دىلىمنى پاكلىغىن قاساۋىتىمدىن.
رەھمەتكە ئالغىنسەن ئاداۋىتىڭدىن.
مەن ئاجىز بەندىمەن، سەن مىنىڭ رەببىم
ئەي رەببىم ئاتا قىل، جەننەتلىرىڭدىن.
نىئمىتىڭ بەكمۇ كۆپ، شۈكرى ئاللاھىم.
قەلبىمگە تەۋرەنمەس ئىماننى بەرگىن.
سەن مىنى ياراتتىڭ مىننەت قىلمىدىڭ ،
ئې..رەببىم سەبرىنى ھەسسىلەپ بەرگىن.
مۇشرىكلار ئالدىدا خار قىلماق ئۈچۈن .
شەيتانلار شەررىگە چۈشۈرمە قايتا.
كەتكەنگە ئامال يوق، كەلگۈسىمىزنى
رەھمەتلەر ئەيلىگىن بەندەڭگە اللا
سەن مىنىڭ ئىلاھىم ،پەرۋەردىگارىم.
تەۋرەنمەس ئىماننى تىلەيمەن سەندىن.
ئاجىزلىق بىزلەردىن ساڭا شىكايەت،
تەۋبەمنى قوبۇل قىل مىھرىبان.. تەڭرىم .
ھەقىقەت