باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1189 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بارلىق ماختاش ئۇلۇغلاش ئاللاھقا خاستۇر
ئادەمنىڭ تۇغلىشى مۆجىزە ، ياشىشى ھىكمەت ،ئۈلىمى& ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9200
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-08
ئاخىرقى: 2011-10-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-11 05:29

بارلىق ماختاش ئۇلۇغلاش ئاللاھقا خاستۇر


قولۇمدىن كەلمىدى گۇناھسىز ياشاش،
ئاجىزلىق تەبىئىتىم كەلگەندە غالىب.
ھەر سۇنغان ئىرادەم-غورۇرلىرىمنى
تۈزلىدى ئىلاھىم غەيرەتلەر بىرىپ.



ۋاقىتنىڭ سىزىقى ئۇزارغانسىرى،
زەي ئۆتتى توسمىلار قاتقاتلىرىغا،
ئىمانىم ئىسلامدىن خۇرۇچلار توپلاپ،
ئىشلىدىم باش ئەگمەي داۋانلىرىغا.

چارچىدىم ھاياتنىڭ سىناقلىرىدا،
تاپانلار تېشىلدى يانتاقلىرىدا.
ئۆمۈلەپ يۈرەرمەن يەككە-يىگانە
كۆرەشنىڭ توپلۇمسىز سەرسانلىقىدا.

ئىرادەم، ئىمانىم قالدى بوھراندا،
ئىسلامنىڭ ھامىيسىز دەۋرانلىرىدا،
ئايلاندىم ئاخىرى خورلۇق قىسمەتنىڭ
دەھشەتلىك ئاۋارە-ۋەيرانلىرىغا.

سەجدىدىن كۆزۈم ياش، مىھرىبان اللا
تاپقاندا، تېلىدىم سىنىڭدىن ئەجەل.
ۋەلىكىن ئەزرائىل كەلمىدى يەنە
مەن بولدۇم يېڭى بىر گۇناھقا بەدەل.

ھەمىشە ئازاپنىڭ دەشتىدە ئىڭراپ.
تۆۋبىكار بولماققا تېرىشتىم تالاي.
ئىلاھىم كۈچ قۇۋەت بەرگەيسەن ماڭا
 ئىمانىم ،دىنىمدامۇستەھكەم تۇراي.

بىلدۈردۈڭ دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى،
كىملىكىم، كىملىكىڭ مەقسەتلىرىڭنى.
ۋەلىكىن بەندىلىك سالاھىيىتىم
غەنىمەت بىلمىدىم نىئمەتلىرىڭنى.

ئىنسانىي ئاجىزلىق شىكايىتىمدۇر.
يىگانە ئاللاھىم ماڭا مەدەت بەر.
ئىرادەم-ئىمانىم ئىسلامدىن ئۆزگە
ھېچ سايە تاپمىسۇن، سەن بىر سەۋەپ بەر.

كۆرپىلەر ئۈستىدە ئېغىناپ يېتىپ،
سەن بىلەن ئۇچراشماق ئەمەس ئستىگىم.
گۇناھكار جىسمىمنى كۇكۇم-تالقان قىپ،
شەھىدلىك يولىدا ئۆلمەك تىلىگىم.

دۇنيانىڭ خارلىقى، مەھشەر زارلىقى
شەرمىسار ئەپتىمنى كۆرسەتمە ماڭا.
ئىقرارمەن گۇناھىم-قىلمىشلىرىمغا                       
تىلەيمەن-مەغفىرەت بەرگەيسەن ماڭا.

دىلىمنى پاكلىغىن قاساۋىتىمدىن. 
رەھمەتكە ئالغىنسەن ئاداۋىتىڭدىن.
مەن ئاجىز بەندىمەن، سەن مىنىڭ رەببىم
ئەي رەببىم ئاتا قىل، جەننەتلىرىڭدىن.

نىئمىتىڭ بەكمۇ كۆپ، شۈكرى ئاللاھىم.
قەلبىمگە تەۋرەنمەس ئىماننى بەرگىن.
سەن مىنى ياراتتىڭ مىننەت قىلمىدىڭ ،
ئې..رەببىم سەبرىنى ھەسسىلەپ بەرگىن.

مۇشرىكلار ئالدىدا خار قىلماق ئۈچۈن .
شەيتانلار شەررىگە چۈشۈرمە قايتا.
كەتكەنگە ئامال يوق، كەلگۈسىمىزنى
رەھمەتلەر ئەيلىگىن بەندەڭگە اللا
سەن مىنىڭ ئىلاھىم ،پەرۋەردىگارىم.
تەۋرەنمەس ئىماننى تىلەيمەن سەندىن.
ئاجىزلىق بىزلەردىن ساڭا شىكايەت،
تەۋبەمنى  قوبۇل قىل مىھرىبان.. تەڭرىم .

ھەقىقەت



[ بۇ يازمىنىسۈبىھى 2011-10-11 06:22قايتا تەھرىرلىدى ]
رەببىم اللا ، دىنىم ئىسلام ، قانۇنۇم قۇرئان. يول باشچىم مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم....
دوستلىشىش
muslima32
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 611
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە611دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6913 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-25
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-12 02:03

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەمشىرەم ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،ناھايتى ئىسىل تىمىلارنى يوللاپسىز ئۇلۇغ رەبىبىم ئەزىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇ بىلىمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن ،ئاۋازلىق ئەسىرىڭىزنى ئاڭلاپ ناھايتى ھاياجانلاندىم.
خالىسىڭىز ،كى كۇدا ئالاقىلاشساق سىز بىلەن ناھايتى تۇنۇشقىم بار چ،چ نۇمۇرۇم 1326188174مۇشۇ شۇ خالىسىڭىز قاچىلۋالغان بولسىڭىز،