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە774دانە
ئۆسۈش: 2860 %
مۇنبەر پۇلى: 9712 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-11 14:58

باھا دىگەننى مۇنداق تالىشىمىز! قىزىق

ئەسكەرتىش: بۇ يازما uyghur تەرىپىدىن مۇنبەر يېڭىلىقلىرى بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-12-11)
 باھا دىگەننى مۇنداق تالىشىمىز!


باھا دىگەننى مۇنداق تالىشىمىز ، ئۈگىنىۋېلىڭ، كىيىن لازىمى بۇلۇپ قالار.
( «ئا» خېرىدارنى ، « ب» مال ساتقۇچىنى بىلدۈردۇ.)


ئا : خۇجايىن، بۇ ئىشتان قانچە پۇل؟
ب : 180 كوي، گۇاڭجۇنىڭ ھەقىقىي مەھسۇلاتى، ئالامسىز؟
ئا : مەن ئاۋۋال كۈرۈپ باقاي.

ب: ياخشى مال بۇ ، ئىتبار قىلىپ سىزگە 170 كويغا بىرەي.
ئا : ئاشۇ ئىتبار قىلىشما؟

ب : ھا...ھا... ، بوپتىلا، سىزگە 140 كويغا بىرەي.
ئا : كۈلگۈم كىلىۋاتىدۇ.

ب : نىمىشقا كۈلگڭىز كىلىدۇ؟ قىممەت كۈرۈپما؟
ئا : ياق قىممەت ئەمەس، بۇ خۇددى پومپا بىلەن قېنىمنى تارتقاندەك ئىش بولدى-دە.

ب : ئۇنداق دەپ كەتمەڭ. بوپتىلا ، بۇ يەرلىك ئىكەنلىكىڭىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ 120 كويغا بىرەي.
ئا : ..........

ب : يەنە قىممەت كۈرۈۋاتامسىز؟ مەن پەقەت ئازلا پايدا ئالالايمەن.
ئا : ياق ، مەن قىممەت دىمىدىم، بۇ ئىشتان راستىنلا بۇ پۇلغا يارايدۇ.

ب : خېلى مال تۇنۇيدىكەنسىز . ئۇنداق سېتىۋېلىڭە.
ئا : مالغۇ ياخشىكەن ، لىكىن يانچۇقۇمدا پۇل جىق ئەمەستە.

ب : ئۇنداقتا يانچۇقىڭىزدا نەچچە پۇل بار؟
ئا : 90 كوي.

ب : ۋاي توۋا، مەن زىيان تارتىمەن، يەنە 10 كوي قۇشۇڭە.
ئا : قۇشالمايمەن، مىنىڭغۇ سىزگە 120 كوي بەرگۈم بارئىدى.

ب : بوپتۇ، دوسىت بوپ قالايلى، 90 كويغا بىرەي.
ئا : مەن بۇنىڭ ھەممىنى بەرمەيمەن. 10 كويغا كىرا قىلىپ ئۆيگە كەتمىسەم بولمايدۇ.

ب : كىرا ؟ بۇنىڭ ئىشتان بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى؟
ئا : مەن ناھايتى يىراق يەردىن كەلدىم، قايتىشىمغا 10 كوي كىتىدۇ.

ب : ئادەم ئالدىماڭ!
ئا : كىم سىزنى ئالداپتۇ؟ مەن 18 ياشقا توشقاندىن بېرى بىرسىنى ئالداپ باقمىغان.يۈزۈمگە قاراپ بېقىڭە، نىمدىگەن سەبىي!

ب : بوپتۇ بوپتۇ، 80 كويغا بىرەي.
ئا : توختاپ تۇرۇڭ. مەن تېخى ئەتىگەنلىك تاماقنى يىمىگەن، قۇرسىقىم ئاچتى.

ب : سىز !! بەك ئاشۇرۇۋەتتىڭىز! مىنى كولدۇرلىتىۋاتىسىز.
ئا : ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر مەن يەنە تاماق يىمىسەم، ھازىرلا ئالدىڭىزدا ئايلىنىپ كىتىمەن.

ب : ھەجەپ نەس باستى مىنى . بىردەم كىرا قىلىمەن دەيسىز ،بىردەم تاماق يىمىگەن دەيسىز . سىز ئەمدى ئۇسسۇدۇم دىمەيدىغانسىز؟
ئا : مەن ئۇنداقلاردىن ئەمەس. مىنىڭ بۇنداق تەلىپىم يوق. ماڭا ئىشىنىڭ!

ب : ئىشىنىڭ ؟ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم؟؟
ئا : شۇنداق.

ب : ماقۇل. ئۇنداقتا 70 كوي بىرىڭە بولدى.
ئا : مانا ھازىر .
ب : تىزراق بۇلۇڭ!
ئا : توختاپ تۇرۇڭ. ئىشتاننىڭ ماۋۇ يىرىنىڭ رەڭگى ھەجەپ بىر قىسما تۇرىدۇ.

ب : تۇشۇش جەريانىدا سۈركىلىپ كەتكەن يىرى بەلكىم.
ئا : شۇنداقمۇ ؟ قارىسام كونا ئىشتاندەك قىلىدۇ،

ب : مىنى ھاقارەتلىسىڭز مەيلى، لىكىن ئىشتاننى بۇنداق ھاقارەتلىمەڭ!!
ئا : ...........

ب : ماقۇل ، مەن سىزگە مال كىرگۈزۈش تالۇننى كۆرسىتىپ قۇياي..... قاراڭ، ئۆتكەن ھەپتە كىرگۈزگەن، گۇاڭجۇ پالانى زاۋۇت . كونىمىكەن؟
ئا : خاپا بولماڭ، مەن خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن.... ئاللا، بۇ ئىشتاننىڭ ھەر بىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈش باھاسى 20 كويكەنغۇ!!

ب : ياق ياق، ئۇنداق ئەمەس . بۇ دىگەن باج تاپشۇرماستىن بۇرۇنقى باھاسى. باجنى ھېساپلىغاندا دەسمىيى 40 كوي بۇلىدۇ .
ئا : يالغانچى! مىنى بىر نىمىنى بىلمەيدۇ دەپ قالدىڭما ؟ بۇ دىگەنچۇ باجتىن كىيىن كىسىلگەن تالۇن! ئاران 20 كويلۇق بىرنىمنى ، سىز....

ب : ھا..ھا..ھا، تىجارەت ئەمەسمۇ ئەمدى. مىنىڭمۇ چىقىمىم كۆپ، قىممەترەك ساتمىسام مەن نىمە يەيمەن؟
ئا : كۈپكۈندۈزدە مۇشۇنداقمۇ يالغانچىلىق قىلغان بارمۇ؟ كۆڭلىڭىز بەك قارىكەن!

ب : 30 كويغا بۇلامدۇ؟ مەن ئازراق پايدا ئالاي.
ئا : پۇل مەسلە ئەمەس، لىكىن سىز مەندەك بىر خېرىدارنى ئالدىدىڭىز! ماڭا بەك زەربە بولدى.

ب : شۇنچىلىك ئېغىرمۇ ؟
ئا : ئالداپ تۇرۇپ يەنە ئېغىرمۇ دەپ سوراۋاتامسىز؟ ئەگەر مۇشۇنداق بۇلۇۋەرسە، بۇ دىگەن جىنايەت!

ب : خاپا بولماڭ. مەن سىزگە 25 كويغا بىرەي. ماڭىمۇ ئازراق ئىچىڭىز ئاغرىسۇن!
ئا : 25 ؟؟؟

ب : يىگىرمە تۆت كويچۇ ؟
ئا : « تۆت، نان يىمىگەن دۆت» دەپتىكەن، مەن مۇشۇ تۆت دىگەن سانغا بەك ئۆچ!

ب : 23 كويچۇ ؟ مەندەك بىر بىچارىگىمۇ ئىچىڭىز ئاغرىسۇن!
ئا : كىلىشتۇق!!!

ئاخىردا ، دۇكان خۇجايىنى 180 كويلۇق ئىشتاننى 23 كويغا بەردى . تېخى دۇكان خۇجايىنى يىغلاپ كەتتى جۇما!!
يامانمىكەن؟؟ 
مەنبە _ چاھارباغ
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 774
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە774دانە
ئۆسۈش: 2860 %
مۇنبەر پۇلى: 9712 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-07
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-12 21:18

Re:5-قەۋەت (aral52) نىڭ يازمىسىغا

 
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى تاھىربەگ نىڭ 2011-10-12 11:15 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 5-قەۋەت (aral52) نىڭ يازمىسىغا :
يېڭۋازادا  180 كويلۇق مالنى 30 كوي سورسىللىرى بەش مو يەرگە ئوغۇت بولغۇدەك گەپ ئاڭلايلا




ھاھاھا  راس شۇ ...
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...