查看完整版本: [-- باھا دىگەننى مۇنداق تالىشىمىز! قىزىق --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> باھا دىگەننى مۇنداق تالىشىمىز! قىزىق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۆركەش 2011-10-11 14:58
 باھا دىگەننى مۇنداق تالىشىمىز!


باھا دىگەننى مۇنداق تالىشىمىز ، ئۈگىنىۋېلىڭ، كىيىن لازىمى بۇلۇپ قالار.
( «ئا» خېرىدارنى ، « ب» مال ساتقۇچىنى بىلدۈردۇ.)


ئا : خۇجايىن، بۇ ئىشتان قانچە پۇل؟
ب : 180 كوي، گۇاڭجۇنىڭ ھەقىقىي مەھسۇلاتى، ئالامسىز؟
ئا : مەن ئاۋۋال كۈرۈپ باقاي.

ب: ياخشى مال بۇ ، ئىتبار قىلىپ سىزگە 170 كويغا بىرەي.
ئا : ئاشۇ ئىتبار قىلىشما؟

ب : ھا...ھا... ، بوپتىلا، سىزگە 140 كويغا بىرەي.
ئا : كۈلگۈم كىلىۋاتىدۇ.

ب : نىمىشقا كۈلگڭىز كىلىدۇ؟ قىممەت كۈرۈپما؟
ئا : ياق قىممەت ئەمەس، بۇ خۇددى پومپا بىلەن قېنىمنى تارتقاندەك ئىش بولدى-دە.

ب : ئۇنداق دەپ كەتمەڭ. بوپتىلا ، بۇ يەرلىك ئىكەنلىكىڭىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ 120 كويغا بىرەي.
ئا : ..........

ب : يەنە قىممەت كۈرۈۋاتامسىز؟ مەن پەقەت ئازلا پايدا ئالالايمەن.
ئا : ياق ، مەن قىممەت دىمىدىم، بۇ ئىشتان راستىنلا بۇ پۇلغا يارايدۇ.

ب : خېلى مال تۇنۇيدىكەنسىز . ئۇنداق سېتىۋېلىڭە.
ئا : مالغۇ ياخشىكەن ، لىكىن يانچۇقۇمدا پۇل جىق ئەمەستە.

ب : ئۇنداقتا يانچۇقىڭىزدا نەچچە پۇل بار؟
ئا : 90 كوي.

ب : ۋاي توۋا، مەن زىيان تارتىمەن، يەنە 10 كوي قۇشۇڭە.
ئا : قۇشالمايمەن، مىنىڭغۇ سىزگە 120 كوي بەرگۈم بارئىدى.

ب : بوپتۇ، دوسىت بوپ قالايلى، 90 كويغا بىرەي.
ئا : مەن بۇنىڭ ھەممىنى بەرمەيمەن. 10 كويغا كىرا قىلىپ ئۆيگە كەتمىسەم بولمايدۇ.

ب : كىرا ؟ بۇنىڭ ئىشتان بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى؟
ئا : مەن ناھايتى يىراق يەردىن كەلدىم، قايتىشىمغا 10 كوي كىتىدۇ.

ب : ئادەم ئالدىماڭ!
ئا : كىم سىزنى ئالداپتۇ؟ مەن 18 ياشقا توشقاندىن بېرى بىرسىنى ئالداپ باقمىغان.يۈزۈمگە قاراپ بېقىڭە، نىمدىگەن سەبىي!

ب : بوپتۇ بوپتۇ، 80 كويغا بىرەي.
ئا : توختاپ تۇرۇڭ. مەن تېخى ئەتىگەنلىك تاماقنى يىمىگەن، قۇرسىقىم ئاچتى.

ب : سىز !! بەك ئاشۇرۇۋەتتىڭىز! مىنى كولدۇرلىتىۋاتىسىز.
ئا : ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر مەن يەنە تاماق يىمىسەم، ھازىرلا ئالدىڭىزدا ئايلىنىپ كىتىمەن.

ب : ھەجەپ نەس باستى مىنى . بىردەم كىرا قىلىمەن دەيسىز ،بىردەم تاماق يىمىگەن دەيسىز . سىز ئەمدى ئۇسسۇدۇم دىمەيدىغانسىز؟
ئا : مەن ئۇنداقلاردىن ئەمەس. مىنىڭ بۇنداق تەلىپىم يوق. ماڭا ئىشىنىڭ!

ب : ئىشىنىڭ ؟ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم؟؟
ئا : شۇنداق.

ب : ماقۇل. ئۇنداقتا 70 كوي بىرىڭە بولدى.
ئا : مانا ھازىر .
ب : تىزراق بۇلۇڭ!
ئا : توختاپ تۇرۇڭ. ئىشتاننىڭ ماۋۇ يىرىنىڭ رەڭگى ھەجەپ بىر قىسما تۇرىدۇ.

ب : تۇشۇش جەريانىدا سۈركىلىپ كەتكەن يىرى بەلكىم.
ئا : شۇنداقمۇ ؟ قارىسام كونا ئىشتاندەك قىلىدۇ،

ب : مىنى ھاقارەتلىسىڭز مەيلى، لىكىن ئىشتاننى بۇنداق ھاقارەتلىمەڭ!!
ئا : ...........

ب : ماقۇل ، مەن سىزگە مال كىرگۈزۈش تالۇننى كۆرسىتىپ قۇياي..... قاراڭ، ئۆتكەن ھەپتە كىرگۈزگەن، گۇاڭجۇ پالانى زاۋۇت . كونىمىكەن؟
ئا : خاپا بولماڭ، مەن خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن.... ئاللا، بۇ ئىشتاننىڭ ھەر بىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈش باھاسى 20 كويكەنغۇ!!

ب : ياق ياق، ئۇنداق ئەمەس . بۇ دىگەن باج تاپشۇرماستىن بۇرۇنقى باھاسى. باجنى ھېساپلىغاندا دەسمىيى 40 كوي بۇلىدۇ .
ئا : يالغانچى! مىنى بىر نىمىنى بىلمەيدۇ دەپ قالدىڭما ؟ بۇ دىگەنچۇ باجتىن كىيىن كىسىلگەن تالۇن! ئاران 20 كويلۇق بىرنىمنى ، سىز....

ب : ھا..ھا..ھا، تىجارەت ئەمەسمۇ ئەمدى. مىنىڭمۇ چىقىمىم كۆپ، قىممەترەك ساتمىسام مەن نىمە يەيمەن؟
ئا : كۈپكۈندۈزدە مۇشۇنداقمۇ يالغانچىلىق قىلغان بارمۇ؟ كۆڭلىڭىز بەك قارىكەن!

ب : 30 كويغا بۇلامدۇ؟ مەن ئازراق پايدا ئالاي.
ئا : پۇل مەسلە ئەمەس، لىكىن سىز مەندەك بىر خېرىدارنى ئالدىدىڭىز! ماڭا بەك زەربە بولدى.

ب : شۇنچىلىك ئېغىرمۇ ؟
ئا : ئالداپ تۇرۇپ يەنە ئېغىرمۇ دەپ سوراۋاتامسىز؟ ئەگەر مۇشۇنداق بۇلۇۋەرسە، بۇ دىگەن جىنايەت!

ب : خاپا بولماڭ. مەن سىزگە 25 كويغا بىرەي. ماڭىمۇ ئازراق ئىچىڭىز ئاغرىسۇن!
ئا : 25 ؟؟؟

ب : يىگىرمە تۆت كويچۇ ؟
ئا : « تۆت، نان يىمىگەن دۆت» دەپتىكەن، مەن مۇشۇ تۆت دىگەن سانغا بەك ئۆچ!

ب : 23 كويچۇ ؟ مەندەك بىر بىچارىگىمۇ ئىچىڭىز ئاغرىسۇن!
ئا : كىلىشتۇق!!!

ئاخىردا ، دۇكان خۇجايىنى 180 كويلۇق ئىشتاننى 23 كويغا بەردى . تېخى دۇكان خۇجايىنى يىغلاپ كەتتى جۇما!!
يامانمىكەن؟؟ 
مەنبە _ چاھارباغ

موتۇ 2011-10-11 19:16
قايسى  بازاردىكى  ،سودابۇ ؟

سەردارجان 2011-10-11 19:25
كىيىم سىتۋالگىلى چىققاندا جىقراق ئادەم باشلاپ چىكسىڭىز مۇ ئازراق پايدىسى بۇلدۇئ     

uyguhurogli 2011-10-11 20:43
ئەجەپ يامان ئادەمكەن

天山的野花 2011-10-11 20:58
ئالدىنقى يىلى بىر ژۇرنالدا كۈرۈپ تازا كۈلۋالغان ئىدىم،ھىى ھى  .مۇنبەردە يەنە كۈرۈپ خوش بۇلۇپ قالدىم

aral52 2011-10-11 22:19
قەشقەر يىڭى بازاردا بولغان سودىدەك قىلىدۇ.....

sad~da 2011-10-11 23:47
يا............. سودا دىگەننى مۇنداق قىلدىكەندە ئەسلى  

nazli0998 2011-10-11 23:53
قەشقەرنىڭ  سودىگەرلىرى  ئۇندا  دۆت  ئەمەس 180يۇەنلىك  مالنى  23 يۇەنگە ھەرگىز  ساتمايدۇ

تاھىربەگ 2011-10-12 11:15
يېڭۋازادا  180 كويلۇق مالنى 30 كوي سورسىللىرى بەش مو يەرگە ئوغۇت بولغۇدەك گەپ ئاڭلايلا

ئىزباسار 2011-10-12 11:26
ئىھتىيات قىللى جۇما

dulbarqin310 2011-10-12 12:02
توۋا ھەقىقەتەن يامانكەن، مەنمۇ ئۆگۈنۈپ قويسام بولغۇدەك.  

دېدار 2011-10-12 17:24
بەك قېززېق يۇمۇركەن بۇ ھ  ھ   ھ  ھ   ھ   ھ  

ئۆركەش 2011-10-12 21:18
 
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى تاھىربەگ نىڭ 2011-10-12 11:15 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 5-قەۋەت (aral52) نىڭ يازمىسىغا :
يېڭۋازادا  180 كويلۇق مالنى 30 كوي سورسىللىرى بەش مو يەرگە ئوغۇت بولغۇدەك گەپ ئاڭلايلا




ھاھاھا  راس شۇ ...


查看完整版本: [-- باھا دىگەننى مۇنداق تالىشىمىز! قىزىق --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.056559 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us